1ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ناداب بىلەن ئابىھۇ ئىككىسى ئۆز خۇشبۇيدانىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئوت يېقىپ ئۈستىگە خۇشبۇينى سېلىپ، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بۇيرۇپ باقمىغان غەيرىي بىر ئوتنى پەرۋەردىگارغا سۇندى؛ ◼ 10:1 +bd «غەيرىي ئوت»+bd* ــ ناداب ۋە ئابىھۇ بەلكىم (1) خۇشبۇي پۇرىتىشتا چوغنى بەلكىم قۇربانگاھتىن باشقا بىر يەردىن ئالغان؛ (2) ئۇلار سۇنىدىغان خۇشبۇينى توغرا ئارىلاشتۇرمىغان («مىس.» 9:30نى كۆرۈڭ)؛ (3) ئۇلار خۇشبۇي سۇنغاندا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمرلەرنىڭ بىرەرسىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا كېرەك.*
2شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئوت چىقىپ ئۇلارنى يەۋەتتى؛ شۇئان ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆلدى. ◘ 10:2 چۆل. 3:4؛ 26:61؛ 1تار. 24:2*
3مۇسا ھارۇنغا: ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ: «مەن ماڭا يېقىن كەلگەن ئادەملەردە ئۆزۈمنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىمەن ۋە بارلىق خەلقنىڭ ئالدىدا ئۇلۇغلىنىمەن» دېگەن سۆزىنىڭ ئۆزىدۇر، دېدى. شۇنى دېۋىدى، ھارۇن جىم تۇرۇپ قالدى. ◘ 10:3 لاۋ. 8:35*
4مۇسا ھارۇننىڭ تاغىسى ئۇززىئەلنىڭ ئوغۇللىرى بولغان مىشائەل بىلەن ئەلزافاننى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر يېقىن كېلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىن كۆتۈرۈپ، چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىڭلار» ــ دېدى.
5شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېقىن كېلىپ، ئۇلارنى كىيىكلىك كۆڭلەكلىرى بىلەن كۆتۈرۈپ مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقتى.
6مۇسا ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا: ــ سىلەر باشلىرىڭلارنى ئوچۇق قويماڭلار، كىيىملىرىڭلارنى يىرتماڭلار؛ بولمىسا ئۆزۈڭلار ئۆلۈپ، پۈتكۈل جامائەتكە غەزەپ كەلتۈرىسىلەر؛ لېكىن قېرىنداشلىرىڭلار بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى پەرۋەردىگار ياققان ئوت تۈپەيلىدىن ماتەم تۇتۇپ يىغلىسۇن.
7ئەمما سىلەر بولساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلەش مېيى ئۈستۈڭلارغا سۈرۈلگەن بولغاچقا، جامائەت چېدىرىنىڭ تاشقىرىغا چىقماڭلار؛ بولمىسا ئۆلىسىلەر، دېدى.
8پەرۋەردىگار ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
9«سەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭ شاراب ۋە يا باشقا كۈچلۈك ھاراقلارنى ئىچىپ، جامائەت چېدىرىغا ھەرگىز كىرمەڭلار؛ بولمىسا، ئۆلۈپ كېتىسىلەر. بۇ سىلەر ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ.
10شۇنداق قىلساڭلار، مۇقەددەس بىلەن ئادەتتىكىنى، پاك بىلەن ناپاكنى پەرق ئېتىپ ئاجرىتالايدىغان بولىسىلەر؛
11شۇنداقلا پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسرائىللارغا تاپشۇرغان ھەممە بەلگىلىمىلەرنى ئۇلارغا ئۆگىتەلەيسىلەر».
12مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ تىرىك قالغان ئوغۇللىرى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەردىن ئېشىپ قالغان ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئېلىپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىدا ئېچىتقۇ ئارىلاشتۇرمىغان ھالدا يەڭلار؛ چۈنكى ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. ◼ 10:12 +bd «ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر»+bd* ــ «ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر»دىن بەزىدە بىر قىسىمى قالدۇرۇلۇپ، كاھىنغا ۋە بەزىدە سۇنغۇچى كىشىنىڭ ئۆزىگىمۇ يېيىشكە بېرىلىدۇ. قالغان قىسمى كۆيدۈرۈلىدۇ، ئەلۋەتتە.*
13بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان نەرسىلەردىن سېنىڭ نېسىۋەڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولغاچقا، ئۇنى مۇقەددەس جايدا يېيىشىڭلار كېرەك؛ چۈنكى ماڭا شۇنداق بۇيرۇلغاندۇر. ◘ 10:13 لاۋ. 2:3؛ 6:16*
14ئۇنىڭدىن باشقا پۇلاڭلاتما ھەدىيە قىلىنغان تۆش بىلەن كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئارقا پۇتنى سەن ۋە ئوغۇل-قىزلىرىڭ بىللە پاك بىر جايدا يەڭلار؛ چۈنكى بۇلار سېنىڭ نېسىۋەڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن سىلەرگە بېرىلگەن.
15ئۇلار كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئارقا پۇت بىلەن پۇلاڭلاتما ھەدىيە قىلىنغان تۆشنى ئوتتا سۇنۇلىدىغان مايلىرى بىلەن قوشۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پۇلاڭلىتىش ئۈچۈن كەلتۈرسۇن؛ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە بۇلار سېنىڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ».
16ئاندىن مۇسا گۇناھ قۇربانلىقى قىلىدىغان تېكىنى ئىزدىۋىدى، مانا ئۇ ئاللىقاچان كۆيدۈرۈلۈپ بولغانىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ھارۇننىڭ تىرىك قالغان ئىككى ئوغلى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا ئاچچىقلىنىپ:
17ــ نېمىشقا سىلەر گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس جايدا يېمىدىڭلار؟ چۈنكى ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىناتتى، پەرۋەردىگار سىلەرنى جامائەتنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرۈپ ئۇلار ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا كەفارەت كەلتۈرسۇن دەپ، شۇنى سىلەرگە تەقسىم قىلغانىدى.
18مانا، ئۇنىڭ قېنى مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە كەلتۈرۈلمىدى؛ سىلەر ئەسلىدە مەن بۇيرۇغاندەك ئۇنى مۇقەددەس جايدا يېيىشىڭلار كېرەك ئىدى، ــ دېدى. ◼ 10:18 +bd «ئۇنىڭ قېنى مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە كەلتۈرۈلمىدى»+bd* ــ كاھىنلار ۋە پۈتۈن خەلق جامائىتىنىڭ گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنى مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىلىدۇ؛ كاھىنلار مۇشۇ خىل قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىشىگە بولمايتتى (1:4-21نى كۆرۈڭ).* ◘ 10:18 لاۋ. 4:5؛ 6:26؛ 16:27*
19لېكىن ھارۇن مۇساغا: ــ مانا، بۇلار بۈگۈن توغرا ئىش قىلىپ* ئۆزلىرىنىڭ گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇندى؛ مېنىڭ بېشىمغا شۇ ئىشلار كەلدى؛ ئەگەر مەن بۈگۈن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى* يېگەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئوبدان بولاتتىمۇ؟ ــ دېدى.