لاۋىيلار 12:1-7 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ

2ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ «ئايال كىشى ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل تۇغسا، ئادەت كۆرۈپ ئاغرىق بولغان كۈنلىرىدىكىدەك يەتتە كۈنگىچە ناپاك سانالسۇن. ◼ 12:2 +bd «ئادەت كۆرۈپ ئاغرىق بولغان كۈنلىرى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئايرىم تۇرۇش كۈنلىرى». قىز-ئاياللار ئادەت كۆرگەن ۋاقتىدا «ناپاك» ھېسابلىنىپ، ئېرى بىلەن بىللە بولسا ئېرىمۇ كەچ كىرگۈچە «ناپاك» ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كىرسە ياكى قۇربانلىقلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېسە بولمايدۇ. لېكىن تەۋرات-ئىنجىل بويىچە ھەرقانداق ۋاقىتلاردا خۇدانىڭ خەلقى دۇئا-ئىبادەت قىلسا بولۇۋېرىدۇ!*

3سەككىزىنچى كۈنى ئوغلى بولسا خەتنە قىلىنسۇن. ◼ 12:3 +bd «خەتنە قىلىنسۇن»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ خەتنىلىكى كېسىلسۇن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 12:3 يار. 17‏:12؛ لۇقا 1‏:59؛ 2‏:21؛ يـۇھ. 7‏:22*

4ئايال بولسا شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇز ئۈچ كۈنگىچە «قان پاكلىنىش»تا تۇرسۇن؛ پاكلىنىش كۈنلىرى تامام بولمىغۇچە ھېچبىر مۇقەددەس نەرسىگە تەگمىسۇن، مۇقەددەس جايغىمۇ كىرمىسۇن. ◼ 12:4 +bd «شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇز ئۈچ كۈنگىچە «قان پاكلىنىش»تا تۇرسۇن»+bd* ــ ئايال ئۆز ئېرىگە يېقىنلىشىش تەرەپتە «پاك» ھېسابلىناتتى، لېكىن مۇقەددەس چېدىرغا كىرىپ قۇربانلىق قىلىشقا بولمايتتى.*

5ئەگەر ئۇ قىز تۇغسا ئۇنداقتا ئادەت كۈنلىرىدىكىدەك ئىككى ھەپتىگىچە ناپاك تۇرۇپ، ئاندىن ئاتمىش ئالتە كۈنگىچە «قان پاكلىنىش»تا تۇرسۇن.

6مەيلى ئوغۇل ياكى قىز تۇغسۇن، قان پاكلىنىش كۈنلىرى تامام بولغاندىن كېيىن ئۇ ئايال كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر ياشقا كىرگەن قوزىنى، گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر باچكا ياكى پاختەكنى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن.

7كاھىن ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇنۇپ، شۇ ئايال ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇنىدىن پاك بولىدۇ. ئوغۇل ياكى قىز تۇغقان ئايال توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇدۇر.

© 2010 Institute for Bible Translation
/div>