لاۋىيلار 16:1-33 UIGB2010 - Bible AI

1ھارۇننىڭ ئىككى ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېقىنلىشىشى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلدى. ◘ 16:1 لاۋ. 10‏:1، 2*

2پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن ئۆز قېرىندىشىڭ ھارۇنغا: «سەن ئۆلۈپ كەتمەسلىكىڭ ئۈچۈن پەردىنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس جايغا قويۇلغان ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «كەفارەت تەختى»نىڭ ئالدىغا ھەر ۋاقىت كەلمە»، دېگىن. چۈنكى مەن «كەفارەت تەختى»نىڭ ئۈستىدىكى بۇلۇتتا ئايان بولىمەن. ◘ 16:2 مىس. 30‏:10؛ ئىبر. 9‏:7*

3ھارۇن ئەڭ* مۇقەددەس جايغا مۇنۇ يول بىلەن كىرسۇن: ــ گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر ياش تورپاق، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر قوچقارنى كەلتۈرسۇن؛

4ئۆزى مۇقەددەس كاناپ خالتا كۆڭلەكنى كىيىپ، ئەتلىرىنى ياپىدىغان كاناپ ئىشتاننىمۇ كىيىپ، بېلىگە بىر كاناپ بەلۋاغنى باغلاپ، بېشىغا كاناپ سەللىنى يۆگەپ كەلسۇن. بۇلار مۇقەددەس كىيىملەر بولغاچقا، كىيىشتىن ئىلگىرى بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن. ◼ 16:4 +bd «ئەتلىرى»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «ئەتلىرى» دېگەن سۆز ئەۋرەت، ئۇيات يەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.*

5ئۇ ئىسرائىللارنىڭ جامائىتىدىن گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى تېكە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر قوچقارنى تاپشۇرۇۋالسۇن.

6شۇنىڭ بىلەن ھارۇن ئاۋۋال گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاقنى سۇنۇپ، ئۆزى ۋە ئۆز ئۆيىدىكىلەر ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈشى كېرەك. ◘ 16:6 ئىبر. 7‏:28،27*

7ئاندىن ئۇ ئىككى تېكىنى ئېلىپ، ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن.

8ئاندىن ھارۇن بۇ ئىككى تېكە توغرىسىدا چەك تاشلىسۇن؛ چەكنىڭ بىرىنى «پەرۋەردىگار ئۈچۈن»، يەنە بىرىنى «ئازازەل ئۈچۈن» تاشلىسۇن. ◼ 16:8 +bd «ئازازەل»+bd* ــ ئالىملار «ئازازەل» توغرۇلۇق تۆت پىكىردە بولۇپ كەلگەن: (1) بۇ ئىسىم «تېكە» بىلەن «ھەيدەلمەك» دېگەن سۆزلەرنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، «ھەيدىۋەتكەن تېكە» دېگەننى بىلدۈرىدۇ؛ (2) «ۋەيرانە قىلىش» ياكى «ئېلىپ تاشلىنىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ؛ (3) تىك بىر يار؛ (4) بىر خىل جىن-ئالۋاستىنىڭ ئىسمى. بىز بىرىنچى ياكى ئىككىنچى پىكىرگە مايىلمىز (ئىككىلىسى توغرا بولۇشى مۇمكىن). «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ توغرۇلۇق توختىلىمىز. ھېچ بولمىغاندا تۆتىنچى پىكىرنى ئەڭ نامۇۋاپىق دەپ قارايمىز؛ 23-باب ۋە «قوشۇمچە سۆز»نى كۆرۈڭ.*

9ھارۇن پەرۋەردىگارغا چەك چۈشكەن تېكىنى كەلتۈرۈپ، گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن.

10لېكىن «ئازازەل»گە چەك چۈشكەن تېكىنى بولسا، كەفارەت كەلتۈرۈشى ئۈچۈن چۆلگە ھەيدىلىشكە، شۇنداقلا «ئازازەل»گە ئەۋەتىلىشكە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىرىك قالدۇرۇلسۇن.

11ئاندىن ھارۇن گۇناھ قۇربانلىقىنى، يەنى ئۆزى ئۈچۈن بولغان تورپاقنى كەلتۈرۈپ، ئۆزى ۋە ئۆز ئۆيىدىكىلەر ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈشكە ئۆزىگە گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان بۇ تورپاقنى بوغۇزلىسۇن؛

12ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانگاھتىن ئېلىنغان چوغ بىلەن تولغان بىر خۇشبۇيداننى ئېلىپ، ئىككى قوللاپ يۇمشاق ئېزىلگەن ئېسىل خۇشبۇي ئەتىر بىلەن تولدۇرۇپ، بۇنى پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ بارسۇن؛

13ئاندىن خۇشبۇي ئىس-تۈتىكى ھۆكۈم-گۇۋاھ ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كەفارەت تەختىنى قاپلىسۇن دەپ، خۇشبۇينى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئوتنىڭ ئۈستىگە قويسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلمەيدۇ.

14ئۇ تورپاقنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ئۆز بارمىقى بىلەن كەفارەت تەختىنىڭ شەرق تەرىپىگە چېچىپ، كەفارەت تەختىنىڭ ئالدىغىمۇ ئۆز بارمىقى بىلەن قاندىن ئېلىپ، يەتتە قېتىم سەپسۇن. ◼ 16:14 +bd «شەرق(ىي) تەرىپى»+bd* ــ ساندۇقنىڭ ئالدى تەرىپى. +bd «كەفارەت تەختىنىڭ ئالدىغىمۇ»+bd* ــ بەلكىم كەفارەت تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەر يۈزىگە.* ◘ 16:14 لاۋ. 4‏:6؛ ئىبر. 9‏:25؛ 10‏:4*

15ئاندىن ئۇ خەلق ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تېكىنى بوغۇزلىسۇن؛ قېنىنى پەردىنىڭ ئىچىگە كەلتۈرۈپ، تورپاقنىڭ قېنىنى قىلغاندەك قىلسۇن، يەنى ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ كەفارەت تەختىگە ۋە كەفارەت تەختىنىڭ ئالدىغا چاچسۇن.

16ئۇ بۇ يول بىلەن مۇقەددەس جاي ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقىدىن، ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان گۇناھلىرىدىن پاكلايدۇ ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ناپاكلىقى ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان جامائەت چېدىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق كەفارەت قىلسۇن.

17ئۇ كەفارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرگەندىن تارتىپ ئۇنىڭدىن چىققۇچە ھېچبىر ئادەم جامائەت چېدىرى ئىچىدە بولمىسۇن؛ بۇ يول بىلەن ئۇ ئۆزى، ئۆيىدىكىلەر ۋە ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرىدۇ.

18ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانگاھقا چىقىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كەفارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭدەك تورپاقنىڭ قېنى بىلەن تېكىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدىكى مۈڭگۈزلەرگە سۈرسۇن؛ ◼ 16:18 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانگاھ»+bd* ــ (1) مۇقەددەس جايدىكى «خۇشبۇيگاھ» ياكى (2) ھويلىدىكى قۇربانگاھنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە، 20-ئايەتتىكى سۆزلەردىن (ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈچ قىسمى ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن) قارىغاندا، مۇقەددەس جايدىكى خۇشبۇيگاھنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.*

19ئۇ بارمىقى بىلەن قاندىن ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە يەتتە قېتىم سەپسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقلىرىدىن پاكلاپ خۇداغا ئاتاپ* مۇقەددەس قىلىدۇ.

20ــ مۇقەددەس جاي، جامائەت چېدىرى ۋە قۇربانگاھ ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ تىرىك تېكىنى كەلتۈرسۇن؛

21ئاندىن ھارۇن ئىككى قولىنى تىرىك تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قەبىھلىكلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ، ئۇلارنى تېكىنىڭ بېشىغا ئارتسۇن؛ ئاندىن ئۇنى يېنىدا تەييار تۇرىدىغان بىر ئادەمنىڭ قولى بىلەن چۆلگە ئەۋەتىۋەتسۇن. ◼ 16:21 +bd «... ئىككى قولىنى تىرىك تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ تۇرۇپ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئىككى قولىنى تىرىك تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ ئېغىرىنى ئارتىپ،..»*

22بۇ يول بىلەن تېكە ئۇلارنىڭ ھەممە قەبىھلىكلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئادەمزاتسىز چۆلگە كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ تېكىنى چۆلگە قويۇۋەتسۇن. ◼ 16:22 +bd «... شۇڭا ئۇ تېكىنى چۆلگە قويۇۋەتسۇن»+bd* ــ بۇ ئىككى تېكە توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.*

23ــ ئاندىن ھارۇن جامائەت چېدىرىغا كىرىپ مۇقەددەس جايغا كىرگەن ۋاقىتتا كىيگەن كاناپ كىيىملىرىنى سېلىپ شۇ يەردە ئۇلارنى قويۇپ قويسۇن.

24ئۇ مۇقەددەس يەردە ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئۆز كىيىملىرىنى كىيىپ تاشقىرىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن خەلقنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، شۇ يول بىلەن ئۆزى ۋە خەلق ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرىدۇ.

25شۇنداقلا ئۇ گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ مېيىنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن.

26«ئازازەل»گە بېكىتىلگەن تېكىنى ئېلىپ بېرىپ قويۇۋەتكەن كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئاندىن چېدىرگاھقا كىرىشكە بولىدۇ.

27كەفارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن قېنى ئەڭ* مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلىپ، گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنغان تورپاق بىلەن گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنغان تېكىنى بىرسى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە تېزەكلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرسۇن. ◘ 16:27 لاۋ. 6‏:23؛ ئىبر. 13‏:11*

28ئۇلارنى كۆيدۈرگەن كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئاندىن چېدىرگاھقا كىرىشكە بولىدۇ.

29ــ مانا بۇ سىلەرگە بىر ئەبەدىي قانۇن-بەلگىلىمە بولسۇن: ــ ھەر يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە سىلەر ئۆز نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار ۋە ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار؛ مەيلى يەرلىكلەر بولسۇن ياكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار بولسۇن شۇنداق قىلىشىڭلار كېرەك. ◼ 16:29 +bd «نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. يەھۇدىي ئەنئەنىلىرى بويىچە بۇ ئىشلار روزا تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. +bd «مەيلى يەرلىكلەر بولسۇن...»+bd* ــ «يەرلىكلەر» قانائان زېمىندا تۇغۇلغان ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 16:29 لاۋ. 23‏:27*

30چۈنكى شۇ كۈنىدە سىلەرنى پاكلاشقا سىلەر ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈلىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ھەممە گۇناھلىرىڭلاردىن پاك بولىسىلەر.

31بۇ كۈن سىلەرگە پۈتۈنلەي ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولۇپ، نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتىسىلەر؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمىدۇر. ◼ 16:31 +bd «پۈتۈنلەي ئارام ئالىدىغان شابات»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شاباتلارنىڭ شاباتى».*

32كىمكى ئاتىسىنىڭ ئورنىدا كاھىنلىق يۈرگۈزۈش ئۈچۈن مەسىھ قىلىنىپ، خۇداغا ئاتاپ تىكلەنگەن كاھىن بولسا شۇ يول بىلەن كەفارەت كەلتۈرىدۇ. ئۇ كاناپتىن ئېتىلگەن مۇقەددەس كىيىمنى كىيىپ تۇرۇپ، ◼ 16:32 +bd «خۇداغا ئاتاپ تىكلەنگەن كاھىن»+bd* ــ باش كاھىن، دېمەك.*

33ئەڭ مۇقەددەس جاي ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرىدۇ؛ جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھ ئۈچۈنمۇ كەفارەت كەلتۈرىدۇ؛ قالغان كاھىنلار بىلەن بارلىق خەلقنىڭ جامائىتى ئۈچۈن ھەم كەفارەت كەلتۈرىدۇ.