لاۋىيلار 19:1-36 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ

2سەن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار مۇقەددەس بولغاچقا، سىلەرمۇ مۇقەددەس بولۇشۇڭلار كېرەك. ◘ 19:2 لاۋ. 11‏:44؛ 20‏:26،7؛ 1پېت. 1‏:16*

3سىلەر ھەربىرىڭلار ئاناڭلار بىلەن ئاتاڭلارنى ئىززەتلەڭلار؛ مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى بولسا، ئۇلارنى تۇتۇشۇڭلار كېرەك. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. ◘ 19:3 مىس. 20‏:12؛ 31‏:13؛ لاۋ. 26‏:2*

4سىلەر ئەرزىمەس بۇتلارغا تايانماڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇيما بۇتلارنى ياسىماڭلار. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. ◼ 19:4 +bd «ئەرزىمەس بۇتلار»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەرزىمەس ئىلاھلار» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 19:4 مىس. 34‏:17*

5سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىناقلىق قۇربانلىقىنى كەلتۈرۈشنى خالىساڭلار، قوبۇل قىلىنغۇدەك يول بىلەن ئۇنى سۇنۇڭلار.

6سىلەر ئۇنى سۇنغان كۈنى ۋە ئەتىسى ئۇ يېيىلسۇن؛ ئۈچىنچى كۈنىگە قالغىنى بولسا ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. ◘ 19:6 لاۋ. 7‏:16*

7ئەگەر ئۇنىڭدىن بىر قىسمى ئۈچىنچى كۈنى يېيىلسە قۇربانلىق ھارام ھېسابلىنىپ قوبۇل قىلىنمايدۇ.

8كىمكى ئۇنىڭدىن يېسە ئۆز گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنغان نەرسىنى ناپاك قىلدى؛ ئۇنداق كىشى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.

9سىلەر زېمىنىڭلاردىكى ھوسۇلنى يىغساڭلار، سەن ئېتىزىڭنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە تامام يىغىۋالما ۋە ھوسۇلۇڭدىن قالغان ۋاساڭنى تېرىۋالمىغىن. ◘ 19:9 لاۋ. 23‏:22؛ قان. 24‏:19*

10ئۈزۈم تاللىرىڭنى پاساڭدىۋاتما ۋە ئۈزۈم تاللىرىدىن چۈشكەن ئۈزۈملەرنىمۇ تېرىۋالما، بەلكى بۇلارنى كەمبەغەللەر بىلەن مۇساپىرلارغا قويغىن. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.

11سىلەر ئوغرىلىق قىلماڭلار، ئالدامچىلىق قىلماڭلار، بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار. ◘ 19:11 مىس. 20‏:15*

12مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان قەسەم ئىچمەڭلار، ئۇنداق قىلساڭ خۇدايىڭنىڭ نامىنى بۇلغايسەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ◘ 19:12 مىس. 20‏:7؛ قان. 5‏:11*

13ئۆز قوشناڭغا زۇلۇم قىلما، ئۇنىڭكىنى ئۆزۈڭنىڭ قىلىۋالما.

14گاس كىشىنى تىللىما، كور كىشىنىڭ ئالدىدا پۇتلىشاڭغۇ نەرسىنى قويما؛ بەلكى ئۆز خۇدايىڭدىن قورققىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

15ھۆكۈم قىلغىنىڭلاردا ھېچ ناھەقلىق قىلماڭلار؛ نامراتقىمۇ يان باسماي، بايغىمۇ يۈز-خاتىرە قىلماي، بەلكى ئادىللىق بىلەن ئۆز قوشناڭ ئۈستىدىن توغرا ھۆكۈم قىلغىن. ◘ 19:15 قان. 1‏:17؛ 16‏:19؛ پەند. 24‏:23*

16ئۆز خەلقىڭنىڭ ئارىسىدا گەپ توشۇغۇچى بولۇپ يۈرمە؛ قوشناڭنىڭ جېنىغا ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزمە. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ◘ 19:16 مىس. 23‏:1*

17سەن كۆڭلۈڭدە ئۆز قېرىندىشىڭدىن نەپرەتلەنمىگىن؛ قوشناڭدا گۇناھ بولسا* سەن ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بېشىڭغا گۇناھ كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت بەرگىن. ◘ 19:17 مات. 18‏:15؛ لۇقا 17‏:3؛ 1يۇھ. 2‏:11،9؛ 3‏:15*

18سەن ئىنتىقام ئالمىغىن ۋە ئۆز خەلقىڭنىڭ نەسلىگە ھېچ ئاداۋەتمۇ ساقلىمىغىن، بەلكى قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ◘ 19:18 مات. 5‏:44،43،39؛ 22‏:39؛ لۇقا 6‏:27؛ رىم. 12‏:19؛ 13‏:9؛ 1كور. 6‏:7؛ گال. 5‏:14؛ 1تېس. 5‏:15؛ 1پېت. 3‏:9؛ ياق. 2‏:8*

19سىلەر مېنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇڭلار. سەن ئۆز چارپايلىرىڭنى باشقا نەسىللەر بىلەن چېپىشتۇرما، ئېتىزىڭغا ئىككى خىل ئۇرۇق سالمىغىن، ئىككى خىل يىپتىن توقۇلغان كىيىمنى كىيمە. ◘ 19:19 قان. 22‏:11،9*

20ئەگەر بىر ئەر كىشى قىز-چوكان بىلەن يېتىپ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ۋە ئۇ باشقا بىرى بىلەن ۋەدىلەشكەن دېدەك بولسا، بۇ دېدەكنىڭ ھۆرلۈك پۇلى تاپشۇرۇلمىغان بولسا، ياكى ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بېرىلمىگەن بولسا، مۇۋاپىق جازا بېرىلسۇن. لېكىن قىز-چوكان ھۆر قىلىنمىغاچقا، ھەر ئىككىسى ئۆلتۈرۈلمىسۇن. ◼ 19:20 +bd «مۇۋاپىق جازا بېرىلسۇن»+bd* ــ بەلكىم ئەر كىشى دېدەكنىڭ ئىگىسىگە ياكى ئۇنىڭ بىلەن ۋەدىلەشكەن كىشىگە جەرىمانە تۆلىشى كېرەك.*

21ئەر كىشى بولسا ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بىر قوچقار بولسۇن.

22كاھىن ئۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى ئۈچۈن كەلتۈرگەن قوچقارنى ئېلىپ ئۇنىڭ سادىر قىلغان گۇناھى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كەفارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ قىلغان گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.

23سىلەر زېمىنغا كىرىپ ھەرخىل يەيدىغان مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىككەن بولساڭلار، مېۋىلىرىنى «خەتنىسىز» دەپ قاراڭلار؛ ئۈچ يىلغىچە بۇنى «خەتنىسىز» دەپ قاراپ ئۇنىڭدىن يېمەڭلار.

24تۆتىنچى يىلى ئۇلارنىڭ ھەممە مېۋىلىرى پەرۋەردىگارغا مەدھىيە سۈپىتىدە مۇقەددەس قىلىپ بېغىشلانسۇن.

25ئاندىن بەشىنچى يىلدىن تارتىپ سىلەر ئۇلارنىڭ مېۋىلىرىدىن يېيىشكە باشلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار زېمىن* مەھسۇلاتلىرىنى سىلەرگە زىيادە قىلىدۇ. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.

26سىلەر قان چىقمىغان نەرسىنى يېمەڭلار. نە پالچىلىق نە جادۇگەرلىك قىلماڭلار. ◼ 19:26 +bd «سىلەر قان چىقمىغان نەرسىنى يېمەڭلار»+bd* ــ قان يېيىش ئەپسۇنچىلىك-جادۇگەرلىكنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولاتتى.*

27سىلەر بېشىڭلارنىڭ چېكە-چۆرىسىدىكى چاچنى چۈشۈرۈپ دۈگىلەك قىلىۋالماڭلار، ساقالنىڭ ئۇچ-يانلىرىنى بۇزماڭلار. ◘ 19:27 لاۋ. 21‏:5*

28سىلەر ئۆلگەنلەر ئۈچۈن بەدىنىڭلارنى زەخىم يەتكۈزۈپ تىلماڭلار، ئۆزۈڭلارغا ھېچقانداق گۈل-سۈرەت چەكمەڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ◘ 19:28 قان. 14‏:1*

29سەن قىزىڭنى بۇزۇقلۇق-پاھىشىلىككە سېلىپ ناپاك قىلمىغىن. بولمىسا، زېمىندىكىلەر بۇزۇقلۇق-پاھىشىلىككە بېرىلىپ، پۈتكۈل زېمىننى ئەيش-ئىشرەت قاپلاپ كېتىدۇ.

30سىلەر مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى تۇتۇڭلار، مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ھۆرمەتلەڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

31جىنكەشلەر بىلەن سېھىرگەرلەرگە تايانماڭلار، ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. ◘ 19:31 لاۋ. 20‏:6*

32ئاق باش كىشىنىڭ ئالدىدا ئورنۇڭدىن تۇر، قېرىلارنى ھۆرمەت قىلغىن؛ خۇدايىڭدىن قورققىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

33بىر مۇساپىر زېمىندا ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان بولسا سىلەر ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلماڭلار، ◘ 19:33 مىس. 22‏:21*

34بەلكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىر سىلەرگە يەرلىك كىشىدەك بولسۇن؛ ئۇنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن؛ چۈنكى سىلەرمۇ مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولغانسىلەر. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.

35سىلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىڭلاردا، ئۇزۇنلۇق، ئېغىرلىق ۋە ھەجىم ئۆلچەشتە ھېچقانداق ناھەقلىك بولمىسۇن؛

36سىلەردە ئادىل تارازا، ئادىل تارازا تاشلىرى، ئادىل ئەفاھ كەمچىنى بىلەن ئادىل ھىن كەمچىنى بولسۇن. مەن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. ◼ 19:36 +bd «بىر ئەفاھ»+bd* ــ تەخمىنەن 2 كۈرە ياكى 22 لىتر. +bd «بىر ھىن»+bd* ــ تەخمىنەن 3.6 لىتر.* ◘ 19:36 پەند. 11‏:1؛ 16‏:11؛ 20‏:10*