لاۋىيلار 22:1-32 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ

2سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن: ــ «سىلەر ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتىغان مۇقەددەس ھەدىيەلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىڭلار، بولمىسا ئۇلار نامىمنى بۇلغىشى مۇمكىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن».

3ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «سىلەر ھەربىر دەۋرلەردە، بارلىق نەسىللىڭلاردىن ھەرقايسىسى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتىغان پاك نەرسىلەرگە ناپاك ھالەتتە يېقىنلاشسا، ئۇنداق كىشى مېنىڭ ئالدىمدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

4ھارۇننىڭ نەسلىدىن بىرى پېسە-ماخاۋ ياكى ئاقما كېسىلى بولغان بولسا، پاك بولمىغۇچە مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. بىركىم ئۆلۈكنىڭ سەۋەبىدىن ناپاك بولغان بىركىمگە ۋە ياكى مەنىيسى ئېقىپ كەتكەن كىشىگە تېگىپ كەتسە، ◘ 22:4 لاۋ. 15‏:2*

5ياكى ئادەمنى ناپاك قىلىدىغان ئۆمىلىگۈچى جانىۋارغا تەگسە ياكى ھەرقانداق يۇقۇپ قالىدىغان ناپاكلىقى بار بىر ئادەمگە تېگىپ كەتسە، (ناپاكلىقى نېمىدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر)

6مۇنداق نەرسىلەرگە تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك بولۇپ، مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. ئۇ بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن

7ئاندىن كۈن ئولتۇرغاندا پاك سانىلىپ، مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېيىشكە بولىدۇ؛ چۈنكى بۇلار ئۇنىڭ ئوزۇقىدۇر.

8ئۇ ئۆزلۈكىدىن* ئۆلگەن ۋە ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھايۋاننى يېيىش بىلەن ئۆزىنى ناپاك قىلمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ◘ 22:8 مىس. 22‏:31؛ لاۋ. 17‏:15؛ ئ‍ەز. 44‏:31*

9ئۇلار مېنىڭ بۇ تاپىلىغانلىرىمنى تۇتۇشى كېرەك؛ بولمىسا، بۇنىڭغا ئىخلاسسىزلىق قىلسا، شۇ ئۆلۈك* تۈپەيلىدىن گۇناھكار بولۇپ ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن.

10كاھىنلارغا يات بولغان ھېچقانداق كىشى مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. كاھىننىڭ يېنىدىكى مۇساپىر-مېھمان ۋە ياكى مەدىكارى بولسۇن ئۇلارمۇ مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن.

11ھالبۇكى، كاھىن ئۆزى پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغان قۇل ئۇنىڭدىن يېيىشكە بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان كىشىمۇ ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ.

12كاھىننىڭ قىزى يات كىشىگە تەگكەن بولسا ئۇمۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە ئاتالغان مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. ◼ 22:12 +bd «يات كىشى»+bd* ــ مۇشۇ يەردە كاھىن بولمىغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.*

13لېكىن ئەگەر كاھىننىڭ قىزى تۇل بولۇپ قېلىپ، ياكى قويۇپ بېرىلىپ پەرزەنتسىز ھالەتتە ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كېلىپ، ياش ۋاقتىدىكىدەك ئولتۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ئاتىسىنىڭ تائامىدىن يېيەلەيدۇ؛ لېكىن ھېچبىر يات كىشى ئۇنىڭدىن يېمەسلىكى كېرەك. ◘ 22:13 لاۋ. 10‏:14*

14ئەگەر بىركىم بىلمەي، مۇقەددەس نەرسىلەردىن يەپ سالسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭغا شۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ، مۇقەددەس نەرسىنىڭ ئۆزى بىلەن كاھىنغا قايتۇرۇپ بەرسۇن.

15كاھىنلار* ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلىرىنى بۇلغىماسلىقى كېرەك؛ ◼ 22:15 +bd «كاھىنلار»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلار». كاھىنلار خەلقنىڭ مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمەسلىكىگە مەسئۇل ئىدى (16-ئايەتنى كۆرۈڭ). بەزى ئالىملار «ئۇلار»نى «خەلق» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.*

16بولمىسا، خەلق مۇقەددەس ھەدىيىلەردىن يېيىشى بىلەن، كاھىنلار خەلقنىڭ گەدىنىگە ئىتائەتسىزلىك گۇناھىنى يۈكلەپ قويغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن». ◼ 22:16 +bd «چۈنكى ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئۇلارنى» بەلكىم كاھىنلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.*

17پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ

18سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر ئىسرائىل جەمەتىدىن بىرى ۋە ياكى ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ بىرى ئۆز قەسەملىرىگە باغلىق قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي قۇربانلىقنى سۇنۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا،

19ئۇنداقتا ئۇ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بېجىرىم ئەركەك كالا، قوي ياكى ئۆچكىلەردىن كەلتۈرۈڭلار.

20ئەيىبى بولمىغان بىر جانىۋارنى سۇنۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى شۇنداق بولغىنى سىلەر ئۈچۈن قوبۇل قىلىنماس.

21بىرسى كالىلاردىن ياكى ئۇششاق مالدىن ئۆز قەسەملىرىگە باغلىق قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي قۇربانلىقنى سۇنۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلماقچى بولسا، سۇنۇلغان ھايۋان قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بېجىرىم بولۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەيىبى بولمىسۇن. ◘ 22:21 قان. 15‏:21؛ 17‏:1*

22كور ياكى ئاقساق-چولاق، چوناق ياكى يارىسى يىرىڭداپ كەتكەن، تەمرەتكە باسقان ياكى قوتۇر-چاقا بېسىپ قالغان ھايۋانلار بولسا ــ بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنساڭلار ياكى بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۈپىتىدە قۇربانگاھتا ئوتتا كۆيدۈرسەڭلار بولمايدۇ.

23تورپاق ياكى قوينىڭ مەلۇم جۈپ ئەزاسىدىن بىرى ئۇزۇنراق يا قىسقا بولسا، مۇنداقلارنى ئىختىيارىي قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆتكۈزسەڭ بولىدۇ، لېكىن قەسەمگە باغلىق بولسا قۇربانلىق ئۈچۈن قوبۇل قىلىنماس.

24ئۇرۇقدىنى زەخىملەنگەن، ئېزىلىپ كەتكەن، يېرىلغان ياكى پىچىلغان ھايۋاننى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار. مۇنداق ئىشنى ئۆز زېمىنىڭلاردىمۇ ھەرگىز قىلماڭلار.

25خۇدايىڭلارنىڭ نېنى سۈپىتىدە ياقا يۇرتلۇق كىشىنىڭ قولىدىن شۇنداق ھايۋانلاردىن ھېچقايسىسىنى ئېلىپ سۇنماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار مېيىپ بولغاچقا، سىلەر ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدۇ. ◼ 22:25 +bd «خۇدايىڭلارنىڭ نېنى»+bd* ــ ئۇنىڭغا ئاتالغان تۈرلۈك ھەدىيە-قۇربانلىقلار. مۇشۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى ھايۋانلاردۇر.

26پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ

27بىر موزاي، قوزا ياكى ئوغلاق تۇغۇلسا يەتتە كۈنگىچە ئانىسىنى ئەمسۇن؛ سەككىزىنچى كۈنىدىن باشلاپ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە قوبۇل بولۇشقا يارايدۇ. ◼ 22:27 +bd «ئانىسىنى ئەمسۇن»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئانا ئاستىدا تۇرسۇن».*

28مەيلى كالا بولسۇن، قوي بولسۇن، سىلەر ئانىسى بىلەن بالىسىنى بىر كۈندە بوغۇزلىماڭلار.

29سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر تەشەككۈر قۇربانلىقى سۇنماقچى بولساڭلار، قوبۇل قىلىنىشقا لايىق بولغان يول بىلەن سۇنۇڭلار.

30ئۇ سۇنۇلغان كۈنىدە يېيىلىشى كېرەك؛ ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى ئەتىسىگە قالدۇرماسلىقىڭلار كېرەك. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ◘ 22:30 لاۋ. 7‏:15*

31سىلەر مېنىڭ ئەمرلىرىمنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

32مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىماڭلار، مەن ئەمدى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا مۇقەددەس دەپ بىلىنىمەن. مەن سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار بولۇپ،