لاۋىيلار 23:1-43 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ

2سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلار، سىلەر مۇقەددەس سورۇنلار بولسۇن دەپ چاقىرىپ جاكارلايدىغان ھېيتلىرىم مانا مۇنۇلاردۇر: ــ ◼ 23:2 +bd «پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلار»+bd* ــ مۇشۇ ئىبارىنى توغرىراق بايان قىلساق «پەرۋەردىگار بېكىتكەن ۋاقىت-پەسىللەر» دېگەن بولىدۇ. بۇ «پەسىل-ۋاقىتلار»نىڭ كۆپىنچىسى شادلىنىدىغان، خۇشال پەيتلەر بولسىمۇ، لېكىن «كەفارەت كۈنى» ئۇنداق كۈن ئەمەس. +bd «سورۇنلار»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «سورۇن» (ياكى «يىغىلىش») دېگەن سۆز «سورۇنغا چاقىرىلىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. نەگە چاقىرىلىدۇ؟ تەكىتلىنىدىغان ئىش خەلقنىڭ جەم بولۇشى ئەمەس، بەلكى «+bd خۇدانىڭ+bd* يېنىغا يىغىلىشقا چاقىرىلىش»تىن ئىبارەتتۇر. ئەمەلىيەتتە، بەزى ھېيتلار ۋە شابات كۈنلىرىدە خەلقنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئائىلە «قەيەردە تۇرسا»، شۇ ئۆي-چېدىرلاردا جەم بولۇپ خۇدا بەرگەن ئارامدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار شۇ كۈنى خۇدانى سېغىنىپ، ئۇنىڭغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئىشلار مۇقەددەس قانۇندا رەسمىي بېكىتىلگەن ئەمەس.*

3(ئالتە كۈن ئىش-ئەمگەك قىلىنسۇن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى «خاس شابات كۈنى»، مۇقەددەس سورۇنلار كۈنى بولىدۇ؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. قەيەردىلا تۇرساڭلار بۇ كۈن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان شابات كۈنى بولىدۇ). ◼ 23:3 +bd «خاس شابات كۈنى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شاباتلارنىڭ شاباتى» ــ مەخسۇس ئارام ئالىدىغان كۈن. +bd «سورۇنلار»+bd* ــ مۇشۇ «سورۇنلار» دېگەننىڭ مەنىسى توغرۇلۇق 2-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. +bd «شابات كۈنى»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «شابات كۈنى»نىڭ تىلغا ئېلىنىشىنىڭ سەۋەبى بەلكىم شۇكى، مەلۇم بىر ھېيت شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالغان بولسا، شۇ كۈنىدە ئوخشاشلا ئىش قىلماي ئارام ئېلىشى كېرەك ئىدى.* ◘ 23:3 مىس. 20‏:9؛ 23‏:12؛ قان. 5‏:13؛ لۇقا 13‏:14*

4سىلەر بېكىتىلگەن كۈنلىرى مۇقەددەس سورۇنلار بولسۇن دەپ چاقىرىپ جاكارلايدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتلىرى مانا مۇنۇلاردۇر: ــ ◼ 23:4 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتلىرى»+bd* ــ ھېيتلار توغرۇلۇق «چۆل.» 28-باب، «قان.» 1:16-17نىمۇ كۆرۈڭ.*

5بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولىدۇ. ◼ 23:5 +bd «گۇگۇمدا»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىككى كەچ ئارىلىقىدا» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ــ دېمەك، كۈن پېتىۋاتقان چاغدىن قاراڭغۇ چۈشكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت. +bd «ئۆتۈپ كېتىش +bdit «پاسخا»+bdit* ھېيتى»+bd* ــ بۇ ھېيت توغرۇلۇق «مىسىردىن چىقىش» 12-باب، بولۇپمۇ 13-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى، شۇنداقلا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 23:5 مىس. 12‏:18؛ 23‏:15؛ چۆل. 28‏:16؛ قان. 16‏:1*

6شۇ ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «پېتىر نان» ھېيتى بولىدۇ؛ سىلەر يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەيسىلەر.

7بىرىنچى كۈنىدە سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش قىلىپ، ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار.

8سىلەر يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ تۇرۇڭلار. يەتتىنچى كۈنىدە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ؛ ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار.

9پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ

10سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ سىلەر مەن ئۆزۈڭلارغا تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇنىڭدىن ھوسۇل يىغقىنىڭلاردا، ھوسۇلۇڭلارنىڭ دەسلەپكى پىشقىنىدىن بىر باغلامنى كاھىننىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىڭلار. ◼ 23:10 +bd «ھوسۇلۇڭلارنىڭ دەسلەپكى پىشقىنىدىن بىر باغلامنى كاھىننىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىڭلار»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى ھوسۇل بولسا ئارپا ھوسۇلى ئىدى. بۇغداي ھوسۇلى كېيىن بولىدۇ (16-ئايەت).*

11كاھىن سىلەر ئۈچۈن قوبۇل بولۇشقا ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن؛ ئۇنى پۇلاڭلاتقان ۋاقىت بولسا شاباتنىڭ ئەتىسى بولىدۇ. ◼ 23:11 +bd «ئۇنى پۇلاڭلاتقان ۋاقىت بولسا شاباتنىڭ ئەتىسى بولىدۇ»+bd* ــ «ئۆتۈپ كېتىش» (بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى) ھېيتىنىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ يەتتە كۈنلۈك «پېتىر نان ھېيت»ى بولىدۇ. يەھۇدىي ئەنئەنىلىرى بويىچە بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە كەلگەن شابات كۈنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى «دەسلەپكى ھوسۇل ھېيتى» بولىدۇ.*

12سىلەر ئۇنى پۇلاڭلاتقان كۈندە سىلەر بىر ياشقا كىرگەن بېجىرىم بىر قوزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار؛

13شۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇڭلار؛ بۇنىڭغا قوشۇپ شاراب ھەدىيەسى سۈپىتىدە شارابتىن بىر ھىننىڭ تۆتتىن بىرىنى سۇنۇڭلار.

14سىلەر خۇدايىڭلارغا خاس بولغان بۇ ھەدىيەنى سۇنىدىغان كۈندىن ئىلگىرى يېڭى ھوسۇلدىن* ھېچنېمىنى، نە نان نە قوماچ نە كۆك باش بولسۇن يېمەڭلار. بۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن قەيەردە تۇرساڭلار ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن.

15ئاندىن سىلەر شۇ شابات كۈننىڭ ئەتىسىدىن، يەنى شۇ بىر باغلامنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن تارتىپ، يەتتە ھەپتە ساناڭلار (ئۇلار تولۇق ھەپتە بولۇشى كېرەك)؛ ◘ 23:15 قان. 16‏:10،9 *

16يەتتىنچى شاباتنىڭ ئىككىنچى كۈنىگىچە ئەللىك كۈننى ساناڭلار؛ ئاندىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى ھوسۇلدىن* بىر ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار.

17ئۆزۈڭلار تۇرۇۋاتقان جايلاردىن پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسىدە ئېتىلگەن ئىككى ناننى ئېلىپ كەلتۈرۈڭلار؛ ئۇلار ئېچىتقۇ سېلىپ ئېتىلگەن بولسۇن؛ بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان دەسلەپكى ھوسۇل ھەدىيەسى دەپ ھېسابلىنىدۇ. ◼ 23:17 +bd «بۇلار ... دەسلەپكى ھوسۇل ھەدىيەسى دەپ ھېسابلىنىدۇ»+bd* ــ بۇ ھوسۇل بولسا، بۇغداي ھوسۇلى ئىدى. «دەسلەپكى ھوسۇل ھېيتى»دىكى ھوسۇل بولسا ئارپا ھوسۇلى ئىدى.*

18ناندىن باشقا يەنە بىر ياشلىق يەتتە بېجىرىم قوزا، ياش بىر تورپاق ۋە ئىككى قوچقارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇڭلار؛ ئۇلارغا خاس ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى قوشۇپ، ھەممىسى پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي كەلتۈرۈشكە سۇنۇلسۇن.

19بۇنىڭدىن باشقا سىلەر گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكىنى، ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر ياشلىق ئىككى قوزىنى كەلتۈرۈڭلار؛

20كاھىن بۇلارنى، يەنى شۇ ئىككى قوزىنى دەسلەپكى ھوسۇل نانلىرىغا قوشۇپ پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگار ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. بۇلار بولسا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس سانىلىپ، كاھىنغا تەگسۇن.

21شۇ كۈنى سىلەر «بۈگۈن بىزلەرگە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ» دەپ جاكارلاڭلار؛ شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن قەيەردىلا تۇرساڭلار ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ.

22ئېتىزىڭنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تامام يىغىۋالماڭلار، ۋە ھوسۇلۇڭدىن قالغان ۋاساڭنى تېرىۋالمىغىن، بەلكى بۇلارنى كەمبەغەللەر بىلەن مۇساپىرلارغا قويغىن. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. ◘ 23:22 لاۋ. 19‏:9؛ قان. 24‏:19*

23پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ

24سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ

25ئۇ كۈندە ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار؛ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان بىر قۇربانلىق سۇنۇڭلار.

26پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ

27يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى بولسا كەفارەت كۈنى بولىدۇ؛ ئۇ كۈن سىلەر ئۈچۈن مۇقەددەس يىغىلىش كۈنى بولىدۇ؛ شۇ كۈنى نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقنى سۇنۇڭلار؛ ◼ 23:27 +bd «كەفارەت كۈنى»+bd* ــ ئىبارانىي تىلىدا «كەفارەتلەر كۈنى» +bd «نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇپ، ...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. يەھۇدىي ئەنئەنىلىرى بويىچە بۇ ئىشلار روزا تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 29:16-31نىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 23:27 لاۋ. 16‏:31،29؛ چۆل. 29‏:7*

28ئۇ كۈندە ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇ بىر كەفارەت كۈنى بولۇپ، شۇ كۈن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا كەفارەت قىلىنىشقا بېكىتىلگەندۇر.

29ھەركىم شۇ كۈنى نەپسىنى تارتماي ئۆزىنى تۆۋەن تۇتمىسا ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.

30كىمدەكىم شۇ كۈندىمۇ ھەرقانداق بىر ئىش قىلسا، مەن شۇ ئادەمنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.

31شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار؛ بۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن قەيەردە تۇرساڭلار بىر ئەبەدىي بەلگىلىمە بولىدۇ.

32ئۇ كۈن سىلەر ئۈچۈن تولۇق ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولىدۇ؛ نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇ ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى گۇگۇمدىن تارتىپ ئەتىسى گۇگۇمغىچە شابات كۈنىگە رىئايە قىلىپ ئارام ئېلىڭلار.

33پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ

34سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدىن باشلاپ، يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ «كەپىلەر ھېيتى» بولىدۇ. ◼ 23:34 +bd «يەتتىنچى ئاي»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ يەتتىنچى ئاي».* ◘ 23:34 مىس. 23‏:16؛ چۆل. 29‏:12؛ قان. 16‏:15*

35بىرىنچى كۈندە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ؛ ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار.

36يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق سۇنۇڭلار؛ سەككىزىنچى كۈندە سىلەرگە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ؛ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق سۇنۇڭلار. بۇ ئۆزى تەنتەنىلىك يىغىلىش بولغاچ، ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. ◘ 23:36 يـۇھ. 7‏:37*

37سىلەر «مۇقەددەس سورۇنلار بولسۇن» دەپ جاكارلايدىغان، يەنى پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلار مانا شۇلاردۇر. شۇ سورۇنلاردا سىلەر ھەرقايسى كۈنگە بېكىتىلگىنى بويىچە، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىق، يەنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى، باشقا ھەرخىل قۇربانلىقلار ۋە شاراب ھەدىيەلەرنى سۇنىسىلەر؛

38بۇلاردىن باشقا، پەرۋەردىگارنىڭ شابات كۈنلىرىنى تۇتىسىلەر ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قالغان ھەدىيەلىرىڭلارنى بېرىپ، قەسەم قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىپ، ئىختىيارىي قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى سۇنىسىلەر.

39سىلەر ئەمدى زېمىندىن ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ بولۇپ، يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈن پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. بىرىنچى كۈنى تولۇق ئارام ئېلىش بولىدۇ، سەككىزىنچى كونىدىمۇ تولۇق ئارام ئېلىش بولىدۇ. ◼ 23:39 +bd «ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرى»+bd* ــ مۇشۇ «ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرى» ئاشلىقلار ھەم ھەرخىل مېۋە-چىۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.*

40بىرىنچى كۈنى سىلەر ئېسىل دەرەخلەردىن شاخ-پۇتاقلارنى چاتاپ، يەنى خورما دەرەخلىرى بىلەن قويۇق يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى كېسىپ، ئېرىق بويىدىكى سۆگەت چىۋىقلىرىنى قىرقىپ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا يەتتە كۈننى شۇنداق شاد-خۇرام ئۆتكۈزىسىلەر. ◼ 23:40 +bd «ئېسىل دەرەخلەردىن شاخ-پۇتاقلارنى چاتاپ، ...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئېسىل دەرەخلەردىن مېۋىنى چاتاپ، ...».*

41سىلەر ھەر يىلى بۇ يەتتە كۈننى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بىر ھېيت سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈڭلار؛ دەۋردىن-دەۋرگىچە بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. سىلەر ھېيتنى يەتتىنچى ئايدا ئۆتكۈزۈڭلار.

42يەتتە كۈنگىچە كەپىلەردە تۇرۇڭلار. ئىسرائىلدا تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى كەپىدە تۇرسۇن. ◼ 23:42 +bd «يەتتە كۈنگىچە كەپىلەردە تۇرۇڭلار، ...»+bd* ــ بۇ كەپىلەر يۇقىرىدىكى شاخ-چىۋىقلاردىن ياسىلىشى كېرەك.*

43بۇنىڭ بىلەن مەن ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغىنىمدا، ئۇلارنى كەپىلەردە تۇرغۇزغىنىمنى ئەۋلادلىرىڭلار بىلىدۇ. ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.