1پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
2ئىسرائىللارغا چىراغ ھەمىشە يېنىق تۇرۇشى ئۈچۈن زەيتۇندىن سوقۇپ چىقىرىلغان ساپ ماينى ساڭا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇغىن.
3ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پەردىنىڭ سىرتىدا ھەر كېچىسى ئەتىگەنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چىراغلارنى شۇنداق پەرلەپ تۇرسۇن. بۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. ◼ 24:3 +bd «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقى»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» خۇدانىڭ ئىسرائىلغا بولغان تۈپ ئەمرلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسرائىل بىلەن بولغان ئەھدىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ خۇدانىڭ مۇقەددەس ماھىيىتى ۋە خاراكتېرى شۇ ئەمرلەردە ئايان قىلىنغاچقا، «ھۆكۈم-گۇۋاھ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، شۇ ئەمرلەر ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە ساقلاقلىق تاش تاختايلار ئۈستىدە پۈتۈكلۈك ئىدى. شۇڭا بەزىدە ساندۇق «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقى»، ئىبادەت چېدىرى بولسا، «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.*
4ھارۇن ھەمىشە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ چىراغلارنى پاك چىراغداننىڭ ئۈستىگە تىزىپ قويسۇن. ◼ 24:4 +bd «پاك چىراغدان»+bd* ــ ياكى «ساپ ئالتۇن چىراغدان».*
5سەن يەنە ئېسىل بۇغداي ئۇنىدىن ئون ئىككى توقاچنى ئەتكىن. ھەربىر توقاچ بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسىگە باراۋەر بولسۇن.
6ئاندىن سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى پاك شىرەنىڭ ئۈستىگە ئالتىدىن ئىككى قاتار قىلىپ تىزغىن. ◼ 24:6 +bd «پاك شىرە»+bd* ــ ياكى «ساپ ئالتۇن شىرە».*
7ھەربىر قاتارنىڭ ئۈستىگە ساپ مەستىكى قويغىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە، ئەسلەتمە نان بولىدۇ.
8بۇلارنى ئۇ ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ھەربىر شابات كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىزسۇن؛ بۇ ئەبەدىي بىر ئەھدىدۇر.
9نانلار ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولىدۇ؛ ئۇلار ئۇلارنى مۇقەددەس جايدا يېسۇن؛ چۈنكى بۇ نەرسىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغان نەرسىلەر ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» دەپ سانىلىپ، ھارۇنغا تەۋە بولىدۇ؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمىدۇر. ◘ 24:9 مىس. 29:32؛ لاۋ. 8:31؛ 1سام. 21:6؛ مات. 12:4*
10ئانىسى ئىسرائىلىي، ئاتىسى مىسىرلىق بىر ئوغۇل بار ئىدى. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا باردى؛ ئۇ چېدىرگاھتا بىر ئىسرائىلىي بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدى.
11ئۇلار سوقۇشقاندا ئىسرائىلىي ئايالنىڭ ئوغلى كۇپۇرلۇق قىلىپ، مۇقەددەس* نامنى بۇلغاپ قارغىدى. خەلق ئۇنى مۇسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئۇ كىشىنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى شېلومىت بولۇپ، ئۇ دان قەبىلىسىدىن بولغان دىبرىنىڭ قىزى ئىدى. ◼ 24:11 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ نامى»+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگارنىڭ نامى» ئەمەس، پەقەت «نام» دېيىلىدۇ. دېمەك، پەرۋەردىگارنىڭ نامى (16-ئايەتنى كۆرۈڭ).*
12شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈم بۇيرۇقى چىققۇچە ئۇ كىشىنى سولاپ قويدى. ◼ 24:12 +bd «...پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈم بۇيرۇقى چىققۇچە،...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «...پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىغا قاراپ، ئۇ ھۆكۈم چىقارغۇچە،...».*
13ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
14قارغىغۇچىنى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىڭلار. ئۇنىڭ ئېيتقىنىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى قوللىرىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن پۈتكۈل جامائەت بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن.
15ھەمدە سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر بىركىم ئۆز خۇداسىنى ھاقارەتلەپ قارغىسا ئۆز گۇناھىنى تارتىدۇ.
16پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا كۇپۇرلۇق قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن؛ پۈتكۈل جامائەت چوقۇم بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن؛ مەيلى ئۇ مۇساپىر بولسۇن ياكى يەرلىك بولسۇن، مۇقەددەس* نامغا كۇپۇرلۇق قىلسا ئۆلتۈرۈلسۇن. ◼ 24:16 +bd «مۇقەددەس نام»+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «نام» دېيىلىدۇ.*
17ئەگەر بىرسى باشقا بىرسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن.
18بىرسى بىر چارپاينى ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھايۋاننى تۆلەپ، جانغا-جان تۆلەپ بەرسۇن.
19بىركىم ئۆز قوشنىسىنى مېيىپ قىلسا، ئۇ ئۆزگىگە قانداق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ شۇنداق قىلىنسۇن.
20بىرەر ئەزاسى سۇندۇرۇۋېتىلگەن بولسا، ئۇنىڭمۇ سۇندۇرۇلسۇن؛ كۆزىگە-كۆز، چىشىغا-چىش ناكار قىلىنسۇن؛ باشقا كىشىنى قانداق زەخىملەندۈرگەن بولسا ئۇمۇ ھەم شۇنداق قىلىنسۇن. ◘ 24:20 مىس. 21:24؛ قان. 19:21؛ مات. 5:38*
21كىمدەكىم بىر چارپاينى ئۆلتۈرسە، چارپاي تۆلەپ بەرسۇن؛ ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن كىشى بولسا، ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنسۇن.
22سىلەردە بىرلا قانۇن بولسۇن. مۇساپىر ياكى يەرلىك بولسۇن، باراۋەر مۇئامىلە قىلىنسۇن؛ چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.