لاۋىيلار 25:1-54 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ

2سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ مەن سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا ئۇ زېمىننىڭ ئۆزىمۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر شابات ئارامىنى ئالسۇن. ◘ 25:2 مىس. 23‏:10*

3سەن ئالتە يىل ئېتىزىڭنى تېرىپ، ئالتە يىل تاللىق بېغىڭنى چاتاپ، ئۇلاردىن ھوسۇللارنى يىغقىن؛

4ئەمما يەتتىنچى يىلى زېمىننىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر «شاباتلىق ئارام» بولسۇن؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر «شابات» ھېسابلىنىدۇ. شۇ يىلى سەن ئېتىزىڭنى تېرىمايسەن ۋە تاللىقىڭنى چاتىمايسەن.

5ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈپ چىققان ھوسۇلنى ئورمايسەن؛ ۋە چاتالمىغان تاللىرىڭنىڭ ئۈزۈملىرىنى ئۈزمەيسەن؛ چۈنكى شۇ يىل زېمىن ئارام ئالىدىغان يىلدۇر.

6ھالبۇكى، زېمىن شابات يىلىدا چىقارغان ھوسۇل ھەممىڭلارغا ئوزۇق بولىدۇ، يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن، قۇل-دېدىكىڭ ئۈچۈن، مەدىكارىڭ ئۈچۈن ۋە سېنىڭكىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ئۈچۈن، شۇنىڭدەك مال-ۋارانلىرىڭ ئۈچۈن

7ۋە زېمىنىڭدىكى ياۋايى ھايۋانلار ئۈچۈنمۇ ئوزۇق بولىدۇ؛ زېمىننىڭ ھەممە ھوسۇلى ئوزۇق بولىدۇ. ◼ 25:7 +bd «... زېمىنىڭدىكى ياۋايى ھايۋانلار ئۈچۈنمۇ ئوزۇق بولىدۇ؛ زېمىننىڭ ھەممە ھوسۇلى ئوزۇق بولىدۇ»+bd* ــ دېمەك، (1) ئېتىز-تاللىقنىڭ ئىگىسى ئۆز يېرىدىن ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈپ چىققان «تەبىئىي ھوسۇل»نى ئورغاق ۋە پىچاق بىلەن ھەرگىز ئالماسلىقى كېرەك؛ (2) بارلىق خەلق شۇ «تەبىئىي ھوسۇل»دىن، شۇنداقلا ھەرخىل دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى ۋە زېمىندىكى باشقا تەبىئىي ئوزۇقلۇقنى (كىمنىڭ يېرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) خالىغانچە قول بىلەن ئۈزسە بولاتتى؛ (3) ھەتتا زېمىندىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇشقا بولاتتى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئېتىز ئەتراپىدىكى چىت-قاشالارنى ئېچىپ بېرىشى كېرەك ئىدى.*

8شۇنىڭدەك سەن يەتتە قېتىملىق شابات يىلىنى، يەنى يەتتە ھەسسە يەتتە يىلنى سانىغىن؛ يەتتە شابات يىل كۈنلىرى قىرىق توققۇز يىل بولىدۇ.

9شۇنچىلىك ۋاقىت ئۆتۈپ، يەتتىنچى ئايدا، ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى، كەفارەت كۈنىدە بۇرغا چېلىپ ساداسىنى يۇقىرى چىقىرىسىلەر؛ كەفارەت كۈنىنىڭ ئۆزىدە سىلەر پۈتكۈل زېمىنىڭلاردا بۇرغىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىتىسىلەر.

10شۇ ئەللىكىنچى يىلىنى سىلەر مۇقەددەس دەپ بىلىپ، پۈتكۈل زېمىندا ئۇنىڭدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە ئازادلىقنى جاكارلىشىڭلار كېرەك. شۇ يىل سىلەرگە «ئازادلىق يىلى» بولىدۇ، ھەربىرىڭلار ئۆز يەر-مۈلۈكلىرىڭلارغا قايتىسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز ئائىلە-جەمەتىڭلارغا قايتىپ بارىسىلەر. ◼ 25:10 +bd «ئازادلىق يىلى»+bd* ــ ئەسلىدە ئىبرانىي تىلىدا «بۇرغا (چېلىش) يىلى» دەپ ئاتىلاتتى. كېيىن، ئۇنىڭ چۈشەنچىسى تېزلا «ئازادلىق يىلى»، «شادلىق يىلى» دېگەنگە ئۆزگەردى.*

11بۇ ئەللىكىنچى يىلى سىلەرگە بىر ئازادلىق يىلى بولسۇن؛ ئۇ يىلى ھېچ نېمە تېرىمايسىلەر، ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈپ چىققان ھوسۇلنىمۇ ئورمايسىلەر ۋە چاتالمىغان تاللىرىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنىمۇ يىغمايسىلەر.

12چۈنكى بۇ ئازادلىق يىلى بولۇپ، سىلەرگە مۇقەددەس ھېسابلانسۇن؛ ئۇنىڭ ھوسۇلىنى بولسا، ئېتىز-دالىلاردىن تېپىپ ھەممىڭلار* يەيسىلەر. ◼ 25:12 +bd «شابات يىلى»+bd* ــ بۇ ئىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى، 5-7-ئايەتلەردىن ۋە ئىزاھاتلىرىدىن كۆرۈڭ.*

13ئازادلىق يىلى ئاراڭلاردىكى ھەربىر ئادەم ئۆز يەر-مۈلكىگە قايتسۇن.

14سىلەر قوشناڭلارغا بىرنېمە سېتىپ بەرسەڭلار، ياكى قوشناڭلاردىن بىرنېمە سېتىۋالساڭلار، بىر-بىرىڭلارنى بوزەك قىلماڭلار. ◼ 25:14 +bd «سىلەر قوشناڭلارغا بىرنېمە سېتىپ بەرسەڭلار، ياكى قوشناڭلاردىن بىرنېمە سېتىۋالساڭلار»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «بىرنېمە» شۈبھىسىزكى يەر-زېمىنلارنى ياكى ئىگىلىكنى كۆرسىتىدۇ (13-ئايەتنى كۆرۈڭ).*

15قوشناڭدىن يەرنى* سېتىۋالساڭ، ئۇنداقتا «ئازادلىق يىلى»دىن كېيىن ئۆتكەن يىللارنىڭ سانىنى ھېسابلاپ ئۇنىڭدىن سېتىۋېلىشىڭ كېرەك؛ ئۇمۇ قالغان يىللارنىڭ سانىغا قاراپ، يەرنىڭ كېيىنكى ھوسۇللىرىغا ئاساسەن ساڭا سېتىپ بەرسۇن.

16«ئازادلىق يىلى»غىچە* بولغان يىللار كۆپرەك بولسا، باھاسىنى شۇنىڭغا مۇۋاپىق يۇقىرى كۆتۈرىسەن؛ قالغان يىللار ئازراق بولسا، باھاسىنى شۇنىڭغا مۇۋاپىق كېمەيتسۇن. چۈنكى قالغان يىللارنىڭ ھوسۇللىرى قانچە بولسا، ئۇ شۇ بويىچە ساڭا سېتىپ بېرىدۇ.

17سىلەر بىر-بىرىڭلارنى بوزەك قىلماڭلار، بەلكى خۇدايىڭلاردىن قورقۇڭلار؛ چۈنكى مەن بولسام خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.

18سىلەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ھۆكۈملىرىمدە تۇرۇپ، شۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، زېمىنىڭلاردا تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر.

19شۇنىڭ بىلەن زېمىن سىلەرگە ئۆز مېۋىسىنى بېرىدۇ، سىلەر تويغۇدەك يەپ، ئۇنىڭدا تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر.

20ئەگەر سىلەر: ــ مانا، بىزگە تېرىپ ھوسۇلنى يىغىشقا ئىجازەت بېرىلمىسە، يەتتىنچى يىلى نېمە يەيمىز، دەپ سورىساڭلار،

21سىلەرگە مەلۇم بولسۇنكى*، ئالتىنچى يىلىدا ئۈچ يىلنىڭ ھوسۇلىنى بەرسۇن دەپ، مەن ئۈستۈڭلارغا بەرىكىتىمنى «چۈش» دەپ بۇيرۇيمەن.

22ۋە شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر سەككىزىنچى يىلى تېرىيسىلەر، ئەمما توققۇزىنچى يىلىغىچە ئېشىپ قالغان كونا ھوسۇلدىن تېخىچە يەيسىلەر؛ شۇ توققۇزىنچى يىلىغىچە سىلەر كونا ئاشلىقتىن يەيسىلەر.

23يەر-زېمىن سېتىلسا، مەڭگۈلۈك سېتىلمىسۇن، چۈنكى زېمىننىڭ ئۆزى مېنىڭكىدۇر، سىلەر بولساڭلار مېنىڭ يېنىمدىكى مۇساپىر ۋە مېھمان، خالاس.

24سىلەر ئىگە بولىدىغان پۈتكۈل زېمىندا يەر-زېمىننىڭ ئىگىلىرىگە ئۇنى «قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى»نى يارىتىپ بېرىشىڭلار كېرەك.

25ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى كەمبەغەللىشىپ، ئۆز مىراس يېرىنى سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى، يەنى «ھەمجەمەت شاپائەتچى»سى كېلىپ ئۆز قېرىندىشى ساتقان يەرنى قايتۇرۇپ سېتىۋالسۇن. ◼ 25:25 +bd «ھەمجەمەت شاپائەتچى»+bd* ــ مۇشۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدىكى «گوئېل»نىڭ تەرجىمىسىدۇر. تەۋراتتىكى نۇرغۇن يەرلەردە بۇ سۆز تېپىلىدۇ (مەسىلەن، «ئايۇپ» 25:19نى ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ). بەزىدە «ھەمجەمەت قۇتقۇزغۇچى» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. بۇ سۆز ئومۇمەن بىرسىنىڭ مەلۇم ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغىنىدا، ئۇنىڭغا تۇغقانچىلىق (ھەمجەمەتلىك) قىلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغان قۇتقۇزغۇچى تۇغقىنىنى بىلدۇرىدۇ.*

26ئەگەر ئۇنىڭ ھېچ شاپائەتچى تۇغقىنى بولمىسا، لېكىن ئۇ ياندۇرۇۋېلىشقا كېرەكلىك پۇلنى تاپالىسا، ◼ 25:26 +bd «لېكىن ئۇ ياندۇرۇۋېلىشقا كېرەكلىك پۇلنى تاپالىسا»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ» «ئۇنىڭ قولى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپلادىلىنىدۇ.*

27ئۇنداقتا ساتقىنىغا قانچە يىل بولغانلىقىنى ھېسابلاپ، ئازادلىق يىلىغىچە* قالغان يىللار ئۈچۈن سېتىۋالغان كىشىگە مۇۋاپىق پۇل بېرىپ، ئۆز يېرىگە قايتسۇن.

28لېكىن ئەگەر ئۇ ياندۇرۇۋېلىشقا كېرەكلىك پۇلنى تاپالمىسا، ئۆزى سېتىپ بەرگەن يەر ئازادلىق يىلىغىچە ئالغۇچىنىڭ قولىدا تۇرسۇن؛ ئازادلىق يىلى كەلگەندە يەر يەر سېتىۋالغۇچىنىڭ قولىدىن چىقسۇن، ئۆز ئىگىسى ئۆز يەر-مۈلكىگە قايتسۇن.

29ئەگەر بىرسى سېپىللىق شەھەرنىڭ ئىچىدىكى بىر تۇرالغۇ ئۆينى ساتقان بولسا، سېتىپ بىر يىل ئىچىدە ئۇنى ياندۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر. تولۇق بىر يىل تۈگەپ بولغۇچە، ياندۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر.

30لېكىن پۈتۈن يىل ئىچىدە ياندۇرۇۋېلىنمىسا، سېپىللىق شەھەرنىڭ ئىچىدىكى بۇ ئۆي نەسىلدىن-نەسىلگە ئالغان كىشىنىڭ قولىدا بولۇپ، ئازادلىق يىلى كەلسىمۇ ياندۇرۇلماس.

31لېكىن سېپىلسىز كەنتلەرنىڭ ئۆيلىرى بولسا زېمىننىڭ ئېتىزلىرىدەك ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇلارنى ياندۇرۇپ سېتىۋالغىلى بولىدۇ؛ ئازادلىق يىلى كەلگەندە ئەسلى ئىگىسىنىڭ قولىغا ياندۇرۇلىدۇ.

32لېكىن لاۋىي شەھەرلىرىدە بولسا، لاۋىيلار ئۆز مىراسى بولغان شەھەرلەردىكى ئۆيلىرىنى خالىسا ھەرقاچان قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر. ◼ 25:32 +bd «لاۋىيلارنىڭ شەھەرلىرى»+bd* ــ ئىسرائىل ئىچىدە لاۋىيلارغا ئالاھىدە خاس بولغان 48 شەھەر بار ئىدى («چۆل.» 35-باب، «يەشۇئا» 21-بابنى كۆرۈڭ).*

33لاۋىيلاردىن بىرى ئۆيلىرىنى، يەنى ئۆز مىراسى بولغان شەھەردىكى بىر ئۆينى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بار بولسىمۇ، لېكىن قايتۇرۇپ ئالمىغان بولسا*، ئۇنداق ئەھۋالدا ئۇ ئازادلىق يىلى كەلگەندە ياندۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى لاۋىي شەھەرلىرىنىڭ ئۆيلىرى بولسا لاۋىيلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىكى مىراسى بولىدۇ. ◼ 25:33 +bd «لاۋىيلاردىن بىرى ئۆيلىرىنى... قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بار بولسىمۇ،... ئۇ ئازادلىق يىلى كەلگەندە ياندۇرۇلىدۇ»+bd* ــ ياكى «ئەگەر لاۋىيلاردىن بىرى باشقا بىرسىدىن (يەنى باشقا بىر لاۋىي ئادەمدىن) ئۆز مىراسى بولغان شەھىرىدە بىر ئۆينى سېتىۋالسىمۇ، ئازادلىق يىلى كەلگەندە ياندۇرۇلىدۇ». بۇ ئايەتنىڭ يەنە بەزى باشقا تەرجىمىلىرى ياكى شەرھلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن.*

34شۇنداق ھەم بۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ چۆرىسىدىكى ئېتىز-يەرلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ئەبەدىي مىراسى بولغاچقا، سېتىلسا بولمايدۇ. ◼ 25:34 +bd «... بۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ چۆرىسىدىكى ئېتىز-يەرلىرى ... سېتىلسا بولمايدۇ»+bd* ــ بۇ ئېتىزلار ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي تەئەللۇقاتى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ «كوللېكتىپ» تەئەللۇقى ئىدى.*

35ساڭا قوشنا بولغان، قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى كەمبەغەللىشىپ، ئۆز جېنىنى باقالماي قالسا، سەن ئۇنى مۇساپىر ياكى ياقا يۇرتلۇق مېھماندەك يېنىڭدا تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالغىن.

36سەن ئۇنىڭدىن ئۆسۈم ۋە ياكى پايدا ئالمىغىن؛ سەن خۇدايىڭدىن قورقۇپ، قېرىندىشىڭنى قېشىڭدا تۇرۇشقا قويغىن. ◘ 25:36 مىس. 22‏:25؛ قان. 23‏:18؛ پەند. 28‏:8؛ ئ‍ەز. 18‏:8؛ 22‏:12*

37پۇلۇڭنى ئۇنىڭغا ئۆسۈمگە بەرمە، ئاشلىقىڭنىمۇ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا ئۆتنە بەرمىگىن.

38خۇدايىڭلار بولۇشقا، قانائان زېمىنىنى سىلەرگە بېرىشكە سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن.

39ئەگەر ساڭا قوشنا بولغان قېرىندىشىڭ كەمبەغەللىشىپ، ئۆزىنى ساڭا ساتسا، ئۇنى قۇلدەك قۇللۇق خىزمىتىگە سالمىغىن؛ ◘ 25:39 مىس. 21‏:2؛ قان. 15‏:12؛ يەر. 34‏:14*

40بەلكى ئۇ قېشىڭدا مەدىكار ياكى مۇساپىردەك تۇرسۇن؛ ئازادلىق يىلىغىچە سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولسۇن؛

41ئاندىن ئازاد بولۇپ ئۆزى بىلەن بالىلىرى قېشىڭدىن چىقىپ، ئۆز جەمەتىگە يېنىپ بېرىپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يەر-مۈلكىگە قايتسۇن. ◼ 25:41 +bd «ئاندىن +bdit قۇل+bdit* ئازاد بولۇپ ئۆزى بىلەن بالىلىرى ... ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يەر-مۈلكىگە قايتسۇن»+bd* ــ «مىس.» 2:21-6ئايەتلەردە بېرىلگەن بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىبرانىي قۇل ئالتە يىل ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن ئازادلىققا قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. لېكىن «ئازادلىق يىلى» ئۇنىڭ ئىشلەشكە كېرەك بولغان ئالتە يىل توشمايلا كەلسە، شۇ يىلى ئۇ ئائىلىسى بىلەن ئازادلىققا چىقىدۇ.*

42چۈنكى ئۇلار مەن ئۆزۈم مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ ئېلىپ كەلگەن قۇل-بەندىلىرىم بولغاچقا، ئۇلارنى قۇلدەك سېتىشقا يول قويماڭلار.

43سەن ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن خوجىلىق قىلمايسەن، بەلكى خۇدايىڭدىن قورققىن. ◘ 25:43 ئ‍ەف. 6‏:9؛ كول. 4‏:1*

44لېكىن ئۆزۈڭگە قۇل ياكى دېدەك ئالماقچى بولساڭ، ئۇلارنى ئەتراپتىكى يات ئەللەردىن شۇنداق قۇل يا دېدەك سېتىۋالساڭ بولىدۇ.

45بۇلاردىن باشقا، ئاراڭلاردا ئولتۇراقلاشقان مۇساپىرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ۋە شۇلارنىڭ جەمەتىدىن، يەنى سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان، زېمىنىڭلاردا تۇغۇلغانلاردىن قۇللار سېتىۋالساڭلار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىلەرنىڭ مۈلكۈڭلار بولۇپ قالىدۇ.

46سىلەر مۇشۇلارنى ئۆزۈڭلاردىن كېيىنكى بالىلىرىڭلارغا مىراس قىلىپ، ئۇلارغا مۈلۈك بولۇشقا قالدۇرساڭلار بولىدۇ؛ مۇشۇلارنى ئەبەدگىچە قۇل قىلساڭلار بولىدۇ؛ لېكىن ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللار ئارىسىدا بولسا، بىر-بىرىڭلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن خوجىلىق قىلماسلىقىڭلار كېرەك.

47ئەگەر ئاراڭلاردا ئولتۇرۇشلۇق بىر مۇساپىر ياكى ياقا يۇرتلۇق بېيىغان ۋە ئۇنىڭغا قوشنا قېرىندىشىڭ كەمبەغەللىشىپ، ئۆزىنى شۇ قوشنا مۇساپىرغا ۋە ياكى شۇ مۇساپىرنىڭ مەلۇم بىر ئەۋلادىغا ساتسا،

48ئۇ سېتىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا پۇل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىش ھوقۇقى قالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ھەرقايسىسى ئۇنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ.

49شۇنىڭدەك ئۇنىڭ تاغىسى ياكى تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋە ياكى جەمەتىدىن بولغان ھەرقايسى يېقىن تۇغقىنى ئۇنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ؛ ياكى ئۆزىنىڭ قۇربى يەتسە، پۇل بېرىپ ئۆز-ئۆزىنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ. ◼ 25:49 +bd «... ئۆزىنىڭ قۇربى يەتسە، پۇل بېرىپ ئۆز-ئۆزىنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ»+bd* ــ دېمەك، خوجايىنى يات ئەللىك بولسا، «مىس.» 2:21-6-ئايەتلەردىكى «قۇل ئالتە يىل ئىشلەپ ئاندىن ئازاد بولىدۇ» دېگەن بەلگىلىمە ئىناۋەتلىك بولمايدۇ.*

50ئۇنى سېتىۋالىدىغان كىشى ئۇنىڭ خوجىسى بىلەن گەپلىشىپ سېتىلغان يىلدىن تارتىپ ئازادلىق يىلىغىچە قانچىلىك بولغانلىقىنى ھېسابلاپ، سېتىۋېلىش باھاسىنى يىللارنىڭ سانىغا قاراپ ھېسابلىسۇن؛ ھۆرلۈك پۇلى ھېسابلاشتا قۇلنىڭ خوجىسىغا* ئىشلەشكە كېرەك بولغان قالغان كۈنلىرىنىڭ ھەققى «مەدىكارنىڭ ئىشلىگەن كۈنلىرى»دەك ھېسابلانسۇن. ◼ 25:50 +bd «... قالغان كۈنلىرىنىڭ ھەققى «مەدىكارنىڭ ئىشلىگەن كۈنلىرى»دەك ھېسابلانسۇن»+bd* ــ دېمەك، قالغان يىللارغا مەدىكارنىڭ ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە پۇل ھېسابلاپ تۆلىشى كېرەك.*

51ئازادلىق يىلىغا يەنە خېلى يىللار بولسا، شۇنى ھېسابلاپ، سېتىلغان پۇلنىڭ نىسبىتى بويىچە ھۆرلۈك پۇلىنى ھېسابلاپ بەرسۇن؛

52ئەگەر ئازادلىق يىلىغا ئاز يىللار قالغان بولسا، ئۇنى ھېساب قىلىپ، قالغان قۇللۇق يىللىرىغا مۇۋاپىق پۇلنى ياندۇرۇپ بەرسۇن.

53بولمىسا، قۇل شۇ خوجىسىنىڭ يېنىدا يىللىق مەدىكاردەك تۇرۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ خوجىسى سېنىڭ كۆز ئالدىڭدا ئۇنىڭغا قاتتىق قوللۇق بىلەن خوجىلىق قىلمىسۇن. ◼ 25:53 +bd «... ئۇنىڭ خوجىسى سېنىڭ كۆز ئالدىڭدا ئۇنىڭغا قاتتىق قوللۇق بىلەن خوجىلىق قىلمىسۇن»+bd* ــ دېمەك، يەھۇدىيلاردىن بىرى ياقا يۇرتلۇق بىر خوجايىننىڭ قول ئاستىدا قۇل بولۇپ ئىشلىسە، قوشنا بولغان يەھۇدىي قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك.*

54ئەگەر قۇل يۇقىرىقى يوللار بىلەن ھۆرلۈككە چىقالمىسا، ئازادلىق يىلى كەلگەندە قويۇپ بېرىلسۇن ــ ئۇ بالىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئازاد بولىدۇ.