لاۋىيلار 26:1-45 UIGB2010 - Bible AI

1سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھېچقانداق بۇت ياسىماڭلار ياكى ئۆزۈڭلارغا ھېچ ئويما مەبۇد ياكى ھەيكەل-تۈۋرۈكنى تۇرغۇزماڭلار ياكى ئۇلارغا باش ئۇرۇشقا ئويۇلغان نەقىشلىك تاشلارنى زېمىنىڭلاردا ھەرگىز تىكلىمەڭلار؛ چۈنكى ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. ◘ 26:1 مىس. 20‏:4؛ قان. 5‏:8؛ 16‏:22؛ زەب. 97‏:7*

2مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى تۇتۇپ، مۇقەددەس جايىمغا ئىخلاسمەن بولۇڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ◘ 26:2 لاۋ. 19‏:30*

3ئەگەر سىلەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە مېڭىپ، ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلساڭلار، ◘ 26:3 قان. 28*

4مەن يېرىڭلارنىڭ ئۆز ھوسۇلىنى بېرىپ تۇرۇشىغا، دالادىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى چىقىرىشىغا ۋاقتىدا يامغۇرلىرىڭلارنى ياغدۇرۇپ تۇرىمەن.

5شۇنىڭ بىلەن خامان تېپىش ۋاقتى ئۈزۈم يىغىش پەسلىگىچە بولىدۇ، ئۈزۈم يىغىش ۋاقتى تېرىلغۇ ۋاقتىغىچە بولىدۇ؛ سىلەر نېنىڭلارنى تويۇنغۇچە يەپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر. ◘ 26:5 لاۋ. 25‏:19*

6مەن زېمىنغا ئارام-تىنچلىق ئاتا قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم سىلەرنى قورقۇتالمايدۇ، ئارامخۇدا يېتىپ ئۇخلايسىلەر؛ ۋەھشىي ھايۋانلارنى زېمىندىن يوقىتىمەن، قىلىچمۇ زېمىنىڭلاردىن ئۆتمەيدۇ؛ ◘ 26:6 ئايۇپ 11‏:19،18*

7سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنى قوغلايسىلەر، ئۇلار ئالدىڭلاردا قىلىچلىنىپ يىقىلىدۇ.

8سىلەردىن بەش كىشى يۈز كىشىنى قوغلايدۇ، يۈز كىشى ئون مىڭنى قاچۇرىدۇ؛ دۈشمەنلىرىڭلار بولسا ئالدىڭلاردا قىلىچلىنىپ يىقىلىدۇ. ◘ 26:8 يە. 23‏:10*

9مەن سىلەرگە يۈزۈمنى قارىتىپ، سىلەرنى پەرزەنت كۆرگۈزۈپ كۆپەيتىمەن، سىلەر بىلەن باغلىغان ئەھدەمنى مەزمۇت تۇرغۇزىمەن.

10سىلەر تېخىچە ئۇزۇن ساقلانغان كونا ئاشلىقنى يەۋاتقىنىڭلاردا، يېڭى ئاشلىق چىقىدۇ؛ يېڭىسى ۋەجىدىن كونىسىنى چىقىرىۋېتىسىلەر.

11مەن ئۆز ماكانىمنى ئاراڭلاردا تۇرغۇزىمەن ۋە قەلبىم سىلەردىن نەپرەتلەنمەيدۇ. ◘ 26:11 ئ‍ەز. 37‏:26؛ 2كور. 6‏:16*

12مەن ئاراڭلاردا مېڭىپ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن ۋە سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر.

13مەن سىلەرنى مىسىردا ئۇلارنىڭ قۇللىرى بولۇشتىن ھۆر قىلىشقا شۇ زېمىنىدىن چىقارغان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇپ، قەددىڭلارنى تىك قىلىپ ماڭغۇزدۇم.

14ھالبۇكى، ئەگەر سىلەر ماڭا قۇلاق سالماي، بۇ ئەمرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلماي، ◘ 26:14 قان. 28‏:15؛ يىغ. 2‏:17؛ مال. 2‏:2*

15بەلگىلىمىلىرىمنى تاشلاپ، قەلبىڭلاردىن ھۆكۈملىرىمنى يامان كۆرۈپ، بارلىق ئەمرلىرىمنى تۇتماي، ئەھدەمنى بۇزساڭلار،

16مەنمۇ بېشىڭلارغا شۇ ئىشلارنى چۈشۈرىمەنكى، ــ مەن سىلەرگە ۋەھىمە سېلىپ، كۆزۈڭلارنى كور قىلىدىغان، جېنىڭلارنى زەئىپلەشتۈرىدىغان سىل-ۋابا كېسىلى، كېزىك كېسىلىنى بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن. سىلەر ئۇرۇقۇڭلارنى بىكار چېچىپ-تېرىيسىلەر، چۈنكى دۈشمەنلىرىڭلار ئۇنى يەپ كېتىدۇ.

17مەن يۈزۈمنى سىلەرگە قارشى قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەر دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئۇرۇلۇپ قاچىدىغان بولىسىلەر؛ سىلەرنى ئۆچ كۆرگۈچىلەر ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ؛ ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قاچىسىلەر. ◘ 26:17 پەند. 28‏:1*

18بۇلاردىن ھېچ ئىبرەت ئالماي، بەلكى ماڭا يەنە قۇلاق سالمىساڭلار، مەن گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە بولغان جازانى يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىمەن،

19كۈچ-ھەيۋەڭلاردىن بولغان ھاكاۋۇرلۇقىڭلارنى سۇندۇرىمەن؛ ئاسمىنىڭلارنى تۆمۈردەك قىلىپ، يېرىڭلارنى مىستەك قىلىۋېتىمەن؛ ◼ 26:19 +bd «... ئاسمىنىڭلارنى تۆمۈردەك قىلىپ، يېرىڭلارنى مىستەك قىلىۋېتىمەن»+bd* ــ دېمەك، ئاسماندىن ھۆل-يېغىن چۈشمەيدۇ ھەمدە بەلكىم ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئاسماندىن يۇقىرىغا ئۆتمەيدۇ، يەر سۇسىز بولۇپ ئىنتايىن قاتتىقلىشىپ بولىدۇ.*

20ئەجىر-جاپايىڭلار بىكارغا كېتىدۇ، يېرىڭلار ھوسۇل بەرمەيدۇ، دالادىكى دەرەخلەرگە مېۋە چۈشمەيدۇ.

21ئەگەر يەنىلا مەن بىلەن قارشى ماڭساڭلار، شۇنداقلا ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، مەن گۇناھلىرىڭلارغا لايىق بېشىڭلارغا چۈشىدىغان ۋابا-كۈلپەتلەرنى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىمەن.

22ئاراڭلارغا سىلەرنى بالىلىرىڭلاردىن جۇدا قىلىدىغان، چارپايلىرىڭلارنى يوقىتىدىغان، سىلەرنى ئازلىتىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئەۋەتىمەن؛ يول-كوچىلىرىڭلار ئادەمزاتسىز چۆلدەك بولۇپ قالىدۇ.

23سىلەر بۇ ئىشلار ئارقىلىق ئىبرەت-تەربىيە ئالماي، بەلكى يەنىلا ماڭا قارشى ماڭساڭلار،

24مەنمۇ سىلەرگە قارشى مېڭىپ، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن بولغان جازانى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىپ، مەن ئۆزۈم سىلەرنى ئۇرىمەن؛ ◘ 26:24 2سام. 22‏:27؛ زەب. 18‏:26-27*

25ئۈستۈڭلارغا ئەھدەمنى بۇزغانلىقنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدىغان قىلىچ چۈشۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر شەھەرلەرگە يىغىلىۋالىسىلەر، مەن ئاراڭلارغا ۋابا چۈشۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشىسىلەر.

26سىلەرگە يۆلەنچۈك بولغان ئاشلىقنى قۇرۇتۇۋېتىمەن؛ ئون ئايال بىر بولۇپ بىر تونۇردا نان يېقىپ، نانلارنى سىلەرگە تارازىدا تارتىپ بېرىدۇ، ئەمما بۇنى يېگىنىڭلار بىلەن تويمايسىلەر. ◼ 26:26 +bd «سىلەرگە يۆلەنچۈك بولغان ئاشلىقنى قۇرۇتۇۋېتىمەن؛ ...»+bd* ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا «مەن سىلەرنىڭ «نان ھاسا»ڭلارنى سۇندۇرۇۋەتكىنىمدە، ...». «يۆلەنچۈك» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا ئادەتتە «تاياق» ياكى «ھاسا»نى بىلدۈرىدۇ. مۇمكىنچىلىكى باركى، قەدىمكى زامانلاردا يەھۇدىي خەلقى ئۆز نانلىرىنى بىر تاياقتا (زىخقا ئۆتكۈزگەندەك) كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. ئومۇمەن، مەنىسى بىزنىڭ تەرجىمە قىلغىنىمىزدەك بولسا كېرەك.*

27ئەگەر بۇلاردىن ھېچ ئىبرەت ئالماي، ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، بەلكى ماڭا قارشى ماڭساڭلار،

28مەنمۇ قەھر بىلەن سىلەرگە قارشى ماڭىمەن؛ مەن، يەنى مەن ئۆزۈم گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن جازا-تەربىيىنى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىپ چۈشۈرىمەن.

29شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئوغۇللىرىڭلارنىڭ گۆشى ۋە قىزلىرىڭلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر؛ ◘ 26:29 قان. 28‏:53؛ 2پاد. 6‏:28؛ يىغ. 4‏:10*

30شۇنداقلا مەن قۇربانلىق «يۇقىرى جاي»لىرىڭلانى ۋەيران قىلىپ، «كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلارنى سۇندۇرۇپ، ئۆلۈكلىرىڭلارنى سۇنۇق بۇتلىرىڭلارنىڭ ئۈستىگە تاشلىۋېتىمەن؛ مېنىڭ قەلبىم سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. ◼ 26:30 +bd «يۇقىرى جايلار»+bd* ــ ئىسرائىل ۋە يەھۇدا ئۇزۇندىن بېرى تاغ چوققىلىرى قاتارلىق جايلاردا ھەرخىل بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ھەتتا ئاشۇ جايلاردا «ئىنسان قۇربانلىق»لارنى قىلىپ كەلگەن («ئەز.» 21:16، 28:20 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ). +bd ««كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلارنى»+bd* ــ «كۈن تۈۋرۈك»لەر بەلكىم كۈنگە چوقۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك بۇت-ھەيكەللەر بولۇشى مۇمكىن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئىسرىقدانلىرىڭلارنى».* ◘ 26:30 2تار. 34‏:7*

31مەن شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، مۇقەددەس جايلىرىڭلارنى خاراب قىلىپ، قۇربانلىقىڭلارنىڭ* خۇشبۇيلىرىنى يەنە پۇرىمايمەن؛

32زېمىننى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىمەن؛ ئۇنىڭدا ئولتۇراقلاشقان دۈشمەنلىرىڭلار بۇ ئەھۋالغا ھەيرانۇھەس قالىدۇ.

33سىلەرنى ئەللەرنىڭ ئارىسىغا تارىتىپ، كەينىڭلاردىن قىلىچنى سۇغۇرۇپ قوغلايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن زېمىنىڭلار ۋەيران بولۇپ شەھەرلىرىڭلار خاراب قىلىنىدۇ.

34ئۇ ۋاقىتتا، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا تۇرۇۋاتقىنىڭلاردا، زېمىن ۋەيرانە بولغان بارلىق كۈنلەردە، زېمىن ئۆز شابات كۈنلىرىدىن سۆيۈنىدۇ؛ ئۇ زاماندا زېمىن دەرۋەقە ئارام ئېلىپ ئۆز شاباتلىرىدىن سۆيۈنىدۇ. ◘ 26:34 لاۋ. 25‏:2*

35ئۆزى ۋەيرانە بولۇپ تۇرغان بارلىق كۈنلىرىدە ئۇ ئارام ئالىدۇ، يەنى سىلەر ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتىكى شابات كۈنلىرىڭلاردا ھېچ ئالمىغان ئارامنى ئەمدى ئالىدۇ.

36ئاراڭلاردىن قۇتۇلۇپ قالغانلار بولسا، ئۇلار دۈشمەنلەرنىڭ زېمىنلىرىدا تۇرغىنىدا كۆڭۈللىرىگە يۈرەكزادىلىك سالىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چۈشكەن بىر يوپۇرماقنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىسا قىلىچتىن قاچقاندەك قاچىدۇ؛ ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يىقىلىپ چۈشىدۇ.

37گەرچە ھېچكىم ئۇلارنى قوغلىمىسىمۇ، دەرۋەقە قىلىچتىن يىقىتىلغاندەك ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ سىلەردە دۈشمەنلىرىڭلارغا قارشى تۇرغۇدەك كۈچ قالمايدۇ.

38ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ھالاك بولىسىلەر، دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنى سىلەرنى يەپ كېتىدۇ.

39ئاراڭلاردىن قۇتۇلۇپ قالغانلىرى بولسا ئۆز رەزىللىكى تۈپەيلىدىن دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا زەئىپلىشىدۇ؛ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ رەزىللىكىدىمۇ يۈرۈپ، شۇلار زەئىپلەشكەندەك ئۇلارمۇ زەئىپلىشىدۇ. ◼ 26:39 +bd «ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ رەزىللىكىدىمۇ يۈرۈپ، شۇلار زەئىپلەشكەندەك ئۇلارمۇ زەئىپلىشىدۇ»+bd* ــ ياكى «ئۆزلىرىدىكى، شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ رەزىللىكىدە يۈرۈپ زەئىپلىشىدۇ».*

40ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزى قىلغان رەزىللىكى بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ سادىر قىلغان رەزىللىكىنى، ماڭا يۈز ئۆرۈپ ئاسىيلىق قىلغىنىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ماڭا قارشى تۇرۇپ ماڭغىنىنى بوينىغا ئالىدۇ، ◼ 26:40 +bd «... ماڭا قارشى تۇرۇپ ماڭغىنىنى بوينىغا ئالىدۇ»+bd* ــ شۇ ئايەتنىڭ قىزىق بىر يېرى شۇكى، ئۇنىڭدا ئېنىق ھالدا خەلقنىڭ بىرلا چوڭ رەزىللىكى، بىرلا چوڭ ئاسىيلىقى كۆرسىتىلگەندەك تۇرىدۇ. قايسى «بىرلا گۇناھ» دېسەك، جاۋاب شۈبھىسىزكى، ئىنجىلدا تېپىلىدۇ ــ ئۇ بولسىمۇ، ئۆز قۇتقۇزغۇچى-مەسىھىنى رەت قىلىشتىن ئىبارەت.*

41شۇنىڭدەك مېنىڭ ئۇلارغا قارشى ماڭغىنىمغا، شۇنىڭدەك ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىمغا ئىقرار بولىدۇ. شۇڭا ئەگەر ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ خەتنىسىز كۆڭلى تۆۋەن قىلىنىپ، ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلسا،

42ئۇنداقتا مەن ياقۇپ بىلەن باغلىغان ئەھدەمنى ياد قىلىپ، ئىسھاق بىلەن باغلىغان ئەھدەمنىمۇ ۋە ئىبراھىم بىلەن باغلىغان ئەھدەمنىمۇ ئېسىمگە كەلتۈرىمەن، زېمىننىمۇ ياد قىلىمەن.

43چۈنكى زېمىن ئۇلاردىن تاشلىنىپ، ئۇلارسىز بولۇپ خارابە تۇرغان ۋاقىتتا، شابات كۈنلىرىدىن سۆيۈنىدۇ؛ ئۇلار بولسا ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ سەۋەبى دەل شۇكى، ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى تاشلىدى، بەلگىلىمىلىرىمنى قەلبىدىن يامان كۆرگەنىدى.

44ھالبۇكى، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدا تۇرغىنىدا مەن ئۇلارنى تاشلىمايمەن ياكى ئۇلارغا ئۆچلۈك قىلمايمەن، شۇنىڭدەك ئۇلار بىلەن باغلىغان ئەھدەمنى بۇزمايمەن، ئۇلارنى يوقاتمايمەن؛ چۈنكى مەن ئۆزۈم ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردۇرمەن. ◘ 26:44 قان. 4‏:31؛ رىم. 11‏:26،1*

45مەن بەلكى ئۇلارنى دەپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولۇشقا ئەللەرنىڭ كۆزى ئالدىدا مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن باغلاشقان ئەھدەمنى ئېسىمدە تۇتىمەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.