لاۋىيلار 5:1-18 UIGB2010 - Bible AI

1ئەگەر بىرسى مەلۇم ئىشقا گۇۋاھچى بولۇپ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قەسەم بۇيرۇلغىنىدا كۆرگىنى ياكى بىلگىنىدىن مەلۇمات بەرمىسە، ئۇنداقتا ئۇ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ.

2ئەگەر بىرسى ئۆزى بىلمەي ناپاك بىر نەرسىگە تېگىپ كەتسە ــ مەيلى ئۇ ناپاك بىر ھايۋاننىڭ جەسىتى بولسۇن، مەيلى ناپاك بىر چارپاينىڭ جەسىتى بولسۇن، ياكى ناپاك بىر ئۆمىلىگۈچى ھايۋاننىڭ جەسىتى بولسۇن، مۇشۇنداق نەرسىگە تېگىپ كەتسە ئۇمۇ ناپاك سانىلىپ گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ؛ ◘ 5:2 ھاگ. 2‏:13؛ 2كور. 6‏:17*

3ئەگەر شۇنىڭدەك بىرسى ئۆزى تۇيماي مەلۇم كىشىنىڭ ئادەمنى ناپاك قىلىدىغان ھەرقانداق نىجاسىتىگە تېگىپ كەتسە، شۇنداقلا ئۇ بۇنى بىلىپ يەتسە، ئۇنداقتا ئۇ گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.

4ئەگەر بىرسى ئاڭسىز رەۋىشتە يامان ياكى ياخشى بىر ئىشنى قىلاي دەپ قەسەم قىلىپ سالسا (كىشىلەر ھەرتۈرلۈك ئىش توغرىسىدا ئاڭسىز رەۋىشتە قەسەم قىلىشى مۇمكىن)، شۇنداقلا ئۇ بۇنى تونۇپ يەتسە، ئۇ بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.

5بىرسى يۇقىرىقى ھەرقايسى ئىشلاردا مەن گۇناھكار بولدۇم دەپ بىلسە، ئۇ ئۆز گۇناھىنى «مەن مۇنداق گۇناھ قىلدىم» دەپ ئىقرار قىلسۇن؛

6ئاندىن ئۆزى سادىر قىلغان گۇناھىنىڭ كافارىتى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا «ئىتائەتسىزلىكنى تىلىگۈچى قۇربانلىق» سۈپىتىدە ئۇششاق مالدىن ساغلىق ۋە يا بىر چىشى ئۆچكىنى گۇناھ قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ ئاندىن كاھىن ئۇنى گۇناھىدىن پاكلاندۇرۇشقا ئۇنىڭ ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسۇن.

7ئەگەر ئۇ قويلاردىن قۇربانلىق* قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئۇ قىلغان ئىتائەتسىزلىكى ئۈچۈن ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ كېلىپ، بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنسۇن. ◘ 5:7 لاۋ. 12‏:8؛ لۇقا 2‏:24*

8ئۇ بۇلارنى كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرگەندە، كاھىن* ئاۋۋال گۇناھ قۇربانلىقىغا تەييارلانغاننى قۇربانلىق قىلىپ بوينىنى ئۈزمەي، بېشىغا يېقىن جايىدىن تولغىسۇن، لېكىن بېشىنى بوينىدىن ئۈزۈۋەتمىسۇن؛ ◼ 5:8 +bd «كاھىن ئاۋۋال گۇناھ قۇربانلىقىغا...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئاۋۋال گۇناھ قۇربانلىقىغا...».* ◘ 5:8 لاۋ. 1‏:15*

9ئاندىن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ تېمىغا چاچسۇن؛ قالغان قېنى بولسا قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە سىقىپ چىقىرىلسۇن. بۇنىڭ ئۆزى گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ.

10ئەمما ئىككىنچىسىنى بولسا بېكىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرىدۇ ۋە شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. ◘ 5:10 لاۋ. 1‏:15*

11ئەگەر ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمىسە، ئۇنداقتا گۇناھ قىلغان كىشى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى كەلتۈرسۇن؛ بۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغاچقا ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيمىسۇن ياكى ئۈستىگە ھېچقانداق مەستىكى سالمىسۇن؛ چۈنكى ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. ◼ 5:11 +bd «بىر ئەفاھ»+bd* ــ تەخمىنەن 2 كۈرە ياكى 22 لىتر.*

12ئۇ ئۇنى كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن ۋە كاھىن بۇنىڭدىن سۇنغۇچىنىڭ* «يادلىنىش ئۈلۈشى» سۈپىتىدە بىر چاڭگال ئېلىپ، شۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغان قۇربانلىقلارغا قوشۇپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇنىڭ ئۆزى گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. ◘ 5:12 لاۋ. 2‏:2؛ 4‏:35*

13بۇ يول بىلەن ئۇ شۇ گۇناھلاردىن قايسىسىنى قىلغان بولسا، كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرىدۇ. ئاشلىق ھەدىيەلىرىدىكىگە ئوخشاش قالغان قىسمى كاھىنغا تەۋە بولىدۇ. ◘ 5:13 لاۋ. 2‏:3*

14ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ

15بىرسى بىلمەي پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئىتائەتسىزلىك قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئۇنداقتا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئۇششاق مالدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ شۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولغان قوچقارنىڭ باھاسىنى سەن مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە كۈمۈش شەكەلگە توختاتقىن. ◼ 5:15 +bd «سەن... توختاتقىن»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى ئەمر مۇسا پەيغەمبەرگە ئېيتىلغان؛ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى كاھىن مەسئۇل بولسا شۇنىڭغىمۇ ئېيتىلىدۇ. +bd «شەكەل»+bd* ــ كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ، ئادەتتە 11.4 گرامغا باراۋەر بولۇشى مۇمكىن. «مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى» شۈبھىسىزكى، پۈتكۈل ئەل ئۈچۈن ئۆزگەرمەس ئۆلچەم بولسۇن دەپ مۇقەددەس جايدا ساقلانغان، مۇقىم بېكىتىلگەن بىرنەچچە خىل ئۆلچەم بىرلىكى بولسا كېرەك. +bd «...ئۇششاق مالدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ شۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى ... ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە كۈمۈش شەكەلگە توختاتقىن»+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «...ئۇششاق مالدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنسۇن ياكى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ ئورنىغا سەن كاھىن مۇقەددەس جايدىكى كۈمۈش شەكەلنىڭ بىرلىكى بويىچە توختاتقان باھا بويىچە كۈمۈش شەكەل كەلتۈرىسۇن».* ◘ 5:15 مىس. 30‏:13؛ لاۋ. 27‏:2-27.*

16ئاندىن شۇ كىشى مۇقەددەس نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئۆتكۈزگەن خاتالىقىدىن بولغان زىياننى تولدۇرسۇن، شۇنداقلا زىياننىڭ بەشتىن بىرى بويىچە قوشۇپ كاھىنغا تۆلەم تۆلىسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولغان قوچقارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. ◼ 5:16 +bd «... خاتالىقىدىن بولغان زىياننى تولدۇرسۇن، شۇنداقلا زىياننىڭ بەشتىن بىرى بويىچە قوشۇپ كاھىنغا تۆلەم تۆلىسۇن»+bd* ــ مۇشۇ ئايەتلەردىكى «زىيان» ئەسلىدە كەلتۈرۈش كېرەك بولغان بىر قۇربانلىق ياكى ھەدىيەنىڭ قىممىتىنى ياكى ناپاك ھالەتتە بۇلغاپ قويغان مۇقەددەس نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى كۆرسەتسە كېرەك. ئۇنداق گۇناھ قىلغان كىشى: (1) بېجىرىم بىر قوچقار ئېلىپ كېلىدۇ؛ (2) كاھىن شۇ قوچقارغا باھا قويىدۇ؛ (3) قوچقارنىڭ باھاسى زىياندىن كەم بولسا شۇ كىشى تولدۇرىدۇ؛ (4) ئۇنىڭدىن باشقا زىيانغا بەشتىن بىرىنى قوشۇپ تۆلەيدۇ.*

17ئەگەر بىرسى بىلمەي پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دېگەن ھەرقانداق ئەمرلىرىنىڭ بىرەرىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھكار بولغان بولسا ئۇ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ؛

18شۇنداق بولسا، ئۇ ئۇششاق مالدىن سەن توختاتقان قىممەتتە بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكى ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرىدۇ ۋە شۇ ئىتائەتسىزلىك گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.

© 2010 Institute for Bible Translation
/div>