لۇقا 1:1-78 UIGB2010 - Bible AI

1گەرچە نۇرغۇن ئادەملەر ئارىمىزدا مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ئىشلارنى توپلاپ يېزىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، ◼ 1:1 +bd «نۇرغۇن ئادەملەر ئارىمىزدا مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ئىشلارنى توپلاپ يېزىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ،...»+bd* ــ «ئارىمىزدا» ــ دېمەك ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكەنلەر ئارىسىدا. «ئارىمىزدا مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ئىشلار» دېگەنلىكنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئارىمىزدا (تولۇق) ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىشلار». ئىككىلا تەرجىمىسى ئوخشاشلا ئەيسا مەسىھكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.*

2(خۇددى سۆز-كالامغا باشتىن-ئاخىر ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھچى بولغانلار، شۇنداقلا ئۇنى ساقلاپ يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ بىزگە ئامانەت قىلغان بايانلىرىدەك)، ◼ 1:2 +bd «سۆز-كالام»+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تاپشۇرغان بارلىق تەلىمىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «ساقلاپ يەتكۈزگۈچىلەر»+bd* ــ ياكى «غوجىدار» دېگەننىڭ مۇشۇ يەردە ئالاھىدە مەنىسى بار. ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ قىلغان سۆزلىرى ۋە پائالىيەتلىرىگە بولغان ئۆز گۇۋاھچىلىقىنى ئاغزاكى تارىخلارغا ئايلاندۇردى، شۇنداقلا ئۇنى باشقىلارغا يادلىتىپ تاپشۇردى. مۇشۇ «ساقلاپ يەتكۈزگۈچىلەر» بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ جامائىتىنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ «كالام-سوز»نىڭ تارىخلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن مەسئۇل بولغان «ئامانەتچىلەر» ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بەزىلىرى بۇ ئاغزاكى تارىخلارنى يېزىشقا كىرىشكەنىدى. لۇقا بولسا بۇ تارىخلارنى (1) تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان (2) ئاندىن ئۇلارنى مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ ئىسپاتلىغان ئەھۋالدا بۇلارنى تەرتىپ بويىچە خاتىرىلىگەنىدى.*

3مەنمۇ بارلىق ئىشلارنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئى ھۆرمەتلىك تېئوفىلۇس جانابلىرى، سىلىگە بۇ ئىشلارنى تەرتىپى بويىچە يېزىشنى لايىق تاپتىم. ◼ 1:3 +bd «مەنمۇ بارلىق ئىشلارنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن...»+bd* ــ «باشتىن» دېگەن بۇ سۆز گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەنىسى: لۇقا «بايان»ىدا خاتىرىلىگەن بارلىق ۋەقەلەرنى ئۇ پەقەت +bd ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىلار+bd*نىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ خاتىرىلىگەن؛ «باشتىن» يەنە قوشۇمچە: «يۇقىرىدىن»، «ئەرشتىن» دېگەننى بىلدۈرىدۇ؛ دېمەك، لۇقا بۇ خاتىرىنى يېزىشقا ئەرشتىن بولغان تۈرتكە بار ئىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇ ئۇنى مۇقەددەس روھنىڭ يوليورۇقى ۋە ئىلھامى ئاستىدا يازغان. +bd «تېئوفىلۇس»+bd* ــ مۇنۇ كىشىنىڭ سالاھىيىتى توغرۇلۇق ئىنجىلدىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. مەنىسى «خۇدانى سۆيگۈچى».*

4بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلى قوبۇل قىلغان تەلىملەرنىڭ مۇتلەق ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە جەزم قىلىشلىرى ئۈچۈندۇر.

5يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە پادىشاھ بولغان ھېرود سەلتەنەت قىلغان كۈنلىرىدە، «ئابىيا» كاھىنلىق نۆۋىتىدىن بىر كاھىن بار بولۇپ، ئىسمى زەكەرىيا ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىمۇ ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولۇپ، ئىسمى ئېلىزابىت ئىدى. ◼ 1:5 +bd ««ئابىيا» كاھىنلىق نۆۋىتىدىن بىر كاھىن بار بولۇپ، ئىسمى زەكەرىيا ئىدى+bd* ــ «ئابىيا» كاھىنلىق نۆۋىتى» «1تار.» 10:24دە، كاھىنلارنىڭ جەمەتىنىڭ ئىبادەتخانىدىكى «دىجورنىلىق» تىزىملىكىنى كۆرسىتىدۇ. كاھىنلارنىڭ (ھەممىسى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى) يىللىق خىزمىتى 24 نۆۋەتكە بۆلۈنەتتى. «كاھىنلىق جەمەتى»دىكىلەرنىڭ ھەربىرىگە ئىبادەتخانىدا ئىشلەشكە ئون بەش كۈن نۆۋەت كېلەتتى. «ئابىيا» نۆۋىتى» بۇ يىگىرمە تۆت نۆۋەتتىن بىرى ئىدى. مىلادىيە بىرىنچى ئەسىردە، كاھىنلارنىڭ سانلىرىغا ئاساسەن، ھەربىر كاھىن ئۆمرىدە «مۇقەددەس جاي»دا خۇشبۇي سېلىشتىن ئىبارەت ئىمتىيازلىق خىزمەتكە بىرلا قېتىم مۇيەسسەر بولۇشى مۇمكىن ئىدى. +bd «ئۇنىڭ ئايالىمۇ ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولۇپ...»+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئاكىسى «ھارۇن» بىرىنچى «باش كاھىن» ئىدى؛ كېيىن ئۇنىڭ بارلىق ئەركەك ئەۋلادلىرى كاھىنلىق خىزمىتىدە بولۇشقا مۇيەسسەر ئىدى.* ◘ 1:5 1تار. 24‏:10. *

6ئۇلار ئىككىسى خۇدانىڭ ئالىدىدا ھەققانىي كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن ئەمر-بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەيىبسىز ماڭاتتى. ◼ 1:6 +bd «ئۇلار ئىككىسى خۇدانىڭ ئالىدىدا ھەققانىي كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن ئەمر-بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەيىبسىز ماڭاتتى»+bd* ــ ئۇلارنىڭ «ھەققانىي» ۋە «ئەيىبسىز» دېيىلگەنلىكى ئۇلارنى «گۇناھسىز» دېگەنلىك ئەمەس. تەۋرات قانۇنى بويىچە كىشىلەر ئۆز گۇناھلىرىنى تونۇپ يېتىپ، شۇنداقلا تەۋرات بويىچە كېرەك بولغان گۇناھنى تىلەيدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنغان بولسا، خۇدا ئالدىدا ئەيىبسىز دەپ ھېسابلىناتتى.*

7ئەمما ئېلىزابىت تۇغماس بولغاچقا، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىككىسى خېلىلا ياشىنىپ قالغانىدى. ◼ 1:7 +bd «... ئېلىزابىت تۇغماس بولغاچقا، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىككىسى خېلىلا ياشىنىپ قالغانىدى»+bd* ــ مۇشۇ يەردىن ئوقۇرمەنلەرگە ئېنىقكى، خۇدادىن قورقىدىغان ئادەم ئايالى تۇغماس بولسىمۇ، نېمىلا بولمىسۇن شۇ سەۋەبتىن ئايالى بىلەن ھەرگىز ئاجراشمايدۇ.*

8ئۇ ئۆز تۈركۈمىدىكى كاھىنلار ئارىسىدا ئىبادەتخانىدا* نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى خۇدا ئالدىدا ئادا قىلىۋاتقاندا، ◘ 1:8 1تار. 24*

9شۇ چاغدىكى* كاھىنلىق ئادىتى بويىچە، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ «مۇقەددەس جاي»ىغا كىرىپ خۇشبۇي سېلىشقا مۇيەسسەر بولۇشقا چەك تاشلىغاندا شۇنداق بولدىكى، چەك ئۇنىڭغا چىقتى. ◘ 1:9 مىس. 30‏:7؛ لاۋ. 16‏:17. *

10ئەمدى ئۇ خۇشبۇي سېلىۋاتقان ۋاقتىدا، جامائەت تاشقىرىدا تۇرۇپ دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. ◼ 1:10 +bd «ئەمدى ئۇ خۇشبۇي سېلىۋاتقان ۋاقتىدا، جامائەت تاشقىرىدا تۇرۇپ دۇئا قىلىشىۋاتاتتى»+bd* ــ ««مۇقەددەس جاي»غا كىرىپ خۇشبۇي سېلىش» ۋەزىپىسى ھەر كۈنى ئەتىگەندە سائەت توققۇزدا ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، ئىككى قېتىملا ئادا قىلىناتتى («مىس.» 7:30-8).*

11تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭغا خۇشبۇيگاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۆرۈندى.

12ئۇنى كۆرگەن زەكەرىيا ھودۇقۇپ قورقۇنچقا چۆمۈپ كەتتى.

13بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا:

14ئۇ ساڭا شاد-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر شادلىنىدۇ. ◘ 1:14 لۇقا 1‏:58. *

15چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ. ئۇ ھېچقانداق ھاراق-شاراب ئىچمەسلىكى كېرەك؛ ھەتتا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپمۇ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان بولىدۇ. ◘ 1:15 چۆل. 6‏:1-8؛ ھاك. 13‏:4. *

16ئۇ ئىسرائىللاردىن نۇرغۇنلىرىنى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتۇرىدۇ. ◘ 1:16 مال. 3‏:24؛ مات. 11‏:14. *

17ئۇ رەبنىڭ* ئالدىدا ئىلىياس پەيغەمبەرگە خاس بولغان روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتتە بولۇپ، ئاتىلارنىڭ قەلبلىرىنى بالىلارغا مايىل قىلىپ، ئىتائەتسىزلەرنى ھەققانىيلارنىڭ ئاقىلانىلىكىگە كىرگۈزۈپ، رەب ئۈچۈن تەييارلانغان بىر خەلقنى ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ــ دېدى. ◼ 1:17 +bd «ئىتائەتسىزلەرنى ھەققانىيلارنىڭ ئاقىلانىلىكىگە كىرگۈزۈپ...»+bd* ــ «ئىتائەتسىزلەر» خۇداغا ئىتائەت قىلمايدىغانلار.

18زەكەرىيا بولسا پەرىشتىدىن: مەنمۇ قېرىپ قالغان، ئايالىممۇ خېلى ياشىنىپ قالغان تۇرسا، بۇ ئىشنى قانداق جەزم قىلالايمەن؟ ــ دەپ سورىدى. ◘ 1:18 يار. 17‏:17. *

19پەرىشتە جاۋابەن:

20ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بۇ سۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان كۈنىگىچە مانا سەن تىلىڭ تۇتۇلۇپ، زۇۋانغا كېلەلمەيسەن، ــ دېدى.

21ئەمدى جامائەت زەكەرىيانى كۈتۈپ تۇراتتى؛ ئۇلار ئۇ مۇقەددەس جايدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا ھايال بولدى، دەپ ھەيران قالغىلى تۇردى.

22ئۇ چىققاندا ئۇلارغا گەپ قىلالمىدى؛ ئۇنىڭ ئۇلارغا قول ئىشارەتلىرىنى قىلىشىدىن، شۇنداقلا زۇۋان سۈرەلمىگەنلىكىدىن ئۇلار ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا بىرەر ئالامەت كۆرۈنۈشنى كۆرگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى.

23شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىدىكى* خىزمەت مۇددىتى توشۇشى بىلەنلا، ئۇ ئۆيىگە قايتتى.

24دەرۋەقە، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابىت ھامىلىدار بولدى؛ ئۇ بەش ئايغىچە تالا-تۈزگە چىقماي:

25«ئەمدى پەرۋەردىگار مېنىڭ ھالىمغا نەزىرىنى چۈشۈرۈپ، مېنى خالايىق ئارىسىدا نومۇسقا قېلىشتىن خالاس قىلىپ، ماڭا بۇ كۈنلەردە شۇنچىلىك شاپائەت كۆرسەتتى» ــ دېدى. ◘ 1:25 يار. 30‏:23؛ يەش. 4‏:1. *

26‏-27 ئېلىزابىت ھامىلىدار بولۇپ* ئالتە ئاي بولغاندا، پەرىشتە جەبرائىل خۇدا تەرىپىدىن گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەت دېگەن بىر شەھەرگە، پاك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتىلدى. قىز بولسا داۋۇت پادىشاھنىڭ* جەمەتىدىن بولغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشىگە دېيىشىپ قويۇلغانىدى؛ قىزنىڭ ئىسمى بولسا مەريەم ئىدى. ◘ 1:26‏-27 مات. 1‏:18. *

28جەبرائىل ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئۇنىڭغا:

29ئۇ پەرىشتىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ سۆزىدىن بەك ھودۇقۇپ كەتتى، كۆڭلىدە بۇنداق سالام سۆزى زادى نېمىنى كۆرسىتىدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالدى.

30پەرىشتە ئۇنىڭغا:

31مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويىسەن. ◼ 1:31 +bd «سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويىسەن»+bd* ــ «ئەيسا» گرېك تىلىدا «يېسۇس»، ئىبرانىي تىلىدا «يەشۇئا»، مەنىسى «قۇتقۇزغۇچى ياھ» ياكى «ياھ نىجاتتۇر». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، «ياھ» بولسا «ياھۋەھ» (پەرۋەردىگار)نىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر. «مات.» 21:1نىمۇ ۋە ئۇنىڭ ئىزاھىتىنى كۆرۈڭ.* ◘ 1:31 يەش. 7‏:14. *

32ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ؛ ۋە پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىنى ئاتا قىلىدۇ. ◼ 1:32 +bd «پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىنى ئاتا قىلىدۇ»+bd* ــ تەۋراتتىكى كۆپ بېشارەتلەردە قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ (1) داۋۇتنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولىدۇ؛ (2) ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىس بولۇپ ئاۋۋال ئىسرائىلغا، ئاندىن پۈتكۈل دۇنياغا پادىشاھ بولىدۇ، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلىدۇ (مەسىلەن «زەبۇر» 18-كۈي (بولۇپمۇ 43-ئايەت)، 26:89-37، 11:132، «يەش.» 6:9-7، 5:16، «يەر.» 5:23، «ئام.» 11:9-12 «دان.» 44:2، 13:7-14، 27، «مىك.» 2:5-4 قاتارلىقلار).* ◘ 1:32 2سام. 7‏:12؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 9‏:6؛ 54‏:5. *

33ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى ئۈستىگە مەڭگۈ سەلتەنەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى تۈگىمەستۇر، ــ دېدى. ◼ 1:33 +bd «ياقۇپنىڭ جەمەتى»+bd* ــ پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 1:33 1تار. 22‏:10؛ زەب. 45‏:6؛ 89‏:36؛ يەر. 23‏:5؛ دان. 7‏:14،27؛ مىك. 4‏:7؛ ئىبر. 1‏:8. *

34مەريەم ئەمدى پەرىشتىدىن: ــ مەن تېخى ئەر كىشىگە تەگمىگەن تۇرسام، بۇ ئىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ــ دەپ سورىدى.

35پەرىشتە ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ مۇقەددەس روھ سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ ۋە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت* خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ. ◼ 1:35 +bd «سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ»+bd* ــ ياكى «سەندىن تۇغۇلىدىغان پەرزەنت مۇقەددەس، خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ».*

36ۋە مانا، تۇغقىنىڭ ئېلىزابىتمۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئوغۇلغا ھامىلىدار بولدى؛ تۇغماس دېيىلگۈچىنىڭ قورساق كۆتۈرگىنىگە ھازىر ئالتە ئاي بولۇپ قالدى.

37چۈنكى خۇدا بىلەن ھېچقانداق ئىش مۇمكىن بولماي قالمايدۇ، ــ دېدى. ◘ 1:37 ئايۇپ 42‏:2؛ يەر. 32‏:17؛ زەك. 8‏:6؛ مات. 19‏:26؛ لۇقا 18‏:27. *

38مەريەم: ــ مانا پەرۋەردىگارنىڭ دېدىكىمەن؛ ماڭا سۆزۈڭ بويىچە بولسۇن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى.

39مەريەم شۇ كۈنلەردە ئورنىدىن قوپۇپ ئالدىراپ يەھۇدىيە تاغلىق رايونىدىكى بىر شەھەرگە باردى.

40ئۇ زەكەرىيانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئېلىزابىتقا سالام بەردى.

41ۋە شۇنداق بولدىكى، ئېلىزابىت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندىلا، قورسىقىدىكى بوۋاق ئويناقلاپ كەتتى. ئېلىزابىت بولسا مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەنتەنە قىلىپ مۇنداق دېدى:

43ماڭا شۇنداق شەرەپ* نەدىن كەلدىكىن، رەببىمنىڭ ئانىسى بولغۇچى مېنى يوقلاپ كەلدى!

44چۈنكى مانا، سالىمىڭ قۇلىقىمغا كىرگەندىلا، قورسىقىمدىكى بوۋاق سۆيۈنۈپ ئويناقلاپ كەتتى.

45ئىشەنگەن قىز نەقەدەر بەختلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئېيتىلغان سۆز جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ! ◼ 1:45 +bd «ئىشەنگەن قىز نەقەدەر بەختلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئېيتىلغان سۆز جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ!»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمدى «پەرۋەردىگاردىن ئەۋەتىلگەن سۆز جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» دەپ ئىشەنگۈچى نەقەدەر بەختلىكتۇر!».* ◘ 1:45 لۇقا 11‏:28. *

46مەريەممۇ خۇش بولۇپ مۇنداق دېدى: ــ

47روھىم قۇتقۇزغۇچىم خۇدادىن شادلاندى، ◼ 1:47 +bd «روھىم ... خۇدادىن شادلاندى»+bd* ــ ئەسلىدە گرېك تىلىدا «روھىم ... خۇدادا شادلاندى» ــ (1) خۇدا تۈپەيلىدىن شادلانغانلىقىنى؛ (2) خۇدا بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولۇپ شادلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

48چۈنكى ئۇ دېدىكىنىڭ مىسكىن ھالىغا نەزەر سالدى؛

49چۈنكى قادىر بولغۇچى مەن ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛

50ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۆزىدىن قورقىدىغانلارنىڭ ئۈستىدىدۇر، ◘ 1:50 مىس. 20‏:6. *

51ئۇ بىلىكى بىلەن كۈچ-قۇدرىتىنى نامايان قىلدى،

52ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى تەختىدىن چۈشۈردى،

53ئۇ ئاچلارنى نازى-نېمەتلەر بىلەن تويۇندۇردى،

54‏-55 ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئېيتقىنىدەك،

56مەريەم ئېلىزابىتنىڭ يېنىدا ئۈچ ئايچە تۇرۇپ، ئۆز ئۆيىگە قايتتى.

57ئېلىزابىتنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى.

58ئەمدى ئۇنىڭ قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىنى شۇنچە ئۇلغايتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شادلاندى. ◘ 1:58 لۇقا 1‏:14. *

59ۋە شۇنداق بولدىكى، بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا، خالايىق بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلغىلى كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭغا زەكەرىيا دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى بولۇشتى. ◘ 1:59 يار. 17‏:12؛ لاۋ. 12‏:3. *

60لېكىن ئانىسى جاۋابەن:

61ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىراق ئۇرۇق-جەمەتىڭىز ئىچىدە بۇنداق ئىسىمدىكىلەر يوققۇ! ــ دېيىشتى.

62شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بالىنىڭ ئاتىسىدىن پەرزەنتىڭىزگە نېمە ئىسىم قويۇشنى خالايسىز، دەپ ئىشارەت بىلەن سوراشتى.

63ئۇ بىر پارچە موم* تاختاينى ئەكىلىشنى تەلەپ قىلىپ: «ئۇنىڭ ئىسمى يەھيادۇر» دەپ يازدى. ھەممەيلەن ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. ◼ 1:63 +bd «ئۇنىڭ ئىسمى يەھيادۇر»+bd* ــ گرېك تىلىدا ۋە ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ئىسمى يۇھاننادۇر».*

64شۇئان ئۇنىڭ ئاغزى ئېچىلدى، ئۇنىڭ تىلى يېشىلىپ، زۇۋانغا كەلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتتى.

65ئۇلارنىڭ ئۆپچۈرىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قورقۇنچ باستى؛ يەھۇدىيە تاغلىق رايونلىرىدا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەل ئاغزىدا پۇر كەتتى.

66بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ: «بۇ بالا زادى قانداق ئادەم بولار؟» دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولى دەرۋەقە ئۇنىڭغا يار ئىدى.

67شۇ چاغدا بالىنىڭ ئاتىسى زەكەرىيا مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، ۋەھىي-بېشارەتنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: ــ

68«ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن!

69‏-71 ئۇ قەدىمدىن بېرى مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنىدەك،

72‏-75 ئۇ شۇ يول بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئىلتىپات ئەيلەپ،

76ئەمدى سەن، ئى بالام،

77ۋەزىپەڭ ئۇنىڭ خەلقىگە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئارقىلىق بولىدىغان نىجاتنىڭ خەۋىرىنى بىلدۈرۈشتۈر؛ ◘ 1:77 لۇقا 3‏:3. *

78‏-79 چۈنكى خۇدايىمىزنىڭ ئىچى-باغرىدىن ئۇرغۇپ چىققان شەپقەتلەر ۋەجىدىن،

© 2010 Institute for Bible Translation
>