1بۇ ئىشلاردىن كېيىن، رەب مۇخلىسلاردىن يەنە يەتمىشىنى تەيىنلەپ، ئۆزى بارماقچى بولغان بارلىق شەھەر-يېزىلارغا ئىككى-ئىككىدىن ئۆزىدىن بۇرۇن ئەۋەتتى. ◼ 10:1 +bd «ئۆزى بارماقچى بولغان بارلىق شەھەر-يېزىلارغا ئىككى-ئىككىدىن ئۆزىدىن بۇرۇن ئەۋەتتى»+bd* ــ «ئۆزىدىن بۇرۇن» گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ يۈزىدىن بۇرۇن».
2ئۇ ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى:
3مېڭىڭلار! مەن قوزىلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك سىلەرنى ئەۋەتىمەن. ◘ 10:3 مات. 10:16. *
4ھەميان، خۇرجۇن ۋە كەشلەر ئالماڭلار؛ يولدا كىشىلەر بىلەن سالاملىشىشقا توختىماڭلار*. ◼ 10:4 +bd «خۇرجۇن»+bd* ــ ياكى «تىلەمچىنىڭ خالتىسى». +bd «يولدا كىشىلەر بىلەن سالاملىشىشقا توختىماڭلار»+bd* ــ ئاشۇ دەۋردىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا سالاملىشىشقا ئادەتتە ئۇزۇن ۋاقىت كېتەتتى.* ◘ 10:4 2پاد. 4:29؛ مات. 10:9؛ مار. 6:8؛ لۇقا 9:3؛ 22:35. *
5قايسى ئۆيگە كىرسەڭلار، ئالدى بىلەن: «مۇشۇ ئۆيدىكىلەرگە ئاراملىق بولغاي!» دەڭلار. ◘ 10:5 مات. 10:12؛ مار. 6:10. *
6ئۇ ئۆيدە «ئاراملىق ئىگىسى» بولسا، تىلىگەن ئاراملىقىڭلار شۇ ئۆيگە قونىدۇ؛ ئەگەر بولمىسا، ئۇ ئاراملىق ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ. ◼ 10:6 +bd «ئۇ ئۆيدە «ئاراملىق ئىگىسى» بولسا...»+bd* ــ «ئاراملىق ئىگىسى» گرېك تىلىدا «ئاراملىقنىڭ ئوغلى» دېيىلىدۇ. ئۇنداق ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، ئامانلىقپەرۋەر بولۇپ، خۇدادىن كېلىدىغان ئامانلىقنى سۆيىدۇ، شۇنداقلا خۇش خەۋەرنى قارشى ئالىدۇ.*
7ئاندىن چۈشكەن ئۆيدە تۇرۇپ يۆتكەلمەڭلەر، شۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ بەرگىنىنى يەپ-ئىچىڭلار، چۈنكى ئىشلەمچى ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر. ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار. ◼ 10:7 +bd «ئاندىن چۈشكەن ئۆيدە تۇرۇپ يۆتكەلمەڭلەر»+bd* ــ دېمەك، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار. +bd «ئىشلەمچى ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر»+bd* ــ دېمەك، خۇش خەۋەرگە ئېرىشىپ، روھىي پايدا كۆرگەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ خۇش خەۋەرچىلەرگە جىسمانىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى تېگىشلىك ئىشتۇر. +bd «ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار»+bd* ــ بۇ ئەمردە چوڭ دانالىق بار. ئىككى سەۋەبتىن ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن: ــ (1) كونا زامانلاردا كۆپ دىنىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ئۆيمۇ-ئۆي يوقلاپ پۇل تىلەيتتى؛ لېكىن ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى ھېچ تىلەمچىلىك قىلماسلىقى كېرەك؛ (2) ئۇلار ئۆيمۇ-ئۆي كۆچۈپ يۈرسە، خەلقتە بىر-بىرىگە قاراپ ھەرتۈرلۈك ھەسەت-گۇمان پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن ــ «نېمىشقا ئۇلار +bd بىزنىڭ+bd* ئۆيدە قونمايدۇ؟» ياكى «نېمىشقا ئۇلار بىزنىڭ ئۆيدىن كۆچۈپ كېتىدۇ؟» دېگەندەك.* ◘ 10:7 لاۋ. 19:13؛ قان. 24:14؛ 25:4؛ مات. 10:10؛ 1كور. 9:4،14؛ 10:27؛ 1تىم. 5:18. *
8سىلەر قايسى شەھەرگە كىرسەڭلار، ئۇلار سىلەرنى قوبۇل قىلسا، ئۇلار ئالدىڭلارغا نېمە قويسا شۇنى يەڭلار.
9ئۇ يەردىكى كېسەللەرنى ساقايتىپ، ئۇلارغا: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە يېقىنلاشتى!» دەڭلار. ◼ 10:9 +bd «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە يېقىنلاشتى!»+bd* ــ مۇشۇ سۆز گرېك تىلىدا يەنە «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈڭلارغا چۈشتى!» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 11-ئايەتنى ۋە 20:11نىمۇ كۆرۈڭ.*
10بىراق سىلەر قايسى شەھەرگە كىرسەڭلار، ئۇلار سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارنىڭ رەستە-كوچىلىرىغا چىقىپ كۆپچىلىككە: ◘ 10:10 مات. 10:14؛ مار. 6:11؛ لۇقا 9:5. *
11«سىلەرگە ئاگاھ بولسۇن ئۈچۈن ھەتتا شەھىرىڭلارنىڭ ئايىغىمىزغا چاپلاشقان توپىسىنىمۇ قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىمىز! ھالبۇكى، شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە راستتىنلا* يېقىنلاشتى!» ــ دەڭلار. ◼ 10:11 +bd «سىلەرگە ئاگاھ بولسۇن ئۈچۈن ھەتتا شەھىرىڭلارنىڭ ئايىغىمىزغا چاپلاشقان توپىسىنىمۇ قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىمىز!»+bd* ــ «ئاياغدىكى توپىنى قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىش» ــ مۇشۇ ئىشارەت «بىزنىڭ سىلەر بىلەن مۇناسىۋېتىمىز يوق»، دېگەننى بىلدۈرۈپ، خۇدانىڭ سۆزىنى رەت قىلغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى. +bd «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە راستتىنلا يېقىنلاشتى!»+bd* ــ 9-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا ئېيتىلغاندەك، بۇ سۆزلەر گرېك تىلىدا يەنە «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈڭلارغا چۈشتى!» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن، ۋە بەلكىم مۇشۇ يەردە دەل شۇ مەنىدىدۇر.* ◘ 10:11 روس. 13:51؛ 18:6. *
12مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، شۇ كۈنى ھەتتا سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى بۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ. ◼ 10:12 +bd «شۇ كۈنى ھەتتا سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى بۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ»+bd* ــ باشقا ئالاھىدە ۋاقىت كۆرسىتىلمىسە، «شۇ كۈنى» مۇقەددەس كىتابتا ھەردائىم قىيامەت كۈنىنى، يەنى مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «سودوم شەھىرى»+bd* ــ ئىبراھىم پەيغەمبەر زامانىدىكى شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەرلەرنىڭ ئادەملىرى ئوخشاش جىنسلىقلار زىناخورلۇقىغا (بەچچىۋازلىققا) قاتتىق بېرىلىپ گۇناھقا پاتقانلىقتىن، خۇدا بۇ شەھەرلەرنى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ ئوت چۈشۈرۈپ يوقاتقان.*
13ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيت-سائىدالىقلار! چۈنكى سىلەردە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆزگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى. ◼ 10:13 +bd «تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرى»+bd* ــ تۇر ۋە زىدون ئەسلى بۇتپەرەس يات ئەللەرنىڭ شەھەرلىرى ئىدى. مەسىلەن، «ئەز.» 26-29-بابنى كۆرۈڭ. +bd «ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆزگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى»+bd* ــ «بۆزگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىش» كونا زامانلاردا قاتتىق پۇشايمان قىلىش، گۇناھلارغا توۋا قىلىشنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى.*
14قىيامەت كۈنىدە تۇر ۋە زىدوندىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ.
15ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار! سىلەر تەھتىساراغا چۈشۈرۈلىسىلەر! ◼ 10:15 +bd «ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار!»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەي سىلەر كەپەرناھۇملۇقلار! ئاسمانغا چىقماقچىمىدىڭلار؟». لېكىن بىزنىڭچە «ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن» دېگىنى توغرا بولۇپ، بۇ سۆز ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقتىن ئۇلارغا كۆرسىتىلگەن زور ئىمتىياز-ئىلتىپاتنى كۆرسىتىدۇ.*
16ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە*:
17يەتمىش مۇخلىس خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە قايتىپ كېلىپ:
18ئۇ ئۇلارغا:
19مانا، مەن سىلەرگە يىلان-چايانلارنى دەسسەپ يانجىشقا ۋە دۈشمەننىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ تاشلاشقا ھوقۇق بەردىم. ھېچقاچان ھېچقانداق نەرسە سىلەرگە زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ. ◼ 10:19 +bd «مەن سىلەرگە يىلان-چايانلارنى دەسسەپ يانجىشقا ۋە دۈشمەننىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ تاشلاشقا ھوقۇق بەردىم»+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە «يىلان-چايانلار» بەلكىم شەيتاننىڭ كۈچلىرى، يەنى جىن-ئالۋاستىلارنى كۆرسىتىدۇ؛ «دۈشمەن» بولسا شەيتاننىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 10:19 مار. 16:18؛ روس. 28:5. *
20لېكىن سىلەر روھلارنىڭ سىلەرگە بويسۇنغانلىقى تۈپەيلىدىن شادلانماڭلار، بەلكى نامىڭلارنىڭ ئەرشلەردە پۈتۈلگەنلىكى تۈپەيلىدىن شادلىنىڭلار، ــ دېدى. ◘ 10:20 مىس. 32:32؛ يەش. 4:3؛ دان. 12:1؛ فىل. 4:3. *
21شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا روھتا خۇشاللىنىپ مۇنداق دېدى:
22ھەممە ماڭا ئاتامدىن تەقدىم قىلىندى؛ ئوغۇلنىڭ كىملىكىنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، ۋە ئاتىنىڭمۇ كىملىكىنى ئوغۇل ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ». ◘ 10:22 زەب. 8:5-6؛ يـۇھ. 1:18؛ 3:35؛ 6:44، 45؛ 17:2؛ 1كور. 15:27؛ فىل. 2:10؛ ئىبر. 2:8. *
23ئاندىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا بۇرۇلۇپ، ئۇلارغا ئاستىغىنا:
24چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار سىلەر كۆرگەن ئىشلارنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغىنى بىلەن ئۇلارنى كۆرمىگەن؛ ۋە سىلەر ئاڭلاۋاتقان ئىشلارنى ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولغىنى بىلەن، ئۇلارنى ئاڭلاپ باقمىغان، ــ دېدى. ◘ 10:24 1پېت. 1:10. *
25ۋە مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئەيسانى سىنىماقچى بولۇپ:
26ئۇ جاۋابەن: ــ تەۋرات قانۇنىدا نېمە پۈتۈلگەن؟ بۇنىڭغا ئۆزۈڭ قانداق قارايسەن؟ ــ دېدى. ◼ 10:26 +bd «بۇنىڭغا ئۆزۈڭ قانداق قارايسەن؟»+bd* ــ گرېك تىلىدا «بۇنى قانداق ئوقۇيسەن؟».*
27ھېلىقى كىشى جاۋابەن:
28ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ توغرا جاۋاب بەردىڭ. مانا شۇنداق قىلساڭ ھايات بولىسەن، ــ دېدى. ◼ 10:28 +bd «توغرا جاۋاب بەردىڭ. مانا شۇنداق قىلساڭ ھايات بولىسەن»+bd* ــ «خۇدانى سۆيۈش» ئۈچۈن ئۇنى تونۇش كېرەك؛ ئۇنى تونۇش ئۈچۈن ئوغلى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇش كېرەك (22-ئايەتنى كۆرۈڭ).*
29لېكىن ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ئىسپاتلىماقچى بولۇپ، ئەيسادىن يەنە سوراپ:
30ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
31ۋە شۇنداق بولدىكى، مەلۇم بىر كاھىن شۇ يولدىن چۈشۈۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ◼ 10:31 +bd «مەلۇم بىر كاھىن شۇ يولدىن چۈشۈۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ»+bd* ــ مۇشۇ كاھىن يەھۇدىي بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە. ئەگەر ھېلىقى ئادەم ئۆلگەن بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنىڭغا تەگسە، «ناپاك ھېسابلىنىپ» مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ئىشلەشكە ۋاقىتلىق نالايىق بولاتتى. بىراق ئۇ «(يۇقىرىدىن) چۈشۈۋاتىدۇ» ــ دېمەك، ئىبادەتخانىدىن باشقا يەرگە كېتىۋاتقانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ: «مۇشۇ ئۆلگەندەك ئادەمگە تەگسەم بولمايدۇ» دېگەن باھانىنى قىلىشى تېخىمۇ ئورۇنسىز ئىدى. چۈنكى ئۇ «ناپاك» بولۇپ قالسا، ئىبادەتخانىغا كىرىش كېرەك بولغان ۋاقىتقىچە ئاللىقاچان «پاقلىنىپ بولاتتى».*
32شۇنىڭدەك بىر لاۋىيلىق روھانىي* بۇ يەرگە كەلگەندە، يېنىغا كېلىپ قاراپ قويۇپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ◼ 10:32 +bd «بىر لاۋىيلىق روھانىي»+bd* ــ لاۋىيلار مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا كاھىنلارغا ياردەمچى بولاتتى ۋە باشقا روھىي ئىشلار، جۈملىدىن تەلىم بېرىش بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئەگەر ھېلىقى كىشى ئۆلگەن بولسا، ئۇمۇ «ئۆلگەن ئادەم»گە تەگسەم «ناپاك بولىمەن»، دېگەننى باھانە قىلالايتتى.*
33لېكىن سەپەردە بولغان بىر سامارىيەلىك ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇنى كۆرۈپلا ئىچ ئاغرىتىپتۇ ◼ 10:33 +bd «بىر سامارىيەلىك...»+bd* ــ «سامارىيەلىكلەر» يەھۇدىيلار ئۆچ كۆرگەن، «كاپىر» دەپ ھېسابلىغان خەلق ئىدى.*
34ۋە ئالدىغا بېرىپ، جاراھەتلىرىگە ماي ۋە شاراب قۇيۇپ، تېڭىپ قويۇپتۇ. ئاندىن ئۇنى ئۆز ئۇلىغىقا مىندۈرۈپ، بىر سارايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ.
35ئەتىسى يولغا چىققاندا، ئىككى كۈمۈش دىنارنى ئېلىپ سارايۋەنگە بېرىپ: «ئۇنىڭغا قاراپ قويۇڭ، بۇنىڭدىن ئارتۇق چىقىم بولسا، قايتىشىمدا سىزگە تۆلەيمەن» دەپتۇ. ◼ 10:35 +bd «دىنار»+bd* ــ گرېك تىلىدا «دېنارىئۇس» ــ ئىككى دىنار بىر ئىشچىنىڭ ئىككى كۈنلۈك ھەققىگە يېقىن.*
36ئەمدى ئەيسا ھېلىقى ئۇستازدىن*:
37ــ ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن كىشى، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
38ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە* يولدا كېتىۋېتىپ، مەلۇم بىر يېزىغا كىردى. ئۇ يەردە مارتا ئىسىملىك بىر ئايال ئۇنى ئۆيىگە چاقىرىپ مېھمان قىلدى. ◼ 10:38 +bd «ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە يولدا كېتىۋېتىپ...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ...».*
39مارتانىڭ مەريەم ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. ئۇ ئەيسانىڭ ئايىغى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى تىڭشىۋاتاتتى.
40ئەمدى مېھمانلارنى كۈتۈش ئىشلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەن مارتا ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:
41لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: