1ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئۇ بىر يەردە دۇئا قىلىۋاتاتتى؛ دۇئا ئاياغلاشقاندا، مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئۇنىڭدىن:
2ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
3ھەر كۈنلۈك نېنىمىزنى بىزگە ھەركۈنى بەرگەيسەن.
4بىزگە قەرزدار بولغان ھەركىمنى كەچۈرگىنىمىزدەك،
5ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ* ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
6چۈنكى ماڭا سەپەردىن بىر دوستۇم كەلدى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا قويغۇدەك بىر نەرسەم قالماپتۇ، دېسە،
7ئۇ ئۆيىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ: «مېنى ئاۋارە قىلمىغىن، ئىشىك تاقاقلىق، بالىلار ئورۇندا يېنىمدا ياتىدۇ. ساڭا ئېلىپ بېرىشكە قوپالمايمەن»، دېيىشى مۇمكىن. ◼ 11:7 +bd «بالىلار ئورۇندا يېنىمدا ياتىدۇ»+bd* ــ ياكى «بالىلىرىم ھەممىمىز يېتىپ قالدۇق».*
8سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، گەرچە ئۇ ئۇنىڭ دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېرىشكە ئورنىدىن تۇرمىسىمۇ، ئۇنىڭ خىجىل بولماي قايتا-قايتا يالۋۇرۇشى بىلەن ئۇ چوقۇم ئورنىدىن تۇرۇپ، قانچە لازىم بولسا ئۇنىڭغا بېرىدۇ. ◼ 11:8 +bd «ئۇنىڭ خىجىل بولماي قايتا-قايتا يالۋۇرۇشى بىلەن...»+bd* ــ «خىجىل بولماي قايتا-قايتا يالۋۇرۇشى» گرېك تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.*
9شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە ئېيتايكى، تىلەڭلار، سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ؛ ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى چېكىڭلار، ئېچىلىدۇ. ◘ 11:9 مات. 7:7؛ 21:22؛ مار. 11:24؛ يـۇھ. 14:13؛ 15:7؛ 16:24؛ ياق. 1:5، 6؛ 1يۇھ. 3:22؛ 5:14. *
10چۈنكى ھەربىر تىلىگۈچى تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ؛ ئىزدىگۈچى ئىزدىگىنىنى تاپىدۇ؛ ئىشىكنى چەككۈچىلەرگە ئىشىك ئېچىلىدۇ.
11ئاراڭلاردا ئاتا بولغۇچىلار ئۆز ئوغلى نان تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا تاش بېرىدىغانلار بارمۇ؟! ياكى بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرىدىغانلار بارمۇ؟ ◘ 11:11 مات. 7:9. *
12تۇخۇم تەلەپ قىلسا، چايان بېرىدىغانلار بارمۇ؟
13ئەمدى سىلەر رەزىل تۇرۇپ ئۆز پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى ئىلتىپاتلارنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتا ئۆزىدىن تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھنى تېخىمۇ ئاتا قىلماسمۇ؟
14ئەمدى ئۇ بىر كىشىدىن «ئادەمنى گاچا قىلغۇچى» جىننى ھەيدىۋەتكەندە، شۇنداق بولدىكى، جىن ئۇنىڭدىن چىققاندا، گاچا زۇۋانغا كەلدى. خالايىق بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى. ◼ 11:14 +bd «جىن ئۇنىڭدىن چىققاندا، گاچا زۇۋانغا كەلدى. خالايىق بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى»+bd* ــ ئۇلارنىڭ ھەيران بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبى، يەھۇدىي ئۆلىمىلارنىڭ پىكرىچە، جىننى ھەيدەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى جىندىن سوراش كېرەك. جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئىسمىنى ئېيتسا، ئاندىن شۇ ئىسمىنى ئىشلىتىپ جىننى ھەيدىگىلى بولاتتى. ئەمدى جىن ئادەمنى گاچا قىلىپ قويغان بولسا، جىننىڭ ئىسمىنى بىلىش، شۇنداقلا ئۇنى ھەيدەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.* ◘ 11:14 مات. 9:32؛ 12:22. *
15بىراق ئۇلاردىن بەزىلىرى: «ئۇ جىنلارنى جىنلارنىڭ ئەمىرى بولغان بەئەلزەبۇلغا تايىنىپ ھەيدىۋېتىدۇ» ــ دېدى. ◼ 11:15 +bd «ئۇ جىنلارنى جىنلارنىڭ ئەمىرى بولغان بەئەلزەبۇلغا تايىنىپ ھەيدىۋېتىدۇ»+bd* ــ «بەئەلزىبۇل» (ياكى، «بەئەلزىبۇب») جىنلارنىڭ پادىشاھى شەيتاننى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 11:15 مات. 9:34؛ 12:24؛ مار. 3:22. *
16ۋە باشقا بەزىلەر ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلغىلى تۇردى. ◼ 11:16 +bd «بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ...»+bd* ــ ئۇلار تەلەپ قىلغان «مۆجىزىلىك ئالامەت» ئەيسانىڭ ھەقىقىي مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر كارامەتنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.*
17لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
18شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر شەيتان ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىققان بولسا، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ چۈنكى سىلەر مېنى، «جىنلارنى بەئەلزەبۇلغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن» دەيسىلەر.
19ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلىسام، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار كىمگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلايدۇ؟! شۇڭا ئۇلار سىلەر توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارسۇن! ◼ 11:19 +bd «ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلىسام، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار كىمگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلايدۇ؟! شۇڭا ئۇلار سىلەر توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارسۇن!»+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ ئىككى شەرھى بار: ــ
20لېكىن مەن خۇدانىڭ بارمىقى بىلەن جىنلارنى قوغلىسام، ئۇنداقتا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈڭلارغا چۈشۈپ نامايان بولغان بولىدۇ. ◼ 11:20 +bd «مەن خۇدانىڭ بارمىقى بىلەن جىنلارنى قوغلىسام...»+bd* ــ «خۇدانىڭ بارمىقى» ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە؛ لېكىن جىنلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن خۇدا پۈتكۈل بېلىكىنى ئەمەس، پەقەت «بارمىقى»نى ئازراق مىدىرلىتىپ قويسىلا كۇپايە.*
21تولۇق قوراللانغان كۈچتۈڭگۈر ئۆز ئۆيىنى قوغداپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ئامان قالىدۇ؛
22لېكىن ئۇنىڭدىن كۈچتۈڭگۈر بىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى يەڭسە، ئۇنىڭ تايانغان قوراللىرىنى تارتىۋالىدۇ ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا قىلىپ ئۆزىدىكىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ◼ 11:22 +bd «تولۇق قوراللانغان كۈچتۈڭگۈر ئۆز ئۆيىنى قوغداپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ئامان قالىدۇ... »+bd* ــ (10-ئايەت) بۇ تەمسىلدىكى «كۈچتۈڭگۈر ئادەم» شەيتاننى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. «ئۇنىڭدىن كۈچتۈڭگۈر بىرى»، يەنى ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم بولمايدۇ.*
23مەن تەرەپتە تۇرمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىدۇر. مەن تەرەپكە ئادەملەرنى* يىغمىغۇچىلار بولسا توزۇتۇۋەتكۈچىدۇر.
24ناپاك روھ بىراۋنىڭ تېنىدىن چىقىرىۋېتىلىشى بىلەن، ئۇ قۇرغاق جايلارنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ بىرەر ئارامگاھنى ئىزدەيدۇ؛ بىراق تاپالمىغاندىن كېيىن، «مەن چىققان ماكانىمغا قايتاي!» دەيدۇ. ◼ 11:24 +bd «ناپاك روھ»+bd* ــ جىننى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 11:24 مات. 12:43؛ ھوش. 12:4*
25شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كېلىپ، شۇ ماكانىنىڭ پاكىز تازىلانغانلىقىنى ۋە رەتلەنگەنلىكىنى بايقايدۇ-دە،
26بېرىپ ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە روھنى باشلاپ كېلىدۇ؛ ئۇلار كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ يامان بولىدۇ. ◼ 11:26 +bd «ناپاك روھ....بېرىپ ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە روھنى باشلاپ كېلىدۇ؛ ئۇلار كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ يامان بولىدۇ»+bd* ــ بۇ تەمسىل ھەم جىن چاپلىشىشتىن قۇتقۇزۇلغان ئادەمنىڭ ھەقىقىي بىر خەتىرىنى ۋە شۇنداقلا كۆچمە مەنىدە يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. «ماتتا»دىكى («مات.» 43:12-45 توغرىسىدا) «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 11:26 يـۇھ. 5:14؛ ئىبر. 6:4، 5؛ 10:26؛ 2پېت. 2:20. *
27ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، كۆپچىلىك ئارىسىدا بىر ئايال ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ:
28بىراق ئۇ جاۋابەن: ــ بەلكى خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغانلار بەختلىكتۇر! ــ دېدى. ◘ 11:28 مات. 7:21؛ يـۇھ. 6:29؛ رىم. 2:13. *
29شۇ چاغدا، توپ-تاپ ئادەملەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقاندا، ئۇ مۇنداق سۆزلەشكە باشلىدى:
30چۈنكى يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى نىنەۋە شەھىرىدىكىلەرگە ئالامەت-كارامەت بولغىنىغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىمۇ بۇ دەۋرگە يەنە شۇنداق بولىدۇ.
31قىيامەت كۈنى «جەنۇبتىن كەلگەن ئايال پادىشاھ»مۇ بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ تىرىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى ئۇ سۇلايماننىڭ دانا سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ چېتىدىن كەلگەن؛ ۋە مانا، سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ.
32قىيامەت كۈنى نىنەۋەلىكىلەر بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ قوپۇپ، بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى نىنەۋەلىكلەر يۇنۇس پەيغەمبەر جاكارلىغان خەۋەرنى ئاڭلاپ توۋا قىلغان؛ ۋە مانا، يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ! ◼ 11:32 +bd «قىيامەت كۈنى نىنەۋەلىكىلەر بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ قوپۇپ، بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى نىنەۋەلىكلەر يۇنۇس پەيغەمبەر جاكارلىغان خەۋەرنى ئاڭلاپ توۋا قىلغان؛ ۋە مانا، يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ!»+bd* ــ بۇ ئايەتلەر (29، 30 ۋە 32-)دە ئەيسا يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ يوغان بىر بېلىقنىڭ ئىچىدە ئۈچ كۈن تۇرۇپ تىرىك چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ ئۆلۈپ، ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان. تەۋرات، «يۇنۇس» 1-2-بابلارنى ۋە شۇ كىتابتىكى «يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ ئالامەت-كارامىتى» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. «بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ» ــ دېمەك، «بۇتپەرەس نىنەۋەلىكلەر يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، يامان يولدىن قايتقان. بىراق، بۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى بولغان مەسىھ سىلەرنى يامان يولدىن قايتىشقا چاقىرسا، قۇلاق سالمىدىڭلار».* ◘ 11:32 يۇن. 3:5. *
33ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ، ئۇنى يوشۇرۇن جايدا قويماس، ياكى ئۈستىگە سېۋەتنى كۆمتۈرۈپ قويماس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كىرگەنلەر يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ. ◼ 11:33 +bd «...ئۈستىگە سېۋەتنى كۆمتۈرۈپ قويماس»+bd* ــ «سېۋەت» گرېك تىلىدا «ئۆلچەم سېۋەت».* ◘ 11:33 مات. 5:15؛ مار. 4:24؛ لۇقا 8:16. *
34تەننىڭ چىرىغى كۆزدۇر. شۇڭا ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ يورۇتۇلىدۇ. لېكىن ئەگەر كۆزۈڭ خۇنۈك بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ قاراڭغۇ بولىدۇ. ◼ 11:34 +bd «ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ساپ» دېگەن سۆزنىڭ ئىككى مەنىسى بار: ــ (1) «بىر، بۆلۈنمەس، بىرلەشكەن، ساق»؛ (2) «سېخىي» دېگەن مەنىسى بار. دېمەك، شۇنداق بولغاندا «ساپ» دېگەن سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى «كۆزۈڭ خۇداغىلا قارىسا...» ۋە «سەن ئۆزۈڭ سېخىي بولساڭ....» دېگەن بولىدۇ. +bd «ئەگەر كۆزۈڭ خۇنۈك بولسا،...»+bd* ــ «خۇنۈك» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا ھەم «رەزىل» ھەم «ساق ئەمەس، ئاجىز، كېسەل» دېگەن ئىككى مەنىنى بىلدۈرىدۇ. +bd «تەننىڭ چىرىغى كۆزدۇر. شۇڭا ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ يورۇتۇلىدۇ. لېكىن ئەگەر كۆزۈڭ خۇنۈك بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ قاراڭغۇ بولىدۇ»+bd* ــ تەۋرات، «پەند.» 27:20نى كۆرۈڭ.* ◘ 11:34 مات. 6:22. *
35شۇنىڭ ئۈچۈن ھېزى بولغىنكى، ۋۇجۇدۇڭدىكى «يورۇقلۇق» قاراڭغۇلۇق بولمىسۇن! ◼ 11:35 +bd «شۇنىڭ ئۈچۈن ھېزى بولغىنكى، ۋۇجۇدۇڭدىكى «يورۇقلۇق» قاراڭغۇلۇق بولمىسۇن!»+bd* ــ مۇشۇ سىرلىق گەپ ساختىپەزلىكنى كۆزدە تۇتىدۇ. چۈنكى بىرسى ساختىپەزلىكنى قىلىپ: «مەندە يورۇقلۇق (ھەقىقەت) بار» دەپ تۇرۇۋالسا، ئاخىر بېرىپ چوقۇم ئۆز-ئۆزىنى ئالدايدۇ؛ ئاندىن كېيىن ئۇنىڭدا بولغان قاراڭغۇلۇق ئادەتتىكى «گۇناھكار» كىشىلەردە بولغان قاراڭغۇلۇقتىن تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا بۇ كىشىلەردە بولغان «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇقتۇر. مۇنداق ساختىپەزلىك ئادەتتە پەقەت مەلۇم ئېتىقادى بار كىشىلەر ياكى دىندارلار ئارىسىدا پەيدا بولىدۇ.*
36ئەمدى ئەگەر بارچە ۋۇجۇدۇڭ يورۇق بولسا ۋە ئۇنىڭ ھېچ يېرى قاراڭغۇ بولمىسا، ۋۇجۇدۇڭ خۇددى چىراغ پارلاق نۇرى بىلەن سېنى يورۇتقاندەك تامامەن ئايدىڭ بولىدۇ.
37ئەيسا سۆز قىلىۋاتقاندا، بىر پەرىسىي ئۇنى ئۆيىگە غىزاغا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيگە كىرىپ، داستىخاندا ئولتۇردى. ◼ 11:37 +bd «...داستىخاندا ئولتۇردى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «...داستىخاندا ياتتى». يەھۇدىي خەلقى داستىخاندا يانپاشلاپ ياتاتتى.*
38لېكىن ھېلىقى پەرىسىي ئۇنىڭ تاماقتىن ئىلگىرى قول يۇمىغىنىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى. ◼ 11:38 +bd «ھېلىقى پەرىسىي ئۇنىڭ تاماقتىن ئىلگىرى قول يۇمىغىنىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى»+bd* ــ يەھۇدىي خەلقى «تاماقتىن ئىلگىرى قول يۇيۇش» پەقەت سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانلارغا بىر خىل دىنىي ساۋاب يەتكۈزىدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇنداق قىلماسلىق ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قالدۇرغان قائىدە-يوسۇنلىرىغا سەل قاراپ ئۇلارغا قىلىنغان بىھۆرمەتلىككە باراۋەر ئىدى. شۈبھىسىزكى، مەسىھ شۇ چاغدا قەستەن قول يۇماي داستىخاندا ئولتۇرغانىدى.*
39لېكىن رەب ئۇنىڭغا:
40ئەي نادانلار، تېشىنى ياراتقۇچى ئىچىنىمۇ ياراتقان ئەمەسمۇ؟!
41ئەمدى ئۆز ئىچ-ئىچىڭلاردىن خەيرخاھلىق قىلىڭلار ۋە مانا، ھەممە نەرسە سىلەرگە پاكىز بولىدۇ. ◼ 11:41 +bd «ئۆز ئىچ-ئىچىڭلاردىن خەيرخاھلىق قىلىڭلار ۋە مانا، ھەممە نەرسە سىلەرگە پاكىز بولىدۇ»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پىيالە ئىچىدىكىدىن سەدىقە بېرىڭلار، ۋە مانا، ھەممە نەرسە سىلەرگە پاكىز بولىدۇ». لېكىن بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە مەسىھ ئىنساننىڭ +bd ئۆز ئىچىنى+bd* خۇداغا بېغىشلاش كېرەكلىكىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 11:41 يەش. 58:7؛ دان. 4:24؛ لۇقا 12:33. *
42ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! چۈنكى سىلەر ھەتتا يالپۇز بىلەن سۇزاپنىڭ ۋە ھەرخىل دورا-دەرمانلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرە قىلىپ خۇداغا ئاتايسىلەر-يۇ، بىراق ئادالەت ۋە خۇدانىڭ مۇھەببىتىنى ھېچ ئېتىبارغا ئالماي كېتىۋېرىسىلەر. دەرۋەقە، ئاۋۋال مۇشۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك، ئاندىن شۇ ئىشلارنىمۇ ئادا قىلماي قويماسلىقىڭلار كېرەك. ◼ 11:42 +bd «سىلەر +bdit پەرىسىيلەر+bdit* ھەتتا يالپۇز بىلەن سۇزاپنىڭ ۋە ھەرخىل دورا-دەرمانلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرە قىلىپ خۇداغا ئاتايسىلەر-يۇ»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا تەۋرات قانۇنىدا ئىبادەتخانىدىكى ئىشلار ۋە كاھىنلارنىڭ كىرىمى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن «ئوندىن بىر ئۈلۈشى»نى تەلەپ قىلغانىدى. +bd «بىراق ئادالەت ۋە خۇدانىڭ مۇھەببىتىنى ھېچ ئېتىبارغا ئالماي كېتىۋېرىسىلەر»+bd* ــ ئەيسانىڭ «خۇدانىڭ مۇھەببىتى» دېگىنى ھەم خۇدا ئىنسانلارغا باغلىغان مۇھەببەت ھەم ئىنسانلار خۇداغا باغلاش كېرەك بولغان مۇھەببەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك.* ◘ 11:42 1سام. 15:22؛ ھوش. 6:6؛ مىك. 6:8؛ مات. 9:13؛ 12:7؛ 23:23. *
43ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! چۈنكى سىلەر سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا ئولتۇرۇشقا، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ سىلەرگە بولغان ھۆرمەتلىك* سالاملىرىغا ئامراقسىلەر. ◼ 11:43 +bd «سىلەر +bdit پەرىسىيلەر+bdit*... بازارلاردا كىشىلەرنىڭ سىلەرگە بولغان +bdit ھۆرمەتلىك+bdit* سالاملىرىغا ئامراقسىلەر»+bd* ــ تارىخ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسەن، يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز «ئۇستازلىرى»غا قىلغان «سالاملار»نى ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ دەپ بىلىمىز.* ◘ 11:43 مات. 23:6؛ مار. 12:38؛ لۇقا 20:46. *
44سىلەرگە ۋاي! چۈنكى سىلەر خۇددى كىشىلەر كېتىۋېتىپ، ئۈستىگە دەسسەپ سېلىپمۇ سەزمەي ئۆتۈپ كەتكەن گۆرلەرگە ئوخشايسىلەر! ــ دېدى. ◼ 11:44 +bd «...سىلەر خۇددى كىشىلەر كېتىۋېتىپ، ئۈستىگە دەسسەپ سېلىپمۇ سەزمەي ئۆتۈپ كەتكەن گۆرلەرگە ئوخشايسىلەر!»+bd* ــ يەھۇدىي موللىلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا شەرھ بېرىشىچە «قەبرىلەرگە تېگىش» ئادەمنى كەچ كىرگۈچە «ناپاك» قىلاتتى، يۇيۇنۇش كېرەك ئىدى.* ◘ 11:44 مات. 23:27. *
45تەۋرات ئەھلىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا:
46ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
47سىلەرگە ۋاي! چۈنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياساپ كېلىۋاتىسىلەر، لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئۇلارنى ئۆلتۈردى. ◘ 11:47 مات. 23:29. *
48شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار قىلغانلىرىغا رازى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى ياسايسىلەر. ◼ 11:48 +bd «ئۇلار +bdit ، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار+bdit* پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى ياسايسىلەر»+bd* ــ يەھۇدىي خەلقى دائىم «ئۇلۇغ ئاتا-بوۋىلىرىمىز» «ئاتا-بوۋىلىرىمىز قالدۇرغان مۇقەددەس قائىدە-يوسۇنلار» دەيتتى. ئۇلار مۇشۇ «ئاتا-بوۋىلىرىمىز قالدۇرغان مۇقەددەس قائىدە-يوسۇنلار»غا چىڭ ئېسىلىۋالاتتى، لېكىن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەيتتى، ۋە ئۇلارنىڭ ھازىر ئاتا-بوۋىلىرىدەك خۇدا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرگە، ھەتتا قۇتقۇزغۇچى-مەسىھكە بولغان زىيانكەشلىكلىرى توغرۇلۇق ھېچ ئويلانمايتتى (49-ئايەتنى كۆرۈڭ).*
49بۇ سەۋەبتىنمۇ خۇدانىڭ دانالىقى دەيدۇكى: «مەن ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ۋە روسۇللارنى ئەۋەتىمەن ۋە بۇلاردىن بەزىلىرىنى ئۇلار ئۆلتۈرىدۇ ۋە بەزىلىرىنى زىيانكەشلىك بىلەن قوغلىۋېتىدۇ». ◼ 11:49 +bd ««خۇدانىڭ دانالىقى دەيدۇكى: «مەن ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ۋە روسۇللارنى ئەۋەتىمەن ۋە بۇلاردىن بەزىلىرىنى ئۇلار ئۆلتۈرىدۇ ۋە بەزىلىرىنى زىيانكەشلىك بىلەن قوغلىۋېتىدۇ»»+bd* ــ بۇ سۆزلەر مەلۇم پەيغەمبەر ئېيتقان سۆز بولمىغىنى بىلەن، ئۇ كۆپ بېشارەتلەرنىڭ يىغىنچاقلىنىشىدۇر.* ◘ 11:49 مات. 10:16؛ لۇقا 10:3؛ يـۇھ. 16:2؛ روس. 7:51؛ ئىبر. 11:35. *
50-51 شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيانقى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تۆكۈلگەن قان قەرزلىرى، يەنى ھابىلنىڭ تۆكۈلگەن قېنىدىن تارتىپ تاكى ئىبادەتخانىدىكى* قۇربانگاھ بىلەن مۇقەددەس جاي ئارىلىقىدا قەتل قىلىنغان كاھىن* زەكەرىيانىڭ تۆكۈلگەن قېنىغىچە بارلىق قان قەرزلەر ئۈچۈن مۇشۇ دەۋردىكىلەردىن ھېساب ئېلىنىدۇ. مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دەۋردىن ئېلىنىدىغان بولىدۇ! ◼ 11:50-51 +bd «يەنى ھابىلنىڭ تۆكۈلگەن قېنىدىن تارتىپ تاكى ئىبادەتخانىدىكى قۇربانگاھ بىلەن مۇقەددەس جاي ئارىلىقىدا قەتل قىلىنغان كاھىن زەكەرىيانىڭ تۆكۈلگەن قېنىغىچە بارلىق قان قەرزلەر...»+bd* ــ ھابىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرۇلۇق «يار.» 8:4-11نى، زەكەرىيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرۇلۇق «2تار.» 20:24-22نى كۆرۈڭ. بۇ ئىككى ۋەقە يەھۇدىيلارنىڭ تەۋراتنى ئەنئەنىۋى ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بويىچە تەۋراتنىڭ ئەڭ بېشىدا ۋە ئەڭ ئاخىرىغا قويۇلىدۇ.* ◘ 11:50-51 يار. 4:8؛ 2تار. 24:21؛ ئىبر. 11:4. *
52ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئەھلىلىرى! چۈنكى ھېكمەت خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرمىدىڭلار ۋە كىرەي دېگەنلەرنىمۇ كىرگۈزمىدىڭلار. ◘ 11:52 مات. 23:13. *
53ئۇ شۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن، تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق قارشىلىشىپ، ئۇنىڭغا كۆپ ئىشلارنى مۇزاكىرىلىشىشكە قىستىدى ◼ 11:53 +bd «ئۇ شۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن...»+bd* ــ ياكى «ئۇ بۇلارنى ئېيتقاندا،...».*