1شۇ چاغلاردا، مىڭلىغان كىشىلەر يىغىلىپ، بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك قىستا-قىستاڭ بولۇشۇپ كەتكەندە، ئۇ ئاۋۋال مۇخلىسلىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
2چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي قالمايدۇ. ◘ 12:2 ئايۇپ 12:22؛ مات. 10:26؛ مار. 4:22؛ لۇقا 8:17. *
3شۇڭا سىلەرنىڭ قاراڭغۇدا ئېيتقانلىرىڭلار يورۇقتا ئاڭلىنىدۇ؛ ئۆينىڭ ئىچكىرىدە خۇپىيانە پىچىرلاشقانلىرىڭلارمۇ ئۆگزىلەردە جاكارلىنىدۇ. ◼ 12:3 +bd «خۇپىيانە پىچىرلاشقانلىرىڭلار»+bd* ــ گرېك تىلىدا «قۇلاققا ئېيتقىنىڭلار».*
4مەن سىلەر دوستلىرىمغا شۇنى ئېيتىمەنكى، تەننى ئۆلتۈرۈپ، باشقا ھېچ ئىش قىلالمايدىغانلاردىن قورقماڭلار. ◘ 12:4 يەش. 51:7؛ يەر. 1:8؛ مات. 10:28. *
5لېكىن مەن سىلەرگە كىمدىن قورقۇشۇڭلار كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ قوياي: ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلاشقا ھوقۇقلۇق بولغۇچىدىن قورقۇڭلار؛ بەرھەق سىلەرگە ئېيتاي ــ ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار!
6بەش قۇشقاچ ئىككى تىيىنگە سېتىلىدىغۇ؟ لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچبىرىمۇ خۇدا تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ قالغىنى يوق. ◼ 12:6 +bd «بەش قۇشقاچ ئىككى تىيىنگە سېتىلىدىغۇ؟»+bd* ــ «تىيىن» گرېك تىلىدا «ئاسسارىيون». «ئىككى تىيىن» ــ شۇ دەۋردىكى بىر ئىشچىنىڭ كۈنلۈك ھەققى بولغان «دىنارىئۇس»نىڭ 1/8 قىسمى ئىدى.* ◘ 12:6 مات. 10:29. *
7لېكىن ھەتتا ھەربىر تال چېچىڭلارمۇ سانالغاندۇر. شۇنداق ئىكەن، قورقماڭلار؛ سىلەر نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىن قىممەتلىكسىلەر! ◘ 12:7 1سام. 14:45؛ 2سام. 14:11؛ 1پاد. 1:52؛ لۇقا 21:18. *
8ــ بىراق مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، كىم مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلسا، ئىنسانئوغلىمۇ ئۇنى خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدا ئېتىراپ قىلىدۇ. ◘ 12:8 مات. 10:32. *
9بىراق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مېنى تونۇمىغان كىشى، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدىمۇ تونۇلمايدۇ. ◘ 12:9 مات. 10:33؛ مار. 8:38؛ لۇقا 9:26؛ 2تىم. 2:12؛ 1يۇھ. 2:23. *
10ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغان ھەرقانداق كىشى كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى بولسا كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ. ◼ 12:10 +bd «مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلىش»+bd* ــ ياكى «مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلىش» دېگەن گۇناھ توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.* ◘ 12:10 1يۇھ. 5:16. *
11لېكىن كىشىلەر سىلەرنى سىناگوگلارغا ياكى ھۆكۈمدارلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ سوراققا تارتقاندا، «ئەرزگە* قانداق جاۋاب بەرسەم؟» ياكى «نېمە دېسەم بولار؟» دەپ ئەندىشە قىلماڭلار. ◘ 12:11 مات. 10:19؛ مار. 13:11؛ لۇقا 21:14. *
12چۈنكى نېمە دېيىش كېرەكلىكىنى شۇ ۋاقتى-سائىتىدە مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئۆگىتىدۇ.
13كۆپچىلىك ئارىسىدىن بىرسى ئۇنىڭغا:
14لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بۇرادەر، كىم مېنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا سوتچى ياكى ئۈلەشتۈرگۈچى قىلدى؟ ــ دېدى. ◼ 12:14 +bd «بۇرادەر، كىم مېنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا سوتچى ياكى ئۈلەشتۈرگۈچى قىلدى؟»+bd* ــ «مىس.» 14:2نى كۆرۈڭ. مەسىھ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ رولىنى رەت قىلدى. بۇ مۇھىم ھەقىقەت ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.*
15ئۇ كۆپچىلىككە قاراپ: ــ پەخەس بولۇپ ئۆزۈڭلارنى ھەرخىل تاماخورلۇقتىن ساقلاڭلار. چۈنكى ئىنساننىڭ ھاياتى ئۇنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەستۇر، دېدى. ◘ 12:15 1تىم. 6:7. *
16ئاندىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى:
17ئۇ كۆڭلىدە «قانداق قىلاي؟ چۈنكى بۇنچىۋالا ھوسۇلنى قويغۇدەك يېرىم يوق» ــ دەپ ئويلاپتۇ.
18ئاندۇن ئۇ: ــ «مۇنداق قىلاي: ــ ھازىرقى ئامبارلىرىمنى چۇۋۇۋېتىپ، تېخىمۇ چوڭىنى ياساپ، بارلىق مەھسۇلاتلىرىم ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىمنى شۇ يەرگە يىغىپ ساقلاي!
19ئاندىن ئۆز-ئۆزۈمگە: «ئەي جېنىم، يىغىپ ساقلىغان، كۆپ يىل يەتكۈدەك نېمەتلىرىڭ بار، راھەت ئىچىدە يەپ-ئىچىپ خۇش بولغىن!» دەيدىغان بولىمەن» دەپ ئويلاپتۇ. ◘ 12:19 توپ. 11:9؛ 1كور. 15:32؛ ياق. 5:5. *
20لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا:
21خۇدانىڭ ئالدىدا دۆلەتمەن بولماي، ئۆزىگە خەزىنە يىغقاننىڭ ھالى شۇنداق بولار».
22ئاندىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى:
23چۈنكى ھاياتلىق يېمەكلىكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن ئەزىزدۇر.
24قۇزغۇنلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ ۋە يىغمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئامبار، ئىسكىلاتلىرىمۇ يوق. لېكىن خۇدا ئۇلارنىمۇ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. سىلەر قۇشلاردىن قانچىلىك ئەزىز-ھە! ◘ 12:24 ئايۇپ 38:41؛ زەب. 147:9. *
25ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟ ◼ 12:25 +bd «قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟»+bd* ــ باشقا بىر تەرجىمىسى: «قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن بويۇڭغا بىرەر غېرىچ قوشالايسىلەر؟».* ◘ 12:25 مات. 6:27. *
26ئەگەر شۇنچىلىك كىچىككىنە ئىشمۇ قولۇڭلاردىن كەلمىسە، نېمە ئۈچۈن قالغان ئىشلار توغرىسىدا غەم-ئەندىشە قىلىسىلەر؟
27نېلۇپەرلەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئەمگەكمۇ قىلمايدۇ، چاقمۇ ئېگىرمەيدۇ؛ لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا سۇلايمان تولۇق شان-شەرەپتە تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ كىيىنىشى نىلۇپەرلەنىڭ بىر گۈلىچىلىكىمۇ يوق ئىدى. ◼ 12:27 +bd «نېلۇپەرلەر...»+bd* ــ ياكى «ياۋا گۈل-گىياھلار...». +bd «سۇلايمان»+bd* ــ ئۇلۇغ پادىشاھ سۇلايمان.*
28ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! ئەمدى خۇدا دالادىكى بۈگۈن ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا سېلىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى شۇنچە بېزىگەن يەردە، سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟!
29شۇنداق ئىكەن، نېمە يەيمىز، نېمە ئىچىمىز دەپ باش قاتۇرماڭلار، ھېچنېمىدىن ئەندىشە قىلماڭلار. ◼ 12:29 +bd «...باش قاتۇرماڭلار»+bd* ــ گرېك تىلىدا «....(يېمەكلىككە) ئىنتىلمەڭلار».*
30چۈنكى ھەرقايسى ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىلەرگە ئىنتىلىدۇ. بىراق ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ؛ ◼ 12:30 +bd «ھەرقايسى ئەلدىكىلەر...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «بۇ دۇنيادىكى (يات) ئەللەردىكىلەر». «يات ئەللەر» يەھۇدىي ئەمەس بۇتپەرەسلەر بولۇپ، تىرىك خۇدانى بىلمەيتتى؛ مۇخلىسلار يەھۇدىي بولغاچقا، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەمدە ئۆز خەلقىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بولۇشى كېرەك ئىدى.*
31شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىنتىلىڭلار ۋە ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ. ◘ 12:31 1تار. 3:13؛ زەب. 37:25. *
32قورقماڭلار، ئى كىچىك پادا! چۈنكى ئاتاڭلار پادىشاھلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلىشنى خۇش كۆردى. ◼ 12:32 +bd «ئاتاڭلار پادىشاھلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلىشنى خۇش كۆردى»+bd* ــ «پادىشاھلىق» بولسا خۇدانىڭ ئۆز پادىشاھلىقى، ئەلۋەتتە.*
33مال-مۈلكۈڭلارنى سېتىپ، كەمبەغەللەرگە* خەيرخاھلىق قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارغا ئۇپرىمايدىغان ھەميان، ئەرشلەردە ھەرگىز تۈگەپ كەتمەيدىغان بىر خەزىنە ھازىرلاڭلار؛ ــ شۇ يەردە ئوغرى يېقىن كەلمەيدۇ، كۈيە يەپ يوقاپ كەتمەيدۇ. ◘ 12:33 مات. 6:20؛ 19:21؛ لۇقا 16:9؛ 1تىم. 6:19. *
34چۈنكى بايلىقىڭلار قەيەردە بولسا، قەلبىڭلارمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.
35سىلەر بېلىڭلارنى چىڭ باغلاپ، چىراغلىرىڭلارنى ياندۇرۇپ تۇرۇڭلار؛ ◘ 12:35 ئەف. 6:14؛ 1پېت. 1:13. *
36خۇددى خوجايىنىنىڭ توي زىياپىتىدىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان چاكارلاردەك، ھەردائىم تەييار تۇرۇڭلار. شۇنىڭ بىلەن خوجايىن كېلىپ ئىشىكنى قاققاندا، چاكارلار دەرھال چىقىپ ئىشىكنى ئاچىدىغان بولىدۇ.
37خوجايىن قايتىپ كەلگەندە، چاكارلىرىنىڭ ئويغاق، تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۆزى بېلىنى باغلاپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ شەخسەن ئۆزى ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ!
38ۋە ئەگەر خوجايىن ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى جېسەكتە كەلسىمۇ، چاكارلىرىنىڭ شۇنداق ئويغاقلىقىنى كۆرسە، بۇ ئۇلارنىڭ بەختىدۇر! ◼ 12:38 +bd «ئەگەر خوجايىن ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى جېسەكتە كەلسىمۇ، چاكارلىرىنىڭ شۇنداق ئويغاقلىقىنى كۆرسە، بۇ ئۇلارنىڭ بەختىدۇر!»+bd* ــ يەھۇدىيلار كېچە ۋاقتىنى ھېسابلىغاندا ئۈچ جېسەك، رىملىقلار بولسا تۆت جېسەك دەپ ھېسابلايتتى.* ◘ 12:38 مات. 24:42. *
39لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىدە قايسى ۋاقىتتا كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، ئۇ ئويغاق تۇرۇپ ئوغرىنىڭ ئۆيگە تېشىپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى! ◼ 12:39 +bd «ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىدە قايسى ۋاقىتتا كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، ئۇ ئويغاق تۇرۇپ ئوغرىنىڭ ئۆيگە تېشىپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى!»+bd* ــ مۇقەددەس يازمىلاردىكى كۆپ يەرلەردە پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنىڭ «ئوغرىدەك» (كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا) كېلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.* ◘ 12:39 مات. 24:43؛ 1تېس. 5:2؛ 2پېت. 3:10؛ ۋەھ. 3:3؛ 16:15. *
40شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرمۇ ھەردائىم تەييار تۇرۇڭلار؛ چۈنكى ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان ۋاقىت-سائەتتە قايتىپ كېلىدۇ. ◘ 12:40 مات. 24:44؛ 25:13؛ مار. 13:33؛ لۇقا 21:34؛ 1تېس. 5:6. *
41پېترۇس ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، سەن بۇ تەمسىلنى بىزگىلا قارىتىپ ئېيتتىڭمۇ ياكى ھەممەيلەنگە قارىتىپمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
42رەب مۇنداق دېدى:
43خوجايىن ئۆيىگە قايتقاندا، چاكىرىنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقىنىنىڭ ئۈستىگە كەلسە، بۇ چاكارنىڭ بەختىدۇر!
44مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ.
45لېكىن مۇبادا شۇ چاكار كۆڭلىدە: «خوجايىنىم ھايال بولۇپ قالىدۇ» دەپ، باشقا چاكارلار ۋە دېدەكلەرنى بوزەك قىلىشقا ۋە يەپ-ئىچىپ، مەست بولۇشقا باشلىسا،
46شۇ چاكارنىڭ خوجايىنى كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئۇنى كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى ئېتىقادسىزلار بىلەن ئوخشاش تەقدىردە بېكىتىدۇ.
47ئەمدى خوجايىنىنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ تۇرۇپ، تەييارلىنىپ تۇرمىغان ۋە خوجايىنىنىڭ ئىرادىسى بويىچە قىلمىغان چاكار بولۇشىغا تاياق يەيدۇ. ◘ 12:47 ياق. 4:17. *
48بىراق خوجايىنىنىڭ ئىرادىسىنى بىلمەي تۇرۇپ، تاياق يېيىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى قىلغان چاكار ئازراق تاياق يەيدۇ. كىمگە كۆپ بېرىلسە، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى كۆپ بولىدۇ. چۈنكى ئادەملەر كىمگە كۆپ ئامانەت قويغان بولسا، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ كۆپ بولىدۇ.
49مەن يەر يۈزىگە ئوت تاشلاپ تۇتاشتۇرۇشقا كەلدىم ۋە بۇ ئوتنىڭ تۇتىشىشىغا نەقەدەر تەقەززامەن!
50لېكىن مەن ئالدى بىلەن بىر چۆمۈلدۈرۈش بىلەن چۆمۈلدۈرۈلۈشۈم كېرەك ۋە بۇ چۈمۈلدۈرۈلۈشۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلغۇچە ئىنتايىن قىينىلىمەن! ◼ 12:50 +bd «مەن ئالدى بىلەن بىر چۆمۈلدۈرۈش بىلەن چۆمۈلدۈرۈلۈشۈم كېرەك ۋە بۇ چۈمۈلدۈرۈلۈشۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلغۇچە ئىنتايىن قىينىلىمەن!»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «چۆمۈلدۈرۈش» شۈبھىسىزكى ئۇنىڭ ئۆلۈمىدۇر. بۇ توغرۇلۇق «ئەفەسۇسلۇقلارغا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. مۇشۇ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن كېيىن مۇقەددەس روھنىڭ ئوتى يەر يۈزىدە تۇتۇشتۇرۇلىدۇ. «روس.» 2-بابنى كۆرۈڭ!* ◘ 12:50 مات. 20:22؛ مار. 10:38؛ ئەف. 4:5*
51سىلەر مېنى يەر يۈزىگە تىنچلىق ئېلىپ كەلدىمىكىن، دەپ ئويلاپ قالدىڭلارمۇ؟ ياق، مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، تىنچلىق ئەمەس، بۆلۈنۈش ئېلىپ كەلدىم! ◘ 12:51 مات. 10:34. *
52چۈنكى بۇنىڭدىن كېيىن، بىر ئۆيدىكى بەش كىشى بۆلۈنىدۇ؛ ئۈچى ئىككىسىگە قارسى ۋە ئىككىسى ئۈچىگە قارشى بۆلۈنىدۇ.
53ئاتا ئوغلىغا ۋە ئوغۇل ئاتىسىغا، ئانا قىزىغا ۋە قىز ئانىسىغا، قېينئانا كېلىنىگە ۋە كېلىن قېينئانىسىغا قارشى تۇرىدۇ. ◘ 12:53 مىك. 7:6*
54ئەيسا يەنە توپلاشقان ئادەملەرگە مۇنداق دېدى:
55جەنۇب تەرەپتىن شامالنىڭ چىققىنىنى كۆرسەڭلار، «ھاۋا ئىسسىيدۇ» دەيسىلەر ۋە دەرۋەقە شۇنداق بولىدۇ.
56ئەي ساختىپەزلەر! سىلەر يەر بىلەن كۆكنىڭ رەڭگىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-يۇ، قانداقسىگە بۇ زاماننى پەرق ئېتەلمەيسىلەر؟!
57ئەمدى نېمىشقا قايسى ئىشلارنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە ئۆزۈڭلار ھۆكۈم قىلىپ باقمايسىلەر؟! ◘ 12:57 مات. 5:25-26*
58چۈنكى دەۋاگىرىڭ بىلەن بىرگە سوتچى ئالدىغا بارغىنىڭدا، ئۇنىڭ بىلەن يولدا كېتىۋاتقىنىڭدا، ئۇنىڭ بىلەن ئارىنى ئوچۇق قىلىشقا ئىنتىلگىن؛ بولمىسا، ئۇ سېنى سوتچىغا، سوتچى بولسا گۇندىپايغا تاپشۇرىدۇ ۋە گۇندىپاي سېنى زىندانغا تاشلايدۇ.