1شۇ چاغدا، بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭغا ۋالىي* پىلاتۇسنىڭ بىر قىسىم گالىلىيەلىكلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۇلارنىڭ قانلىرىنى ئۇلار قىلىۋاتقان ئىبادەتخانىدىكى* قۇربانلىقنىڭ قانلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ◼ 13:1 +bd «... ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ... ئۇلارنىڭ قانلىرىنى ئۇلار قىلىۋاتقان ئىبادەتخانىدىكى قۇربانلىقنىڭ قانلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرغانلىقى»+bd* ــ ئايەتتە «ئىبادەتخانا» دېگەن سۆز يوق. بىراق قۇربانلىق قىلىش باشقا يەردە بولمايتتى. «...قانلىرىنى... قۇربانلىقنىڭ قانلىرى بىلەن ئارىلاشتۇردى» ــ دېمەك، پىلاتۇس ئۇلارنى ئىبادەتخانىدا ئىبادەت ئۈستىدە ئۆلتۈرۈۋەتتى.*
2ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
3مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر. ◼ 13:3 +bd «ھەممىڭلار ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر»+bd* ــ بۇ سۆز بەلكىم رىم ئىمپېرىيەسى مىلادىيە 10-يىلىدا يېرۇسالېم ۋە باشقا شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىشىنى ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ دوزاخنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن. 5-ئايەتنىڭ مەنىسىمۇ شۇنداق.*
4سىلوئام مەھەللىسىدىكى مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئون سەككىز كىشىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، سىلەر ئۇلارنى يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان باشقلاردىن قەبىھ، دەپ قارامسىلەر؟ ◼ 13:4 +bd «سىلوئام»+bd* ــ (ئىبرانىي تىلىدا «شىلوئاھ») يېرۇسالېمدىكى بىر مەھەللە. «نەھ.» 15:3 ۋە «يەش.» 6:8نى كۆرۈڭ. +bd «سىلەر ئۇلارنى يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان باشقلاردىن قەبىھ، دەپ قارامسىلەر؟»+bd* ــ «قەبىھ» مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا «قەرزدار» دەپ ئىپادىلىنىدۇ.*
5مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر.
6ئاندىن ئۇ بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:
7ئۇ باغۋەنگە: «قارا، ئۈچ يىلدىن بېرى بۇ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە ئىزدەپ كېلىۋاتىمەن، بىراق بىر تالمۇ مېۋە تاپالمىدىم. ئۇنى كېسىۋەت! ئۇ نېمە دەپ يەرنى بىكاردىن-بىكار ئىگىلەپ تۇرىدۇ؟» دەپتۇ.
8لېكىن باغۋەن: «خوجايىن، ئۇنىڭغا يەنە بىر يىل تەگمىگەيلا. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ تۈۋىدىكى توپىلارنى بوشىتىپ، ئوغۇتلاپ باقاي.
9ئەگەر كېلەر يىلى مېۋە بەرسە، ياخشى خوپ! بىراق بەرمىسە، كېسىۋەتكەيلا» دەپتۇ باغۋەن.
10بىر شابات كۈنى، ئۇ بىر سىناگوگتا تەلىم بېرىۋاتاتتى.
11مانا شۇ يەردە ئون سەككىز يىلدىن بېرى زەئىپلەشتۈرگۈچى بىر جىن تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، دۆمچىيىپ ئۆرە تۇرالمايدىغان بىر ئايال بار ئىدى. ◼ 13:11 +bd «... ئون سەككىز يىلدىن بېرى زەئىپلەشتۈرگۈچى بىر جىن تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ...»+bd* ــ «جىن» ــ گرېك تىلىدا «روھ». +bd «ئۆرە تۇرالمايدىغان بىر ئايال بار ئىدى»+bd* ــ «ئۆرە تۇرالمايدىغان» گرېك تىلىدا «بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغان».*
12ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ:
13ئاندىن ئۇ قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇدانى ئۇلۇغلىدى.
14بىراق سىناگوگنىڭ چوڭى ئەيسانىڭ شابات كۈنى كېسەل ساقايتقىنىدىن غەزەپلىنىپ، كۆپچىلىككە:
15شۇڭا رەب ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
16ئەمدى شەيتان مانا ئون سەككىز يىل بوغۇپ كەلگەن، ئىبراھىمنىڭ بىر قىزى بولغان بۇ ئايال دەل شابات كۈنىدە بۇ سىرتماقتىن بوشىتىلسا، بۇ شابات كۈنىنىڭ يارىشىقى بولمامدۇ؟! ◼ 13:16 +bd «ئىبراھىمنىڭ بىر قىزى بولغان بۇ ئايال»+bd* ــ «ئىبراھىمنىڭ قىزى» دېگەن ئىبارە ئايالنىڭ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە، شۇنداقلا بەلكىم ئۇنىڭدا ھەقىقىي ئېتىقاد بولغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن.*
17ئۇ مۇشۇ سۆزنى قىلغاندا، ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار خىجالەتكە قالدى؛ بىراق خالايىق ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ھەممە ئاجايىب ئىشلىرىدىن شادلىنىپ يايرىدى.
18ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ* مۇنداق دېدى:
19ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ؛ بىرسى ئۇنى ئېلىپ ئۆز بېغىدا تېرىغانىدى؛ ئۇ ئۆسۈپ يوغان دەرەخ بولدى؛ ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلىدى. ◼ 13:19 +bd «ئۇ +bdit ، يەنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى+bdit* گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ»+bd* ــ «قىچا ئۇرۇقى» ئاسىيادىكى بارلىق ئۇرۇقلار ئىچىدە ئەڭ كىچىكى. +bd «ئۇ ئۆسۈپ يوغان دەرەخ بولدى»+bd* ــ ئادەتتە قىچا ئۆسۈپ يېتىلگەندە 2-3 مېترلىق كۆچەت بولىدۇ. لېكىن بۇ تەمسىلدۇر؛ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بەزى جەھەتلىرى ئادەتتىن تاشقىرى بولىدۇ.
20-21 ئۇ يەنە: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ ئۇ خۇددى ئېچىتقۇغا ئوخشايدۇ؛ بىر ئايال ئۇنى قولىغا ئېلىپ، ئۈچ جاۋۇر ئۇننىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ، تاكى پۈتۈن خېمىر بولغۇچە ساقلىدى، ــ دېدى. ◼ 13:20-21 +bd «ئۈچ جاۋۇر ئۇن»+bd* ــ (ياكى «ئۈچ كۈرە ئۇن») گرېك تىلىدا «ئۈچ ساتون»، ئىبرانىي تىلىدا «ئۈچ سېئاھ». بىر «ساتون» 7 كىلوگرام ئىدى؛ بۇ خېلى كۆپ ئۇن بولۇپ، يۈز ئادەمنىڭ تامىقىغا يېتەتتى. «يار.» 6:18نى كۆرۈڭ.
22ئەيسا* يېرۇسالېمغا قاراپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بېسىپ ئۆتكەن ھەرقايسى شەھەر-يېزىلاردا تەلىم بېرىپ ماڭدى. ◘ 13:22 مات. 9:35؛ مار. 6:6. *
23بىرەيلەن ئۇنىڭدىن:
24ــ سىلەر تار ئىشىكتىن كىرىشكە كۈرەش قىلىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن ئادەملەر كىرەي دەپ ئىزدەنسىمۇ، ئەمما كىرەلمەيدۇ. ◘ 13:24 مات. 7:13. *
25ئۆينىڭ ئىگىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى تاقىغاندىن كېيىن، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ ئىشىكنى قېقىپ: «رەب، بىزگە ئاچقىن!» دەپ يالۋۇرغىلى تۇرغىنىڭلاردا، ئۇ سىلەرگە جاۋابەن: «سىلەرنىڭ نەلىكىڭلارنى بىلمەيمەن» ــ دەيدۇ. ◘ 13:25 مات. 25:11،12؛ لۇقا 6:46. *
26ئاندىن سىلەر: «بىز سېنىڭ ئالدىڭدا يېگەن، ئىچكەن، سەنمۇ بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا تەلىم بەرگەن» دېسەڭلار،
27ئۇ يەنە جاۋابەن: «سىلەرنىڭ نەلىكىڭلارنى بىلمەيمەن، مەندىن نېرى كېتىڭلار، ئەي قەبىھلىك قىلغۇچىلار!» دەيدۇ. ◘ 13:27 زەب. 6:8؛ مات. 7:23؛ 25:12،41. *
28سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ سىرتقا تاشلىۋېتىلگىنىڭلارنى كۆرگىنىڭلاردا، يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلار غۇچۇرلايدۇ. ◘ 13:28 مات. 8:11، 12؛ 13:42؛ 24:51. *
29ئۇ چاغدا، كىشىلەر مەشرىق بىلەن مەغرىبتىن ۋە شىمال بىلەن جەنۇبتىن كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا داستىخاندا ئولتۇرىدۇ. ◼ 13:29 +bd «كىشىلەر مەشرىق بىلەن مەغرىبتىن ۋە شىمال بىلەن جەنۇبتىن كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا داستىخاندا ئولتۇرىدۇ»+bd* ــ «مەشرىق بىلەن مەغرىبتىن ۋە شىمال بىلەن جەنۇبتىن» كەلگەنلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ. «ئولتۇرىدۇ» باشقا ئىزاھاتلاردا كۆرسىتىلگەندەك گرېك تىلىدا «ياتىدۇ» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 13:29 يەش. 2:2؛ مال. 1:11؛ مات. 8:11. *
30شۇنىڭ بىلەن مانا، شۇ چاغدا ئالدىدا تۇرغانلاردىن ئارقىغا ئۆتىدىغانلار، ئارقىدا تۇرغانلاردىن ئالدىغا ئۆتىدىغانلار بار بولىدۇ. ◼ 13:30 +bd «ئالدىدا تۇرغانلاردىن ئارقىغا ئۆتىدىغانلار، ئارقىدا تۇرغانلاردىن ئالدىغا ئۆتىدىغانلار بار بولىدۇ»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئاخىرقىلاردىن بىرىنچىسى بولىدىغانلار بار بولىدۇ، بىرىنچىلەردىن ئاخىرقىسى بولىدىغانلار بار بولىدۇ» دەپ ئىپادىلىنىدۇ.
31دەل شۇ ۋاقىتتا بىرنەچچە پەرىسىيلەر ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:
32ئۇ ئۇلارغا:
33ھالبۇكى، بۈگۈن ۋە ئەتە ۋە ئۆگۈنلۈككە مېڭىپ يۈرۈشۈم كېرەكتۇر؛ چۈنكى ھېچ پەيغەمبەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى يېرۇسالېمدىن باشقا ھېچقانداق جايدا مۇمكىن بولماس. ◼ 13:33 +bd «ھالبۇكى، بۈگۈن ۋە ئەتە ۋە ئۆگۈنلۈككە مېڭىپ يۈرۈشۈم كېرەكتۇر»+bd* ــ ئەيسا بۇ سۆزنى قىلغاندا تېخى گالىلىيە ئۆلكىسىدە ئىدى. ھېرودنىڭ يېرۇسالېم بىلەن ئالاقىسى يوق ئىدى، گالىلىيەنى ئىدارە قىلاتتى. شۇڭا بۇ 32-ئايەتتىكى سۆزنىڭ داۋامى: «مەنكى مەسىھ يېرۇسالېمغا بېرىشىم كېرەك، لېكىن ئۇنداق قىلىشىم ھېرودتىن قېچىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ پىلانى بولغانلىقى ئۈچۈن» دېگەندەك مەنىدە. +bd «چۈنكى ھېچ پەيغەمبەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى يېرۇسالېمدىن باشقا ھېچقانداق جايدا مۇمكىن بولما.»+bd* ــ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ. بۇ «كاپىر» ھېرود خان گالىلىيەنى باشقۇرغىنى بىلەن مەسىھكە خەتىرى بولمايدۇ، لېكىن «خۇدانىڭ گۈزەل شەھىرى»دە تۇرۇۋاتقانلار ئاخىر بېرىپ ئەيسانى ئۆلتۈرىدۇ.
34ئەي يېرۇسالېم، يېرۇسالېم! پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرىدىغان ۋە ساڭا ئەۋەتىلگەنلەرنى چالما-كېسەك قىلىدىغان شەھەر! مەن قانچە قېتىملاپ مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك سېنىڭ بالىلىرىڭنى قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر خالىمىدىڭلار. ◼ 13:34 +bd «ئەي «يېرۇسالېم، يېرۇسالېم!»+bd* ــ مۇقەددەس كىتابتا، بىرسىنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى ياكى بىر جاينىڭ نامىنى تەكرار ئىككى قېتىم چاقىرىشى ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «مەن قانچە قېتىملاپ مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك سېنىڭ بالىلىرىڭنى قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم»+bd* ــ «سېنىڭ بالىلىرىڭ» يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدىي خەلقنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.* ◘ 13:34 زەب. 17:8؛ 91:4؛ مات. 23:37. *