1ۋە شۇنداق بولدىكى، بىر شابات كۈنى ئۇ پەرىسىيلەردىن بولغان بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئۆيىگە غىزاغا باردى؛ ئەمدى ئۇلار ئۇنى پايلاپ يۈرۈۋاتاتتى.
2ۋە مانا، ئۇ يەردە سۇلۇق ئىششىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئادەم بار ئىدى.
3ئەيسا تەۋرات ئەھلىلىرى ۋە پەرىسىيلەردىن:
4بىراق ئۇلار لام-جىم دېمىدى. ئۇ ھېلىقى كېسەلگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ساقايتىپ يولغا سالدى.
5ئاندىن ئۇ ئۇلاردىن يەنە:
6ۋە ئۇلار ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ھېچ جاۋاب بېرەلمىدى.
7ئەيسا چاقىرىلغان مېھمانلارنىڭ ئۆزلىرىگە تۆردىن ئورۇنلارنى قانداق تاللىغىنىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى:
8ــ بىرسى سېنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلسا، تۆردە ئولتۇرمىغىن. بولمىسا، سەندىن ھۆرمەتلىكرەك بىرسى تەكلىپ قىلىنغان بولسا،
9ئۇ چاغدا سېنى ۋە ئۇنى چاقىرغان ساھىبخانا كېلىپ ساڭا: «بۇ كىشىگە ئورۇن بەرگەيسىز» دەپ قالسا، سەن خىجالەتتە قېلىپ پەگاھغا چۈشۈپ قالىسەن. ◼ 14:9 +bd «... پەگاھغا چۈشۈپ قالىسەن»+bd* ــ گرېك تىلىدا «... ئاخىرقى ئورۇنغا چۈشۈپ قالىسەن».*
10لېكىن سەن چاقىرىلغاندا، بېرىپ پەگاھتا ئولتۇرغىن. شۇنىڭ بىلەن سېنى چاقىرغان ساھىبخانا كېلىپ: «ئەي دوستۇم، يۇقىرىغا چىقىڭ» دېيىشى مۇمكىن ۋە شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ساڭا ئىززەت بولىدۇ. ◘ 14:10 پەند. 25:6، 7. *
11چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنىدۇ ۋە كىمدەكىم ئۆزىنى تەۋۆن تۇتسا ئۈستۈن قىلىنىدۇ. ◘ 14:11 ئايۇپ 22:29؛ پەند. 29:23؛ مات. 23:12؛ لۇقا 1:51؛ 18:14؛ ياق. 4:6،10؛ 1پېت. 5:5. *
12ئۇ ئۆزىنى مېھمانغا چاقىرغان ساھىبخانىغا مۇنداق دېدى:
13شۇنىڭ ئۈچۈن زىياپەت بېرەي دېسەڭ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق، كور-ئەمالارنى چاقىرغىن
14ۋە بەخت-بەرىكەت كۆرىسەن؛ چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭنى قايتۇرۇشنىڭ ئامالى يوقتۇر. شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيلارنىڭ قايتا تىرىلگەن كۈنىدە قىلغىنىڭ ئۆزۈڭگە قايتۇرۇلىدۇ.
15ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغانلاردىن بىرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا:
16بىراق ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
17داستىخان سېلىنغان شۇ سائەتتە، چاكىرىنى ئەۋەتىپ، چاقىرىلغان مېھمانلارغا: «مەرھەمەت، ھەممە نەرسە تەييار بولدى!» دەپ ئېيتىپتۇ.
18بىراق، مېھمانلارنىڭ ھەممىسى بارماسلىققا بىر-بىرلەپ ئۆزرە-باھانە كۆرسەتكىلى تۇرۇپتۇ. بىرىنچىسى ئۇنىڭغا: «مەن ھېلىلا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدىم، بېرىپ كۆرۈپ كەلمىسەم بولمايدۇ. مېنى ئەپۇ قىلغايلا، بارالمايمەن» دەپتۇ. ◼ 14:18 +bd «مەن ھېلىلا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدىم، بېرىپ كۆرۈپ كەلمىسەم بولمايدۇ. مېنى ئەپۇ قىلغايلا، بارالمايمەن»+bd* ــ كىم يەرنى ئاۋۋال ياخشى كۆرمەي سېتىۋالسۇن؟*
19يەنە بىرى: «مەن بەش قوشلۇق ئۆكۈز سېتىۋالدىم، ھازىر بېرىپ ئۇلارنى سىناپ كۆرۈشۈم كېرەك. مېنى ئەپۇ قىلغايلا، بارالمايمەن» دەپتۇ. ◼ 14:19 +bd «ھازىر بېرىپ ئۇلارنى سىناپ كۆرۈشۈم كېرەك»+bd* ــ ياكى «ھازىر بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ كېلىشىم كېرەك». «بەش قوشلۇق ئۆكۈز» ــ گرېك تىلىدا: «بەش بويۇنتۇرۇق ئۆكۈز». دېمەك، بويۇنتۇرۇققا قېتىلغاندا بىر-بىرىگە ماس كېلىدىغان بەش جۈپ ئۆكۈز.
20يەنە بىرسى: «مەن يېڭى ئۆيلەنگەن، شۇڭا بارالمايمەن» دەپتۇ.
21چاكار قايتىپ كېلىپ، بۇ ئىشلارنى خوجايىنىغا مەلۇم قىپتۇ. خوجايىن غەزەپلەنگەن ھالدا چاكىرىغا: «دەرھال شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا كىرىپ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق ۋە كور-ئەمالارنى مۇشۇ يەرگە يىغىپ كەل» دەپتۇ.
22ئاندىن چاكار قايتىپ كېلىپ: «خوجايىن، ئەمر بەرگىنىڭدەك ئادا قىلىندى، ۋە يەنە بوش ئورۇن بار!» دەپتۇ.
23شۇنىڭ بىلەن خوجايىن چاكارغا: ــ «ئۆيۈم مېھمانلارغا تولۇش ئۈچۈن يېزىلاردىكى چوڭ-كىچىك يوللارنى، مەھەللىلەرنى ئارىلاپ، ئۇدۇل كەلگەن ئادىمىڭنى زورلاپ ئېلىپ كەلگىن! ◼ 14:23 +bd «يېزىلاردىكى چوڭ-كىچىك يوللارنى، مەھەللىلەرنى ئارىلاپ،...»+bd* ــ مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا «يېزىلاردىكى يوللاردىن ۋە چىتلىقلاردىن ئۆتۈڭلار،...» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. دېمەك، مېھمانلارنى ھەر بۇلۇڭ-پۇچقاقتىن ئەكىلىش كېرەك.*
24چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، باشتا چاقىرىلغان ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىسى داستىخىنىمدىن تېتىمايدۇ»، دەپتۇ.
25ئەمدى توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارغا قاراپ مۇنداق دېدى:
26ــ ماڭا ئەگەشكەنلەر ماڭا بولغان سۆيۈشلىرىدىن* ئۆز ئاتىسى ۋە ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرى، ئاكا-ئۇكىلىرى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىنىمۇ يامان كۆرمىسە ماڭا مۇخلىس بولالماس. ◼ 14:26 +bd «ماڭا ئەگەشكەنلەر ... ئۆز ئاتىسى ۋە ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرى، ئاكا-ئۇكىلىرى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىنىمۇ يامان كۆرمىسە ماڭا مۇخلىس بولالماس»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «يامان كۆرۈش» دېگەنلىكنىڭ مەنىسى، شۈبھىسىزكى، ئۆز ئادەملىرىگە بولغان مۇھەببەت خۇداغا باغلىغان مۇھەببەت ئالدىدا «يامان كۆرۈش»تەك كۆرۈنىدۇ. مىسال، «يار.» 30:29-31نى كۆرۈڭ.* ◘ 14:26 قان. 13:7؛ 33:9؛ مات. 10:37. *
27كىمدەكىم ئۆزىنىڭ كرېستىنى يۈدۈپ ماڭا ئەگەشمىسە ئۇ ماڭا مۇخلىس بولالماس. ◼ 14:27 +bd «كىمدەكىم ئۆزىنىڭ كرېستىنى يۈدۈپ ماڭا ئەگەشمىسە ئۇ ماڭا مۇخلىس بولالماس»+bd* ــ رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر مىخلىنىدىغان كرېستنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ جازا مەيدانىغا باراتتى. «كرېستلىنىش» ئادەمنى قىينايدىغان، ئىنتايىن دەھشەتلىك ۋە ئاھانەتلىك ئۆلۈم جازا ئۇسۇلى بولۇپ، «ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈش» دېگەننىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن: (1) ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا، (2) تىل-ئاھانەت ئىشتىشكە، (3) خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا، «ئۆز-ئۆزىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندەك» ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىشقا تەييار بولۇش.* ◘ 14:27 مات. 10:38؛ 16:24؛ مار. 8:34؛ لۇقا 9:23. *
28ئاراڭلاردىن بىرسى مۇنار سالماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئولتۇرۇپ بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزگۈدەك خىراجەت ئۆزۈمدە بارمۇ-يوق دەپ ھېساب قىلماسمۇ؟
29-30 ئۇنداق قىلمىغاندا، ئۇلنى سېلىپ پۈتكۈزەلمىسە، كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلىپ: «بۇ ئادەم بىنانى باشلاپ قويۇپ پۈتكۈزەلمىدى» ــ دېمەي قالمايدۇ.
31ياكى بىر پادىشاھ يەنە بىر پادىشاھ بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقسا ئالدى بىلەن ئولتۇرۇپ: ــ مېنىڭ ئۈستۈمگە كېلىدىغان يىگىرمە مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئىگىسىگە مەن ئون مىڭ ئەسكىرىم بىلەن تاقابىل تۇرالارمەنمۇ؟ دەپ مۆلچەرلەپ كۆرمەمدۇ؟! ◼ 14:31 +bd «... مۆلچەرلەپ كۆرمەمدۇ؟! »+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... مەسلىھەت قىلمامدۇ؟».*
32ئەگەر ئۇ «سوقۇشالمايمەن» دەپ ئويلىسا، دۈشمەن تېخى يىراقتىكى چاغدا ئەلچى ئەۋەتىپ، سۇلھ شەرتلىرىنى سورايدۇ.
33شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەردىن كىمدەكىم كۆڭلىدە* ئۆزىنىڭ بار-يوقى بىلەن خوشلاشمىسا، ماڭا مۇخلىس بولالماس. ◼ 14:33 +bd «شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەردىن كىمدەكىم كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ بار-يوقى بىلەن خوشلاشمىسا، ماڭا مۇخلىس بولالماس.»+bd* ــ بۇ كۈچلۈك سۆز توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.*
34تۇز ياخشى نەرسىدۇر؛ ھالبۇكى، تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ ◼ 14:34 +bd «تۇز ياخشى نەرسىدۇر؛ ھالبۇكى، تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟»+bd* ــ تۇز بولسا (1) تەم بېرىدۇ؛ (2) چىرىپ كېتىشتىن توسىدۇ؛ (3) زەخىم-يارىلارنى ساقايتىدۇ. مۇخلىسلارنىڭ بۇ دۇنياغا بولغان رولى بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىشى كېرەك.* ◘ 14:34 مات. 5:13؛ مار. 9:50. *