لۇقا 17:1-35 UIGB2010 - Bible AI

1ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى:

2بۇنداق ئادەمنىڭ بۇ كىچىك بالىلاردىن بىرىنى گۇناھقا* پۇتلاشتۇرغان بولسا، بوينىغا تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى. ◼ 17:2 +bd «بۇنداق ئادەمنىڭ بۇ كىچىك بالىلاردىن بىرىنى +bdit گۇناھقا+bdit* پۇتلاشتۇرغان بولسا...»+bd* ــ «+bd بۇ+bd* كىچىك بالىلاردىن بىرى» (گرېك تىلىدا «+bd بۇ+bd* كىچىكلەردىن بىرى») ــ دېمەك، ئۆز ئەتراپىدىكى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ئاددىي خالايىقنى كۆرسىتىدۇ.*

3ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار! ئەگەر قېرىندىشىڭ گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت قىلغىن. ئۇ توۋا قىلسا ئۇنى ئەپۇ قىلغىن. ◘ 17:3 لاۋ. 19‏:17؛ پەند. 17‏:10؛ مات. 18‏:15؛ ياق. 5‏:19. *

4مۇبادا ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ساڭا يەتتە مەرتىۋە گۇناھ قىلسا ۋە يەتتە مەرتىۋە يېنىڭغا كېلىپ: توۋا قىلدىم، دېسە، ئۇنى يەنىلا ئەپۇ قىلغىن. ◘ 17:4 مات. 18‏:21. *

5شۇنىڭ بىلەن روسۇللار رەبگە: ئىشەنچ-ئېتىقادىمىزنى ئاشۇرغىن، ــ دېيىشتى. ◼ 17:5 +bd «شۇنىڭ بىلەن روسۇللار رەبگە: ئىشەنچ-ئېتىقادىمىزنى ئاشۇرغىن، ــ دېيىشتى»+bd* ــ بۇرادىرىنى ھەركۈندە يەتتە قېتىم ئوخشاش گۇناھ ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلىش كۈچلۈك بولغان ئېتىقادنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە!*

6ۋە رەب ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

7لېكىن ئاراڭلاردىن كىمنىڭ يەر ھەيدەيدىغان ياكى مال باقىدىغان بىر قۇلى بولسا ۋە ئۇ ئېتىزلىقتىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا: «تېزرەك كېلىپ داستىخاندا ئولتۇرغىن»، دەيدىغانلار بارمۇ؟

8ئۇ بەلكى ئۇنىڭغا: «مېنىڭ تامىقىمنى تەييار قىل، مەن يەپ-ئىچىپ بولغۇچە بېلىڭنى باغلاپ مېنى كۈتكىن، ئاندىن ئۆزۈڭ يەپ-ئىچكىن، دېمەسمۇ؟

9قۇل ئەمر قىلىنغىنىدەك قىلغىنى ئۈچۈن خوجايىن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتامدۇ؟ مېنىڭچە، ئېيتمايدۇ.

10شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارغا ئەمر قىلىنغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلغىنىڭلاردىن كېيىن: بىز ئەرزىمەس قۇللارمىز؛ بىز پەقەت تېگىشلىك بۇرجىمىزنى ئادا قىلدۇق، خالاس»، دەيدىغان بولىسىلەر.

11ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتقاندا، سامارىيە بىلەن گالىلىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ،

12بىر كەنتكە كىرگىنىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم ئۇنىڭغا ئۇچراپ، يىراقتا توختاپ، ◼ 17:12 +bd «بىر كەنتكە كىرگىنىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم ئۇنىڭغا ئۇچراپ، يىراقتا توختاپ...»+bd* ــ نېمىشقا «يىراقتا توختاپ...»؟ ماخاۋ كېسىلىگە گرىپتار بولغانلار تەۋرات قانۇنى بويىچە ئادەملەرگە يېقىنلىشىشقا بولمايتتى («لاۋ.» 45:13-46، «چۆل.» 2:5-3نى كۆرۈڭ).*

13ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈپ: ئەي ئەيسا، ئۇستاز، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، دەپ ئۆتۈندى.

14ئۇلارنى كۆرگەندە ئۇ ئۇلارغا: بېرىپ ئۆزۈڭلارنى كاھىنلارغا كۆرسىتىڭلار، دېدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، ماخاۋدىن* پاكلاندى. ◼ 17:14 +bd «...ئۆزۈڭلارنى كاھىنلارغا كۆرسىتىڭلار»+bd* ــ تەۋرات قانۇنى بويىچە بىرسى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغان بولسا، مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى مەسئۇل كاھىننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى «ساق، ياكى ساق ئەمەس» دەپ تەكشۈرتۈپ قۇربانلىق قىلىشى كېرەك ئىدى؛ ئاندىن قايتىدىن جەمئىيەت بىلەن ئارىلىشالايتتى («لاۋ.» ،19:13، 1:14-11، «لۇقا» 14:5نى كۆرۈڭ). دېمىسەكمۇ، مەسىھ كەلگۈچە بۇنداق مۇراسىم بىر قېتىممۇ ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغان.* ◘ 17:14 لاۋ. 13‏:2؛ 14‏:2؛ مات. 8‏:4؛ لۇقا 5‏:14. *

15ئۇلاردىن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ساقايغىنىنى كۆرگەندە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، قايتتى.

16ئۇ كېلىپ ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ دۈم يېتىپ تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ سامارىيەلىك ئىدى. ◼ 17:16 +bd «ئۇ كېلىپ ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ دۈم يېتىپ تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ سامارىيەلىك ئىدى»+bd* ــ يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەرنى «يېرىم كاپىر» دەپ يامان كۆرەتتى.*

17ئەيسا بۇ ئىشقا قاراپ: پاك قىلىنغانلار ئون كىشى ئەمەسمىدى؟ قالغان توققۇزەيلەن قېنى؟

18بۇ يات ئەللىك مۇساپىردىن باشقا، خۇداغا ھەمدۇسانا ئوقۇغىلى ھېچكىم قايتىپ كەلمەپتىغۇ؟! ــ دېدى. ◼ 17:18 +bd «بۇ يات ئەللىك مۇساپىردىن باشقا، خۇداغا ھەمدۇسانا ئوقۇغىلى ھېچكىم قايتىپ كەلمەپتىغۇ؟!»+bd* ــ دېمەك، خۇدانىڭ خەلقى بولغان يەھۇدىيلاردىن ھېچكىم رەھمەت ئېيتىشقا قايتمىدى.*

19ئاندىن ئۇ ھېلىقى ئادەمگە: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، يولۇڭغا ماڭغىن! ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى!» ــ دېدى. ◼ 17:19 +bd «ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى!»+bd* ــ بىز شۇنى بايقايمىزكى، (1) ئۇ (باشقا توققۇزىغا ئوخشاش) مەسىھنىڭ سۆزىگە كىرىپ يولغا چىققانىدى؛ بۇ ئۆز ئىشەنچىنى ئىپادىلىگەن ھەرىكەتتۇر؛ (2) گەرچە كېسەلنى ساقايتقۇچى +bd مەسىھنىڭ ئۆزى+bd* بولغىنى بىلەن، ئۇ دائىم ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە باغلىغان ئېتىقادىنى (بار بولسا) ماختاپ ئۇلارنى شۇ يول بىلەن رىغبەتلەندۈرەتتى ــ «+bd سېنىڭ ئېتىقادىڭ+bd* سېنى ساقايتتى!».*

20بىر كۈنى* پەرىسىيلەر ئۇنىڭدىن: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى قاچان كېلىدۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولماس؛ ◼ 17:20 +bd «خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولماس»+bd* ــ مەنىسى، بەلكىم، ئۇنىڭ يەر يۈزىدە نامايان بولۇشى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئالامەتلەر بىلەن بولمايدۇ. مەسىھ دۇنياغا قايتىپ كەلگەندە پادىشاھلىق ھەممە ئادەمگە روشەن بولىدۇ (24-ئايەتنى كۆرۈڭ)؛ لېكىن شۇ ۋاقىتقىچە «كۆز بىلەن كۆرگىلى بولماس» ــ پەقەت ئېتىقاد ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ تېما ئۈستىدە ئازراق توختىلىمىز.*

21كىشىلەر: «قاراڭلار، ئۇ مانا بۇ يەردە!» ياكى «ئۇ يەردە!» دېيەلمەيدۇ. چۈنكى مانا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئاراڭلاردىدۇر. ◼ 17:21 +bd «مانا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئاراڭلاردىدۇر»+bd* ــ «ئاراڭلاردىدۇر» دېگەننىڭ باشقا بىر تەرجىمىسى «ئىچىڭلاردىدۇر» ياكى «دىلىڭلاردىدۇر». لېكىن بىزنىڭچە مەسىھ پۇلپەرەس، تەكەببۇر پەرىسىيلەرگە «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەردە» دەپ ھەرگىز دېمەيتتى. بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.* ◘ 17:21 مات. 24‏:23؛ مار. 13‏:21؛ لۇقا 21‏:7، 8. *

22كېيىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ «شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدىن بىرەر كۈنىنى بولسىمۇ كۆرۈشكە تەشنا بولىسىلەر، لېكىن كۆرەلمەيسىلەر. ◼ 17:22 +bd «ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدىن بىرەر كۈنى»+bd* ــ دېمەك، ئىنسانئوغلى (مەسىھ) دۇنياغا قايتىپ كېلىپ ھۆكۈم سۈرىدىغان كۈنلەرنىڭ بىرى.*

23شۇ چاغدا كىشىلەر سىلەرگە: «مانا ئۇ بۇ يەردە!» ۋە ياكى «مانا ئۇ ئۇ يەردە!» دەيدۇ؛ سىلەر نە بارماڭلار نە ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرمەڭلار. ◼ 17:23 +bd «شۇ چاغدا كىشىلەر سىلەرگە: «مانا ئۇ بۇ يەردە!» ۋە ياكى «مانا ئۇ ئۇ يەردە!» دەيدۇ»+bd* ــ «ئۇ» مۇشۇ يەردە مەسىھنىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە.* ◘ 17:23 مات. 24‏:23؛ مار. 13‏:21. *

24چۈنكى گويا ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن چاقماق چېقىپ يەنە بىر چېتىگىچە يورۇتىدىغاندەك، ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز كۈنىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ. ◼ 17:24 +bd «گويا ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن چاقماق چېقىپ يەنە بىر چېتىگىچە يورۇتىدىغاندەك»+bd* ــ ياكى «گويا چاقماق چېقىپ ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە يورۇتىدىغاندەك».*

25لېكىن ئۇ ئاۋۋال كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشى بۇ دەۋردىكىلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى مۇقەررەردۇر. ◼ 17:25 +bd « +bdit ئىنسانئوغلى+bdit* ئاۋۋال كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشى بۇ دەۋردىكىلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى مۇقەررەردۇر»+bd* ــ بۇ دەۋر بولسا ئۆز خەلقىنىڭ شۇ دەۋرى.* ◘ 17:25 مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ 20‏:18؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:31؛ 24‏:6، 7*

26ۋە نۇھ پەيغەمبەرنىڭ* كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ. ◘ 17:26 يار. 6‏:2؛ 7‏:7؛ مات. 24‏:37،38؛ 1پېت. 3‏:20. *

27تاكى نۇھ كېمىگە كىرىپ ئولتۇرغان كۈنگىچە، كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، ئۆيلىنىپ ۋە ياتلىق بولۇپ كېلىۋاتقانىدى؛ ئاندىن توپان كېلىپ ھەممىسىنى ھالاك قىلدى.

28ھەم يەنە، لۇتنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا شۇنداق بولىدۇ ــ كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، سودا-سېتىق قىلىپ، تېرىقچىلىق قىلاتتى ۋە ئۆيلەرنى سالاتتى. ◼ 17:28 +bd «+bdit ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدە+bdit* ... لۇتنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا شۇنداق بولىدۇ»+bd* ــ «لۇت» ــ ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ جىيەنى. بۇ ۋەقەلەر توغرىسىدا «يار.» 18-19-بابلارنى كۆرۈڭ.*

29لېكىن لۇت سودوم شەھىرىدىن چىققان كۈنى، ئاسماندىن ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېغىپ، بۇ شەھەردىكىلەرنىڭ* ھەممىسىنى ھالاك قىلدى. ◘ 17:29 يار. 19‏:24؛ قان. 29‏:22؛ يەش. 13‏:19؛ يەر. 50‏:40؛ ھوش. 11‏:8؛ ئام. 4‏:11؛ يەھ. 7. *

30ئەمدى ئىنسانئوغلى ئاشكارا بولىدىغان كۈندە ئەنە شۇنداق بولىدۇ.

31شۇ كۈنى، ھەركىم ئۆگزىدە تۇرۇپ، نەرسە-كېرەكلىرى ئۆيىدە بولسىمۇ، ئالغىلى چۈشمىسۇن؛ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىمكى ئېتىزلىقتا بولسا ئۆيىگە* ھېچ يانمىسۇن. ◼ 17:31 +bd «شۇ كۈنى، ھەركىم ئۆگزىدە تۇرۇپ، نەرسە-كېرەكلىرى ئۆيىدە بولسىمۇ، ئالغىلى چۈشمىسۇن»+bd* ــ بۈگۈنگە قەدەر قانائان (پەلەستىن)دىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىنىڭ سىرتقى پەلەمپېيى بار، ئۆيىگە چۈشمەي قاچقىلى بولىدۇ. +bd «ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىمكى ئېتىزلىقتا بولسا ئۆيىگە ھېچ يانمىسۇن»+bd* ــ دېمەك، شۇ كۈنىدە خۇدانىڭ جازاسى شۇنچە تېز كېلىدۇكى، ئېتىقادى بار ھەربىرى كەينىگە ھېچ قارىمايلا، بەدەر قېچىشى كېرەك بولىدۇ. 32-ئايەتنى كۆرۈڭ.*

32لۇتنىڭ ئايالىنى يادىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار! ◼ 17:32 +bd «لۇتنىڭ ئايالىنى يادىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار!»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا سودوم شەھىرىنى جازالىغان كۈنىدە، لۇت ۋە ئائىلىسىدىكىلەر قاچقاندا، ئۇنىڭ ئايالى ئۆتكەنكى راھەتلىك تۇرمۇشىنى ۋە مال-مۈلكىنى تاشلاشقا كۆزى قىيماي كەينىگە قارىغانىدى، تۇز تۈۋرۈككە ئايلىنىپ قالغان.* ◘ 17:32 يار. 19‏:15-17، 26. *

33كىمكى ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزماقچى بولسا، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. ◘ 17:33 مات. 10‏:39؛ 16‏:25؛ مار. 8‏:35؛ لۇقا 9‏:24؛ يـۇھ. 12‏:25. *

34سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئۇ كېچىدە ئىككى ئادەم بىر ئورۇندا ياتىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ. ◘ 17:34 مات. 24‏:40،41؛ 1تېس. 4‏:17. *

35‏-36 ئىككى ئايال يارغۇنچاق بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ». ◼ 17:35‏-36 +bd «ئىككى ئايال يارغۇنچاق بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ»+bd* ــ پىكرىمىزچە «ئېلىپ كېتىلىدىغانلار» ھەققانىيلاردۇر؛ ئېتىقادسىزلار «قالدۇرۇلىدۇ». مەسىلەن، «مات.» 31:24، «1تېس.» 1:4-11نى كۆرۈڭ. نۇھ پەيغەمبەر ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ۋە شۇنىڭدەك لۇتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر خۇدانىڭ جازاسى ئالدىدىن «ئېلىپ كېتىلىپ» قۇتۇلغان، بىراق قالدۇرۇلغانلار ئاسماندىن چۈشۈرۈلگەن جازاغا ئۇچرىغان.

© 2010 Institute for Bible Translation
v>