1ۋە ئۇ ئۇلارغا، بوشاشماي، ھەردائىم دۇئا قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا بىر تەمسىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ◘ 18:1 رىم. 12:12؛ ئەف. 6:18؛ كول. 4:2؛ 1تېس. 5:17. *
2ــ «مەلۇم شەھەردە بىر سوتچى بار ئىكەن. ئۇ خۇدادىنمۇ قورقمايدىكەن، ئادەملەرگىمۇ پەرۋا قىلمايدىكەن.
3شۇ شەھەردە بىر تۇل ئايال بار ئىكەن ۋە ئۇ دائىم سوتچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئەيىبكاردىن ھەققىمنى ئېلىپ بەرگىن» دەپ تەلەپ قىلىدىكەن.
4ئۇ خېلى ۋاقىتقىچە ئۇنى رەت قىپتۇ؛ بىراق كېيىن كۆڭلىدە: خۇدادىنمۇ قورقمايمەن، ئادەملەرگىمۇ پەرۋا قىلمايمەن،
5لېكىن بۇ تۇل خوتۇن مېنى ئاۋارە قىلىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ماڭا چاپلىشىۋېلىپ مېنى ھالىمدىن كەتكۈزۈۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەرھالدا ئۇنىڭ دەۋايىنى سوراپ قوياي!» ــ دەپ ئويلاپتۇ».
6رەب: قاراڭلار، ئادالەتسىز بۇ سوتچىنىڭ نېمە دېگەنلىرىگە!
7ئۇ شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىگە كېچە-كۈندۈز نىدا قىلىۋاتقان تاللىغان بەندىلىرىگە قانداق قىلار؟ گەرچە خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە ھەمدەرد بولۇش بىلەن بىرگە رەزىللىككە* ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلسىمۇ، ئاخىرىدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ ◼ 18:7 +bd «گەرچە خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە ھەمدەرد بولۇش بىلەن بىرگە رەزىللىككە ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلسىمۇ، ئاخىرىدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟»+bd* ــ «دەردىگە يەتمەس» گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە يەنە «ھەققىنى بەرمەس» ياكى «ئادالەتنى يۈرگۈزمەس»نىمۇ بىلدۈرىدۇ.
8مەن سىلەرگە ئېيتايكى: ئۇ ئۇلارنىڭ دەردىگە يېتىپ ناھايىتى تېزلا ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ! لېكىن ئىنسانئوغلى كەلگەندە يەر يۈزىدە ئىمان-ئىشەنچ تاپالامدۇ؟ ــ دېدى. ◼ 18:8 +bd «لېكىن ئىنسانئوغلى كەلگەندە يەر يۈزىدە ئىمان-ئىشەنچ تاپالامدۇ؟»+bd* ــ دېمەك، خۇدا ئىنسانلارنى دۇئا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دۇئالارغا ئىجابەت قىلىشقا تەييار تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا شۇنچە كۆپ ۋەدە قىلغان يەردە، نېمىشقا ئىمان-ئىشەنچ ئاز بولىدۇ؟ لېكىن دەرۋەقە ئاز بولۇشى مۇمكىن.*
9ئۇ ئۆزلىرىنى ھەققانىي دەپ قاراپ، باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان بەزىلەرگە قارىتىپ، مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتتى:
10ــ ئىككى ئادەم دۇئا قىلغىلى ئىبادەتخانىغا بېرىپتۇ. بىرى پەرىسىي، يەنە بىرى باجگىر ئىكەن.
11پەرىسىي ئۆرە تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دۇئا قىلىپتۇ: ــ «ئەي خۇدا، مېنىڭ باشقا ئادەملەردەك بۇلاڭچى، ئادالەتسىز، زىناخور ۋە ھەتتا بۇ باجگىردەك بولمىغىنىم ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر! ◘ 18:11 يەش. 1:15؛ 58:2؛ ۋەھ. 3:17،18. *
12ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم روزا تۇتىمەن ۋە تاپقانلىرىمنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى سەدىقە قىلىمەن».
13بىراق ھېلىقى باجگىر يىراقتا تۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ پېتىنالماي مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ: «ئەي خۇدا، مەن مۇشۇ گۇناھكارغا رەھىم قىلغايسەن!» ــ دەپتۇ. ◼ 18:13 +bd «ئەي خۇدا، مەن مۇشۇ گۇناھكارغا رەھىم قىلغايسەن!»+bd* ــ «مۇشۇ گۇناھكار» گرېك تىلىدا «دۇنيادا بىردىنبىر گۇناھكار» دېگەن مەنىنى پۇرىتىدۇ.*
14مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، بۇ ئىككىيلەندىن پەرىسىي* ئەمەس، بەلكى باجگىر* كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنار، لېكىن كىمكى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسا ئۈستۈن كۆتۈرۈلەر. ◼ 18:14 +bd «...باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ»+bd* ــ «كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ» گرېك تىلىدا «ھەققانىي قىلىنىپ» دېيىلىدۇ.* ◘ 18:14 ئايۇپ 22:29؛ پەند. 29:23؛ مات. 23:12؛ لۇقا 14:11؛ ياق. 4:6،10؛ 1پېت. 5:5. *
15ئەمدى قولىنى تەگكۈزسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلەتتى. لېكىن بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى. ◘ 18:15 مات. 19:13؛ مار. 10:13. *
16ئەمما ئەيسا بالىلارنى يېنىغا چاقىرىپ: كىچىك بالىلارنى ئالدىمغا كەلگىلى قويۇڭلار، ئۇلارنى توسۇشماڭلار. چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلاردىن تەركىب تاپقاندۇر. ◘ 18:16 مات. 18:3؛ 19:14؛ 1كور. 14:20؛ 1پېت. 2:2. *
17مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى: كىمكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىدەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، ــ دېدى.
18مەلۇم بىر ھۆكۈمدار ئەيسادىن: ئى ياخشى ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك، ــ دەپ سورىدى. ◼ 18:18 +bd «مەلۇم بىر ھۆكۈمدار»+bd* ــ «ھۆكۈمدار» ــ رىم ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن يەھۇدىي «ھاكىم». +bd «مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟»+bd* ــ گرېك تىلىدا «نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟» دېگەن سۆز مەلۇم بىر ئىشنى بىرلا قېتىم قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.* ◘ 18:18 مات. 19:16؛ مار. 10:17. *
19لېكىن ئەيسا: مېنى نېمە ئۈچۈن ياخشى دەيسەن؟ ياخشى بولغۇچى پەقەت بىرلا، يەنى خۇدادۇر.
20ئەمرلەرنى بىلىسەن: ــ «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ــ دېدى. ◘ 18:20 مىس. 20:12-16؛ قان. 5:17-20؛ رىم. 13:9؛ ئەف. 6:2؛ كول. 3:20. *
21ــ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ــ دېدى ئۇ.
22ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: ــ سەندە يەنە بىر ئىش كەم. پۈتكۈل مال-مۈلكىڭنى سېتىپ، پۇلىنى يوقسۇللارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەرگىن ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئەرشتە خەزىنەڭ بولىدۇ؛ ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى. ◘ 18:22 مات. 6:19؛ 19:21؛ 1تىم. 6:19. *
23ئەمما ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ تولىمۇ قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ ناھايىتى باي ئىدى.
24تولىمۇ قايغۇغا چۆمۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئەيسا: ــ مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەس-ھە! ◘ 18:24 پەند. 11:28؛ مات. 19:23؛ مار. 10:23. *
25تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشى باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشىدىن ئاساندۇر! ــ دېدى.
26بۇنى ئاڭلىغانلار: ــ ئۇنداق بولسا، كىم نىجاتقا ئېرىشەلىسۇن؟ ــ دېيىشتى.
27ئەمما ئۇ جاۋابەن: ــ ئىنسانلارغا مۇمكىن بولمىغان ئىشلار خۇداغا مۇمكىندۇر ــ دېدى. ◘ 18:27 ئايۇپ 42:2؛ يەر. 32:17؛ زەك. 8:6؛ لۇقا 1:37. *
28ئەمدى پېترۇس: ــ مانا، بىز بار-يوقىمىزنى تاشلاپ ساڭا ئەگەشتۇق!؟ ــ دېدى. ◘ 18:28 مات. 4:20؛ 19:27؛ مار. 10:28؛ لۇقا 5:11. *
29ئۇ ئۇلارغا: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئۆي-ۋاق يا ئاتا-ئانىسى يا قېرىنداشلىرى يا ئايالى يا بالىلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەربىرى ◘ 18:29 قان. 33:9. *
30بۇ زاماندا بۇلارغا كۆپ ھەسسىلەپ مۇيەسسەر بولىدۇ ۋە كېلىدىغان زاماندىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەي قالمايدۇ. ــ دېدى. ◘ 18:30 ئايۇپ 42:12. *
31ئاندىن ئۇ ئون ئىككەيلەننى ئۆز يېنىغا ئېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مانا، بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىۋاتىمىز ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانئوغلى توغرىسىدا پۈتكەنلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە* ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ◘ 18:31 زەب. 22؛ يەش. 53:7؛ مات. 16:21؛ 17:22؛ 20:17؛ مار. 8:31؛ 9:31؛ 10:32؛ لۇقا 9:22؛ 24:7. *
32چۈنكى ئۇ يات ئەللەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، خارلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈكۈرىدۇ؛ ◼ 18:32 +bd « +bdit ئىنسانئوغلى+bdit* يات ئەللەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ»+bd* ــ «تاپشۇرۇلىدۇ» دېگەننىڭ «ساتقۇنلۇق قىلىنىدۇ» دېگەن ئىككىنچى مەنىسىمۇ بار.* ◘ 18:32 مات. 27:2؛ لۇقا 23:1؛ يـۇھ. 18:28؛ روس. 3:13. *
33ئۇلار ئۇنى قامچىلىغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؛ ۋە ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ، ــ دېدى.
34بىراق ئۇلار بۇ سۆزلەردىن ھېچنېمىنى چۈشەنمىدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇلاردىن يوشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ نېمە ئېيتقىنىنى بىلەلمەي قالدى. ◼ 18:34 +bd «بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇلاردىن يوشۇرۇلغان بولۇپ...»+bd* ــ كىمنىڭ تەرىپىدىن يوشۇرۇلغانلىق ئېيتىلمايدۇ. شەيتان تەرىپىدىنمۇ، ياكى خۇدا تەرىپىدىنمۇ؟ ياكى پەقەت ئۆز گاللىقى تەرىپىدىنمۇ؟ بۇ قېتىم سۆزنىڭ مەزمۇنى ئىلگىرىكى قېتىمدىكى سۆزلىرىگە ئوخشاش ئىدى (45:9). بىزنىڭچە يوشۇرغۇچى شەيتان، لېكىن خۇدا شەيتاننىڭ ئالدىشىغا يول قويۇشى بىلەن، ئۇلارنىڭ چۈشەنمەسلىكى ئارقىلىق ئۆز شان-شەرىپىنى تېخىمۇ روشەن قىلماقچى بولدى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.*
35ۋە شۇنداق ئىش بولدىكى، ئۇ يېرىخو شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا، بىر كور كىشى يولنىڭ بويىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. ◼ 18:35 +bd «يېرىخو شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا»+bd* ــ ماتتا بۇ ۋەقەنى بايان قىلغاندا («مات.» 29:20) «يېرىخودىن چىققاندا» دەيدى. ئەمەلىيەتتە شۇ ۋاقىتتا ئىككى «يېرىخو شەھىرى» بار ئىدى، خۇددى قەشقەردىكى «يېڭى شەھەر» ۋە «كونا شەھەر»لەردەك.* ◘ 18:35 مات. 20:29؛ مار. 10:46. *
36ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ: ــ نېمە ئىش بولغاندۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
37خەق ئۇنىڭغا:
38ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ ۋارقىراپ كەتتى ئۇ. ◼ 18:38 +bd «ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا،...»+bd* ــ «داۋۇتنىڭ ئوغلى» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ (پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەتلىرى بويىچە مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولاتتى).*
39ۋە ئەيسانىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقانلار ئۇنى: ــ شۈك ئولتۇر! دەپ ئەيىبلەشتى. بىراق ئۇ: ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىدى.
40ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇنى ئالدىغا باشلاپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ۋە قارىغۇ ئۇنىڭغا يېقىن كەلگەندە ئۇ ئۇنىڭدىن:
41ــ سەن مېنى نېمە قىلىپ بەر، دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
42ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ كۆرىدىغان بولغىن! ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى، ــ دېدى.