لۇقا 19:1-47 UIGB2010 - Bible AI

1ئۇ يېرىخو شەھىرىگە كىرىپ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.

2مانا شۇ يەردە زاكاي ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ «باش باجگىر» بولۇپ، ئىنتايىن باي ئىدى. ◼ 19:2 +bd «شۇ يەردە زاكاي ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىكى «زاكاي» گرېك تىلىدا «زاكېئۇس» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.*

3ئۇ ئەيسانىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈشكە پۇرسەت ئىزدەۋاتاتتى، لېكىن بويى پاكار بولغاچقا، خەلقنىڭ تولىلىقىدىن ئۇنى كۆرەلمەيتتى.

4شۇڭا ئۇ ئالدى تەرەپكە يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىگە يامىشىپ چىقتى؛ چۈنكى ئەيسا ئۇ يول بىلەن ئۆتەتتى.

5ۋە ئەيسا ئۇ يەرگە كەلگەندە يۇقىرىغا قاراپ ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: ــ زاكاي، چاپسان چۈشكىن! چۈنكى مەن بۈگۈن سېنىڭ ئۆيۈڭدە قونۇشۇم كېرەك، ــ دېدى.

6ئۇ ئالدىراپ چۈشۈپ، خۇشاللىق بىلەن ئۇنى ئۆيىدە* مېھمان قىلدى.

7بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقنىڭ ھەممىسى: ئۇ گۇناھكار كىشىنىڭكىدە قونغىلى كىرىپ كەتتى! ــ دەپ غوتۇلدىشىپ كەتتى. ◼ 19:7 +bd «بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقنىڭ ھەممىسى: ئۇ گۇناھكار كىشىنىڭكىدە قونغىلى كىرىپ كەتتى! ــ دەپ غوتۇلدىشىپ كەتتى»+bd* ــ خالايىقنىڭ نارازى بولۇپ ھەيران قالغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى باجگىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئالدامچى، «باش باجگىر» تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى.*

8لېكىن زاكاي ئورنىدىن تۇرۇپ رەبگە: ــ ئى رەببىم، مانا، مۈلكۈمنىڭ يېرىمىنى يوقسۇللارغا بېرىمەن؛ ئەگەر بىراۋنى يالغاندىن شىكايەت قىلىپ ئۇنىڭدىن بىرنېمە ئۈندۈرۈۋالغان بولسام بىرىگە تۆتنى قايتۇرىمەن، ــ دېدى.

9بۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا قاراپ*: ــ بۈگۈن نىجات بۇ ئۆيگە كىردى. چۈنكى بۇ كىشى ھەم ئىبراھىمنىڭ ئوغلىدۇر! ◼ 19:9 +bd «بۈگۈن نىجات بۇ ئۆيگە كىردى»+bd* ــ «يەش.» 13:46؛ 5:51، 6؛ 1:56نى كۆرۈڭ. +bd «چۈنكى بۇ كىشى ھەم ئىبراھىمنىڭ ئوغلىدۇر!»+bd* ــ «ئىبراھىمنىڭ بىر ئوغلىدۇر» مۇشۇ يەردە دېگەن مەنىسى، ئۇ ئېتىقاد يولىدا ئىبراھىمغا «پەرزەنت بولغان»، روھىي جەھەتتە ئىبراھىمنى ئۈلگە قىلىپ ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشكەن.* ◘ 19:9 لۇقا 13‏:16. *

10چۈنكى ئىنسانئوغلى ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، ــ دېدى. ◘ 19:10 مات. 10‏:6؛ 15‏:24؛ 18‏:11؛ روس. 13‏:46. *

11خالايىق بۇ سۆزلەرنى تىڭشاۋاتقاندا ئۇ يەنە سۆز قىلىپ بىر تەمسىلنى قوشۇپ ئېيتتى. چۈنكى ئۇ يېرۇسالېمغا يېقىنلاشقانىدى ۋە ئۇلار: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەرھال نامايان بولىدىغۇ!؟» ــ دەپ ئويلاشقانىدى. ◼ 19:11 +bd « +bdit خالايىق+bdit*: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەرھال نامايان بولىدىغۇ!؟» ــ دەپ ئويلاشقانىدى»+bd* ــ خالايىق (1) ئەيسانىڭ ياراتقان كۆپ مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ كەلگەنىدى؛ (2) يەھۇدىي رەھبەرلەر ۋە چوڭلىرىنىڭ ئەيساغا قارشى چىققانلىقىنى بىلەتتى؛ (3) شۇڭا ئۇلار: ئۇ يېرۇسالېمغا يېتىپ بارغاندا چوقۇم بۇ روھىي دۈشمەنلەرنى، شۇنداقلا «ۋەتەنىمىزنى ئىشغال قىلغان رىم ئىمپېرىيەسىدىكى رەزىل كاپىرلار»نى يوقىتىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلىدۇ، دەپ ئويلىشى مۇمكىن ئىدى.*

12شۇڭا ئۇ مۇنداق دېدى: بىر ئاقسۆڭەك پادىشاھلىق تەختىگە ئېرىشىپ كېلىش ئۈچۈن يىراق بىر يۇرتقا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ◘ 19:12 مات. 25‏:14؛ مار. 13‏:34. *

13ئاۋۋال* ئۇ ئۆزىنىڭ ئون قۇلىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا ئون تىللانى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ: «مەن قايتىپ كەلگۈچە بۇنىڭ بىلەن* ئوقەت قىلىڭلار» ــ دەپتۇ. ◼ 19:13 +bd «... ئۇ ئۆزىنىڭ ئون قۇلىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا ئون تىللانى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ...»+bd* ــ «تىللا» گرېك تىلىدا «مىنا». بۇ پۇل بىر ئىشچىنىڭ ئۈچ-تۆت ئايلىق ھەققىگە باراۋەر ئىدى.*

14بىراق ئۆز يۇرت پۇقرالىرى ئۇنىڭغا ئۆچ بولغاچقا، كەينىدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: «بۇ كىشىنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇشىنى خالىمايمىز!» دەپتۇ. ◼ 19:14 +bd «بىراق ئۆز يۇرت پۇقرالىرى ئۇنىڭغا ئۆچ بولغاچقا، كەينىدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: «بۇ كىشىنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇشىنى خالىمايمىز!» دەپتۇ»+bd* ــ بۇ تەمسىلدىكى پادىشاھ «بۈيۈك ھېرود»قا ئوخشاپ كېتىدۇ؛ «بۈيۈك ھېرود» مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 40-يىلىدا يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن رىمغا باردى؛ لېكىن ئىسرائىللار ئۇنىڭغا قارشى چىققاچقا، پەقەت 37-يىلىدا پادىشاھ بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى «ھېرود ئارقېلائۇس»نىڭ تارىخىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.*

15ۋە ئۇ پادىشاھلىق مەنسىپىگە ئېرىشىپ قايتىپ كەلگەندە شۇنداق بولدىكى، ھەربىرىنىڭ تىجارەت بىلەن قانچە پايدا تاپقىنىنى بىلمەكچى بولۇپ، پۇلىنى تاپشۇرغان ھېلىقى قۇللىرىنى ئۆز ئالدىغا چاقىرتىپتۇ.

16ۋە ئاۋۋالقىسى كېلىپ: «ئى خوجام، سىلى بەرگەن تىللا ئون تىللا پايدا قىلدى» دەپتۇ.

17«يارايسەن، ئەي ياخشى قۇل! سەن كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك چىققانلىقىڭ ئۈچۈن ئون شەھەرگە ھاكىم بولغىن» ــ دەپتۇ خوجايىن ئۇنىڭغا.

18ئىككىنچىسى كېلىپ: «ئى خوجام، سىلى بەرگەن تىللا بەش تىللا پايدا قىلدى» دەپتۇ.

19خوجايىن ئۇنىڭغا ھەم: «سەن ھەم بەش شەھەرگە ھاكىم بولغىن» دەپتۇ.

20لېكىن يەنە بىرسى كېلىپ: «ئى خوجام، مانا سىلى بەرگەن تىللا! بۇنى ياغلىققا چىگىپ بىر جايدا قويۇپ ساقلىدىم.

21چۈنكى سىلى قاتتىق ئادەم ئىكەنلا، سىلى ئامانەت قىلمىغانلىرىدىن پايدا ئۈندۈرۈپ، ئۆزلىرى تېرىمىغانلىرىدىن ھوسۇل يىغىلا. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلىدىن قورقتۇم» دەپتۇ. ◼ 19:21 +bd «سىلى ئامانەت قىلمىغانلىرىدىن پايدا ئۈندۈرۈپ،...»+bd* ــ «ئامانەت قىلىش» مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا ئادەتتە پۇلنى بانكىغا سالغانلىقنى كۆرسىتىدۇ.

22ئەمما خوجايىنى* ئۇنىڭغا: «ئەي ئەسكى قۇل، ساڭا ئۆز ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلىرىڭ بويىچە ھۆكۈم قىلاي. سەن مېنىڭ ئامانەت قىلماي ئۈندۈرۈۋالىدىغان، تېرىماي تۇرۇپ يىغىۋالىدىغان قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، ◘ 19:22 2سام. 1‏:16؛ مات. 12‏:37. *

23نېمە ئۈچۈن مېنىڭ پۇلۇمنى خەزىنىچىلەرگە ئامانەت قويمىدىڭ؟ مەن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنى ئۆسۈمى بىلەن ئالماسمىدىم؟» ــ دەپتۇ.

24ئاندىن ئۇ يېنىدىكىلەرگە: «ئۇنىڭدىكى تىللانى ئېلىپ ئون تىللا تاپقان قۇلغا بېرىڭلار!» دەپ بۇيرۇپتۇ.

25ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئى خوجا، ئۇنىڭ ئون تىللاسى تۇرسا!» ــ دەپتىكەن،

26ھوجايىن يەنە مۇنداق دەپتۇ*: «ــ چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. ◼ 19:26 +bd «كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ...»+bd* ــ «بۇ ئەھمىيەتلىك سۆز «مات.» 12:13، 29:25 ۋە «مار.» 25:4دىمۇ تېپىلىدۇ. بۇ «بار بولسا» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئەبەدىي ئەھمىيەتلىك بىرەر نەرسە بولسا كېرەك، بۇ چوقۇم ئىمان-ئىشەنچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز ئۆزىمىزگە «ئەبەدىي ئەھمىيەتلىك» ھەربىرنېمە بولۇشى ئۈچۈن پەقەت مەسىھتىنلا تاپالايمىز، ئەلۋەتتە.* ◘ 19:26 مات. 13‏:12؛ 25‏:29؛ مار. 4‏:25؛ لۇقا 8‏:18. *

27ئەمدى ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈشۈمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمنى بولسا، ئۇلارنى كەلتۈرۈپ، مېنىڭ ئالدىمدا قەتل قىلىڭلار».

28ئۇ بۇ ئىشلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا چىقىشقا ئالدىغا قاراپ ماڭدى. ◼ 19:28 +bd «ئۇ... ئالدىغا قاراپ ماڭدى»+bd* ــ ياكى «مۇخلىسلار ئالدىدا ماڭدى» ياكى «توپنىڭ ئالدىدا ماڭدى».*

29ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى ۋە بەيت-ئانىيا يېزىلىرىغا يېقىن كەلگىنىدە، ئىككى مۇخلىسىغا مۇنۇلارنى تاپىلاپ ئالدىن ئەۋەتتى: ◘ 19:29 مات. 21‏:1؛ مار. 11‏:1. *

30ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. ئۇ يەرگە كىرىپلا ھېچ ئادەم بالىسى مىنىپ باقمىغان، باغلاقلىق بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ بۇ يەرگە يېتىلەپ كېلىڭلار. ◼ 19:30 +bd «...ھېچ ئادەم بالىسى مىنىپ باقمىغان، باغلاقلىق بىر تەخەينى كۆرىسىلەر»+bd* ــ «ھېچ ئادەم بالىسى مىنىپ باقمىغان بىر تەخەي»گە ئاۋارىسىز مىنىش ئادەتتە مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە.* ◘ 19:30 زەب. 1:24*

31ئەگەر بىرسى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنى يېشىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، سىلەر ئۇنىڭغا: «رەبنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى» ــ دەڭلار.

32شۇنىڭ بىلەن ئەۋەتىلگەنلەر بېرىۋىدى، ئىش دەل ئۇ ئۇلارغا ئېيتقاندەك بولدى.

33ئۇلار تەخەينى يېشىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئىگىلىرى ئۇلاردىن: ــ تەخەينى نېمىشقا يېشىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.

34ئۇلار: ــ رەبنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى، ــ دېدى.

35ئۇلار ئۇنى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كەلدى؛ ۋە يېپىنچا-چاپانلىرىنى تەخەينىڭ ئۈستىگە سېلىپ، ئەيسانى يۆلەپ ئۈستىگە مىندۈردى. ◘ 19:35 يـۇھ. 12‏:14. *

36ئۇ كېتىپ بارغىنىدا، خەلقلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى.

37‏-38 ۋە ئۇ زەيتۇن تېغىدىن چۈشۈش يولىغا يېقىنلاشقىنىدا، پۈتكۈل مۇخلىسلار جامائىتى شادلىنىپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر ئۈچۈن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگەن پادىشاھ مۇبارەكتۇر! ئاسمانلاردا تىنچ-ئىناقلىق تىكلەنگەي، ئەرشىئەلادا شان-شەرەپ ئايان بولغاي!» دەپ توۋلىشىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى. ◼ 19:37‏-38 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگەن پادىشاھ مۇبارەكتۇر!»+bd* ــ «زەب.» 38:118. +bd ئاسمانلاردا تىنچ-ئىناقلىق تىكلەنگەي، ئەرشىئەلادا شان-شەرەپ ئايان بولغاي!»+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەرنى «لۇقا» 14:2دىكى سۆزلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. «ئاسمانلاردا تىنچ-ئىناقلىق بولغاي» دېگەن سۆز ئىنتايىن سىرلىق گەپتۇر: پىكرىمىزچە، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەلكىم: ــ (1) خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن ياراشتۇرۇلغانلىقىدىن چىققان ئىناقلىق +bd ئەرشتە+bd* بىلىنىدۇ («ئەف.» 1:2-6، 14نى كۆرۈڭ)؛ (2) مەسىھنىڭ ئۆلۈمى بىلەن شەيتاننىڭ ئەرشكە چىقىپ، خۇدانىڭ نامىنى ھاقارەتلەپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن يالغان ئەرز-شىكايەت قىلىش يولى مۇتلەق تۈگىتىلىدۇ (مەسىلەن، «ئايۇپ» 6:1-12، 1:2-6، «ئىبر.» 23:9نى كۆرۈڭ). +bd «پۈتكۈل مۇخلىسلار جامائىتى شادلىنىپ... ئاسمانلاردا تىنچ-ئىناقلىق تىكلەنگەي، ئەرشىئەلادا شان-شەرەپ ئايان بولغاي!» دەپ توۋلىشىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى»+bd* ــ ئۇلار جاكارلايدىغان ئىش ــ بىز ئەگەشكەن بۇ ناسارەتلىك ئەيسا دەل خۇدا ئەۋەتكەن مەسىھ-قۇتقۇزغۇچى، يەھۇدىيلارنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈن جاھاننىڭ پادىشاھىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بۇ كۈننى، خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بولغان يەھۇدىيلارغا ئوچۇق ھالدا: «ئۇ، مانا مەن سىلەرگە ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىڭلار ۋە پادىشاھىڭلاردۇر ــ ئۇنى قوبۇل قىلامسىلەر؟» دەپ ئېتىقاد قىلىش پۇرسىتىنى بەرگەن كۈن دېيىشكە بولىدۇ.* ◘ 19:37‏-38 زەب. 118‏:26؛ لۇقا 2‏:14؛ ئ‍ەف. 2‏:14. *

39لېكىن توپنىڭ ئىچىدە بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئۇستاز، مۇخلىسلىرىڭغا مۇشۇ گەپلىرى ئۈچۈن* تەنبىھ بەر! ــ دېيىشتى.

40بىراق ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، بۇلار جىم تۇرغان بولسا، ھەتتا بۇ تاشلارمۇ چۇقان سېلىشقان بولاتتى، ــ دېدى. ◘ 19:40 ھاب. 2‏:11. *

41ئەمدى ئۇ شەھەرگە يېقىنلىشىپ ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلاپ مۇنداق دېدى:

42ــ ئى يېرۇسالېم*! سەن بۈگۈن، بۇ كۈنۈڭدە، تىنچ-ئامانلىقىڭ ئۈچۈن نېمە كېرەك بولغىنىنى بىلسەڭ ئىدى! كاشكى، بۇ ئىشلار ھازىر كۆزلىرىڭدىن يوشۇرۇندۇر.

43چۈنكى شۇنداق كۈنلەر بېشىڭغا كېلىدۇكى، دۈشمەنلىرىڭ ئەتراپىڭنى قاشا-ئىستىھكام بىلەن قورشاپ سېنى قاماپ تۆت تەرەپتىن قىستايدۇ.

44ئۇلار سېنى ۋە سېپىلىڭ*نىڭ ئىچىڭدىكى بالىلىرىڭنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ، ھەتتا تاشنى تاشنىڭ ئۈستىدىمۇ قالدۇرمايدۇ؛ چۈنكى خۇدا*نىڭ سېنى يوقلىغان پەيتىنى بىلىپ يەتمىدىڭ. ◼ 19:44 +bd «خۇدانىڭ سېنى يوقلىغان پەيتى»+bd* ــ دېمەك، خۇدا يېقىن كېلىپ شاپائەت كۆرسەتكەن پەيت. مۇشۇ ئايەتلەردە مەسىھ رىملىقلارنىڭ مىلادىيە -70يىلى يېرۇسالېمنى قورشىۋېلىپ ئىشغال قىلىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئېيتىپ بېشارەت بېرىدۇ.* ◘ 19:44 1پاد. 9‏:7، 8؛ مىك. 3‏:12؛ مات. 24‏:1، 2؛ مار. 13‏:2؛ لۇقا 21‏:6. *

45ۋە ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ،

46ئۇلارغا: ــ مۇقەددەس يازمىلاردا: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا بولىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلەر ئۇنى «بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسى» قىلىۋالدىڭلار! ــ دېدى. ◼ 19:46 +bd «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا بولىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلەر ئۇنى «بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسى»+bd* ــ «يەش.» 7:56، «يەر.» 11:7نى كۆرۈڭ.* ◘ 19:46 1پاد. 8‏:29؛ يەش. 56‏:7؛ يەر. 7‏:11؛ مات. 21‏:13؛ مار. 11‏:17. *

47شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ھەركۈنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرەتتى. باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە يۇرت چوڭلىرى ئۇنى يوقىتىشقا ئامال ئىزدىدى. ◘ 19:47 مار. 11‏:18؛ يـۇھ. 7‏:19؛ 8‏:37. *

© 2010 Institute for Bible Translation
v>