1ئەمدى شۇ كۈنلەردە، رىم ئىمپېراتورى* قەيسەر ئاۋغۇستۇستىن بارلىق خەلقتىن باج ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ رويخېتى تىزىملانسۇن دەپ پەرمان چۈشتى. ◼ 2:1 +bd «قەيسەر ئاۋغۇستۇس»+bd* ــ «قەيسەر» رىم ئىمپېراتورلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇنۋانى. «قەيسەر ئاۋغۇستۇس» بولسا رىم ئىمپېرىيەسى ئۈستىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 27-يىلىدىن مىلادىيە 14-يىلىغىچە سەلتەنەت قىلدى.*
2تۇنجى قېتىملىق بۇ نوپۇس تىزىملاش كىرىنىيۇس سۇرىيە ئۆلكىسىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى. ◼ 2:2 +bd «تۇنجى قېتىملىق بۇ نوپۇس تىزىملاش كىرىنىيۇس سۇرىيە ئۆلكىسىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «بۇ رويخەت كىرىنىيۇسنىڭ سۇرىيە ئۆلكىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغان ۋاقتىدىكى تۇنجى قېتىملىق نوپۇس تىزىملاش ئىدى».*
3شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىش كېرەك بولدى.
4يۈسۈپمۇ داۋۇت پادىشاھنىڭ* جەمەتىدىن بولغاچقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولغاچقا، گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەت شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى، داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيت-لەھەم دېگەن شەھەرگە كەتتى. ◼ 2:4 +bd «داۋۇت پادىشاھنىڭ جەمەتىدىن بولغاچقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولغاچقا...»+bd* ــ دېمەك، يۈسۈپنىڭ داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇدەك ئەۋلادلىرىدىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە كېرەك. +bd «داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيت-لەھەم دېگەن شەھەر»+bd* ــ «شەھەر» دېيىلگىنى بىلەن بەيت-لەھەم ئىنتايىن كىچىك بىر يۇرت ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدىن ئون ئىككى كىلومېتر يىراقلىقتا.* ◘ 2:4 1سام. 16؛ مىك. 5:1؛ مات. 1:1؛ يـۇھ. 7:42. *
5نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن لايىقى، بولغۇسى ئايالى مەريەممۇ بىللە باردى. مەريەم ھامىلىدار بولۇپ، قورسىقى خېلىلا يوغىناپ قالغانىدى.
6ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بەيت-لەھەمدە تۇرغان ۋاقتىدا مەريەمنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالدى.
7بىراق سارايدا ئۇلارغا ئورۇن بولمىغاچقا، مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغقاندا ئۇنى زاكىلاپ، ئېغىلدىكى ئوقۇرغا ياتقۇزدى. ◼ 2:7 +bd «مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغقاندا ...»+bd* ــ ئەيسا مەسىھ قاچان تۇغۇلدى؟ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ ئىش توغرۇلۇق توختىلىمىز.* ◘ 2:7 مات. 1:25. *
8شۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى پادىچىلار دالادا تۇراتتى؛ ئۇلار كېچىچە تۈنەپ، پادىسىغا قارايتتى.
9ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇراتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق شەرىپى ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ئۇلار ئىنتايىن بەك قورقۇپ كەتتى.
10بىراق پەرىشتە ئۇلارغا:
11چۈنكى بۈگۈن داۋۇتنىڭ شەھىرىدە سىلەر ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى تۇغۇلدى. ئۇ ــ رەب مەسىھدۇر!
12ئۇنى* تېپىشىڭلار ئۈچۈن* شۇ ئالامەت بولىدۇكى، بوۋاقنى زاكىلانغان ھالدا بىر ئوقۇردا ياتقان پېتىدە تاپىسىلەر، ــ دېدى. ◼ 2:12 +bd «بوۋاقنى زاكىلانغان ھالدا بىر ئوقۇردا ياتقان پېتىدە تاپىسىلەر»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىر ئوقۇردا ياتقان، زاكىلانغان بىر بوۋاقنى تاپىسىلەر».*
13بىردىنلا، پەرىشتىنىڭ ئەتراپىدا زور بىر توپ ساماۋى قوشۇندىكىلەر پەيدا بولۇپ، خۇدانى مەدھىيىلەپ: ◼ 2:13 +bd «ساماۋى قوشۇندىكىلەر»+bd* ــ پەرىشتىلەر.* ◘ 2:13 دان. 7:10؛ ۋەھ. 5:11. *
14«ئەرشىئەلادا خۇداغا شان-شەرەپلەر بولغاي!
15پەرىشتىلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىۋىدى، پادىچىلار بىر-بىرىگە:
16شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىراپ شەھەرگە بېرىپ، مەريەم بىلەن يۈسۈپنى ۋە ئوقۇردا ياتقان بوۋاقنى ئىزدەپ تاپتى.
17پادىچىلار بوۋاقنى* كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىگە ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتىلغان سۆزلەرنى كەڭ تارقىتىۋەتتى.
18بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى پادىچىلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى.
19مەريەم بولسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ يۈرەتتى.
20پادىچىلار كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، مەدھىيە ئوقۇشقان پېتى قايتىشتى؛ بارلىق ئىشلار دەل ئۇلارغا خەۋەرلەندۈرۈلگەندەك بولۇپ چىققانىدى.
21بوۋاقنى خەتنە قىلىش ۋاقتى، يەنى سەككىزىنچى كۈنى توشقاندا، ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويۇلدى. پەرىشتە بۇ ئىسىمنى ئۇ تېخى ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا ئاپىرىدە بولمايلا قويغانىدى. ◘ 2:21 يار. 17:12؛ لاۋ. 12:3؛ مات. 1:21؛ لۇقا 1:31؛ يـۇھ. 7:22. *
22ئەمدى مۇسا پەيغەمبەرگە* چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە يۈسۈپ بىلەن مەريەمنىڭ پاكلىنىش ۋاقتى توشقاندا ئۇلار بالىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تاپشۇرۇش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ◼ 2:22 +bd «يۈسۈپ بىلەن مەريەمنىڭ پاكلىنىش ۋاقتى توشقاندا...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇلارنىڭ پاكلىنىش ۋاقتى توشقاندا...». مەريەمنىڭ قىرىقى توشقاندا، ئۆزى ۋە مەلۇم ئەھۋالدا يۈسۈپ ئىككىسى تەۋرات قانۇنى بويىچە «پاكلىنىش»ى كېرەك بولاتتى («لاۋ.» 2:12-4، «مىس.» 2:13نى كۆرۈڭ.* ◘ 2:22 لاۋ. 12:6. *
23(پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا: «بارلىق تۇنجى ئوغۇل پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس مەنسۇپ ئاتىلىشى كېرەك» دەپ يېزىلغىنىدەك) ◼ 2:23 +bd «بارلىق تۇنجى ئوغۇل»+bd* ــ گرېك تىلىدا «بارلىق بالىياتقۇنى (تۇنجى) ئاچقان بالا». +bd ««بارلىق تۇنجى ئوغۇل پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس مەنسۇپ ئاتىلىشى كېرەك» دەپ يېزىلغىنىدەك...»+bd* ــ بۇ مۇقەددەس قانۇندىكى ئەمرلەر «مىس.» 29:22، 19:34، «لاۋ.» 1:12-8، «چۆل.» 44:3-47نى كۆرۈڭ.* ◘ 2:23 مىس. 13:2،12؛ چۆل. 3:13؛ 8:16،17. *
24ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا دېيىلگىنى بويىچە، بىر جۈپ پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسىنى قۇربانلىققا سۇنۇش كېرەك ئىدى. ◼ 2:24 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا دېيىلگىنى بويىچە، بىر جۈپ پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسىنى قۇربانلىققا سۇنۇش كېرەك»+bd* ــ تەۋرات قانۇنى بويىچە، ئايالنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن تازىلىنىشى ئۈچۈن (نامرات بولسا) مۇشۇنداق كەپتەر قۇربانلىقىنى (يېرۇسالېمدىكى) ئىبادەتخانىغا ئاپىرىپ، سويۇپ سۇنۇش ئۈچۈن مەسئۇل كاھىنغا تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى.* ◘ 2:24 لاۋ. 12:8. *
25ۋە مانا شۇ چاغلاردا، يېرۇسالېمدا سىمېئون ئىسىملىك بىر كىشى تۇراتتى. ئۇ ھەم ھەققانىي ۋە ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، «ئىسرائىلغا تەسەللى بەرگۈچى»نى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنىدى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا يار ئىدى. ◼ 2:25 +bd «ئىسرائىلغا تەسەللى بەرگۈچى»+bd* ــ مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.*
26ئۇ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ۋەھىيدىن ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھىنى كۆرمىگۈچە ئۆلۈم كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلگەنىدى.
27ئۇ مۇقەددەس روھنىڭ باشلىشى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىغا* كىردى؛ ئاتا-ئانىسى تەۋراتتا بېكىتىلگەن ئادەتنى بېجىرىش ئۈچۈن بوۋاق ئەيسانى كۆتۈرۈپ كىرگەندە،
28سىمېئون بوۋاقنى قۇچىقىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇپ مۇنداق دېدى: ــ
29«ئەمدى، ئى ئىگەم، ھازىر سۆزۈڭ بويىچە قۇلۇڭنىڭ بۇ ئالەمدىن خاتىرجەملىك بىلەن كېتىشىگە يول قويغايسەن؛ ◼ 2:29 +bd ««ئەمدى، ئى ئىگەم، ھازىر سۆزۈڭ بويىچە قۇلۇڭنىڭ بۇ ئالەمدىن خاتىرجەملىك بىلەن كېتىشىگە يول قويغايسەن..»+bd* ــ سىمېئون ئۆزىنىڭ ئۆمۈرۋايەت تەقەززا بولغىنىنى (يەنى خۇدا ئۆز سۆزىدە تۇرۇپ، ئەۋەتكەن مەسىھىنى) كۆرگەندىن كېيىن دۇنيادىن كېتىشكە رازى بولىدۇ.* ◘ 2:29 يار. 46:30. *
30چۈنكى ئۆز كۆزۈم سېنىڭ نىجاتىڭنى كۆردى، ◘ 2:30 زەب. 98:2-3؛ يەش. 52:10. *
31ئۇنى بارلىق خەلقلەر ئالدىدا ھازىرلىغانسەن؛ ◼ 2:31 +bd «ئۇنى بارلىق خەلقلەر ئالدىدا ھازىرلىغانسەن...»+bd* ــ «ئۇ» ــ خۇدانىڭ نىجاتى، يەنى مەسىھ.* ◘ 2:31 روس. 28:28. *
32ئۇ ئەللەرگە ۋەھىي بولىدىغان نۇر،
33بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بالا ھەققىدە ئېيتىلغانلىرىغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى.
34سىمېئون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئاپىسى مەريەمگە مۇنداق دېدى:
35شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى غەرەزلىرى ئاشكارىلىنىدۇ ــ ۋە بىر قىلىچمۇ سېنىڭ كۆڭلۈڭگە سانجىلىدۇ! ◼ 2:35 +bd «... ۋە بىر قىلىچمۇ سېنىڭ كۆڭلۈڭگە سانجىلىدۇ!»+bd* ــ گرېك تىلىدا «قىلىچ» مۇشۇ يەردە يوغان، ئىككى بىسلىق بىرخىل قىلىچنى كۆرسىتىدۇ. مەريەمنىڭ كۆڭلىگە سانجىغان ئىشلار ئوغلىنىڭ ئىسرائىل تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ، ئازاب-ئوقۇبەت تارتقۇزۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگىنىدىن بولغان دەرد-ئەلەمنى كۆرسىتىدۇ.*
36شۇ يەردە ئاشىر قەبىلىسىدىن بولغان فانۇئىلنىڭ قىزى ئاننا ئىسىملىك خېلى ياشانغان بىر ئايال پەيغەمبەرمۇ بار ئىدى. ئۇ قىز ۋاقتىدا ئەرگە تەگكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن يەتتە يىل بىللە ياشاپ، ◼ 2:36 +bd «ئاشىر قەبىلىسىدىن بولغان فانۇئىلنىڭ قىزى ئاننا ئىسىملىك خېلى ياشانغان بىر ئايال پەيغەمبەر...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئاننا» ئىبرانىي تىلىدا «ھانناھ» دېيىلگەن.*
37ئاندىن سەكسەن تۆت يىل تۇل تۇرغان ئىدى. ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن چىقماي، كېچە-كۈندۈز روزا تۇتۇشلار ۋە دۇئالار بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. ◼ 2:37 +bd «ئاندىن سەكسەن تۆت يىل تۇل تۇرغان ئىدى...»+bd* ــ ياكى «ئۇ تۇل قالغانىدى. ئۇ سەكسەن تۆت ياشقا كىرگەن بولۇپ،...».* ◘ 2:37 1سام. 1:22. *
38ئۇ دەل شۇ پەيتتە يېتىپ كېلىپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتتى، ھەمدە يېرۇسالېمدا نىجات-ھۆرلۈكنى كۈتۈۋاتقان بارلىق خالايىققا بالا توغرىسىدا سۆز قىلدى. ◼ 2:38 +bd «نىجات-ھۆرلۈكنى كۈتۈۋاتقان بارلىق خالايىق»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «نىجات-ھۆرلۈك» +bd خۇدانىڭ+bd* بەدەل تۆلەپ، گۇناھلاردىن خالاس قىلغان روھىي ئازادلىقىنى كۆرسىتىدۇ.*
39يۈسۈپ* بىلەن مەريەم* تەۋراتتا بېكىتىلگەن بارلىق ئىشلارنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، گالىلىيەگە، ئۆز شەھىرى ناسارەتكە قايتتى.
40بالا بولسا ئۆسۈپ، دانا-ئاقىلانىلىك بىلەن تولۇپ، روھتا كۈچلەندۈرۈلدى، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىدى. ◼ 2:40 +bd «بالا بولسا ئۆسۈپ، دانا-ئاقىلانىلىك بىلەن تولۇپ، روھتا كۈچلەندۈرۈلدى»+bd* ــ «روھ» مۇشۇ يەردە ئەيسانىڭ ئۆز (ئىنسانىي) روھىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 2:40 لۇقا 1:80. *
41ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يېرۇسالېمغا باراتتى. ◘ 2:41 مىس. 23:15،17؛ لاۋ. 23:5؛ قان. 16:1. *
42ئەيسا ئون ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇلار ئۇنى ئېلىپ، ھېيتنىڭ ئادىتى بويىچە يەنە چىقىپ باردى.
43ھېيت كۈنلىرىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۆيىگە قاراپ كېتىۋاتقاندا، بالا ئەيسا يېرۇسالېمدا قالدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوق ئىدى،
44بەلكى ئۇنى سەپەرداش-ھەمراھلىرى بىلەن بىللە كېلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ، بىر كۈن يول يۈردى. ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئۇرۇق-تۇغقانلارى ۋە دوست-بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئىزدەشكە باشلىدى؛
45ئىزدەپ تاپالماي، ئۇلار كەينىگە يېنىپ يېرۇسالېمغا بېرىپ يەنە ئىزدىدى.
46ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۈچىنچى كۈنى ئۇلار ئۇنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاۋاتقان ھەم ئۇلاردىن سوئال سوراۋاتقاننىڭ ئۈستىدە تاپتى. ◼ 2:46 +bd «ئۈچىنچى كۈنى ئۇلار ئۇنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا .. تاپتى»+bd* ــ «ئۈچىنچى كۈنى» گرېك تىلىدا «ئۈچ كۈندىن كېيىن». بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم يېرۇسالېمدىن ئايرىلىپ ئۆيگە قاراپ مېڭىشقا بىر كۈن، يېرۇسالېمغا قايتىشقا بىر كۈن، ئاندىن يېرۇسالېمدا تۇرۇپ ئىزدەشكە بىر كۈن كەتكەنىدى، دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن.*
47ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ چۈشەنچىسىگە ۋە بەرگەن جاۋابلىرىغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. ◘ 2:47 مات. 7:28؛ مار. 1:22؛ لۇقا 4:22،32؛ يـۇھ. 7:15. *
48ئاتا-ئانىسى ئۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيرانۇھەس بولۇشتى، ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا:
49ئۇ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى ئىزدىدىڭلار؟ ئەجەبا، مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىشلىرىدا بولۇشۇم كېرەكلىكىمنى بىلمەمتىڭلار؟ ــ دېدى. ◼ 2:49 +bd «ئەجەبا، مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىشلىرىدا بولۇشۇم كېرەكلىكىمنى بىلمەمتىڭلار؟»+bd* ــ يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىسى ۋە كۆزقارىشى بويىچە، بالا ئون ئىككى ياشقا كىرگەندە: (1) تولۇق تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا مەسئۇلىيىتى بولىدۇ؛ (2) ئاتىسىنىڭ ئىش-خىزمىتىگە شېرىك بولىدۇ.
50لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۇلارغا ئېيتقىنىنى چۈشەنمىدى. ◘ 2:50 لۇقا 9:45؛ 18:34. *
51ئاندىن ئۇ ئۇلار بىلەن ناسارەتكە قايتتى ۋە ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىزچىل بويسۇناتتى. لېكىن ئانىسى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.