لۇقا 20:1-46 UIGB2010 - Bible AI

1ۋە شۇ كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا خەلققە تەلىم بېرىپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىۋاتقاندا، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن: ◘ 20:1 مات. 21‏:23؛ مار. 11‏:27؛ روس. 4‏:7؛ 7‏:27. *

2ــ بىزگە ئېيتقىن: سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا ئاساسەن قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سورىدى.

3ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەنمۇ سىلەردىن بىر ئىشنى سوراي؛ سىلەر ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ،

4ــ يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.

5ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ:

6ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك، بۇ بارلىق خالايىق بىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلار يەھيانىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلگەن، ــ دېيىشتى.

7ۋە ئۇلار: ــ ئۇنىڭ* ھوقۇقىنىڭ* قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

8ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا ئاساسەن قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى.

9ئۇ خالايىققا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەشكە باشلىدى: ــ «بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئۇنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا بېرىپ ئۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپتۇ. ◘ 20:9 زەب. 80‏:8-9؛ يەش. 5‏:1؛ يەر. 2‏:21؛ 12‏:10؛ مات. 21‏:33؛ مار. 12‏:1. *

10ئۈزۈملەرنى يىغىدىغان مەزگىل كەلگەندە باغۋەنلەرنىڭ ئۈزۈمزارلىقتىكى مېۋىدىن ئۇنىڭغا بېرىشكە قۇللىرىدىن بىرىنى ئۇلارىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. لېكىن باغۋەنلەر ئۇنى ئۇرۇپ-دۇمبالاپ قۇرۇق قول ياندۇرۇۋېتىپتۇ.

11ئۇ يەنە باشقا بىر قۇلنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇلار ئۇنىمۇ دۇمبالاپ، خارلاپ، يەنە قۇرۇق قول قايتۇرۇۋېتىپتۇ.

12ئۇ يەنە ئۈچىنچىسىنى ئەۋەتىپتۇ؛ ئۇلار ئۇنىمۇ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، تالاغا ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ.

13ئاخىردا* ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى: «قانداق قىلسام بولار؟ سۆيۈملۈك ئوغلۇمنى ئەۋەتەي؛ ئۇلار ئۇنى كۆرسە، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلار؟» دەپتۇ.

14بىراق باغۋەنلەر ئۇنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى جايلىۋېتەيلى، ئاندىن مىراس بىزنىڭكى بولىدۇ» دېيىشىپتۇ. ◘ 20:14 يار. 37‏:18؛ زەب. 2‏:1، 8؛ مات. 26‏:3؛ 27‏:1؛ يـۇھ. 11‏:53؛ ئىبر. 1‏:2. *

15شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. ئەمدى بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى ئۇلارنى قانداق قىلىدۇ؟ ◼ 20:15 +bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ»+bd* ــ بۇ مەسىھنىڭ يېرۇسالېمنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ كرېستكە مىخلىنىدىغانلىقىغا بىر بېشارەت.*

16ئۇ كېلىپ ئۇ باغۋەنلەرنى يوقىتىپ ئۈزۈمزارلىقنى باشقىلارغا تاپشۇرىدۇ».

17لېكىن ئۇ ئۇلارغا كۆزلىرىنى تىكىپ مۇنداق دېدى:

18بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ. ◼ 20:18 +bd «بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ»+bd* ــ «تاش» بولسا مەسىھ ئۆزى، ئەلۋەتتە. 17-ئايەتنى كۆرۈڭ. ئەيسانىڭ بۇ سۆزى توغرۇلۇق «ماتتا»غا بېرىلىگەن «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىكى ««زەب.» 22:118 توغرۇلۇق» مەزمۇننى كۆرۈڭ.* ◘ 20:18 يەش. 8‏:15؛ دان. 2‏:34؛ زەك. 12‏:3. *

19باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ بۇ تەمسىلى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى بىلىپ شۇ ھامان ئۇنىڭغا قول سېلىش يولىنى ئىزدىدى؛ لېكىن ئۇلار خالايىقتىن قورقۇشتى.

20شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ كەينىدىن ماراپ، ئۇنى رىم* ۋالىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا سوراققا تارتىشقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن بىرنەچچە ئادەملەرنى سېتىۋېلىپ، سوقۇنۇپ كىرىشكە ئەۋەتتى. ئۇلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىدىن يوچۇق ئىزدەپ يۈرەتتى. ◼ 20:20 +bd «ئۇلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ،...»+bd* ــ «سەمىمىي» گرېك تىلىدا «ھەققانىي» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 20:20 مات. 22‏:16؛ مار. 12‏:13. *

21ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق سوئال قويدى: ــ ئەي ئۇستاز، سىلىنى دۇرۇس سۆز قىلىدىغان ۋە دۇرۇس تەلىم بېرىدىغان، ھېچقانداق ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قەتئىي* قىلمايدىغان، بەلكى خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتقان ئادەم دەپ بىلىمىز.

22رىم ئىمپېراتورى* قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟». ◼ 20:22 +bd «رىم ئىمپېراتورى قەيسەر...»+bd* ــ رىمنىڭ ھەربىر ئىمپېراتورىغا «قەيسەر» دېگەن نام-ئۇنۋان بېرەلەتتى؛ مەسىلەن قەيسەر ئاۋغۇستۇس، قەيسەر يۇلىئۇس، قەيسەر تىبېرىئۇس قاتارلىقلار. +bd «رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟»+bd* ــ ئەينى ۋاقىتتا، يەھۇدىيلار رىملىقلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشاۋاتقانىدى. ئەگەر ئەيسا: «رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرۇش توغرا» دېسە، بۇ گەپتىن ئازادلىقنى ئىستىگەن كىشىلەر ئۇنى «مانا تازا بىر يالاقچى، خائىن ئىكەن» دەپ تىللىشاتتى. «باج تاپشۇرماسلىق كېرەك» دېگەن بولسا، ئۇ رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى چىققان بولاتتى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى رىم ۋالىيىسىغا ئەرز قىلغان بولاتتى. ئۇلار مۇشۇنداق سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئەيسانى گېپىدىن تۇتۇۋېلىپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇشقان.*

23ئەمما ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى كۆرۈپ يېتىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى سىنىماقچىسىلەر؟ ◼ 20:23 +bd «نېمىشقا مېنى سىنىماقچىسىلەر؟»+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ.*

24ماڭا بىر كۈمۈش دىنار كۆرسىتىڭلار. بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام-ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا: قەيسەرنىڭكى، ــ دېدى. ◼ 20:24 +bd «ماڭا بىر كۈمۈش دىنار كۆرسىتىڭلار»+bd* ــ «بىر كۈمۈش دىنار» گرېك تىلىدا «بىر دىنارىئۇس»، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ پۇل بىرلىكى. مۇشۇنداق پۇلنىڭ يۈزىدە «ئادەمنىڭ سۈرىتى» كۆرسىتىلگەن بولغاچقا، يەھۇدىي موللىلار مۇنداق پۇلنى «مۇقەددەس ئىبادەتخانا»غا ئېلىپ كىرىشىنى مەنئى قىلغانىدى.

25ۋە ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى. ◼ 20:25 +bd «قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار»+bd* ــ قەيسەرگە قەيسەرنىڭ ھەققى (ئۇنىڭ سۈرىتى بولغان نەرسە)نى تاپشۇرۇڭلار ــ دېمەك، باج تۆلەش كېرەك. ئەمما قانداق نەرسە ئۈستىدە «خۇدانىڭ سۈرىتى» بار؟ ئىنسان ئۆزى «خۇدانىڭ سۈرىتى» بولۇپ، بىز پۈتۈنىمىزنى خۇداغا تاپشۇرىشىمىز كېرەكتۇر («يار.» 26:1-27نى كۆرۈڭ).* ◘ 20:25 يار. 26:1؛ مات. 17‏:25؛ 22‏:21؛ رىم. 13‏:7. *

26ئۇلار خالايىقنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنى تۇتۇۋالغۇدەك ھېچقانداق يوچۇق تاپالمىدى. ئۇلار ئۇنىڭ بۇ جاۋابىغا ھەيرانۇھەس بولۇپ، زۇۋانى تۇتۇلدى.

27ۋە «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەپ ئىنكار قىلىدىغان سادۇقىيلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سوئال قويۇپ مۇنداق دېدى: ◼ 20:27 +bd «سادۇقىيلار»+bd* ــ بۇ دىنىي مەزھەپ توغرۇلۇق «مات.» 1:16دىكى ئىزاھاتنى ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.* ◘ 20:27 مات. 22‏:23؛ مار. 12‏:18؛ روس. 23‏:8. *

28ــ ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا* بىزگە: «ئايالى بار، ئەمما پەرزەنت كۆرمىگەن كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى كېرەك» ــ دەپ يازغان. ◼ 20:28 +bd «ئايالى بار، ئەمما پەرزەنت كۆرمىگەن كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى كېرەك»+bd* ــ «قان.» 5:25.* ◘ 20:28 قان. 25‏:5-6. *

29ئەمدى يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى.

30ئىككىنچى قېرىندىشى ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. ◼ 20:30 +bd «ئىككىنچى قېرىندىشى ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى» دېگەن سۆز تېپىلماي، پەقەت «ئىككىنچى...» دېيىلىدۇ.*

31ئاندىن ئۈچىنچىسى ئۇنى ئالدى؛ شۇنداق قىلىپ، يەتتىسى ئۇنى ئەمرىگە ئېلىپ پەرزەنت كۆرمەي ئۆلدى.

32ھەممىسىدىن كېيىن ئايالمۇ ئۆلدى.

33ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە بۇ ئايال ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭكى بولار؟ چۈنكى يەتتىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە؟!

34ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

35لېكىن ئۇ ئالەمدىن نېسىۋە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۆلۈكلەردىن تىرىلىشكە لايىق سانالغانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ياتلىق بولمايدۇ. ◼ 20:35 +bd «ئۆلۈكلەردىن تىرىلىشكە لايىق سانالغانلار...»+bd* ــ «ئۆلگەنلەردىن تىرىلىش» دېگەنلىك قىزىق ئىبارە بولۇپ، ھەممە ئادەم ئوخشاش ۋاقىتتا تىرىلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىرىنچى تىرىلىش ھەققانىيلارنىڭكى، ئىككىنچى تىرىلىش ئېتىقادسىزلارنىڭكى بولىدۇ. بۇ ھەقىقەت «ۋەھىي» 20-بابتا كۆرۈنىدۇ.*

36چۈنكى ئۇلار يەنە ئۆلمەيدۇ، پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ؛ «ئۆلۈمدىن تىرىلىشتىن تۇغۇلغان پەرزەنتلەر» بولغاچقا، ئۇلار خۇدانىڭ ئوغۇللىرىدۇر. ◘ 20:36 1يۇھ. 3‏:2. *

37ئەمدى ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىنى ھەتتا مۇسا پەيغەمبەر* ئۆزىمۇ ئايان قىلغان؛ چۈنكى تەۋراتتىكى* «تىكەنلىك» دېگەن ۋەقەنىڭ خاتىرىسىدە ئۇ پەرۋەردىگارنى: «ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى» دەپ بايان قىلغان. ◼ 20:37 +bd «ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى»+bd* ــ «مىس.» 6:3نى كۆرۈڭ.* ◘ 20:37 مىس. 3‏:6؛ روس. 7‏:32؛ ئىبر. 11‏:16. *

38ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممەيلەن تىرىكتۇر! ◼ 20:38 +bd «چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممەيلەن تىرىكتۇر!»+bd* ــ بەزى ئالىملار «بۇلارنىڭ ھەممىسى» (ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپلارنىڭ ھەممىسى، دېمەكچى) ۇنىڭغا نىسبەتەن تىرىكتۇر!» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. بىزنىڭچە «ھەممەيلەن» ھەر ئادەمنىڭ روھىنىڭ خۇدا ئالدىدا تىرىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممەيلەن تىرىكتۇر!»+bd* ــ ئەيسانىڭ «تىرىلىش» توغرۇلۇق بۇ سۆزلىرى «مات.» 32:22دىمۇ تېپىلىدۇ. «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئۇلار توغرۇلۇق ئازراق شەرھ بېرىمىز.*

39شۇنىڭ بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرقانچىسى باھا بېرىپ: ــ ئۇستاز، ياخشى ئېيتتىڭ، ــ دېدى.

40چۈنكى ئۇلاردىن ھېچكىم يەنە ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى.

41ئەمدى ئۇ ئۇلارغا سوئال قويدى: ــ كىشىلەر مەسىھنى قانداقسىگە داۋۇتنىڭ ئوغلى دەيدۇ؟ ◘ 20:41 مات. 22‏:42؛ مار. 12‏:35. *

42‏-43 چۈنكى داۋۇت ئۆزى زەبۇردا: پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ

44ئەمما داۋۇت ئۇنى «رەببىم» دەپ چاقىرغان يەردە، ئۇنداقتا ئۇ قانداقمۇ ئۇنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟

45ۋە بارلىق خالايىق قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتقاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: ــ

46ــ تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ھوشيار بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىۋالغان ھالدا غادىيىپ يۈرۈشكە، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان سالاملىرىغا، سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا، زىياپەتلەردىمۇ تۆردە ئولتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ. ◼ 20:46 +bd «...بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمەتلىك سالاملىرىغا، ... ئامراق كېلىدۇ»+bd* ــ تارىخ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسەن يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز ئۇستازلىرىغا قىلغان «سالام»لىرىنى ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ دەپ بىلىمىز.* ◘ 20:46 مات. 23‏:5، 6؛ مار. 12‏:38، 39؛ لۇقا 11‏:43. *

© 2010 Institute for Bible Translation
v>