لۇقا 22:1-70 UIGB2010 - Bible AI

1ئەمدى پېتىر نان ھېيتى («ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يېقىنلىشىپ قالغانىدى. ◘ 22:1 مىس. 12‏:15؛ مات. 26‏:2؛ مار. 14‏:1. *

2باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنى ئۆلۆمگە مەھكۇم قىلىشقا ئامال ئىزدەپ يۈرەتتى؛ چۈمكى ئۇلار خەلقتىن قورقاتتى. ◼ 22:2 +bd «...چۈمكى ئۇلار خەلقنىڭ غەزىپىدىن قورقاتتى»+bd* ــ كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ خەلقتىن قورقۇشىنىڭ سەۋەبى، خەلقنىڭ مەسىھنى قوللايدىغانلىقىدىن؛ شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قول سالالماي، بەلكى رىملىقلارنىڭ ئالدىدا ئەيساغا ئەرز قىلىپ ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلماقچى.* ◘ 22:2 زەب. 2‏:2؛ يـۇھ. 11‏:47؛ روس. 4‏:27. *

3شۇ پەيتتە ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان، ئىشقارىيوت دەپ ئاتالغان يەھۇدانىڭ كۆڭلىگە شەيتان كىردى. ◘ 22:3 مات. 26‏:14؛ مار. 14‏:10؛ يـۇھ. 13‏:27. *

4ئۇ بېرىپ باش كاھىنلار ۋە ئىبادەتخانا پاسىبان بەگلىرى بىلەن ئەيسانى قانداق قىلىپ ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىش ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى.

5ئۇلار ئىنتايىن خۇش بولۇپ، يەھۇداغا پۇل بېرىشكە كېلىشتى.

6يەھۇدا ماقۇل بولۇپ، ئۇنى خالايىقتىن ئايرىم قالغاندا ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەشكە كىرىشتى.

7ئەمدى پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى* كۈنى يېتىپ كەلگەنىدى. شۇ كۈنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاتاپ قۇربانلىق قوزا* سويۇلاتتى. ◼ 22:7 +bd «ئەمدى پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى يېتىپ كەلگەنىدى»+bd* ــ «پېتىر نان ھېيتى» يەتتە كۈن ئۆتكۈزۈلەتتى. تۇنجى كۈنى «ئۆتۈپ كېتىش بايرىمى» (ئىبرانىي تىلىدا «پاسخا» ھېيتى) ئىدى. بۇ كۈنى، يەھۇدىيلار قويلارنى ئىبادەتخانىغا ئاپىرىپ سويۇپ، ئاندىن ئۆيىدە پېتىر نان بىلەن يەيتتى («مىس.» 1:12-20، «لاۋ.» 4:23-8نى كۆرۈڭ).* ◘ 22:7 مات. 26‏:17؛ مار. 14‏:12،13. *

8شۇنىڭ بىلەن ئەيسا پېترۇس بىلەن يۇھانناغا:

9ــ قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇلار.

10ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

11ۋە ئۆي ئىگىسىگە: «ئۇستاز: ــ مۇخلىسلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانخانا ئۆي قەيەردە؟ــ دەپ سوراۋاتىدۇ» دەڭلار.

12ئۇ سىلەرنى باشلاپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى رەتلەنگەن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى كۆرسىتىدۇ. مانا شۇ يەردە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇڭلار.

13شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى بېرىۋىدى، ھەممە ئىشلار ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىقتى. ئۇلار شۇ يەردە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاشتى.

14ئەمدى ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە، ئەيسا داستىخاندا ئولتۇردى؛ ئون ئىككى روسۇل ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇشتى. ◘ 22:14 مات. 26‏:20؛ مار. 14‏:17. *

15ئاندىن ئۇ ئۇلارغا:

16چۈنكى سىلەرگە ئېيتايكى، بۇ ھېيت زىياپىتىنىڭ ئەھمىيىتى* خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، مەن بۇنىڭدىن قايتا يېمەيمەن، ــ دېدى. ◼ 22:16 +bd «بۇ ھېيت زىياپىتىنىڭ تولۇق ئەھمىيىتى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، مەن بۇنىڭدىن قايتا يېمەيمەن»+bd* ــ تەۋراتتىكى بارلىق ھېيتلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆزى بىر بېشارەتتۇر، ھەممىسى مەسىھنىڭ پادىشاھلىقىدا تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. «لاۋىيلار» 23-باب ۋە «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.*

17ئاندىن ئۇ بىر جامنى قولىغا ئېلىپ، تەشەككۈر ئېيتتى ۋە مۇخلىسلىرىغا:

18چۈنكى شۇنى ئېيتايكى، مۇندىن كېيىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى كەلمىگۈچە، ھەرگىز ئۈزۈم شەربىتىدىن قەتئىي ئىچمەيمەن، ــ دېدى. ◼ 22:18 +bd «...ئۈزۈم شەربىتىدىن قەتئىي ئىچمەيمەن»+bd* ــ گرېك تىلىدا «... ئۈزۈم تېلىنىڭ مېۋىسىنىڭ شەربىتىدىن قەتئىي ئىچمەيمەن».*

19ئاندىن ئۇ بىر تال ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى ۋە ئۇنى ئوشتۇپ، ئۇلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ: ــ بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار، ــ دېدى. ◼ 22:19 +bd «مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار»+bd* ــ گرېك تىلىدا «مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنداق قىلىڭلار».* ◘ 22:19 مات. 26‏:26؛ مار. 14‏:22؛ 1كور. 11‏:23،24. *

20ئۇ شۇنىڭدەك تاماقتىن كېيىنكى جامنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:

21لېكىن مانا، مېنى تۇتۇپ بەرگۈچىنىڭ قولى مېنىڭ بىلەن بىر داستىخاندىدۇر. ◘ 22:21 مات. 26‏:23؛ مار. 14‏:18؛ يـۇھ. 13‏:21. *

22ۋە ئىنسانئوغلى دەرۋەقە ئۆزى توغرىسىدا بېكىتىلگەندەك ئالەمدىن* كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! ◘ 22:22 زەب. 41‏:9؛ يـۇھ. 13‏:18؛ روس. 1‏:6. *

23ئاندىن مۇخلىسلار بىر-بىرىدىن:

24ئەمدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قايسىمىز ئەڭ ئۇلۇغ سانىلىشىمىز كېرەك دېگەن تالاش-تارتىش پەيدا بولدى.

25ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

26بىراق سىلەر شۇنداق بولماڭلار؛ بەلكى ئاراڭلاردىكى ئەڭ مەرتىۋىلىكى ئۆزىنى ئەڭ كىچىكىدەك ھېسابلىسۇن ۋە يېتەكچى بولغانلار ھەممەيلەنگە* خىزمەتكاردەك بولسۇن. ◘ 22:26 لۇقا 9‏:48؛ 1پېت. 5‏:3. *

27كىم مەرتىۋىلىك، داستىخاندا ئولتۇرغانمۇ ياكى داستىخاندىكى كۈتكۈچىمۇ؟ داستىخاندا ئولتۇرغىنى ئەمەسمۇ؟ بىراق مەن بولسام ئاراڭلاردا خىزمىتىڭلاردا بولغۇچى كۈتكۈچىدەكتۇرمەن. ◘ 22:27 مات. 20‏:28؛ يـۇھ. 13‏:14؛ فىل. 2‏:7. *

28سىلەر بولساڭلار، بېشىمغا سىناقلار كەلگەندە باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن بىللە ھەمراھ بولغانسىلەر.

29ۋە خۇددى ئاتام ماڭا پادىشاھلىق ھوقۇقى بېكىتكەندەك، مەن سىلەرگىمۇ شۇنداق بېكىتىمەن. ◘ 22:29 لۇقا 12‏:32. *

30شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەن بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىسىلەر ۋە تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىسىلەر. ◼ 22:30 +bd «ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىسىلەر»+bd* ــ ياكى «ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر».* ◘ 22:30 مات. 19‏:28؛ ۋەھ. 3‏:21. *

31رەب يەنە پېترۇسقا*:

32لېكىن ئېتىقادىڭ يوقىمىسۇن دەپ ساڭا دۇئا قىلدىم. ئەمدى سەن توۋا قىلىپ تۈز يولغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنى مۇستەھكەملىگىن» ــ دېدى.

33ــ ئى رەب، ــ دېدى پېترۇس، ــ مەن سەن بىلەن بىللە زىندانغا تاشلىنىپ، بىللە ئۆلۈمگە بېرىشقا تەييارمەن!

34ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئى پېترۇس، ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن خوراز چىللىغۇچە، سەن «ئۇنى تونۇمايمەن» دەپ مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، دېدى. ◼ 22:34 +bd «بۈگۈن خوراز چىللىغۇچە، سەن «ئۇنى تونۇمايمەن» دەپ مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن»+bd* ــ «بۈگۈن» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، يەھۇدىيلار ئۈچۈن «بۇ كۈن» «كېچە» بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىھ بۇ سۆزلەرنى كېچىدە ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېيتقان ۋەقەلەر ئاشۇ كېچىدە، تاڭ ئاتمايلا يۈز بېرىدۇ.

35ئاندىن، ئۇ ئۇلاردىن:

36شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا: ــ لېكىن ھازىر ھەر كىمنىڭ ھەميانى بولسا، ئۇنى ئالسۇن؛ شۇنداق ھەم خۇرجۇنى بولسا، ئۇنى ئالسۇن ۋە بىر كىمنىڭ قىلىچى بولمىسا، چاپىنىنى سېتىپ بىردىن قىلىچ ئالسۇن. ◼ 22:36 +bd «لېكىن ھازىر ھەر كىمنىڭ ھەميانى بولسا، ئۇنى ئالسۇن؛ شۇنداق ھەم خۇرجۇنى بولسا، ئۇنى ئالسۇن ۋە بىر كىمنىڭ قىلىچى بولمىسا، چاپىنىنى سېتىپ بىردىن قىلىچ ئالسۇن»+bd* ــ بۇ سىرلىق ئەمما مۇھىم سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.*

37چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، مۇقەددەس يازمىلاردا*: «ئۇ جىنايەتچىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن سۆز مەندە چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. چۈنكى مېنىڭ توغرامدىكى بارلىق ئىشلار تولۇق ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ ــ دېدى. ◼ 22:37 +bd «ئۇ جىنايەتچىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ»+bd* ــ ياكى «ئۇ ئاسىيلىق قىلغۇچىلار قاتارىدا سانىلىدۇ». بۇ بېشارەت «يەش.» 12:53دە تېپىلىدۇ. +bd «مېنىڭ توغرامدىكى بارلىق ئىشلار تولۇق ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ»+bd* ــ «مېنىڭ توغرامدىكى بارلىق ئىشلار» بولسا پەقەت تەۋراتتىكى مەسىھنى ئالدىنئالا ئوچۇق ئېيتقان بېشارەتلەر بولۇپلا قالماي، بەلكى تەۋراتتا مەسىھنى كۆرسىتىدىغان بارلىق بۇيرۇلغان قۇربانلىقلار، ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ھەمدە تەۋراتتا خاتىرىلەنگەن بارلىق تارىخىي «بېشارەتلىك ۋەقەلەر»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.* ◘ 22:37 يەش. 53‏:12؛ مار. 15‏:28. *

38ــ ئى رەب، قارىغىن، بۇ يەردە ئىككى قىلىچ بار ئىكەن، دېدى ئۇلار.

39ئاندىن ئۇ چىقىپ، ئادىتى بويىچە زەيتۇن تېغىغا يول ئالدى؛ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. ◘ 22:39 مات. 26‏:36؛ مار. 14‏:32؛ يـۇھ. 8‏:1؛ 18‏:1. *

40ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا ئۇ ئۇلارغا:

41ئاندىن، ئۇلاردىن بىر تاش ئېتىمىچە نېرىراق بېرىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ: ◘ 22:41 مات. 26‏:39؛ مار. 14‏:35. *

42ــ ئى ئاتا، خالىساڭ، بۇ قەدەھنى مەندىن ئېلىپ كەتكەيسەن. لېكىن مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ ئادا قىلىنسۇن ــ دەپ دۇئا قىلدى؛ ◼ 22:42 +bd «بۇ قەدەھنى مەندىن ئېلىپ كەتكەيسەن»+bd* ــ «بۇ قەدەھ» ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. تەۋراتتا «قەدەھ» دەل شۇ مەنىدە بولۇپ، «زەب.» 8:75، «يەش.» 17:51، 22، «يەر.» 15:25 ۋە باشقا كۆپ يەرلەردە خۇدانىڭ غەزىپىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا مەسىھ مۇشۇ يەردە ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈپ، خۇدانىڭ غەزىپىنى ئىچىشكە تەييار تۇرىدۇ.*

43ۋە ئاسماندىن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ ئۇنى قۇۋۋەتلەندۈردى.

44ئۇ قاتتىق ئازابتا تولغىنىپ تېخىمۇ ئىخلاسلىق بىلەن دۇئا قىلىۋەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى. ◘ 22:44 يـۇھ. 12‏:27؛ ئىبر. 5‏:7. *

45ئاندىن دۇئاسىنى تۈگىتىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇخلىسلىرىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ غەمگە چۆكۈپ ھالسىزلىنىپ مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋىدى، ئۇلارغا:

46ــ ئۇخلاپ قالغىنىڭلار نېمىسى؟ ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوپۇپ دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى.

47ئۇنىڭ سۆزى تېخى ئاياغلاشماستىنلا، بىر توپ ئادەملەر پەيدا بولدى. ئۇلارنى باشلاپ كەلگۈچى ئون ئىككەيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا دېگەن كىشى ئىدى؛ ئۇ ئەيساغا سالام بېرىپ* سۆيگىلى قېشىغا باردى. ◘ 22:47 مات. 26‏:47؛ مار. 14‏:43؛ يـۇھ. 18‏:3. *

48ئەيسا ئۇنىڭغا:

49ۋە ئەيسانىڭ ئەتراپىدىكىلەر نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ: ــ ئى رەب، قىلىچ بىلەن ئۇرايلىمۇ؟ ــ دېدى.

50ۋە ئۇلاردىن بىرى قىلىچىنى كۆتۈرۈپ*، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇپ، ئوڭ قۇلىقىنى شىلىۋەتتى. ◼ 22:50 +bd «...ئۇلاردىن بىرى قىلىچىنى كۆتۈرۈپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇپ، ئوڭ قۇلىقىنى شىلىۋەتتى»+bd* ــ بۇ نامەلۇم مۇخلىس پېترۇس ئىدى («يۇھ.» 10:18، «مات.» 51:26، «مار.» 47:14).* ◘ 22:50 مات. 26‏:51؛ مار. 14‏:47. *

51بىراق ئەيسا بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بولدى، توختا! ــ دېدى؛ ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ قۇلىقىغا تەگكۈزۈپ، ئۇنى ساقايتتى.

52ئەيسا ئۆزىنى تۇتقىلى كەلگەن باش كاھىنلار، پاسىبان بەگلىرى ۋە ئاقساقاللارغا قاراپ:

53ئىبادەتخانىدا ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم، سىلەر قول سالمىدىڭلار. ھازىر بۇ سىلەرگە تەۋە بولغان ۋاقىت-سائەتتۇر ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىدۇر ــ دېدى. ◼ 22:53 +bd «ھازىر بۇ سىلەرگە تەۋە بولغان ۋاقىت-سائەتتۇر ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىدۇر»+bd* ــ «قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىدۇر» ــ دېمەك، شۇ چاغدا خۇدا شەيتاننىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋە مەسىھىگە بولغان نەپرىتىنى باش كاھىنلار ۋە باشقا ھۆكۈمدارلاردىن ئىبارەت شۇ رەزىل ئادەملەر ئارقىلىق نامايان قىلىشىغا يول قويغانىدى. «1كور.» 8:2»نى كۆرۈڭ.*

54ئۇلار ئەيسانى تۇتۇۋېلىپ، باش كاھىننىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىشتى. پېترۇس يىراقتىن ئەگىشىپ ماڭدى. ◘ 22:54 مات. 26‏:57؛ مار. 14‏:53؛ يـۇھ. 18‏:12،24. *

55ئەمدى ئۇلار ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوت يېقىپ چۆرىسىدە ئىسسىنىپ* ئولتۇرغاندا، پېترۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئولتۇردى. ◘ 22:55 مات. 26‏:69؛ مار. 14‏:54،66؛ يـۇھ. 18‏:16،25. *

56ئاندىن ئوتنىڭ نۇرىدا ئۇنىڭ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن بىر دېدەك ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ: ــ بۇ ئادەممۇ ئەيسا بىلەن بىللە ئىدى، ــ دېدى.

57لېكىن ئۇ تېنىپ: ــ ئەي خوتۇن، ئۇنى تونۇمايمەن! ــ دېدى.

58ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە بىرەيلەن ئۇنى كۆرۈپ: ــ سەنمۇ ئۇلاردىن ئىكەنسەن، ــ دېدى. لېكىن پېترۇس: ــ ئەي بۇرادەر، ئۇنداق ئەمەسمەن! ــ دېدى.

59ئاندىن بىر سائەتچە ئۆتكەندە باشقا بىرەيلەن: ــ دەرھەقىقەت، بۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى؛ چۈنكى ئۇمۇ گالىلىيەلىكتۇر، ــ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. ◼ 22:59 +bd «دەرھەقىقەت، بۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى؛ چۈنكى ئۇمۇ گالىلىيەلىكتۇر»+bd* ــ مۇشۇ كىشى پېترۇسنىڭ گالىلىيەلىك ئىكەنلىكىنى بەلكىم ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ياكى بولمىسا يەرلىك كىيىم-كېچىكىدىن بىلىپ يەتكەن بولسا كېرەك.*

60لېكىن پېترۇس:

61ئەمدى رەب كەينىگە بۇرۇلۇپ، پېترۇسقا تىكىلىپ قاراپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن پېترۇس رەبنىڭ سۆزىنى، يەنى: «بۈگۈن خوراز چىللاشتىن ئىلگىرى سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەنلىكىنى يادىغا كەلتۈردى. ◘ 22:61 مات. 26‏:34،75؛ مار. 14‏:72؛ يـۇھ. 13‏:38؛ 18‏:27. *

62ۋە ئۇ تاشقىرىغا چىقىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى.

63ئەمدى ئەيسانى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلار ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا ۋە ساۋاپ-دۇمبىلاشقا باشلىدى؛ ◘ 22:63 ئايۇپ 16‏:10؛ يەش. 50‏:6؛ مات. 26‏:67؛ مار. 14‏:6؛ يـۇھ. 19‏:3. *

64ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىپ ئۇنىڭدىن: ــ سېنى ئۇرغان كىمدۇ؟ قېنى، بېشارەت بەرگىن! ــ دەپ سوراشتى

65ۋە ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھاقارەتلەرنى ياغدۇردى.

66تاڭ ئاتقاندا، خەلق ئاقساقاللىرى، يەنى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يىغىلىشتى. ئۇلار ئۇنى ئۆز كېڭەشمىسىگە ئېلىپ بېرىپ ◘ 22:66 زەب. 2‏:2؛ مات. 27‏:1؛ مار. 15‏:1؛ يـۇھ. 18‏:28. *

67ئۇنىڭدىن: ــ

68سىلەردىن بىرەر سوئال سورىسام، ھېچ جاۋاب بەرمەيسىلەر.

69لېكىن بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىنسانئوغلى ھەممىگە قادىرنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ، ــ دېدى. ◼ 22:69 +bd «ھەممىگە قادىرنىڭ ئوڭ يېنىدا...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «خۇدانىڭ قۇدرىتىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە». «زەب.»، 1:110نى كۆرۈڭ. زەبۇردىكى بۇ بېشارەتلىك سۆزلەر مەسىھنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇلار ئۆزلىرى ئەيسانى سوتلاۋاتىمىز، دەپ ئويلاتتى، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىنسانئوغلى بولۇپ ئاخىر بېرىپ ئۇلارنىڭ سوتچىسى بولىدۇ.* ◘ 22:69 دان. 7‏:9؛ مات. 16‏:27؛ 24‏:30؛ 25‏:31؛ 26‏:64؛ مار. 14‏:62؛ روس. 1‏:11؛ 1تېس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. *

70ــ ئۇنداقتا، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن-دە؟ ــ دېيىشتى ئۇلار.

© 2010 Institute for Bible Translation
v>