لۇقا 23:1-55 UIGB2010 - Bible AI

1ئاندىن كېڭەشمىدىكىلەرنىڭ* ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى ۋالىي* پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. ◘ 23:1 مات. 27‏:2؛ مار. 15‏:1؛ يـۇھ. 18‏:28. *

2ئۇ يەردە ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ:

3پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى.

4ئاندىن پىلاتۇس باش كاھىنلار بىلەن كۆپچىلىككە:

5لېكىن ئۇلار تېخىمۇ قەتئىي ھالدا:

6پىلاتۇس «گالىلىيە» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ:

7ۋە ئۇنىڭ ھېرود خاننىڭ* ئىدارە قىلغان ئۆلكىدىن كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ھېرودقا يوللاپ بەردى (ئۇ كۈنلەردە ھېرودمۇ يېرۇسالېمدا ئىدى). ◘ 23:7 لۇقا 3‏:1. *

8ھېرود ئەيسانى كۆرگەندە ئىنتايىن خۇشال بولدى. چۈنكى ئۇ ئۇزۇندىن بېرى ئۇنىڭغا دائىر كۆپ ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن بىر مۆجىزە كۆرۈش ئۈمىدىدە بولۇپ، ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىنى ئىزدەۋاتاتتى. ◘ 23:8 لۇقا 9‏:7. *

9ئۇ ئەيسادىن كۆپ سوئاللارنى سورىدى، لېكىن ئۇ ھېرودقا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى.

10باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېقىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھە دەپ ئەرز-شىكايەت قىلىۋاتاتتى.

11ھېرود خان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇنى خارلاپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭغا شاھانە تون-كىيىم كىيدۈرۈپ، ئۇنى يەنە پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا قايتۇرۇپ يوللىدى.

12مانا شۇ كۈندىن باشلاپ، پىلاتۇس بىلەن ھېرود دوست بولۇپ قالدى؛ چۈنكى ئىلگىرى ئۇلار ئارىسىدا ئاداۋەت بولغانىدى. ◘ 23:12 روس. 4‏:27. *

13ۋالىي پىلاتۇس باش كاھىنلارنى، يەھۇدىي* ھۆكۈمدارلارنى ۋە خالايىقنى يىغىپ، ◘ 23:13 مات. 27‏:23؛ مار. 15‏:14؛ يـۇھ. 18‏:38؛ 19‏:4. *

14ئۇلارغا:

15ھېرودمۇ تاپمىدى؛ چۈنكى مەن سىلەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتىم. مانا، ئۇنىڭدا ئۆلۈمگە لايىق ھېچقانداق جىنايەت يوق ئىكەن. ◼ 23:15 +bd «ھېرودمۇ تاپمىدى»+bd* ــ ياكى «ھېرود ئۇنى (بىزگە) قايتۇرۇۋېتىپتۇ».*

16شۇڭا مەن ئۇنى جازالاپ، ئاندىن قويۇپ بېرىمەن، ــ دېدى ◼ 23:16 +bd «شۇڭا مەن ئۇنى جازالاپ، ئاندىن قويۇپ بېرىمەن»+bd* ــ بۇ «جازالاش» بەلكىم قامچىلاش بولاتتى. بۇ سۆزلەر ئوقۇرمەنلەرگە غەلىتە تۇيۇلىشى مۇمكىن. بىراۋدا جىنايەت بولمىسا، نېمىشقا ئۇنى جازالايدۇ؟ مۇنداق ئادالەتسىزلىك رىم ئىمپېرىيەسى تۈزۈمىدە بەك كۆپ ئىدى. ئۇلار دېلونى سۈرۈشتە قىلغاندىمۇ ئادەمنى قامچىلايتتى («روس.» 24:22نى كۆرۈڭ). لېكىن مۇشۇ يەردە پىلاتۇسنىڭ ئەيسانى مۇنداق «قامچىلايمەن» دېيىشىنىڭ مەقسىتى پەقەت يەھۇدىي چوڭلارنى بىر ئاز رازى قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى، خالاس.*

17(ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش* ھېيتىدا، يەھۇدىي* مەھبۇسلاردىن* بىرىنى ئۇلارغا قويۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى). ◘ 23:17 مات. 27‏:15؛ مار. 15‏:6؛ يـۇھ. 18‏:39. *

18لېكىن كۆپچىلىك تەڭلا چۇقان سېلىشىپ:

19(بارابباس بولسا شەھەردە توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكى ۋە قاتىللىق قىلغانلىقى ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغان مەھبۇس ئىدى).

20شۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئەيسانى قويۇپ بېرىشنى خالاپ، كۆپچىلىككە يەنە سۆز قىلغىلى تۇردى.

21لېكىن ئۇلار جاۋابەن يەنە چۇقان سېلىشىپ:

22پىلاتۇس* ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارغا:

23بىراق ئۇلار يەنىلا ھە دەپ چۇقان سېلىشىپ: «ئۇ كرېستلەنسۇن!» دەپ تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇلارنىڭ ھەمدە باش كاھىنلارنىڭ چۇقانلىرى ئاخىر كۈچلۈك كەلدى.

24پىلاتۇس ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئادا قىلىنسۇن دەپ ھۆكۈم چىقاردى. ◘ 23:24 مات. 27‏:26؛ مار. 15‏:15؛ يـۇھ. 19‏:16. *

25ۋە ئۇلارنىڭ تىلىگىنىنى، يەنى توپىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە قاتىللىق ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغاننى قويۇپ بېرىپ، ئەيسانى ئۇلارنىڭ خاھىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

26ۋە ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشى سەھرادىن كېلىۋاتاتتى؛ ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭدۇردى. ◼ 23:26 +bd «ۋە ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشى سەھرادىن كېلىۋاتاتتى؛ ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭدۇردى»+bd* ــ باشقا ئىنجىل بايانلىرىدىن بىلىمىزكى، بۇنىڭ سەۋەبى ئەيسانىڭ ھالسىراپ كەتكەنلىكىدىن ئىدى «مات.» 32:27، «مار.» 21:15 ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.*

27ئەيسانىڭ كەينىدە زور بىر توپ خەلق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئېچىنىپ يىغا-زار كۆتۈرۈشۈۋاتقان ئاياللارمۇ ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى.

28لېكىن ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇلارغا:

29چۈنكى سىلەرگە شۇنداق ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇكى، كىشىلەر: «تۇغماسلار، بالا كۆتۈرمىگەن قورساقلار ۋە ئېمىتمىگەن ئەمچەكلەر بەختلىكتۇر!» ــ دېيىشىدۇ.

30شۇ چاغدا كىشىلەر تاغلارغا: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈل!»، دۆڭلۈكلەرگە: «ئۈستىمىزنى ياپ!» دەپ نىدا قىلىشىدۇ. ◼ 23:30 +bd «شۇ چاغدا كىشىلەر تاغلارغا: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈل!»، دۆڭلۈكلەرگە: «ئۈستىمىزنى ياپ!» دەپ نىدا قىلىشىدۇ»+bd* ــ خۇدانىڭ غەزىپى شۇنچە دەھشەتلىك بولىدۇكى، كىشىلەر ئۇنىڭدىن قېچىش ئۈچۈن ھەرقانچە قورقۇنچلىق ئامال-چارە بولسىمۇ، خالايدۇ. «ھوش.» 8:10 ۋە «ۋەھىي» 16:6نى كۆرۈڭ.* ◘ 23:30 يەش. 2‏:19؛ ھوش. 10‏:8؛ ۋەھ. 6‏:16؛ 9‏:6. *

31چۈنكى ئادەملەر ياپيېشىل دەرەخكە شۇنداق ئىشلارنى قىلغان يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخكە نېمە ئىشلار بولار؟! ــ دېدى. ◼ 23:31 +bd «چۈنكى ئادەملەر ياپيېشىل دەرەخكە شۇنداق ئىشلارنى قىلغان يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخكە نېمە ئىشلار بولار؟!»+bd* ــ بۇ سىرلىق بېشارەت بەلكىم: «مەن گۇناھسىز، مېھرىبان بولۇپ خۇدانىڭ جازا قوراللىرى بولغان چەتئەللىكلەرنىڭ قولىدا شۇنچە كۆپ ئازاب تارتقان يەردە، كەلگۈسىدە سىلەردەك گۇناھقا پاتقانلارنى ئۇلار قانداق جازالار؟» دېگەندەك.* ◘ 23:31 يەر. 25‏:29؛ 1پېت. 4‏:17. *

32ئىككى جىنايەتچىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغىلى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئېلىپ كېلىنگەنىدى. ◘ 23:32 يـۇھ. 19‏:18. *

33ۋە ئۇلار «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئۇنى ۋە يەنە ئىككى جىنايەتچىنى، بىرىنى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ۋە يەنە بىرىنى سول يېنىدا كرېستكە تارتتى. ◼ 23:33 +bd ««باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جاي»+bd* ــ «باش سۆڭەك» گرېك تىلىدا «كالۋارىي»، ئىبرانىي تىلىدا «گولگوتا».* ◘ 23:33 مات. 27‏:33،38؛ مار. 15‏:22؛ يـۇھ. 19‏:18. *

34ئەيسا:

35خالايىق قاراپ تۇراتتى، يەھۇدىي ھۆكۈمدارلارمۇ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا دىمىغىنى قېقىپ مەسخىرە قىلىپ: باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن! ئەگەر ئۇ راستتىن خۇدانىڭ مەسىھى، ئۇنىڭ تاللىۋالغىنى بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقسۇن! ــ دېيىشتى.

36لەشكەرلەرمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ، يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا سىركە تەڭلەپ:

37ــ ئەگەر سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولساڭ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ باق! ــ دېيىشتى.

38ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تاختايغا* گرېكچە، لاتىنچە ۋە ئىبرانىيچە ھەرپلەر بىلەن: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىپ قويۇلغانىدى. ◼ 23:38 +bd «ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تاختايغا گرېكچە، لاتىنچە ۋە ئىبرانىيچە ھەرپلەر بىلەن: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىپ قويۇلغانىدى»+bd* ــ رىملىقلار بۇ سۆزلەرنى ئەيسابى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن يازغان، ئەلۋەتتە. شۈبھىسىزكى، پىلاتۇس بۇ ئارقىلىق +bd يەھۇدىيلارنىمۇ+bd* مەسخىرە قىلماقچى ياكى ئەيىبلىمەكچى بولغان؛ بىراق خۇدا بولسا بۇ ئارقىلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرسەتكەن («يۇھ.» 19:19-22نى، «زەب.» 10:76نى كۆرۈڭ).* ◘ 23:38 مات. 27‏:37؛ مار. 15‏:26؛ يـۇھ. 19‏:19. *

39ئۇنىڭ بىلەن بىللە كرېستكە تارتىلغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ:

40بىراق يەنە بىرى ئۇنىڭ گېپىگە تەنبىھ بېرىپ: سەن ئۆزۈڭ ئوخشاش ھۆكۈمنىڭ تېگىدە تۇرۇپ خۇدادىن قورقمامسەن؟

41بىزنىڭ جازالىنىشىمىز ھەقلىق، چۈنكى ئۆز قىلمىشلىرىمىزنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتتۇق؛ لېكىن بۇ كىشى ھېچقانداق ناتوغرا ئىش قىلمىغانغۇ! ــ دەپ جاۋاب بەردى.

42ئاندىن، ئۇ ئەيساغا:

43ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بەرھەق، مەن ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، ــ دېدى. ◼ 23:43 +bd «بەرھەق، مەن ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن»+bd* ــ رەبنىڭ: «سەن «+bd بۈگۈن+bd*» مەن بىلەن بىللە +bd جەننەتتە+bd* بولىسەن» دېگەن مۇشۇ سۆزى بەزىلەرنىڭ: «ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن دوزاخقا چۈشكەن» دېگەن بىدئەت تەلىمىنىڭ تولىمۇ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ توغرۇلۇق ئازراق توختىلىمىز.*

44ھازىر ئالتىنچى سائەت بولۇپ، پۈتۈن زېمىننى توققۇزىنچى سائەتكىچە قاراڭغۇلۇق باستى. ◼ 23:44 +bd «ئالتىنچى سائەت...توققۇزىنچى سائەت»+bd* ــ «ئالتىنچى سائەت» چۈش بولۇپ، «توققۇزىنچى سائەت» چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ. يەھۇدىيلار ۋاقىتنى ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن باشلاپ ھېسابلايتتى (مەسىلەن، ئۇلاردا «بىرىنچى سائەت» بىزدە سائەت يەتتە بولاتتى).* ◘ 23:44 مات. 27‏:45؛ مار. 15‏:33. *

45قۇياش نۇرىنى بەرمىدى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسى توساتتىن ئوتتۇرىسىدىن يىرتىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى. ◼ 23:45 +bd «ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسى توساتتىن ئوتتۇرىسىدىن يىرتىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى»+bd* ــ «مات.» 51:27دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.* ◘ 23:45 مات. 27‏:51؛ مار. 15‏:38. *

46ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا قىلغاندىن كېيىن: ــ ئى ئاتا! روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم، ــ دېدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى. ◼ 23:46 +bd «ئەيسا... تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى»+bd* ــ ياكى «ئەيسا... روھىنى چىقاردى». گرېك تىلىدا «روھ» ۋە «تىنىق» بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «زەب.» 5:31نى كۆرۈڭ. مۇشۇ ئايەتتىكى بىرىنچى «قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا قىلىش»ى بەلكىم «يۇھ.» 30:19دە خاتىرىلەنگەن.* ◘ 23:46 زەب. 31‏:5؛ مات. 27‏:50؛ مار. 15‏:37؛ يـۇھ. 19‏:30؛ روس. 7‏:59. *

47ئۇ يەردە تۇرغان يۈزبېشى يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن دۇرۇس ئادەم ئىكەن! ــ دەپ خۇدانى ئۇلۇغلىدى. ◘ 23:47 مات. 27‏:54؛ مار. 15‏:39. *

48ۋە بۇ مەنزىرىنى كۆرۈشكە يىغىلغان بارلىق خەلق يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ كۆكرەكلىرىگە ئۇرۇپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

49ۋە ئۇنى تونۇيدىغان بارلىق كىشىلەر ۋە گالىلىيەدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئاياللار يىراقتا تۇرۇپ، بۇ ۋەقەلەرگە قاراپ تۇردى.

50‏-51 ۋە مانا شۇ يەردە كېڭەشمىدىكىلەردىن يۈسۈپ ئىسىملىك بىرى بار ئىدى. ئۇ ئۆزى ئاقكۆڭۈل ۋە ئادىل ئادەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە ۋە قىلغىنىغا قوشۇلمىغانىدى. ئۆزى يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئارىماتىيا دېگەن بىر شەھەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى تەلمۈرۈپ كۈتەتتى. ◘ 23:50‏-51 مات. 27‏:57؛ مار. 15‏:43؛ يـۇھ. 19‏:38. *

52ئۇ ئۆزى پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى؛

53ۋە ئۇنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ كاناپ بىلەن كېپەنلەپ، قورام تاشتىن ئويۇپ ياسالغان، ھېچكىم قويۇلمىغان بىر قەبرىگە دەپنە قىلدى. ◘ 23:53 مات. 12‏:40؛ 26‏:12؛ 27‏:59؛ مار. 15‏:46؛ يەش.53‏:9*

54بۇ «تەييارلىق كۈنى» بولۇپ، شابات كۈنى يېقىنلىشىپ قالغانىدى. ◼ 23:54 +bd «بۇ «تەييارلىق كۈنى» بولۇپ، شابات كۈنى يېقىنلىشىپ قالغانىدى»+bd* ــ «تەييارلىق كۈنى» شابات كۈنى (دەم ئېلىش كۈنى، شەنبە كۈنى)نىڭ ھارپا كۈنىدۇر. دەم ئېلىش كۈنىدە كىشىلەرنىڭ «ئىش قىلماسلىق»ى ئۈچۈن ھارپا كۈنىدە تاماق ئېتىلىشى ۋە باشقا كېرەكلىك خىزمەتلەرنى ئالدىنئالا قىلىۋېلىشى كېرەك ئىدى ــ شۇڭا ئالدىنقى كۈنى «تەييارلىق كۈنى» دەپ ئاتىلاتتى.

55ۋە ئۇنىڭ بىلەن گالىلىيەدىن كەلگەن ئاياللار يۈسۈپكە* ئەگىشىپ، قەبرىنى ۋە ئۇنىڭ جەسەتىنىڭ قانداق قويۇلغىنىنى كۆردى. ◘ 23:55 لۇقا 8‏:2. *

© 2010 Institute for Bible Translation
v>