لۇقا 24:1-53 UIGB2010 - Bible AI

1ئەمدى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە تاڭ يۇراي دەپ قالغاندا، ئاياللار ئۆزلىرى تەييارلىغان ئەتىرلەرنى ئېلىپ، قەبرىگە كەلدى. ◼ 24:1 +bd «ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى»+bd* ــ ياكى «شاباتتىن كېيىنكى كۈن»، يەنى يەكشەنبە. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى ««ھەپتىلەر»نىڭ بىرىنچى كۈنى». «پېتىر نان ھېيتى»دىن «ئورما ھېيتى»غىچە 7 ھەپتە، يەنى 49 كۈن سانىلىشى كېرەك. بۇ ۋاقىت «ھەپتىلەر» دەپ ئاتىلىدۇ، «ئورما ھېيتى» بەزىدە «ھەپتىلەر ھېيتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.* ◘ 24:1 مات. 28‏:1؛ مار. 16‏:1؛ يـۇھ. 20‏:1. *

2ئۇلار قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ دومىلىتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى؛

3ۋە قەبرىگە كىرىپ قارىۋىدى، رەب ئەيسانىڭ جەسىتى يوق تۇراتتى.

4ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بۇنىڭدىن پاتىپاراق بولۇپ تۇرغاندا، مانا، نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيگەن ئىككى زات ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. ◼ 24:4 +bd «نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيگەن ئىككى زات»+bd* ــ «ئىككى زات» گرېك تىلىدا «ئىككى ئەر كىشى». بۇلار پەرىشتىلەر بولسا كېرەك.*

5ئاياللار قاتتىق ۋەھىمگە چۈشۈپ، يۈزلىرىنى يەرگە يېقىشتى. ئىككى زات ئۇلارغا: ــ نېمە ئۈچۈن تىرىك بولغۇچىنى ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەيسىلەر؟

6‏-7 ئۇ بۇ يەردە ئەمەس، بەلكى ئۇ تىرىلدى! ئۇ تېخى گالىلىيەدە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ سىلەرگە نېمىنى ئېيتقىنىنى، يەنى: «ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، كرېستلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىشى مۇقەررەردۇر» دېگەنلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار! ــ دېدى. ◘ 24:6‏-7 مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ 20‏:18؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:31. *

8ۋە ئۇلار ئۇنىڭ دەل* شۇنداق دېگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى؛ ◘ 24:8 يـۇھ. 2‏:22. *

9ۋە قەبرىدىن قايتىپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئون بىرەيلەنگە، شۇنداقلا قالغان مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزدى. ◘ 24:9 مات. 28‏:8؛ مار. 16‏:10. *

10روسۇللارغا بۇ ئىشلارنى يەتكۈزگۈچىلەر بولسا ماگداللىق مەريەم، يوئاننا ۋە ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئۇلار بىلەن بىللە بولغان باشقا ئاياللار ئىدى.

11لېكىن ئاياللارنىڭ بۇ ئېيتقانلىرى* ئۇلارغا ئەپسانىدەك بىلىندى، ئۇلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدى.

12بىراق پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قەبرىگە يۈگۈرۈپ باردى. ئۇ ئېڭىشىپ قەبرە ئىچىگە قارىۋىدى، يالغۇز كاناپ كېپەنلىكنىڭ تىلىم-تىلىم پارچىلىرىنى كۆرۈپ، يۈز بەرگەن ئىشلارغا تەئەججۈپلىنىپ ئۆيگە قايتىپ كەتتى. ◘ 24:12 يـۇھ. 20‏:3، 6. *

13ۋە مانا، شۇ كۈندە ئۇلاردىن ئىككىيلەن يېرۇسالېمدىن ئون بىر چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئېمايۇس دېگەن كەنتكە كېتىپ باراتتى. ◼ 24:13 +bd «ئون بىر چاقىرىم»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئاتمىش ستادىيون» ــ بىر ستادىيون تەخمىنەن 185 مېتر كېلىدۇ.* ◘ 24:13 مار. 16‏:12. *

14ئۇلار يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىشىپ كېتىۋاتاتتى.

15ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سۆزلىشىپ-مۇلاھىزىلىشىپ كېتىۋاتقاندا، مانا ئەيسا ئۆزى ئۇلارغا يېقىنلىشىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى؛ ◘ 24:15 مات. 18‏:20؛ لۇقا 24‏:36. *

16لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇنى تونۇشتىن تۇتۇلدى.

17ئۇ ئۇلاردىن: ــ كېتىۋېتىپ نېمە ئىشلار توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىشىۋاتىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار قايغۇلۇق قىياپەتتە توختاپ،

18ئۇلاردىن كلىيوپاس ئىسىملىك بىرى جاۋاب بېرىپ: ــ يېرۇسالېمدا تۇرۇپمۇ، مۇشۇ كۈنلەردە شۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن بىردىنبىر خەۋەر تاپمىغان مۇساپىر سەن ئوخشىمامسەن؟! ــ دېدى.

19ۋە ئۇ ئۇلاردىن: ــ نېمە ۋەقەلەر بولدى؟ ــ دەپ سورىدى.

20باش كاھىنلار ۋە ھۆكۈمدارلىرىمىز ئۇنى ئۆلۈم ھۆكۈمىگە تاپشۇرۇپ، كرېستلەتتى.

21بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىلغا ھەمجەمەت بولۇپ ئازاد قىلىدىغان زات ئىكەن، دەپ ئۈمىد قىلغانىدۇق. لېكىن ئىشلار شۇنداق بولدى، ھازىر بۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگىنىگە ئۈچىنچى كۈن بولدى؛ ◼ 24:21 +bd «بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىلغا ھەمجەمەت بولۇپ ئازاد قىلىدىغان زات ئىكەن، دەپ ئۈمىد قىلغانىدۇق»+bd* ــ «ھەمجەمەت-ئازاد قىلغۇچى» ياكى «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» توغرۇلۇق «ئايۇپ» 25:19 ۋە ئىزاھات، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.* ◘ 24:21 روس. 1‏:6. *

22يەنە كېلىپ، ئارىمىزدىكى بىرنەچچە ئايال ھەم بىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇۋەتتى. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن تاڭ سەھەردە قەبرىگە بېرىپتىكەن، ◘ 24:22 مات. 28‏:8؛ مار. 16‏:10؛ يـۇھ. 20‏:18. *

23ئۇنىڭ جەسىتىنى تاپالماي قايتىپ كېلىپ: «بىزگە بىرنەچچە پەرىشتە غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئايان بولۇپ، «ئۇ تىرىك!» دېدى» دەپ ئېيتىپتۇ.

24بۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىن بىرنەچچەيلەن قەبرىگە بېرىپ، ئەھۋالنىڭ دەل ئاياللارنىڭ ئېيتقىنىدەك ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. لېكىن ئۇنى ئۇلارمۇ كۆرمەپتۇ».

25ئەيسا ئۇلارغا:

26مەسىھنىڭ ئۆزىگە خاس شان-شەرىپىگە كىرىشتىن بۇرۇن، مۇشۇ جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى مۇقەررەر ئەمەسمىدى؟ ــ دېدى. ◘ 24:26 يەش. 50‏:6؛ 53‏:5؛ فىل. 2‏:7؛ ئىبر. 12‏:2؛ 1پېت. 1‏:11. *

27ئاندىن پۈتۈن تەۋرات-زەبۇردىن، مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن باشلاپ ئۇ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلىرىنى ئۇلارغا شەرھ بېرىپ چۈشەندۈردى. ◘ 24:27 يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:15؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:24-25؛ دان. 9‏:24؛ مىك. 7‏:20. *

28ئۇلار بارىدىغان كەنتكە يېقىنلاشقاندا، ئۇ يىراقراق بىر يەرگە بارىدىغاندەك تۇراتتى.

29لېكىن ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ:

30ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇلار بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا تۇتتى. ◼ 24:30 +bd «ئۇ ئۇلار بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا تۇتتى»+bd* ــ «نان ئوشتۇش» ئادەتتە بۇنى مېھمان ئەمەس، بەلكى ساھىبخانا قىلىشى كېرەك ئىدى.*

31ئۇلارنىڭ كۆزلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ئۇنى تونۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىن غايىب بولدى.

32ئۇلار بىر-بىرىگە:

33‏-34 ۋە ئۇلار شۇ ھامان تۇرۇپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئىككىسى ئون بىرەيلەن بىلەن ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ تۇرغىنىنىڭ ئۈستىگىلا چۈشتى، ئۇلار: «رەب راستتىن تىرىلىپتۇ. ئۇ سىمونغا كۆرۈنۈپتۇ!» دېيىشىۋاتاتتى. ◼ 24:33‏-34 +bd «ئۇلار شۇ ھامان تۇرۇپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار شۇ سائەتتىلا تۇرۇپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى».*

35شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىيلەنمۇ يولدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە ئۇ ناننى ئوشتۇۋاتقاندا ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق تونۇلغىنىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى.

36ۋە ئۇلار بۇ ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقاندا، ئەيسا* ئۆزى توساتتىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولۇپ:

37ئۇلار بىرەر روھنى ئۇچراتتۇقمۇ نېمە، دەپ خىيال قىلىپ، ئالاقزادە بولۇشۇپ ۋەھىمىگە چۈشتى.

38ئۇ ئۇلارغا:

39قوللىرىمغا ۋە پۇتلىرىمغا قاراپ بېقىڭلار! مېنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلىڭلار! مېنى تۇتۇپ كۆرۈڭلار، روھنىڭ ئەت بىلەن سۆڭىكى يوق، لېكىن مەندە بارلىقىنى كۆرىسىلەر، ــ دېدى.

40ۋە شۇنداق دېگەچ ئۇلارغا پۇت-قولىنى كۆرسەتتى.

41ئۇلار خۇشلۇقتىن كۆزلىرىگە* ئىشەنگۈسى كەلمەي ھەيرانۇھەس تۇرغىنىدا ئۇ ئۇلاردىن:

42ئۇلار بىر پارچە بېلىق كاۋىپى ۋە بىر پارچە ھەسەل كۆنىكىنى ئۇنىڭغا سۇنۇۋىدى،

43ئۇ ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېدى.

44ئاندىن ئۇ ئۇلارغا:

45شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زېھىنلىرىنى ئاچتى

46ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

47ئاندىن ئۇنىڭ نامى بىلەن «توۋا قىلىڭلار، گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈمىگە مۇيەسسەر بولۇڭلار» دېگەن خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ بارلىق ئەللەرگە جاكارلىنىدۇ. ◘ 24:47 روس. 13‏:38؛ 1يۇھ. 2‏:12. *

48سىلەر ئەمدى بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىدۇرسىلەر.

49ۋە مانا، مەن ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنىنى ۋۇجۇدۇڭلارغا ئەۋەتىمەن. لېكىن سىلەر يۇقىرىدىن چۈشىدىغان كۈچ-قۇدرەت بىلەن كىيگۈزۈلگۈچە، بۇ شەھەردە كۈتۈپ تۇرۇڭلار». ◼ 24:49 +bd «مەن ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنىنى ۋۇجۇدۇڭلارغا ئەۋەتىمەن»+bd* ــ «ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنى» ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى. خۇدا ئۇلارنى «قۇدرەت بىلەن كىيگۈزىدۇ». +bd «لېكىن سىلەر يۇقىرىدىن چۈشىدىغان كۈچ-قۇدرەت بىلەن كىيگۈزۈلگۈچە، بۇ شەھەردە كۈتۈپ تۇرۇڭلار»+bd* ــ «بۇ شەھەر» ــ يېرۇسالېم.* ◘ 24:49 يـۇھ. 14‏:26؛ 15‏:26؛ 16‏:7؛ روس. 1‏:4. *

50ۋە ئۇ ئۇلارنى بەيت-ئانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارنى بەرىكەتلىدى. ◘ 24:50 روس. 1‏:12. *

51ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلارنى بەرىكەتلىگەندە ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. ◘ 24:51 مار. 16‏:19 روس. 1‏:9. *

52ئۇلار ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى ۋە زور خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ،

53ھەردائىم ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ خۇداغا شۈكۈر-سانا ئوقۇشۇپ تۇردى. ◼ 24:53 +bd «...ۋە شۇنداق بولدىكى، +bdit ئۇ+bdit* ئۇلارنى بەرىكەتلىگەندە ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى... +bdit ئۇلار+bdit* ھەردائىم ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ خۇداغا شۈكۈر-سانا ئوقۇشۇپ تۇردى»+bd* ــ بۇ 36-53-ئايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ مەسىھنىڭ مۇخلىسلىرىغا ئاخىرقى كۆرۈنۈشى ئىدى. بىراق ئۇنىڭ تىرىلىشىنى بايان قىلىدىغان باشقا خاتىرىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ بىرىنچى يەكشەنبىدىكى كۆرۈنۈشتىن كېيىن ئەيسا يەنە بىرنەچچە قېتىم مۇخلىسلىرىغا ئايان بولدى. لۇقانىڭ بۇ خاتىرىسى ئەيسانىڭ مۇخلىسلارغا بىرىنچى كۈنىدىكى كۆرۈنىشلىرىدىن بىراقلا قىرىقىنچى كۈنىدىكى كۆرۈنۈشىگە ئاتلاپ ئۆتكەن بولسا كېرەك (45-ئايەتتە ياكى 50-ئايەتتە «ئاتلاپ ئۆتىدۇ»). شۇڭا ئىنجىلدىكى «تۆت بايان»دا ھېچقانداق زىت يەرلەر يوق، دەپ قارايمىز.

© 2010 Institute for Bible Translation
v>