1رىم ئىمپېراتورى تىبېرىئۇس قەيسەرنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى، پونتىئۇس پىلاتۇس يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى، ھېرود خان گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، ھېرود خاننىڭ ئىنىسى فىلىپ خان ئىتۇرىيە ۋە تراخونىتىس ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، لىسانياس خان ئابىلىنىي ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى بولغاندا، ◼ 3:1 +bd «رىم ئىمپېراتورى تىبېرىئۇس قەيسەرنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى»+bd* ــ بىزنىڭ ھېسابلىشىمىزچە تىبېرىئۇس قەيسەر مىلادىيە 13-يىلى 27-ئىيۇن ئىمپېراتور دەپ جاكارلانغان. شۇڭا يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئىسرائىلغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى، شۇنداقلا مەسىھنىڭ كەلگەنلىكىنى جار سېلىشقا باشلىغانلىقى مىلادىيە 28-يىلى بولسا كېرەك ئىدى. +bd «ھېرود خان گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، ھېرود خاننىڭ ئىنىسى فىلىپ خان ئىتۇرىيە ۋە تراخونىتىس ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، لىسانياس خان ئابىلىنىي ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى بولغاندا...»+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە ئۈچ قېتىم ئىشلىتىلگەن «ھاكىم» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا «تېترارق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «تېترارق» دېگەننىڭ تولۇق مەنىسى «(زېمىننىڭ) تۆتتىن بىر قىسمى ئۈستىدىكى ھاكىم». «تېترارق» دېگەن مەرتىۋە «ۋالىي»دىن تۆۋەن ئىدى.* مەسىھنىڭ دەۋرىدە، قانائان (ئىسرائىلىيە) زېمىنى|src="israeljesustime-uara-01.jpg" size="span" ref="«مات.» 17:3" *
2ھانناس ھەم قايافا باش كاھىنلىق قىلىۋاتقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى چۆلدە ياشاۋاتقان زەكەرىيانىڭ ئوغلى يەھياغا كەلدى. ◼ 3:2 +bd «... ھانناس ھەم قايافا باش كاھىنلىق قىلىۋاتقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى چۆلدە ياشاۋاتقان زەكەرىيانىڭ ئوغلى يەھياغا كەلدى»+bd* ــ بۇ 1-2-ئايەتتە خۇدا چاقچاق قىلىۋاتقاندەك ــ دۇنيادا شۇنچە مۆھتەرەم ئەربابلار بولغىنى بىلەن، ئۇ ئۆز سۆز-كالامىنى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئامانەت قىلغان ئەمەس، بەلكى چۆلدە ياشاۋاتقان نامەلۇم بىر يەھۇدىيغا تاپشۇردى.* ◘ 3:2 روس. 4:6. *
3ئۇ ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى بارلىق رايونلارنى كېزىپ، كىشىلەرگە گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان سۇغا* «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشنى باشلىدى. ◼ 3:3 +bd «+bdit يەھيا پەيغەمبەر+bdit*... كىشىلەرگە گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان +bdit سۇغا+bdit* «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشنى باشلىدى»+bd* ــ «كىشىلەرگە گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان سۇغا «چۆمۈلدۈرۈش»: ــ باشقىچە ئېيتقاندا، «يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، خۇدا سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ!» ــ دېگەندەك.* ◘ 3:3 مات. 3:1؛ مار. 1:4. *
4خۇددى تەۋراتتىكى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى خاتىرىلەنگەن قىسىمدا پۈتۈلگەندەك:
5بارلىق جىلغىلار تولدۇرۇلىدۇ،
6شۇنداق قىلىپ، بارلىق ئەت ئىگىلىرى خۇدانىڭ نىجاتىنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ! ــ دەپ توۋلايدۇ». ◼ 3:6 +bd «بارلىق ئەت ئىگىلىرى خۇدانىڭ نىجاتىنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ!»+bd* ــ «يەش.» 3:40-5.* ◘ 3:6 زەب. 98:2-3؛ يەش. 40:3-5؛ 52:10. *
7يەھيا ئەمدى ئالدىغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا چىققان توپ-توپ خالايىققا:
8ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىلەرنى كەلتۈرۈڭلار! ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال ئەيلىمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. ◼ 3:8 +bd «ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىلەرنى كەلتۈرۈڭلار!»+bd* ــ «توۋىغا لايىق مېۋىلەر» توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. +bd «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!»+bd* ــ دېمەك، «بىز ئۇلۇغ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان «ئۇلۇغ يەھۇدىي مىللىتى» بولۇپ، بىز ھېچنېمە قىلمىساقمۇ خۇدا ئالدىدا پاك تۇرۇۋېرىمىز» دېگەن پوزىتسىيىنى بىلدۈرىدۇ.* ◘ 3:8 مات. 3:9؛ يـۇھ. 8:39؛ روس. 13:26. *
9پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى؛ ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقانداق دەرەخلەر كېسىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ!» ــ دېدى. ◼ 3:9 +bd «پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى»+bd* ــ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ سۆزى «خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا» دېگەن ئاساسىي مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز توغرۇلۇق ۋە 12-ئايەتتىكى كېيىنكى بېشارىتى توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 3:9 مات. 3:10؛ 7:19. *
10ئۇنىڭ ئەتراپىغا* توپلاشقان كىشىلەر ئەمدى ئۇنىڭدىن:
11ئۇ جاۋابەن: ــ ئىككى قۇر چاپىنى بار كىشى بىرىنى يوق كىشىگە بەرسۇن، يەيدىغىنى بار كىشىمۇ شۇنداق قىلسۇن، ــ دېدى. ◘ 3:11 ياق. 2:13،15؛ 1يۇھ. 3:17. *
12بەزى باجگىرلارمۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
13ئۇ ئۇلارغا: ــ بەلگىلەنگەندىن ئارتۇق باج ئالماڭلار، ــ دېدى.
14ئاندىن بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن:
15ئەمدى خەلق تەقەززالىقتا بولۇپ ھەممەيلەن كۆڭلىدە يەھيا توغرۇلۇق «مەسىھ مۇشۇ كىشىمىدۇ؟» دەپ ئويلاشتى. ◼ 3:15 +bd «خەلق تەقەززالىقتا بولۇپ...»+bd* ــ دېمەك، تەققەزالىق بىلەن قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۈتكىنىدە.*
16يەھيا ھەممەيلەنگە جاۋابەن: ــ مەن سىلەرنى دەرۋەقە سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن قۇدرەتلىك بولغان بىرسى كېلىدۇ؛ مەن ھەتتا كەشلىرىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. ◘ 3:16 يەش. 44:3؛ يو. 2:27،28؛ مات. 3:11؛ مار. 1:8؛ يـۇھ. 1:26؛ روس. 1:5؛ 11:16؛ 2:4؛ 11:15؛ 19:4. *
17ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى توپا-ساماندىن تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا-ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ــ دېدى. ◘ 3:17 مات. 3:12. *
18ئەمدى شۇنداق كۆپ باشقا نەسىھەتلەر بىلەن يەھيا خۇش خەۋەرنى خەلققە يەتكۈزدى.
19كېيىن*، ھاكىم ھېرود ئۆگەي* ئاكىسىنىڭ ئايالى ھېرودىيەنى تارتىۋالغانلىقى* تۈپەيلىدىن ۋە شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بارلىق باشقا رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن يەھيا تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن، ◼ 3:19 +bd «ھاكىم ھېرود»+bd* ــ «ھاكىم» گېرك تىلىدا «تېترارك». بۇ سۆز «تۆتنىڭ بىرىنى ئىدارە قىلغۇچى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ؛ ھېرود رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولۇپ، پالەستىننىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا (گالىلىيەگە) «پادىشاھ» ياكى «خان» بولغان.* ◘ 3:19 مات. 14:3؛ مار. 6:18. *
20ھېرود بۇ بارلىق رەزىللىكىنىڭ ئۈستىگە يەنە شۇنى قىلدىكى، يەھيانى زىندانغا تاشلىدى.
21شۇنداق بولدىكى، ھەممە خەلق يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا، ئەيسامۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسمانلار يېرىلىپ، ◘ 3:21 مات. 3:13؛ مار. 1:9؛ يـۇھ. 1:32. *
22مۇقەددەس روھ كەپتەر سىياقىدا چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى. شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ◼ 3:22 +bd «مۇقەددەس روھ كەپتەر سىياقىدا چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى»+bd* ــ «كەپتەر سىياقىدا» ياكى «پاختەك سىياقىدا». گرېك تىلىدا بۇ قۇش «پېرىستېرا» دەپ ئاتىلىدۇ. «پېرىستېرا» گرېك تىلىدا ھەم كەپتەرنى ھەم پاختەكنىمۇ كۆرسىتىدۇ. +bd «...شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى»+bd* ــ ئەيسانىڭ يەھيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن چۈمۈلدۈرۈلۈشى ئۇنىڭ زىندانغا تاشلىنىشىدىن بۇرۇن، ئەلۋەتتە.* ◘ 3:22 يەش. 42:1؛ مات. 17:5؛ مار. 9:7؛ لۇقا 9:35؛ كول. 1:13؛ 2پېت. 1:17. *
23ئەيسا ئۆز خىزمىتىنى* باشلىغاندا، ئوتتۇزغا كىرىپ قالغانىدى. ئۇ (خەقنىڭ نەزىرىدە) يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى؛ يۈسۈپ خېلىينىڭ ئوغلى، ◼ 3:23 +bd «ئەيسا ئۆز خىزمىتىنى باشلىغاندا، ئوتتۇزغا كىرىپ قالغانىدى»+bd* ــ «ئوتتۇزغا كىرىپ قالغانىدى» گرېك تىلىدا «ئوتتۇزچە ياشقا كىرگەنىدى» ــ گرېكشۇناس پروفېسسور رامساينىڭ دېيىشىچە بۇ ئىبارە (1) ئوتتۇز ياش (يىگىرمە توققۇز ياكى ئوتتۇز بىر ياش ئەمەس)؛ (2) دەل ئوتتۇز ياشقا كىرگەن كۈنى دېگەن مەنىدە. كاھىنلار ۋە لاۋىيلار دەل ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە خىزمىتىنى باشلايتتى («چۆل.» 3:4، «يار.» 46:41نىمۇ كۆرۈڭ).* ◘ 3:23 مات. 13:55؛ يـۇھ. 6:42. *
24خېلىي ماتتاتنىڭ ئوغلى، ماتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي يانناينىڭ ئوغلى، يانناي يۈسۈپنىڭ ئوغلى،
25يۈسۈپ ماتتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتتاتىيا ئاموسنىڭ ئوغلى، ئاموس ناھۇمنىڭ ئوغلى، ناھۇم ھېسلىنىڭ ئوغلى، ھېسلى ناگگاينىڭ ئوغلى،
26ناگگاي ماھاتنىڭ ئوغلى، ماھات ماتتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتتاتىيا سېمەينىڭ ئوغلى، سېمەي يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ يۇدانىڭ ئوغلى، ◼ 3:26 +bd «يۈسۈپ»+bd* ــ ياكى «يوسېخ». +bd «يۇدا»+bd* ــ «يەھۇدا»نىڭ قىسقا شەكلى.*
27يۇدا يوئاناننىڭ ئوغلى، يوئانان رېسانىڭ ئوغلى، رېسا زەرۇببابەلنىڭ ئوغلى، زەرۇببابەل سالتىيەلنىڭ ئوغلى، سالاتىيەل نېرىينىڭ ئوغلى، ◼ 3:27 +bd «سالاتىيەل»+bd* ــ «مات.» 12:1نى كۆرۈڭ. تەۋراتتا، مەسىلەن «ئەزرا» 2:3دە «شېئالتىئەل» دېيىلىدۇ.*
28نېرىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي ئاددىنىڭ ئوغلى، ئاددى قوسامنىڭ ئوغلى، قوسام ئېلمادامنىڭ ئوغلى، ئېلمادام ئېرنىڭ ئوغلى،
29ئېر يوسەنىڭ ئوغلى، يوسە ئەلىئېزەرنىڭ ئوغلى، ئەلىئېزەر يورىمنىڭ ئوغلى، يورىم ماتتاتنىڭ ئوغلى، ماتتات لاۋىينىڭ ئوغلى،
30لاۋىي سىمېئوننىڭ ئوغلى، سىمېئون يەھۇدانىڭ ئوغلى، يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ يوناننىڭ ئوغلى، يونان ئەلىئاقىمنىڭ ئوغلى، ◼ 3:30 +bd «يەهۇدا»+bd* ــ گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە «يۇدا» دېيىلىدۇ.*
31ئەلىئاقىم مېلېئاھنىڭ ئوغلى، مېلېئاھ مەننانىڭ ئوغلى، مەننا ماتتاتانىڭ ئوغلى، ماتتاتا ناتاننىڭ ئوغلى، ناتان داۋۇتنىڭ ئوغلى،
32داۋۇت يەسسەنىڭ ئوغلى، يەسسە ئوبەدنىڭ ئوغلى، ئوبەد بوئازنىڭ ئوغلى، بوئاز سالموننىڭ ئوغلى، سالمون ناھشوننىڭ ئوغلى، ناھشون ئاممىنادابنىڭ ئوغلى،
33ئاممىناداب ئارامنىڭ ئوغلى، ئارام ھېزروننىڭ ئوغلى، ھېزرون پەرەزنىڭ ئوغلى، پەرەز يەھۇدانىڭ ئوغلى، ◼ 3:33 +bd «ئارام»+bd* ــ «رۇت» 20:4 ۋە «1تار.» 10:2دە «رام». +bd «ھېزرون»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئەسروم». +bd «پەرەز»+bd* ــ گرېك تىلىدا «پارەس».*
34يەھۇدا ياقۇپنىڭ ئوغلى، ياقۇپ ئىسھاقنىڭ ئوغلى، ئىسھاق ئىبراھىمنىڭ ئوغلى، ئىبراھىم تەراھنىڭ ئوغلى، تەراھ ناھورنىڭ ئوغلى، ◘ 3:34 يار. 11:10. *
35ناھور سېرۇگنىڭ ئوغلى، سېرۇگ راغۇنىڭ ئوغلى، راغۇ پەلەگنىڭ ئوغلى، پەلەگ ئېبەرنىڭ ئوغلى، ئېبەر شېلاھنىڭ ئوغلى، ◼ 3:35 +bd «سېرۇگ»+bd* ــ گرېك تىلىدا «سېرۇخ». +bd «راغۇ»+bd* ــ گرېك تىلىدا «راغاۋ». ئىبرانىيچە «رەئۇ». +bd «پەلەگ»+bd* ــ گرېك تىلىدا «پالەگ». +bd «شېلاھ»+bd* ــ گرېك تىلىدا «سالاھ».*
36شېلاھ قائىناننىڭ ئوغلى، قائىنان ئارپاخشادنىڭ ئوغلى، ئارپاخشاد شەمنىڭ ئوغلى، شەم نۇھنىڭ ئوغلى، نۇھ لەمەخنىڭ ئوغلى، ◼ 3:36 +bd «قائىنان»+bd* ــ گرېك تىلىدا «قائىنام». +bd «شەم»+bd* ــ گرېك تىلىدا «سېم». +bd « لەمەخ»+bd* ــ گرېك تىلىدا «لامەخ».*
37لەمەخ مەتۇشەلاھنىڭ ئوغلى، مەتۇشەلاھ ھانوخنىڭ ئوغلى، ھانوخ يارەدنىڭ ئوغلى، يارەد ماھالالىلنىڭ ئوغلى، ماھالالىل قېناننىڭ ئوغلى،