لۇقا 4:1-43 UIGB2010 - Bible AI

1ئاندىن ئەيسا مۇقەددەس روھقا تولۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن قايتىپ كېلىپ، روھ تەرىپىدىن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى. ◘ 4:1 مات. 4‏:1؛ مار. 1‏:12. *

2ئۇ ئۇ يەردە قىرىق كۈن ئىبلىس تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ بۇ كۈنلەردە ھېچنەرسە يېمىدى. كۈنلەر ئاياغلاشقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقانىدى. ◘ 4:2 مىس. 34‏:28؛ 1پاد. 19‏:8. *

3ئەمدى ئىبلىس ئۇنىڭغا:

4ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:

5ئىبلىس يەنە ئۇنى ئېگىز بىر تاغقا باشلاپ چىقىپ، بىر دەقىقە ئىچىدە دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى.

6ئىبلىس ئۇنىڭغا: ــ مەن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق شانۇ-شەۋكەتلەرنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن؛ چۈنكى بۇلار ماڭا تاپشۇرۇلغان، مەن ئۇنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن.

7ئەگەر باش قويۇپ ماڭا سەجدە قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭكى بولىدۇ، ــ دېدى.

8ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ:

9ئاندىن ئىبلىس ئۇنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ:

10چۈنكى تەۋراتتا*: «خۇدا* ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنى قوغداش ھەققىدە ئەمر قىلىدۇ»؛

11ۋە، «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى. ◼ 4:11 +bd «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ»+bd* ــ «زەب.» 11:91، 12. شەيتاننىڭ بۇ ئايەتنى ئىشلەتكىنى توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 4:11 زەب. 91‏:11،12. *

12ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «تەۋراتتا*: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» دەپمۇ يېزىلغان، ــ دېدى. ◼ 4:12 +bd «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!»+bd* ــ «قان.» 16:6.* ◘ 4:12 قان. 6‏:16. *

13ئىبلىس بارلىق سىناشلارنى ئىشلىتىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ۋاقتىنچە تاشلاپ كېتىپ قالدى.

14ئەيسا روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىچىدە گالىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى. ◼ 4:14 +bd «روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىچىدە...»+bd* ــ مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە، ئەلۋەتتە.* ◘ 4:14 مات. 4‏:12؛ مار. 1‏:14؛ يـۇھ. 4‏:43؛ روس. 10‏:37. *

15ئۇ ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرگىلى تۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلاشلىرىغا سازاۋەر بولدى. ◼ 4:15 +bd «ئۇ ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرگىلى تۇردى»+bd* ــ «سىناگوگ»لار توغرۇلۇق «تەبىرلەر»ىمىزنى كۆرۈڭ.*

16ئۇ ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلىنغان يۇرتى ناسارەتكە كېلىپ، شابات كۈنى ئادەتتىكىدەك سىناگوگقا كىردى ۋە شۇنداقلا مۇقەددەس يازمىلارنى* ئوقۇشقا ئۆرە تۇردى ◘ 4:16 نەھ. 8‏:4، 5؛ مات. 13‏:54؛ مار. 6‏:1؛ يـۇھ. 4‏:43. *

17ۋە تەۋراتتىكى «يەشايا» دېگەن قىسىم ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلدى. ئۇ ئورام يازمىنى ئېچىپ، مۇنۇ سۆزلەر يېزىلغان يەرنى تېپىپ ئوقۇدى:

18‏-19 ــ «پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا،

20ئۇ يازمىنى تۈرۈۋېتىپ، سىناگوگ خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئولتۇردى. سىناگوگتا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى. ◼ 4:20 +bd «ئۇ يازمىنى تۈرۈۋېتىپ، سىناگوگ خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئولتۇردى»+bd* ــ سىناگوگلاردا تەلىم بەرگۈچىلەر ئاۋۋال مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇشقا تۇراتتى، ئاندىن تەلىم بېرىشكە ئولتۇراتتى.*

21ئۇ كۆپچىلىككە:

22ھەممىسى ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان شاپائەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشىپ:

23ئۇ ئۇلارغا:

24ــ بىراق شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئەمەس. ◘ 4:24 مات. 13‏:57؛ مار. 6‏:4؛ يـۇھ. 4‏:44. *

25مەن سىلەرگە شۇ ھەقىقەتنى ئەسلىتىمەنكى، ئىلياس پەيغەمبەر*نىڭ ۋاقتىدا، ئاسمان ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي ئېتىلىپ، دەھشەتلىك بىر قەھەتچىلىك بارلىق زېمىننى باسقاندا، ئىسرائىلدا نۇرغۇن تۇل ئاياللار بار ئىدى؛

26بىراق ئىلياس ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ قېشىغا ئەمەس، بەلكى زىدوننىڭ زارەفات شەھىرىدىكى بىر تۇل ئايالنىڭ قېشىغىلا ئەۋەتىلگەن. ◼ 4:26 +bd «زارەفات»+bd* ــ گرېك تىلىدا «سارەپتا». +bd «ئىلياس ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ قېشىغا ئەمەس، بەلكى زىدوننىڭ زارەفات شەھىرىدىكى بىر تۇل ئايالنىڭ قېشىغىلا ئەۋەتىلگەن»+bd* ــ بۇ ۋەقە «1پاد.» 9:17-24دە خاتىرىلەنگەن. ئىلياس پەيغەمبەر زىدون رايونى (يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ زېمىنى)دىكى شۇ تۇل خوتۇننىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرغان ۋە ئاچارچىلىق ئاخىرلاشقۇچە تۇل خوتۇن، ئوغلى ۋە ئۆزى ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك تەمىنلىگەن. دېمەك، خۇدانىڭ ئۆز خەلقى ــ يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئىلىياسنىڭ شۇنداق مۆجىزىلىك ياردىمىگە ئېرىشكۈدەك ئىخلاسمەنلىك مەۋجۇت بولمىغانىدى، ئەكسىچە، ئىتائەتسىزلىك ۋە ئاسىيلىق ئوچۇق-ئاشكارا كۆرۈنەتتى.*

27ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش*، ئېلىشا پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدا، ئىسرائىلدا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن سۇرىيەلىك نائاماندىن باشقا، ھېچقايسىسى ساقايتىلغان ئەمەس! ــ دېدى. ◼ 4:27 +bd «ئېلىشا پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدا، ئىسرائىلدا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن سۇرىيەلىك نائاماندىن باشقا، ھېچقايسىسى ساقايتىلغان ئەمەس!»+bd* ــ سۇرىيەلىك نائامان يەھۇدىي ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە. بۇ ۋەقە «2پاد.» 1:5-14دە خاتىرىلەنگەن. مەسىھنىڭ ئۇلارغا «سىلەر خۇدانىڭ شاپائىتىنى ۋە نىجاتىنى رەت قىلغاچقا، ئۇ ئەمدى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ!» دېگەندەك ئىدى.* ◘ 4:27 2پاد. 5‏:14. *

28سىناگوگدىكىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەممىسى قاتتىق غەزەپلەندى؛

29ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىپ، شۇ شەھەر جايلاشقان تاغنىڭ لېۋىگە ئەچىقىپ، تىك ياردىن تاشلىۋەتمەكچى بولۇشتى. ◼ 4:29 +bd «ئۇنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىپ...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنى شەھەردىن تاشلاپ...».*

30لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىمالال ئۆتۈپ، ئۆز يولىغا چىقىپ كەتتى.

31ئۇ گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كەپەرناھۇم دېگەن بىر شەھىرىگە چۈشتى، ئۇ يەردە شابات كۈنلىرىدە خەلققە تەلىم بېرەتتى. ◘ 4:31 مات. 4‏:13؛ مار. 1‏:21. *

32ئۇلار ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران قېلىشتى، چۈنكى ئۇنىڭ سۆزى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى. ◘ 4:32 مات. 7‏:29؛ مار. 1‏:22. *

33ئەمدى سىناگوگتا ناپاك جىننىڭ روھى چاپلاشقان بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى جىن* قاتتىق ئاۋازدا: ◼ 4:33 +bd «ناپاك جىننىڭ روھى»+bd* ــ بۇ دېگەنلىك سۆز بەلكىم بۇ جىننىڭ ئىنتايىن ناپاك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكچى.* ◘ 4:33 مار. 1‏:23. *

34ــ ئەي ناسارەتلىك ئەيسا، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ؟! بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! ــ دەپ توۋلاپ كەتتى.

35لېكىن ئەيسا جىنغا تەنبىھ بېرىپ:

36ھەممەيلەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە:

37شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى.

38ئەيسا سىناگوگتىن چىقىپ، سىموننىڭ ئۆيىگە كىردى. لېكىن سىموننىڭ قېينئانىسى ئېغىر تەپ كېسىلى بولۇپ قالغانىدى؛ ئۇلار ئەيسادىن ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشىنى ئۆتۈندى. ◘ 4:38 مات. 8‏:14؛ مار. 1‏:29. *

39ئۇ ئايالنىڭ بېشىدا تۇرۇپ، تەپكە تەنبىھ بېرىۋىدى، تەپ شۇئان ئۇنىڭدىن كەتتى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.

40كۈن پېتىشى بىلەنلا، كىشىلەر ھەرخىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان يېقىنلىرى بولسىلا، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ ئۇلارغا بىر-بىرلەپ قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتتى. ◼ 4:40 +bd «كۈن پېتىشى بىلەنلا،...»+bd* ــ شابات كۈنى تۈگىگەندە (كەچتە)، «ئىش قىلىش» ياكى «خىزمەت قىلىش»قا بولاتتى (مەسىلەن، كېسەل ئادەمنى كۆتۈرۈش قاتارلىق).* ◘ 4:40 مات. 8‏:16؛ مار. 1‏:32؛ 7‏:32؛ 8‏:23،25. *

41كىشىلەرگە چاپلاشقان نۇرغۇن جىنلار ئۇلاردىن چىقىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەپ توۋلاپ كېتەتتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا تەنبىھ بېرىپ، سۆز قىلىشىغا يول قويمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ◘ 4:41 مار. 1‏:34؛ 3‏:11. *

42كۈن چىقىشى بىلەن، ئۇ شەھەردىن چىقىپ، پىنھان بىر جايغا كەتتى. بىراق توپ-توپ خالايىق ئۇنى ئىزدەپ يۈرەتتى؛ ئۇلار ئۇنى تاپقاندا ئالدىغا كېلىپ، ئۇنى ئارىمىزدا قالسۇن دەپ كېتىشىدىن توسماقچى بولۇشتى. ◘ 4:42 مار. 1‏:35. *

43لېكىن ئۇ ئۇلارغا:

© 2010 Institute for Bible Translation
>