1شۇنداق بولدىكى، ئۇ گىننىسارەت كۆلىنىڭ بويىدا تۇرغاندا، خالايىق خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ قىستىلىشىپ تۇراتتى. ◘ 5:1 مات. 13:2؛ مار. 4:1. *
2ئۇ كۆل بويىدا تۇرغان ئىككى كېمىنى كۆردى. بېلىقچىلار بولسا كېمىدىن چۈشۈپ، قىرغاقتا* تورلىرىنى يۇيۇشۇۋاتاتتى.
3ئۇ كېمىلەردىن بىرىگە، يەنى سىموننىڭكىگە چىقىپ، ئۇنىڭدىن كېمىنى قىرغاقتىن سەل يىراقلىتىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئاندىن ئۇ كېمىدە ئولتۇرۇپ توپ-توپ خالايىققا تەلىم بەردى.
4سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ سىمونغا:
5سىمون ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئۇستاز، بىز پۈتۈن كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق. بىراق سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن تورنى سالسام سالاي، دېدى.
6ئۇلار شۇنداق قىلىۋىدى، نۇرغۇن بېلىقلار تورغا چۈشتى؛ تور سۆكۈلۈشكە باشلىدى. ◼ 5:6 +bd «ئۇلار شۇنداق قىلىۋىدى، نۇرغۇن بېلىقلار تورغا چۈشتى؛ تور سۆكۈلۈشكە باشلىدى»+bd* ــ ئادەتتە گالىلىيە كۆلىسىدە بېلىقلار كۈندۈزدە چوڭقۇر سۇغا شۇڭغۇپ كىرىۋالىدۇ، ئۇلارنى تور بىلەن تارتىپ چىقارغىلى بولمايدۇ. ئوقۇرمەنلەر شۇنى بايقىغان بولۇشى مۇمكىنكى، مەسىھ «تورلىرىڭلار»نى دېگىنى بىلەن پېترۇسنىڭ پەقەت بىرلا تورنى سېلىشقا ئىشەنچى بار ئىدى («يۇھ.» 11:21نى ۋە شۇ ئايەت توغرۇلۇق ئىزاھات ۋە «يۇھاننا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نى كۆرۈڭ).*
7شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرىنى ياردەمگە كېلىشكە ئىشارەت قىلىشتى. ئۇلار كېلىپ، بېلىقلارنى* ئىككى كېمىگە لىق قاچىلىۋىدى، كېمىلەر چۆكۈپ كېتەي دەپ قالدى.
8سىمون پېترۇس بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئەيسانىڭ تىزلىرى ئالدىدا يىقىلىپ:
9چۈنكى بۇنچە كۆپ بېلىق تۇتۇلغانلىقىدىن ئۇ ۋە ئۇنىڭغا بارلىق ھەمراھ بولغانلارنى ھەيرانلىق باسقانىدى.
10ۋە سىموننىڭ شېرىكلىرى ــ زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننامۇ ھەم شۇنداق ھەيران قالدى. ئەمدى ئەيسا سىمونغا:
11ئۇلار كېمىلەرنى قىرغاققا چىقىرىپ، ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ◘ 5:11 مات. 4:20؛ 19:27؛ مار. 10:28؛ لۇقا 18:28. *
12شۇنداق بولدىكى، ئۇ شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرىدە بولغاندا، مانا شۇ يەردە، پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ بېسىپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۇنىڭدىن:
13ئەيسا قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:
14ئەيسا ئۇنىڭغا:
15لېكىن ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر تېخىمۇ تارقىلىپ پۇر كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن توپ-توپ خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئۆز ئاغرىق-كېسەللىرىنى ساقايتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ كېلەتتى.
16ھالبۇكى، ئۇ پات-پات ئۇلاردىن چېكىنىپ چۆللۈك يەرلەرگە بېرىپ دۇئا قىلاتتى.
17شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداق بولدىكى، ئۇ تەلىم بېرىۋاتقاندا، يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئەھلىلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار گالىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. پەرۋەردىگارنىڭ كېسەللەرنى ساقايتىش كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار بولدى.
18شۇ پەيتتە، مانا بىرقانچە كىشى زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى كۆتۈرۈپ كەلدى. ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە ئىنتىلىشتى. ◼ 5:18 +bd «... ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە ئىنتىلىشتى»+bd* ــ ئەيسا ئۆيدە ئولتۇراتتى (19-ئايەتنى كۆرۈڭ).* ◘ 5:18 مات. 9:1؛ مار. 2:3؛ روس. 9:33. *
19بىراق ئادەملەرنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئەكىرىشكە ئامال تاپالماي، ئۇلار ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىكى كاھىشلارنى ئېچىپ، كېسەلنى ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىلدە ياتقان ھالدا خالايىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا، ئەيسانىڭ ئالدىغا چۈشۈردى.
20ئۇ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ پالەچكە*:
21تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر كۆڭۈللىرىدە:
22بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئەيىب ئىزدەشلىرىنى بىلىپ يېتىپ، جاۋابەن:
23«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟
24ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە:
25ھېلىقى ئادەم دەرھال ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزى ياتقان زەمبىلنى ئېلىپ، خۇدانى ئۇلۇغلىغىنىچە ئۆيىگە قايتتى.
26ھەممەيلەننى دەھشەتلىك ھەيرانلىق باستى؛ ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلىشىپ، قورقۇنچقا چۆمگەن ھالدا:
27بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئۇ يولغا چىقىپ، لاۋىي ئىسىملىك بىر باجگىرنى كۆردى. ئۇ باج يىغىدىغان ئورۇندا ئولتۇراتتى. ئۇ ئۇنىڭغا:
28ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
29لاۋىي ئۆيىدە ئۇنىڭغا كاتتا بىر زىياپەت بەردى. ئۇلار بىلەن زور بىر توپ باجگىرلار ۋە باشقىلارمۇ شۇ يەردە ھەمداستىخان بولغانىدى. ◼ 5:29 +bd «زور بىر توپ باجگىرلار»+bd* ــ «باجگىرلار» ئىسرائىلنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغان رىملىقلار ئۈچۈن ئۆز خەلقىدىن باج يىغىپ بېرىدىغان ۋە شۇ سەۋەبتىن نەپرەتكە ئۇچرىغان يەھۇدىيلار.* ◘ 5:29 مات. 9:10؛ مار. 2:15؛ لۇقا 15:1. *
30بىراق پەرىسىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئېقىمىدىكى تەۋرات ئۇستازلىرى غۇدۇڭشۇپ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا:
31ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن:
32مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى توۋىغا چاقىرغىلى كەلدىم، ــ دېدى. ◼ 5:32 +bd «مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى توۋىغا چاقىرغىلى كەلدىم»+bd* ــ مۇشۇ سۆزىدە «گۇناھكارلار» دېگىنى، ئۆزلىرىنى گۇناھكار دەپ تونۇپ يەتكەنلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھكاردۇر. «ھەققانىيلار» ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ھېسابلىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەسىھ ئۇلارنى چاقىرالمايتتى ۋە ھازىرمۇ چاقىرالمايدۇ.* ◘ 5:32 مات. 9:13؛ لۇقا 19:10؛ 1تىم. 1:15. *
33ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن:
34ئۇ ئۇلارغا:
35ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈنلەردە روزا تۇتىدۇ. ◼ 5:35 +bd «ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈنلەردە روزا تۇتىدۇ»+bd* ــ بۇ سۆزلەر ئەيسانىڭ «ئۇلاردىن (مېھمانلاردىن) ئېلىپ كېتىلىپ» ئۆلۈمى ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە قايغۇ-ھەسرەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بېشارەت.*
36ئۇ ئۇلارغا بىر تەمسىلمۇ كەلتۈردى:
37شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ كۆپۈشى بىلەن* تۇلۇملار يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ؛ تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. ◘ 5:37 مات. 9:17؛ مار. 2:22. *
38شۇڭا يېڭى شاراب يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلىنىش كېرەك، شۇنداقتا ئىككىلىسى ساقلىنىپ قالىدۇ.