لۇقا 6:1-48 UIGB2010 - Bible AI

1ئىككىنچى «مۇھىم شابات كۈنى»، ئۇ بۇغدايلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، ئالىقىنىدا ئۇۋۇلاپ يەۋاتاتاتتى. ◼ 6:1 +bd «ئىككىنچى «مۇھىم شابات كۈنى»»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئىككىنچى «بىرىنچى شابات كۈنى»» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بىز «بىرىنچى»نى «مۇھىم» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. سەۋەبىنى تۆۋەندە چۈشەندۈرىمىز.

2لېكىن بۇنى كۆرگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇلارغا:

3ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن:

4دېمەك، ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، خۇداغا* ئاتالغان، تەۋراتتا* كاھىنلاردىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ يېيېشى چەكلەنگەن «تەقدىم نانلار»نى سوراپ* ئېلىپ يېگەن ۋە ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن ــ دەپ جاۋاب بەردى. ◼ 6:4 +bd «دېمەك، ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، +bdit خۇداغا+bdit* ئاتالغان، تەۋراتتا كاھىنلاردىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ يېيېشى چەكلەنگەن «تەقدىم نانلار»نى سوراپ ئېلىپ يېگەن ۋە ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن»+bd* ــ بۇ ۋەقە «1سام.» 1:21-7دە خاتىرىلەنگەن.*

5ئاخىرىدا ئۇ ئۇلارغا:

6يەنە بىر شابات كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ سىناگوگقا كىرىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. سىناگوگتا ئوڭ قولى يىگىلەپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. ◘ 6:6 مات. 12‏:9؛ مار. 3‏:1. *

7ئەمدى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر ئىشنى ئىزدەپ تاپايلى دەپ، ئۇنىڭ شابات كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى. ◼ 6:7 +bd «...ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر ئىشنى ئىزدەپ تاپايلى دەپ، ئۇنىڭ شابات كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى»+bd* ــ ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئەرزى بولسا «ئۇ شابات كۈنىدە كېسەلنى ساقايتسا، «ئىشلىگەن» ياكى «خىزمەت قىلغان»غا باراۋەر بولىدۇ، شۇڭا (ئۇلارنىڭ چۈشىنىشىچە) «تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان»» بولىدۇ.*

8بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ، قولى يىگىلەپ كەتكەن ئادەمگە:

9ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا:

10ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە نەزەر سالغاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى ئادەمگە:

11لېكىن ئۇلار غەزەپتىن ھوشىنى يوقىتىپ، ئەيساغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى. ◼ 6:11 +bd «ئۇلار غەزەپتىن ھوشىنى يوقىتىپ...»+bd* ــ «ئۇلار» 7-ئايەتتە كۆرسىتىلگەن «تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر».*

12شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ دۇئا قىلىشقا تاغقا چىقتى ۋە ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى.

13تاڭ ئاتقاندا، مۇخلىسلىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون ئىككىيلەننى تاللاپ، ئۇلارنى روسۇل دەپ ئاتىدى. ◘ 6:13 مات. 10‏:1؛ مار. 3‏:13؛ 6‏:7؛ لۇقا 9‏:1. *

14ئۇلار: سىمون (ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان) ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياس؛ ياقۇپ ۋە يۇھاننا، فىلىپ ۋە بارتولوماي،

15ماتتا ۋە توماس، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون، ◼ 6:15 +bd «مىللەتپەرۋەر»+bd* ــ ياكى، «قانائانلىق». يەھۇدىي مىللەتپەرۋەرلەر ۋەتىنىنى رىم ئىمپېرىيەسىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن زوراۋانلىق بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلار ئىدى.*

16ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا ۋە كېيىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلار ئىدى. ◼ 6:16 +bd «ياقۇپنىڭ ئوغلى»+bd* ــ بۇ ياقۇپ 14- ۋە 15-ئايەتتىكى «ياقۇپ»لاردىن باشقىسى بولسا كېرەك. +bd «ياقۇپنىڭ ئوغلى»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «ياقۇپنىڭ ئىنىسى» دېيىلىدۇ.*

17ئەيسا روسۇللىرى* بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، بىر تۈزلەڭلىكتە تۇراتتى. شۇ يەردە نۇرغۇن مۇخلىسلىرى ھەمدە پۈتكۈل يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ۋە يېرۇسالېمدىن، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىگە قارايدىغان دېڭىز بويىدىكى يۇرتلاردىن توپ-توپ كىشىلەر يىغىلىشتى. ئۇلار ئۇنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاش ۋە كېسەللىرىگە شىپالىق ئىزدەش ئۈچۈن كەلگەنىدى. ◘ 6:17 مات. 4‏:25؛ مار. 3‏:7. *

18ناپاك روھلاردىن ئازابلانغانلارمۇ شىپالىق تېپىشتى.

19بۇ توپ-توپ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قوللىرىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈۋېلىشقا ئىنتىلەتتى؛ چۈنكى كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە شىپالىق بېرىۋاتاتتى. ◘ 6:19 مار. 5‏:30. *

20شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇخلىسلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى:

21مۇبارەك، ئەي ھازىر ئاچ قالغانلار! چۈنكى سىلەر تولۇق تويۇنىسىلەر.

22كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ۋەجىدىن سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەرنى ئۆزلىرىدىن چەتكە قاقسا، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، نامىڭلارنى رەزىل دەپ قارغىسا، سىلەرگە مۇبارەك! ◘ 6:22 مات. 5‏:11؛ 1پېت. 2‏:19؛ 3‏:14؛ 4‏:14. *

23شۇ كۈنى شادلىنىپ تەنتەنە قىلىپ سەكرەڭلار. چۈنكى مانا، ئەرشتە بولغان ئىنئامىڭلار زوردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بۇرۇنقى* پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلغان. ◘ 6:23 روس. 5‏:41؛ 7‏:51. *

24ــ لېكىن ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بايلار!

25ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارنى تويۇنغانلار!

26ھەممەيلەن سىلەرنى ياخشى دېگەندە، ھالىڭلارغا ۋاي! چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بۇرۇنقى* ساختا پەيغەمبەرلەرگە شۇنداق قىلغان».

27ــ بىراق ماڭا قۇلاق سالغان سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، دۈشمەنلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ سىلەرگە ئۆچ بولغانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ◘ 6:27 مىس. 23‏:4؛ پەند. 25‏:21؛ مات. 5‏:44؛ رىم. 12‏:20؛ 1كور. 4‏:12. *

28سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار؛ سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار. ◘ 6:28 لۇقا 23‏:34؛ روس. 7‏:60. *

29بىرسى مەڭزىڭگە ئۇرسا، ئىككىنچى مەڭزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەر؛ بىرسى چاپىنىڭنى ئېلىۋالىمەن دېسە، كۆڭلىكىڭنىمۇ ئايىماي بەرگىن. ◘ 6:29 1كور. 6‏:7. *

30بىرسى سەندىن بىرنېمە تىلىسە، ئۇنىڭغا بەرگىن. بىرسى سېنىڭ بىرەر نەرسەڭنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىما. ◼ 6:30 +bd «بىرسى سەندىن بىرنېمە تىلىسە، ئۇنىڭغا بەرگىن»+bd* ــ نېمىنى بېرىش كېرەكلىكىنى رەببىمىز ئېيتمىدى. بەزى ئەھۋالدا تىلىگۈچىگە تىلىگىنىنى بەرسەك ئۇنىڭغا پايدا ئەمەس، بەلكى زىيان يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن، ھاراقكەش ئادەم پۇل ياكى ھاراق تىلىسە بۇنى بەرسەك بولمايدۇ؛ لېكىن مۇمكىن بولسا ياردەم قولىمىزنى ئۇزىتىشىمىز كېرەك. باشقا مىسال «روس.» 1:3-11دە تېپىلىدۇ، بولۇپمۇ 6-ئايەتنى كۆرۈڭ.* ◘ 6:30 قان. 15‏:7؛ مات. 5‏:42. *

31باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. ◘ 6:31 مات. 7‏:12. *

32ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، ئۇنداقتا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغۇ. ◘ 6:32 مات. 5‏:46. *

33ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغانلارغىلا ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۇنداقتا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ!

34ئەگەر سىلەر قەرزنى «چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىدۇ» دەپ ئويلىغانلارغا بەرسەڭلار، ئۇنداقتا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ ئەينەن قايتۇرۇپ ئالىمىز دەپ باشقا گۇناھكارلارغا قەرز بېرىدىغۇ! ◘ 6:34 قان. 15‏:8؛ مات. 5‏:42. *

35لېكىن سىلەر بولساڭلار، دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، باشقىلارغا ئۆتنە بېرىڭلار ۋە «ئۇلار بىزگە بېرنېمە قايتۇرىدۇ» دەپ ئويلىماڭلار. شۇ چاغدا، ئىنئامىڭلار زور بولىدۇ ۋە سىلەر ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ تۇزكورلارغا ۋە رەزىللەرگىمۇ مېھرىبانلىق قىلىدۇ. ◼ 6:35 +bd «ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر»+bd* ــ دېمەك، ئەمەللىرىڭلار بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بولىدۇ.* ◘ 6:35 مات. 5‏:45. *

36ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار.

37ــ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. بولمىسا، سىلەر خۇدانىڭ* ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر. باشقىلارنى گۇناھقا بېكىتمەڭلار ۋە سىلەرمۇ گۇناھقا بېكىتىلمەيسىلەر. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار ۋە سىلەرمۇ كەچۈرۈم قىلىنىسىلەر. ◘ 6:37 مات. 7‏:1؛ رىم. 2‏:1؛ 1كور. 4‏:5. *

38بېرىڭلار ۋە سىلەرگىمۇ بېرىلىدۇ ــ ھەتتا چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ، سىلكىپ تولدۇرۇلۇپ ئۈستىدىن تېشىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە قوينۇڭلارغا تۆكۈپ بېرىلىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىلىدۇ. ◼ 6:38 +bd «سىلەرگىمۇ بېرىلىدۇ ــ ھەتتا چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ، سىلكىپ تولدۇرۇلۇپ ئۈستىدىن تېشىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە قۇينۇڭلارغا تۆكۈپ بېرىلىدۇ»+bd* ــ ئوتتۇرا شەرقتە بىرسى بىراۋغا ئاشلىق ھەدىيەسى قىلماقچى بولسا (1) ئاشنى خالتىغا لىق قاچىلايدۇ؛ (2) دانلار چىڭدىلىپ چۈشسۇن دەپ خالتىنى سىلكىيدۇ؛ (3) چىڭدالغان دانلارنىڭ ئۈستىگە «تېشىپ چۈشكۈدەك دەرىجىدە» يەنە قاچىلايدۇ.* ◘ 6:38 پەند. 10‏:22؛ 19‏:17؛ مات. 7‏:2؛ مار. 4‏:24. *

39ئاندىن ئۇ ئۇلارغا تەمسىل ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

40مۇخلىس ئۇستازىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ؛ لېكىن تاكامۇللاشتۇرۇلغىنى ئۇستازىغا ئوخشاش بولىدۇ. ◼ 6:40 +bd «مۇخلىس ئۇستازىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ؛ لېكىن تاكامۇللاشتۇرۇلغىنى ئۇستازىغا ئوخشاش بولىدۇ»+bd* ــ بۇ سىرلىق سۆز بەلكىم مۇخلىسلار مەسىھكە تولۇق ئەگەشسە، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرۈشى مۇمكىن، دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.* ◘ 6:40 مات. 10‏:24؛ يـۇھ. 13‏:16؛ 15‏:20. *

41ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟! ◼ 6:41 +bd «بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىل»+bd* ــ ياكى «قېرىندىشىڭنىڭ كۆزىدىكى قىل». +bd «ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟!»+bd* ــ مەنىسى: «نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ ھەرە كېپىكىدەك كىچىك سەۋەنلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈڭدىكى لىمدەك چوڭ گۇناھنى كۆرمەيسەن؟» دېگەندەك.* ◘ 6:41 مات. 7‏:3. *

42سەن قانداقمۇ ئۆز كۆزۈڭدە تۇرغان لىمنى كۆرمەي تۇرۇپ بۇرادىرىڭغا: «قېنى، كۆزۈڭدىكى قىلنى ئېلىۋېتەي!» دېيەلەيسەن؟! ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت، ئاندىن ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى ئېلىۋېتەلەيسەن.

43چۈنكى ھېچقانداق ياخشى دەرەخ يامان مېۋە بەرمەيدۇ، ھېچقانداق يامان دەرەخمۇ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ. ◘ 6:43 مات. 7‏:17؛ 12‏:33. *

44ھەرقانداق دەرەخنى بەرگەن مېۋىسىدىن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى تىكەندىن ئەنجۈرنى ئۈزگىلى بولماس، يانتاقتىن ئۈزۈم ئۈزگىلى بولماس. ◘ 6:44 مات. 7‏:16. *

45ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىق خەزىنىسىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ؛ رەزىل ئادەم قەلبىدىكى رەزىللىك خەزىنىسىدىن رەزىللىكنى چىقىرىدۇ. چۈنكى قەلب نېمىگە تولدۇرۇلغان بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ. ◘ 6:45 مات. 12‏:35. *

46ــ سىلەر نېمىشقا مېنى «رەب! رەب!» دەيسىلەر-يۇ، بىراق سىلەرگە ئېيتقانلىرىمغا ئەمەل قىلمايسىلەر؟ ◘ 6:46 مال. 1‏:6؛ مات. 7‏:21؛ 25‏:11؛ لۇقا 13‏:25؛ رىم. 2‏:13؛ ياق. 1‏:22. *

47ئەمىسە، مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغان ھەركىمنىڭ كىمگە ئوخشىغانلىقىنى سىلەرگە كۆرسىتىپ بېرەي. ◘ 6:47 مات. 7‏:24. *

48ئۇ خۇددى چوڭقۇر كولاپ، ئۇلىنى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىپ ئۆي سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. كەلكۈن كەلگەندە، سۇ ئېقىمى ئۇ ئۆينىڭ ئۈستىگە زەرب بىلەن ئۇرۇلغىنى بىلەن، ئۇنى مىدىر-سىدىر قىلالمىدى، چۈنكى ئۇ پۇختا سېلىنغان.

© 2010 Institute for Bible Translation
>