1ئەيسا كۆپچىلىككە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەپەرناھۇم شەھىرىگە قايتا* كىردى.
2ئۇ يەردە مەلۇم بىر يۈزبېشىنىڭ ئەتىۋارلىق قۇلى ئېغىر كېسەل بولۇپ، سەكراتتا ياتاتتى.
3يۈزبېشى ئەيسانىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقالنى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ كېلىپ قۇلىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈشكە ئەۋەتتى. ◼ 7:3 +bd «... ئەيسانىڭ كېلىپ قۇلىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «قۇتقۇزۇش» ۋە «ساقايتىش» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. +bd «يۈزبېشى ئەيسانىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقالنى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ كېلىپ قۇلىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈشكە ئەۋەتتى»+bd* ــ يۈزبېشى رىملىق پۇقرا بولۇپ، يەھۇدىي ئەمەس ئىدى. 5-ئايەتكە قارىغاندا ئۇ رىملىقلارنىڭ بۇتپەرەسلىكىنى تاشلاپ، تەۋرات ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد باغلىغان ئادەم ئىدى.*
4ئۇلار ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا:
5چۈنكى ئۇ بىزنىڭ يەھۇدىي* ئېلىمىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھەتتا بىز ئۈچۈن بىر سىناگوگمۇ سېلىپ بەردى، ــ دەپ جىددىي قىياپەتتە ئۆتۈنۈشتى.
6ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە باردى. بىراق ئۆيىگە ئاز قالغاندا، يۈزبېشى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىرنەچچە دوستىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگۈزدى:
7شۇڭا ئۆزۈمنىمۇ سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا بېرىشقا لايىق ھېسابلىمىدىم. سىلى پەقەت بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسىلا، چاقىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ.
8چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن، قول ئاستىمدىمۇ لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ؛ قۇلۇمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ». ◼ 7:8 +bd «چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن»+bd* ــ مۇھىم سۆز «مەن+bd مۇ+bd*» ــ دېمەك، يۈزبېشى رىم ئىمپېراتورنىڭ ھوقۇقى ئاستىدا تۇرۇپ ئۆز ھوقۇقى بىلەن ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق بېرەلەيتتى؛ ئەيسا ئالەم ئىگىسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدا تۇرۇپ، ھەممىگە قادىرنىڭ ھوقۇقى بىلەن ئالەمنىڭ ئىشلىرىنى بۇيرۇيدىغان ئادەم ئىدى.*
9ئەيسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈزبېشىغا* تەئەججۈپلەندى. ئۇ بۇرۇلۇپ كەينىگە ئەگەشكەن خالايىققا:
10يۈزبېشى ئەۋەتكەن كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، كېسەل بولغان قۇلنىڭ سەللىمازا ساقايغانلىقىنى كۆردى. ◼ 7:10 +bd «يۈزبېشى ئەۋەتكەن كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، كېسەل بولغان قۇلنىڭ سەللىمازا ساقايغانلىقىنى كۆردى»+bd* ــ بۇ ۋەقە «مات.» 8:8-13دىمۇ خاتىرىلىنىدۇ.*
11بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ نائىن دېگەن بىر شەھەرگە باردى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ۋە يەنە توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
12ئۇ شەھەر قوۋۇقىغا يېقىنلاشقاندا، مانا كىشىلەر جىنازا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانىدى. ئۆلگۈچى ئانىسىنىڭ يەككە-يېگانە ئوغلى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسى تۇل ئايال ئىدى. شەھەردىن چوڭ بىر توپ ئادەم ئايالغا ھەمراھ بولۇپ چىققانىدى.
13رەب ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىنى ئاغرىتىپ:
14شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆتۈپ، تاۋۇتقا قولىنى تەگكۈزۈۋىدى، تاۋۇت كۆتۈرگەنلەر توختىدى. ئۇ:
15ئۆلگۈچى بولسا رۇسلىنىپ تىك ئولتۇردى ۋە گەپ قىلىشقا باشلىدى. ئەيسا* ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
16ھەممەيلەننى قورقۇنچ بېسىپ، ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلاپ:
17ئۇنىڭ توغرىسىدىكى بۇ خەۋەر پۈتۈن يەھۇدىيە زېمىنى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى.
18يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى ئەمدى بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ خەۋىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى. يەھيا مۇخلىسلىرىدىن ئىككىيلەننى ئۆزىگە چاقىرىپ، ◘ 7:18 مات. 11:2. *
19ئۇلارنى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ: «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ◼ 7:19 +bd «كېلىشى مۇقەررەر زات»+bd* ــ خۇدا ۋەدە قىلغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ، ئەلۋەتتە. يەھيا ئۆزى مەسىھنىڭ يولىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئەۋەتىلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ: ــ «سەن بىز كۈتكەن كىشىمۇسەن» دەپ گۇمانلىنىپ سورايدۇ. +bd «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟»+bd* ــ يەھيا پەيغەمبەر شۇ مۇخلىسلىرىنى ئەۋەتكەندە زىنداندا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەلكىم: «ئەيسا ھەقىقەتەن قۇتقۇزغۇچى بولسا، نېمىشقا ئۇ مېنى مۇشۇ زىنداندا يېتىشقا يول قويىدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن ئىدى. «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»دە بۇ ئىش («مات.» 2:11-6) توغرۇلۇق ئىزاھاتلىرىمىزنى كۆرۈڭ.*
20ئۇلار ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ:
21دەل شۇ ۋاقىتتا ئەيسا* ئاغرىق-سىلاق ۋە كېسەل-ۋابا باسقان ۋە يامان روھلار چاپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن قارىغۇلارنى كۆرىدىغان قىلدى.
22شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا*:
23ئۇنىڭغا يەنە*: «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار، ــ دېدى. ◼ 7:23 +bd «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!»+bd* ــ يەھيا پەيغەمبەر زىنداندا يېتىپ: «ئەيسا قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ بولسا نېمىشقا مېنى زىنداندىن قۇتقۇزمىغان؟» ــ دەپ گۇمانلانغان بولسا كېرەك ئىدى. يەھيانىڭ بۇ سوئالى توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.*
24يەھيانىڭ ئەلچىلىرى كەتكەندىن كېيىن، ئۇ توپ-توپ ئادەملەرگە يەھيا توغرۇلۇق سۆز ئېچىپ:
25ياكى ئېسىل كىيىم كىيگەن بىر ئەربابنىمۇ؟ مانا، ئېسىل كىيىملەرنى كىيگەن، ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشايدىغانلار پادىشاھلارنىڭ ئوردىلىرىدىن تېپىلىدىغۇ!
26ئەمدى سىلەر نېمە كۆرگىلى باردىڭلار؟ بىر پەيغەمبەرنىمۇ؟ دۇرۇس، ئەمما مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ بولسا* پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن بىر بولغۇچىدۇر.
27چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردىكى*: ــ
28چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاياللاردىن تۇغۇلغانلار ئارىسىدا يەھيادىنمۇ ئۇلۇغى يوق؛ ئەمما خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ كىچىك بولغىنىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ تۇرىدۇ
29(ئەمدى يەھيانى* ئاڭلىغان پۇقرالار، ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى. ◼ 7:29 +bd «ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى»+bd* ــ «خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ» گرېك تىلىدا «خۇدانى توغرا دەپ...» دېگەن ئىبارىنى بىلدۈرىدۇ.*
30لېكىن پەرىسىيلەر ۋە تەۋراتشۇناسلار يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلماي، خۇدانىڭ ئۆزلىرىگە بولغان مەقسەت-ئىرادىسىنى چەتكە قاققانىدى).
31لېكىن بۇ زاماننىڭ كىشىلىرىنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار كىملەرگە ئوخشايدۇ؟ ◘ 7:31 مات. 11:16. *
32ئۇلار خۇددى رەستە-بازارلاردا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر-بىرىگە: «بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەكمۇ، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار»، «ماتەم پەدىسىگە چېلىپ بەرسەكمۇ، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ قاقشايدىغان تۇتۇرۇقسىز* بالىلارغا ئوخشايدۇ.
33چۈنكى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، شاراب* ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر: «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېيىشىسىلەر. ◼ 7:33 +bd «چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، شاراب ئىچمەيتتى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ نە نان يېمەيدۇ نە ئىچمەيدۇ». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، يەھيا پەيغەمبەر ئىنتايىن غورىگىل ئوزۇقلىناتتى، پات-پات روزا تۇتاتتى. «مات.» 4:3نى كۆرۈڭ.* ◘ 7:33 مات. 3:4؛ مار. 1:6. *
34ئىنسانئوغلى بولسا كېلىپ ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ ۋە مانا سىلەر: «تازا بىر تويماس ۋە مەيخور ئىكەن. ئۇ باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستىدۇر» دېيىشىسىلەر.
35لېكىن دانالىق بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ». ◼ 7:35 +bd «دانالىق بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ»+bd* ــ ياكى «دانالىق بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق ئىش-مېۋىلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ». بۇ قىسقا ئايەت ئۈستىدە ۋە ئۇنىڭدىكى كۆپ مۇھىم پرىنسىپلار توغرىسىدا «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.*
36پەرىسىيلەردىن بىرى ئۇنىڭدىن ئۆيۈمدە مېھمان بولسىڭىز دەپ ئۆتۈندى. ئەمدى ئۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىگە كىرىپ داستىخاندا ئولتۇردى. ◼ 7:36 +bd «... داستىخاندا ئولتۇردى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «داستىخاندا ياتتى». يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەر ئادەتتە داستىخاندا يانپاشلاپ ياتاتتى.* ◘ 7:36 مات. 26:6؛ مار. 14:3؛ يـۇھ. 11:2؛ 12:2. *
37ۋە مانا، ئۇ شەھەردە بۇزۇق دەپ تونۇلغان بىر ئايال ئەيسانىڭ بۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا مۇرمەككى ئېلىپ كەلدى. ◼ 7:37 +bd «مۇرمەككى»+bd* ــ بۇ خىل ئەتىر. ئۇ ئادەتتە ئىنتايىن قىممەت ئىدى (مەسىلەن، «مات.» 7:26نى كۆرۈڭ).*
38ئۇ يىغلىغان پېتى ئۇنىڭ كەينىدە، پۇتىغا يېقىن تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى قىلىپ، پۇتلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى؛ ئاندىن چاچلىرى بىلەن ئۇنىڭ پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى ھەم پۇتلىرىنى توختىماي سۆيۈپ، ئۈستىگە ئەتىر سۈردى.
39ئەمدى ئۇنى چاقىرغان پەرىسىي بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئىچىدە: «بۇ ئادەم راست پەيغەمبەر بولغان بولسا، ئۆزىگە تېگىۋاتقان بۇ ئايالنىڭ كىم ۋە قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. چۈنكى ئۇ بىر بۇزۇق!» دەپ ئويلىدى.
40شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:
41ــ ئىككى ئادەم مەلۇم بىر قەرز ئىگىسىگە قەرزدار ئىكەن. بىرى بەش يۈز كۈمۈش دىنارغا، يەنە بىرى بولسا ئەللىك كۈمۈش دىنارغا قەرزدار ئىكەن. ◼ 7:41 +bd «كۈمۈش دىنار»+bd* ــ رىم ئىمپېرىيەسنىڭ پۇل بىرلىكى، تەخمىنەن بىر ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى بولاتتى.*
42لېكىن ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزنى قايتۇرغىلى ھېچنەرسىسى بولمىغاچقا، قەرز ئىگىسى مېھرىبانلىق قىلىپ ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىپتۇ. سېنىڭچە، ئۇلارنىڭ قايسىسى ئۇنى بەكرەك سۆيىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى ئەيسا.
43سىمون جاۋابەن: ــ مېنىڭچە، قەرزى* كۆپرەك كەچۈرۈم قىلىنغان كىشى، ــ دېدى.
44ئاندىن ھېلىقى ئايالغا بۇرۇلۇپ، سىمونغا:
45سەن مېنى سالام بېرىپ سۆيمىدىڭ؛ لېكىن ئۇ مەن كىرگەندىن تارتىپ پۇتلىرىمنى سۆيۈشتىن توختىمىدى.
46سەن بېشىمغىمۇ ماي سۈركىمىگەنىدىڭ؛ بىراق ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمغا مۇرمەككىنى سۈركەپ قويدى. ◼ 7:46 +bd «سەن بېشىمغىمۇ ماي سۈركىمىگەنىدىڭ»+bd* ــ شۇ دەۋردە كىشىلەر ھۆرمەتلىك مېھمانلارنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن مېھماننىڭ بېشىغا ئەتىرلىك ماينى سۈركەپ قوياتتى.*
47شۇڭا شۇنى ساڭا ئېيتىپ قويايكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىندى. چۈنكى مانا، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر ئەمەسمۇ؟ ئەمما كەچۈرۈمى ئاز بولغانلارنىڭ مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشىمۇ ئاز بولىدۇ، ــ دېدى. ◼ 7:47 +bd «چۈنكى مانا، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر ئەمەسمۇ؟»+bd* ــ بۇ ئايالنىڭ مۇھەببىتى خۇدانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى ئۇنىڭ +bd ئاللىقاچان خۇدانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەنلىكى تۈپەيلىدىن+bd* بولدى ۋە شۇنداقلا بۇنىڭغا ئىسپات كۆرسەتتى.*
48ئاندىن ئۇ ئايالغا:
49ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغانلار كۆڭلىدە: «كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنىمۇ كەچۈرۈم قىلغۇچى بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟» دېيىشتى. ◘ 7:49 مات. 9:3. *