لۇقا 8:1-55 UIGB2010 - Bible AI

1كېيىن، ئەيسا* شۇ يۇرتلارنى كېزىپ، شەھەرمۇ-شەھەر، يېزىمۇ-يېزا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېلان قىلىپ جاكارلىدى؛ ئون ئىككىيلەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باردى.

2ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغانلاردىن يەنە يامان روھلاردىن ۋە ئاغرىق-سىلاقلاردىن ساقايتىلغان بەزى ئاياللارمۇ بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىدىن يەتتە جىن ھەيدەپ چىقىرىلغان مەريەم (ماگداللىق دەپ ئاتالغان)، ◘ 8:2 مات. 27‏:55،56. *

3ھېرود خان*نىڭ ساراي غوجىدارى خۇزانىڭ ئايالى يوئاننا، سۇزاننا ۋە باشقا نۇرغۇن ئاياللارمۇ بار ئىدى. بۇلار ئۆز مال-مۈلۈكلىرى بىلەن ئۇ ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ* ھاجەتلىرىدىن چىقاتتى. ◼ 8:3 +bd «ئۇ ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ»+bd* ــ بۇ ئىبارە گرېك تىلىدا بەزى كۆچۈرۈلمىلەردە «ئۇنىڭ» ياكى بەزى كۆچۈرۈلمىلەردە «ئۇلارنىڭ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. +bd «ھېرود +bdit خان+bdit*نىڭ ساراي غوجىدارى خۇزانىڭ ئايالى يوئاننا، سۇزاننا ۋە باشقا نۇرغۇن ئاياللارمۇ بار ئىدى... ئۇنىڭ ... ھاجەتلىرىدىن چىقاتتى»+bd* ــ «كىرىش سۆز»ىمىزدە دېگىنىمىزدەك، لۇقا دائىم ئەيسانىڭ قىز-ئاياللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بايقاپ يۈرىدۇ.*

4چوڭ بىر توپ ئادەملەر يىغىلغاندا، شۇنداقلا ھەرقايسى شەھەرلەردىن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ ئۇلارغا بىر تەمسىل سۆزلەپ بەردى: ◘ 8:4 مات. 13‏:3؛ مار. 4‏:2. *

5ــ «ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزغا* چىقىپتۇ. ئۇرۇق چاچقاندا، ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپ، دەسسىلىپ كېتىپتۇ ۋە ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ.

6باشقا بەزىلىرى تاشلىق يەرگە چۈشۈپتۇ. يەردە نەملىك بولمىغاچقا، ئۈنۈپ چىققىنى بىلەن قۇرۇپ كېتىپتۇ.

7باشقا بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر مايسىلار بىلەن تەڭ ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋاپتۇ.

8باشقا بەزىلىرى بولسا ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۈنگەندىن كېيىن، يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ». بۇلارنى دېگەندىن كېيىن ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:

9كېيىن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: ــ بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسى نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. ◘ 8:9 مات. 13‏:10؛ مار. 4‏:10. *

10ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

11ئەمدى تەمسىلنىڭ مەنىسى مۇنداق: ــ ئۇرۇق بولسا، خۇدانىڭ سۆز-كالامىدۇر. ◘ 8:11 مات. 13‏:18؛ مار. 4‏:13. *

12چىغىر يول بويىدىكىلەر بولسا مۇشۇلار: ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلايدۇ؛ لېكىن ئىبلىس كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىنىپ قۇتقۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ.

13تاشلىق يەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلاردا يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت بىر مەھەل ئىشىنىپ، ئاندىن سىناق-مۈشكۈللۈك ۋاقتى كەلگەندە، ئېتىقادتىن* تېيىلىپ كېتىدۇ. ◘ 8:13 مات. 13‏:20؛ مار. 4‏:16. *

14تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، سۆزنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، يولغا چىققاندىن كېيىن بۇ پانىي ھاياتتىكى ئەندىشىلەر، بايلىقلار ۋە ھالاۋەتلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى بىلەن بوغۇلۇپ، ئۇرۇق پىشماي ھوسۇل بەرمەيدۇ. ◘ 8:14 مات. 19‏:23؛ مار. 10‏:23؛ لۇقا 18‏:24؛ 1تىم. 6‏:9. *

15لېكىن ياخشى تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، سەمىمىي ۋە ياخشى قەلبى بىلەن ئۇنى تۇتىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇنداق ئادەملەر سەۋرچانلىق بىلەن ھوسۇل بېرىدۇ.

16ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ ئۈستىگە ئىدىشنى كۆمتۈرۈپ قويماس ياكى كارىۋات ئاستىغا تۇرغۇزماس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كىرگەنلەر يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ. ◘ 8:16 مات. 5‏:15؛ مار. 4‏:21؛ لۇقا 11‏:33. *

17چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي، يورۇقلۇققا چىقماي قالمايدۇ. ◘ 8:17 ئايۇپ 12‏:22؛ مات. 10‏:26؛ مار. 4‏:22؛ لۇقا 12‏:2. *

18شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاڭلىشىڭلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە كۆڭۈل قويۇڭلار! چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا بار دەپ ھېسابلىغىنىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. ◼ 8:18 +bd «چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ+bd* ــ «كىمدە بار بولسا... » ــ بۇ «بار بولسا» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئەبەدىي ئەھمىيەتلىك بىرەر نەرسە بولسا كېرەك، بۇ ئىمان-ئىشەنچنى ئۆز ئىچىگە چوقۇم ئالىدۇ. بىز ئۆزىمىزگە «ئەبەدىي ئەھمىيەتلىك» ھەربىرنېمە بولۇشى ئۈچۈن پەقەت مەسىھتىنلا تاپالايمىز، ئەلۋەتتە.* ◘ 8:18 مات. 13‏:12؛ 25‏:29؛ مار. 4‏:25؛ لۇقا 19‏:26. *

19ئەمدى ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. لېكىن ئادەم نۇرغۇن بولغاچقا، يېنىغا كېلەلمىگەنىدى. ◘ 8:19 مات. 12‏:46؛ 13‏:55؛ مار. 3‏:31. *

20شۇنىڭ بىلەن بىرسى ئۇنىڭغا:

21لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ مېنىڭ ئانام ۋە ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىرىم بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر، دېدى. ◘ 8:21 يـۇھ. 15‏:14؛ 2كور. 5‏:16. *

22ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ كۈنلەردىن بىرى، ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن بىر كېمىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا:

23كېمە كېتىۋاتقاندا ئۇ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. كۆلگە تۇيۇقسىز قارا بوران كېلىپ، كېمىگە سۇ توشۇپ كېتىپ، ئۇلار خەۋپتە قالدى.

24مۇخلىسلار كېلىپ ئۇنى ئويغىتىپ:

25ئۇ مۇخلىسلىرىغا قاراپ:

26شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گالىلىيەنىڭ ئۇدۇلىدىكى گېراسالىقلارنىڭ يۇرتىغا يېتىپ باردى. ◼ 8:26 +bd «گېراسالىقلار»+bd* ــ «مات.» 28:8دە ئۇلار «گادارالىقلار»مۇ دەپ ئاتىلىدۇ.* ◘ 8:26 مات. 8‏:28؛ مار. 5‏:1. *

27ئۇ قىرغاققا چىقىشى بىلەنلا، ئۇزۇندىن بېرى جىنلار چاپلاشقان، شەھەردىن كەلگەن مەلۇم ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ ئادەم كىيىم كىيمەي، ھېچ ئۆيدە تۇرماي، گۆرلەر ئارىسىدا ياشايتتى. ◼ 8:27 +bd «گۆرلەر ئارىسىدا»+bd* ــ ياكى «گۆرلەر ئىچىدە». پەلەستىندە كۆپ گۆرلەر ئۆڭكۈرلەردىن ياسىلىدۇ.*

28لېكىن ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ۋارقىراپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن:

29چۈنكى ئەيسا ناپاك روھنىڭ ئۇنىڭدىن چىقىشىنى بۇيرۇۋاتاتتى (چۈنكى جىن نۇرغۇن قېتىم ئۇنى تۇتۇۋالغانىدى؛ ئۇ چاغلاردا كىشىلەر ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى كىشەن-زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ ئۇنى قاماپ قويغان بولسىمۇ، ئۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ قېچىپ چىققان ۋە جىن تەرىپىدىن چۆل-باياۋانلارغا ھەيدىۋېتىلگەنىدى).

30ئەيسا بۇ ئادەمدىن:

31ئەمدى ئۇلار ئەيسادىن ئۆزلىرىنى تېگى يوق ھاڭغا كەتكۈزمەسلىكنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى.

32شۇ يەردە تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىۋاتاتتى. جىنلار ئەيساغا يالۋۇرۇپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىشكە ئىجازەت بېرىشىنى ئۆتۈندى. ئۇ ئۇلارغا ئىجازەت بەردى.

33جىنلار شۇ ئادەمدىن چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىۋالدى؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل توڭگۇز پادىسى تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى.

34توڭگۇزلارنى باققۇچىلارمۇ بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ خەۋەرنى تارقاتتى.

35خالايىق زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرگىلى چىقتى؛ ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ يەردە ئۆزىدىن جىنلار چىققان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىم-كېچەكنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ئەيسانىڭ ئايىغى ئالدىدا ئولتۇرغىنىنى كۆردى؛ ئۇلار قورقۇپ كېتىشتى.

36بۇ ۋەقەنى كۆرگەنلەرمۇ جىنلار چاپلاشقان ئادەمنىڭ قانداق ساقايتىلغىنىنى كۆپچىلىككە تەسۋىرلەپ بەردى.

37ئاندىن گېراسالىقلارنىڭ يۇرتىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كېتىشىنى ئۆتۈنۈشتى. چۈنكى دەھشەتلىك قورقۇنچ ئۇلارنى باسقانىدى. شۇڭا ئۇ كېمىگە چۈشۈپ، قايتىشقا يول ئالدى. ◼ 8:37 +bd «گېراسالىقلار»+bd* ــ ياكى «گادارىيلىقلار» ياكى «گېرگەسەنلىكلەر».* ◘ 8:37 روس. 16‏:39. *

38ئەمما جىنلار ئۆزىدىن چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا، مەن سەن بىلەن بىللە كېتەي، ــ دەپ يالۋۇردى.

39ــ ئۆيۈڭگە قايتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ساڭا شۇنچە چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى يەتكۈزگىن، ــ دېدى.

40ئەيسا قايتىپ كەلگىنىدە، شۇنداق بولدىكى، خالايىق ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىشتى؛ چۈنكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. ◼ 8:40 +bd «ئەيسا قايتىپ كەلگىنىدە»+bd* ــ بەلكىم كۆلنىڭ ئۇدۇلىدىكى قاشقا قايتقاندا.*

41ۋە مانا، بىر كىشى، سىناگوگنىڭ چوڭى بولغان يائىرۇس ئىسىملىك كىشىمۇ ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشىنى ئۆتۈندى. ◘ 8:41 مات. 9‏:18؛ مار. 5‏:22. *

42چۈنكى ئۇنىڭ ئون ئىككى ياشلىق يالغۇز قىزى سەكراتتا ئىدى.

43ئارىسىدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار ئىدى؛ ئۇ بار-يوقىنى تېۋىپلارغا خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچقايسىسىدىن شىپا تاپمىغانىكەن. ◘ 8:43 لاۋ. 15‏:25؛ مات. 9‏:20؛ مار. 5‏:25. *

44ئۇ ئەيسانىڭ* ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىۋىدى، شۇئان خۇن توختىدى.

45ئەيسا: ــ ماڭا قول تەگكۈزگەن كىم؟ ــ دەپ سورىدى.

46لېكىن ئەيسا:

47ھېلىقى ئايال ئۆزىنىڭ يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلدى ۋە كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئەيساغا قول تەگكۈزگەنلىكىنى، شۇنداقلا شۇئان قانداق ساقايغانلىقىنى ئېيتتى.

48ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يۈرەكلىك بول، قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن ماڭغىن! ــ دېدى. ◼ 8:48 +bd «يۈرەكلىك بول، قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى!»+bd* ــ بۇ ئايال نېمىشقا شۇنداق قورقتى؟ «مات.» 22:9دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.*

49ئۇ سۆز قىلىۋاتقاندا، سىناگوگ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن چىققان بىرەيلەن كېلىپ سىناگوگ چوڭىغا:

50لېكىن ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا:

51ئۇ ئۆيگە بارغاندا پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى.

52ئۇ يەردىكىلەر ھەممىسى قىزغا ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار كۆتۈرۈۋاتاتتى. لېكىن ئۇ:

53ئۇلار بولسا قىزنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزدى دەپ بىلگەچكە، ئۇنى مەسخىرە قىلدى.

54لېكىن ئۇ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىپ، قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ:

55قىزنىڭ* روھى قايتىپ كېلىپ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. ئۇ قىزغا يېگۈدەك بىرنېمە بېرىشنى ئېيتتى.

© 2010 Institute for Bible Translation
>