لۇقا 9:1-61 UIGB2010 - Bible AI

1ئەيسا ئون ئىككىيلەننى چاقىرىپ، ئۇلارغا بارلىق جىنلارنى ھەيدىۋېتىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا قۇدرەت ۋە ھوقۇق بەردى. ◘ 9:1 مات. 10‏:1؛ مار. 3‏:13؛ 6‏:7؛ لۇقا 6‏:13. *

2ئاندىن ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جار قىلىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا ئەۋەتتى. ◘ 9:2 مات. 10‏:7. *

3ئۇ ئۇلارغا:

4ۋە قايسى ئۆيگە قوبۇل قىلىنىپ* كىرسەڭلار، ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدە تۇرۇڭلار. ◼ 9:4 +bd «ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدە تۇرۇڭلار»+bd* ــ ياكى «ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدە چىقىپ-كىرىپ تۇرۇڭلار». كونا زامانلاردا پەيلاسوپلار ۋە «تەلىم بەرگۈچىلەر» ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلاتتى. ئەمما مەسىھ مۇخلىسلىرى شۇنداق قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. يەنە 7:10 ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.*

5ئەمدى قايسى يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ شەھەردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنىمۇ قېقىۋېتىڭلار! ــ دېدى. ◼ 9:5 +bd «ئۇ شەھەردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنىمۇ قېقىۋېتىڭلار!»+bd* ــ «ئاياغدىكى توپىنى قېقىۋېتىش» دېگەن ئىشارەت «بىزنىڭ سىلەر بىلەن مۇناسىۋېتىمىز يوق» دېگەننى بىلدۈرۈپ، خۇدانىڭ سۆزىنى رەت قىلغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى.* ◘ 9:5 مات. 10‏:14؛ مار. 6‏:11؛ لۇقا 10‏:11؛ روس. 13‏:51؛ 18‏:6. *

6مۇخلىسلار يولغا چىقىپ، يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، ھەممە يەردە كېسەللەرنى ساقايتتى.

7ئەمدى ھېرود ھاكىم ئۇنىڭ بارلىق قىلغانلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، قايمۇقۇپ قالدى. چۈنكى بەزىلەر: «مانا يەھيا ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ!» دېسە، ◼ 9:7 +bd «ھېرود ھاكىم»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ھاكىم» گرېك تىلىدىكى «تېترارق»نى بىلدۈرىدۇ. 1:3دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.* ◘ 9:7 مات. 14‏:1؛ مار. 6‏:14. *

8يەنە بەزىلەر: «ئىلياس پەيغەمبەر قايتا* پەيدا بولدى» ۋە يەنە باشقىلار: «قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى قايتىدىن تىرىلىپتۇ!» دەيتتى.

9ھېرود: «مەن يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇرغانىدىم، ئەمدى مەن مۇشۇ گېپىنى ئاڭلاۋاتقان زات زادى كىمدۇ؟» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىنى ئىزدىدى.

10روسۇللار بولسا قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەيساغا مەلۇم قىلدى. ئۇ ئۇلارنى ئېلىپ، خۇپىيانە ھالدا بەيت-سائىدا دېگەن شەھەردىكى خىلۋەت بىر يەرگە كەلدى. ◘ 9:10 مات. 14‏:13؛ مار. 6‏:30،31،32. *

11بىراق خالايىق بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ئۇ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى ۋە شىپاغا موھتاجلارنى ساقايتتى.

12كۈن ئولتۇراي دېگەندە، ئون ئىككىيلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:

13لېكىن ئۇ ئۇلارغا:

14چۈنكى شۇ يەردە يىغىلغان ئەرلەرنىڭلا سانى بەش مىڭچە ئىدى.

15ئۇلار ئۇنىڭ دېگىنىچە قىلىپ ھەممەيلەننى ئولتۇرغۇزدى.

16ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا* تەشەككۈر ئېيتىپ بۇلارنى بەرىكەتلىدى. ئاندىن ئۇلارنى ئوشتۇپ، خالايىققا سۇنۇپ بېرىش ئۈچۈن مۇخلىسلىرىغا بەردى. ◘ 9:16 1سام. 9‏:13. *

17ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. ئاندىن شۇلاردىن ئېشىپ قالغان پارچىلىرىنى ئون ئىككى سېۋەتكە يىغىپ قاچىلىدى. ◼ 9:17 +bd «سېۋەت»+bd* ــ گرېك تىلىدا «قول سېۋەت» ــ دېمەك، بىر ئادەم ئىككى قوللاپ كۆتۈرەلەيدىغان سېۋەتلەر.*

18ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆزى يالغۇز دۇئا قىلىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرى يېنىدا تۇراتتى. ئۇ ئۇلاردىن:

19ئۇلار جاۋابەن: ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر*، ۋە يەنە بەزىلەر قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى تىرىلىپتۇ دەيدۇ، ــ دېدى. ◘ 9:19 مات. 14‏:2. *

20ئۇ ئۇلاردىن:

21ئۇ ئۇلارغا قاتتىق جېكىلەپ، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماڭلار، دەپ تاپىلىدى.

22ــ چۈنكى ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر، ــ دېدى. ◘ 9:22 مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 18‏:31؛ 24‏:7. *

23ئاندىن ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى:

24چۈنكى كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ھاياتىنى قۇتقۇزىدۇ. ◘ 9:24 مات. 10‏:39؛ 16‏:25؛ مار. 8‏:35؛ لۇقا 17‏:33؛ يـۇھ. 12‏:25. *

25چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنى ھالاك قىلسا ياكى ئۆزىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟!

26چۈنكى كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭدىنمۇ نومۇس قىلىدۇ. ◼ 9:26 +bd «ئىنسانئوغلى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە... قايتىپ كەلگىنىدە...»+bd* ــ «ئىنسانئوغلى» مەسىھنىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە. بۇ ئىبارە توغرۇلۇق «مات.» 20:8دىكى ئىزاھات ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.* ◘ 9:26 مات. 10‏:33؛ مار. 8‏:38؛ لۇقا 12‏:9؛ 2تىم. 2‏:12؛ 1يۇھ. 2‏:23. *

27لېكىن مەن دەرھەقىقەت سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرىدىغانلار باردۇر. ◘ 9:27 مات. 16‏:28؛ مار. 9‏:1. *

28بۇ سۆزلەردىن تەخمىنەن سەككىز كۈن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۇ پېترۇس، يۇھاننا ۋە ياقۇپنى ئېلىپ، دۇئا قىلىش ئۈچۈن بىر تاغقا چىقتى. ◘ 9:28 مات. 17‏:1؛ مار. 9‏:2. *

29ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى ۋە كىيىملىرى ئاپئاق بولۇپ چاقماقتەك چاقنىدى.

30ۋە مانا، ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشىۋاتقانىدى؛ ئۇلار مۇسا ۋە ئىلياس پەيغەمبەرلەر* ئىدى.

31ئۇلار پارلاق جۇلا ئىچىدە ئايان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا ئادا قىلىدىغان «دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىش»ى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. ◼ 9:31 +bd «... ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا ئادا قىلىدىغان «دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىش»ى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى»+bd* ــ بۇ باياندا «دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىش» ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك سۆز، گرېك تىلىدا «ئېكسودۇس» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆز ئىسرائىل خەلقىنىڭ «مىسىردىن چىقىش»ىنى بىلدۈرگەنىدى. دېمەك، مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىل خەلقىنى مىسىرنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتقۇزغاندەك، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ خەلقىنى گۇناھنىڭ ۋە شەيتاننىڭ قۇللۇقىدىن (ئۆز قۇربانلىقى ئارقىلىق) قۇتقۇزىدىغان بولىدۇ («1كور.» 1:10-11، ئىزاھاتلىرى ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ).*

32ئەمدى پېترۇس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى خېلى ئۈگىدەك باسقانىدى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسى تولۇق ئېچىلغاندا ئۇلار ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان ئىككى ئادەمزاتنى كۆردى.

33ۋە شۇنداق بولدىكى، بۇ ئىككىسى ئەيسادىن ئايرىلىۋاتقاندا، پېترۇس ئۆزىنىڭ نېمىنى دەۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن ھالدا ئەيساغا:

34لېكىن ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولۇپ ئۇلارنى قاپلىۋالدى؛ ئۇلار بۇلۇت ئىچىگە كىرىپ قالغىنىدا قورقۇشۇپ كەتتى.

35بۇلۇتتىن تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ:

36ئاۋاز ئاڭلانغاندىن كېيىن، قارىسا، ئەيسا ئۆزى يالغۇز قالغانىدى. ئۇلار سۈكۈت قىلىپ قېلىشتى ۋە شۇ كۈنلەردە ئۆزلىرى كۆرگەن ئىشلاردىن ھېچقايسىسىنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى.

37ئەتىسى، ئۇلار تاغدىن چۈشكەن ۋاقتىدا، زور بىر توپ كىشىلەر ئۇنى قارشى ئالدى. ◘ 9:37 مات. 17‏:14؛ مار. 9‏:17. *

38مانا، توپنىڭ ئارىسىدىن بىرەيلەن ۋارقىراپ:

39مانا، ئۇنى دائىم بىر روھ تۇتۇۋېلىپ، ئۇ ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى؛ ئۇ ئۇنىڭ بەدىنىنى تارتىشتۇرۇپ، ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك كەلتۈرۈۋېتىدۇ. جىن* ئۇنى دائىم دېگۈدەك قىيناپ، ئۇنىڭغا ھېچ ئارام بەرمەيدۇ. ◼ 9:39 +bd «مانا، ئۇنى دائىم بىر روھ تۇتۇۋېلىپ، ئۇ ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى»+bd* ــ «روھ» شۈبھىسىزكى يامان روھ، جىننى كۆرسىتىدۇ.*

40مەن مۇخلىسلىرىڭىزدىن روھنى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈنۈۋىدىم، بىراق ئۇلار ئۇنداق قىلالمىدى، ــ دېدى.

41ئەيسا جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز ۋە تەتۈر دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇرۇپ، سىلەرگە سەۋر قىلاي؟ ــ ئوغلۇڭنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلگىن ــ دېدى.

42بالا تېخى يولدا كېلىۋاتقاندا، جىن ئۇنى يىقىتىپ، پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇردى. ئەيسا ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ، بالىنى ساقايتتى ۋە ئۇنى ئاتىسىغا قايتۇرۇپ بەردى. ◼ 9:42 +bd «جىن ئۇنى يىقىتىپ،...»+bd* ــ ياكى «جىن ئۇنى يىرتىپ...».*

43ھەممەيلەن خۇدانىڭ شەرەپلىك كۈچ-قۇدرىتىگە قىن-قىنىغا پاتماي تەئەججۈپلەندى. ھەممىسى ئەيسانىڭ قىلغانلىرىغا ھەيران قېلىشىپ تۇرغاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق ئېيتتى:

44ــ بۇ سۆزلەرنى قۇلاقلىرىڭلارغا ئوبدان سىڭدۈرۈپ قويۇڭلار. چۈنكى ئىنسانئوغلى پات ئارىدا ساتقۇنلۇقتىن* ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، ــ دېدى. ◘ 9:44 مات. 17‏:22؛ مار. 9‏:31. *

45بىراق ئۇلار بۇ سۆزنى چۈشىنەلمىدى. بۇنىڭ مەنىسى ئۇلار چۈشىنىپ يەتمىسۇن ئۈچۈن ئۇلاردىن يوشۇرۇلغانىدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن بۇ سۆز توغرۇلۇق سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى. ◼ 9:45 +bd «بۇنىڭ مەنىسى ئۇلار چۈشىنىپ يەتمىسۇن ئۈچۈن ئۇلاردىن يوشۇرۇلغانىدى»+bd* ــ كىم تەرىپىدىن يوشۇرۇلغانلىقى ئېيتىلمايدۇ. شەيتان تەرىپىدىنمۇ، ياكى خۇدا تەرىپىدىنمۇ؟ ياكى پەقەت ئۆز گاللىقى تەرىپىدىنمۇ؟ بىزنىڭچە شەيتان بۇ ئىشنى قىلغۇچى ئىدى؛ چۈنكى مەسىھ ئۆزىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئۆلۈپ پىدا بولۇشىنى مۇخلىسلارنىڭ چۈشىنىشىنى خالايتتى (44-ئايەتتە).* ◘ 9:45 لۇقا 2‏:50؛ 18‏:34. *

46ئەمدى مۇخلىسلار ئارىسىدا ئۇلاردىن كىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق تالاش-تارتىش پەيدا بولدى. ◘ 9:46 مات. 18‏:1؛ مار. 9‏:33؛ لۇقا 22‏:24. *

47ئەمما ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئويلارنى كۆرۈپ يېتىپ، كىچىك بىر بالىنى ئېلىپ يېنىدا تۇرغۇزۇپ،

48ئۇلارغا:

49يۇھاننا جاۋابەن ئۇنىڭغا:

50لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى كىم سىلەرگە قارشى تۇرمىسا سىلەرنى قوللىغانلاردىندۇر، ــ دېدى. ◘ 9:50 مات. 12‏:30؛ لۇقا 11‏:23. *

51ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنلىرىنىڭ توشۇشىغا ئاز قالغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن يۈزىنى يېرۇسالېمغا بېرىشقا قاراتتى. ◼ 9:51 +bd «ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنلىرىنىڭ توشۇشىغا ئاز قالغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن يۈزىنى يېرۇسالېمغا بېرىشقا قاراتتى»+bd* ــ بۇ ئايەتتە مەسىھ ئەيسانىڭ «يېرۇسالېمغا بارىدىغان سەپەر»ى باشلىنىدۇ؛ سەپەرنىڭ «ئاخىرقى نۇقتا»سى بەلكىم 48:19دە تېپىلىدۇ.* ◘ 9:51 مار. 16‏:19؛ روس. 1‏:2؛ 1تىم. 3‏:16. *

52شۇنىڭ ئۈچۈن* ئۇ ئالدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئۇلار يولغا چىقىپ، ئۇنىڭ كېلىشىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن سامارىيە ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىغا كىردى.

53بىراق ئۇ يۈزىنى يېرۇسالېمغا قاراتقانلىقى تۈپەيلىدىن يېزىدىكىلەر ئەيسانى قوبۇل قىلمىدى. ◼ 9:53 +bd «بىراق ئۇ يۈزىنى يېرۇسالېمغا قاراتقانلىقى تۈپەيلىدىن يېزىدىكىلەر ئەيسانى قوبۇل قىلمىدى»+bd* ــ سامارىيەلىكلەر ئادەتتە ئادەملەرنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىپ شۇ يەردە ئىبادەت قىلىشىنى ئۆچ كۆرەتتى؛ چۈنكى ئۇلار: «بىزنىڭ سامارىيەمىزدە ھەقىقىي ئىبادەتخانا باردۇر» ــ دەيتتى.* ◘ 9:53 يـۇھ. 4‏:9. *

54ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ياقۇپ بىلەن يۇھاننا بۇ ئىشنى كۆرۈپ:

55لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ: «سىلەر قانداق روھتىن بولغانلىقىڭلارنى بىلمەيدىكەنسىلەر» ــ دېدى. ◼ 9:55 +bd «لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ: «سىلەر قانداق روھتىن بولغانلىقىڭلارنى بىلمەيدىكەنسىلەر» ــ دېدى»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە پەقەت «لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلىدى» دېيىلىدۇ.*

56ئاندىن ئۇلار باشقا بىر يېزىغا ئۆتۈپ كەتتى. ◘ 9:56 يـۇھ. 3‏:17؛ 12‏:47. *

57ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، بىرسى ئۇنىڭغا:

58ئەيسا ئۇنىڭغا:

59ئۇ يەنە باشقا بىرسىگە:

60لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا ــ ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى كۆمسۇن! بىراق سەن بولساڭ، بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىغىن، ــ دېدى. ◼ 9:60 +bd «ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى كۆمسۇن! بىراق سەن بولساڭ، بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىغىن»+bd* ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. مەيلى بۇ كىشى ئاتىسىنىڭ «يىللىق دەپنە»سىنى ئۆتكۈزمەكچى بولسۇن ياكى ئاتىسى تېخى تىرىك بولسۇن، رەبنىڭ بۇ جاۋابىدا «بۇ سېنىڭ ئىشىڭ ئەمەس؛ سەن ئۆزۈڭ «روھىي تىرىك» ئادەم بولساڭلا دېگىنىمدەك قىل، روھىي ھاياتنى يەتكۈزىدىغان خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلا؛ سەن ئېيتقان بۇ ئىش «روھىي ئۆلگەنلەر»نىڭ ئىشى، خالاس» دېگەن ئىچكى مەنە ئېنىق كۆرۈنىدۇ.* ◘ 9:60 مات. 8‏:22. *

61يەنە بىرسى:

© 2010 Institute for Bible Translation
>