1ئۇ ئون ئىككى مۇخلىسىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا ناپاك روھلارنى قوغلاش ۋە ھەربىر كېسەللىكنى ھەم ھەربىر مېيىپ-ئاجىزنى ساقايتىش ھوقۇقىنى بەردى. ◼ 10:1 +bd «ناپاك روھلار»+bd* ــ جىنلارنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 10:1 مار. 3:13؛ لۇقا 6:13؛ 9:1. *
2ئون ئىككى روسۇلنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: ئاۋۋال پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياس، ئاندىن زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى يۇھاننا،
3فىلىپ ۋە بارتولوماي، توماس ۋە باجگىر ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە لەببائۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان تاداي، ◼ 10:3 +bd «فىلىپ ۋە بارتولوماي،...»+bd* ــ «بارتولوماي»نىڭ باشقا بىر ئىسمى «ناتانىيەل» بولۇشى مۇمكىن («يۇھ.» 45:1). +bd «لەببائۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان تاداي»+bd* ــ ئىنجىلدىكى بەزى كونا كۆچۈرىمىلەردە پەقەت «تاداي» دېيىلىدۇ.*
4مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون ۋە كېيىن ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوت. ◼ 10:4 +bd «مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون»+bd* ــ ياكى، «قانائانلىق سىمون». «يەھۇدىي مىللەتپەرۋەرلەر» ۋەتىنىنى رىم ئىمپېرىيەسىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن زوراۋانلىق بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلار ئىدى.*
5ئەيسا بۇ ئون ئىككىسىنى خەلقنىڭ ئارىسىغا* مۇنداق تاپىلاپ ئەۋەتتى: ــ
6بەلكى تېنىگەن قوي پادىلىرى بولغان ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ئارىسىغا بېرىڭلار. ◘ 10:6 روس. 3:26؛ 13:26،46. *
7بارغان يېرىڭلاردا: «ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» دەپ جاكارلاڭلار. ◘ 10:7 لۇقا 9:2. *
8ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتىڭلار، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈڭلار، ماخاۋ كېسەللىرىنى ساقايتىڭلار، جىنلارنى ھەيدىۋېتىڭلار. سىلەرگە شاپائەت خالىس بېرىلگەندۇر، سىلەرمۇ خالىس ئىلتىپات قىلىڭلار. ◼ 10:8 +bd «سىلەرگە شاپائەت خالىس بېرىلگەندۇر، سىلەرمۇ خالىس ئىلتىپات قىلىڭلار»+bd* ــ گرېك تىلىدا پەقەت: «سىلەرگە خالىس بېرىلگەندۇر، سىلەرمۇ خالىس بېرىڭلار» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 10:8 لۇقا 10:9؛ روس. 8:18،20. *
9بەلۋېغىڭلارغا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس پۇللارنى باغلاپ ئېلىپ يۈرمەڭلار. ◘ 10:9 مار. 6:8؛ لۇقا 9:3؛ 22:35. *
10سەپەر ئۈچۈن بىرلا يەكتەكتىن باشقا نە خۇرجۇن، نە كەش، نە ھاسا ئېلىۋالماڭلار. چۈنكى خىزمەتكار ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر. ◼ 10:10 +bd «خۇرجۇن»+bd* ــ ياكى «تىلەمچىنىڭ خالتىسى».* ◘ 10:10 لاۋ. 19:13؛ قان. 24:14؛ 25:4؛ لۇقا 10:7؛ 1كور. 9:4،14؛ 1تىم. 5:18. *
11ھەرقايسى شەھەر ياكى يېزىغا بارغان ۋاقتىڭلاردا، ئالدى بىلەن شۇ يەردە كىمنىڭ ھۆرمەتكە لايىق مۆتىۋەر ئىكەنلىكىنى سوراڭلار؛ شۇنداق كىشىنى تاپقاندا، ئۇ يەردىن كەتكۈچە ئۇنىڭ ئۆيىدىلا تۇرۇڭلار. ◼ 10:11 +bd «ئۇ يەردىن كەتكۈچە ئۇنىڭ ئۆيىدىلا تۇرۇڭلار»+bd* ــ بۇ ئەمردە چوڭ دانالىق بار. بۇ ئىككى سەۋەبتىن ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن: ــ (1) كونا زامانلاردا كۆپ دىنىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ئۆيمۇئۆي يوقلاپ پۇل تىلەيتتى؛ لېكىن ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى ھېچ تىلەمچىلىك قىلماسلىقى كېرەك؛ (2) ئۇلار ئۆيمۇ-ئۆي كۆچۈپ يۈرسە، خەلقتە بىر-بىرىگە قاراپ ھەرتۈرلۈك ھەسەت-گۇمان پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن ــ «نېمىشقا ئۇلار بىزنىڭ ئۆيدە قونمايدۇ؟» ياكى «نېمىشقا ئۇلار +bd بىزنىڭ+bd* ئۆيدىن كۆچۈپ كېتىدۇ؟» دېگەندەك.* ◘ 10:11 مار. 6:10؛ لۇقا 9:4؛ 10:8. *
12بىرەر ئۆيگە كىرگىنىڭلاردا، ئۇلارغا سالام بېرىڭلار. ◼ 10:12 +bd «بىرەر ئۆيگە كىرگىنىڭلاردا، ئۇلارغا سالام بېرىڭلار»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، «سالام» (ئىبرانىي تىلىدا «شالوم») دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «(ساڭا) خاتىرجەملىك-ئامانلىق تىلەيمەن».*
13ئەگەر ئۇ ئائىلىدىكىلەر ھۆرمەتكە* لايىق مۆتىۋەر كىشىلەر بولسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۇلارغا ئىجابەت بولسۇن؛ ئەگەر ئۇلار لايىق بولمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتسۇن. ◼ 10:13 +bd «ئەگەر ئۇ ئائىلىدىكىلەر ھۆرمەتكە لايىق مۆتىۋەر كىشىلەر بولسا»+bd* ــ ياكى «سالامغا لايىق بولغانلار بولسا». +bd «ئەگەر ئۇلار لايىق بولمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتسۇن»+bd* ــ مۇشۇ كىشىلەرنىڭ لايىق ئىكەنلىكى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مۇخلىسلار تىلىگەن ئامانلىقنىڭ چۈشۈش-چۈشمەسلىكى ئۇلارنىڭ مۇخلىسلارنى قوبۇل قىلغان-قىلمىغانلىقى بىلەن باغلىق ئىدى. 14-ئايەتنى كۆرۈڭ.*
14سىلەرنى قوبۇل قىلمىغان، سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىمىغان كىمدەكىم بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ياكى شۇ شەھەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار. ◼ 10:14 +bd «ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ياكى شۇ شەھەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار»+bd* ــ «ئاياغدىكى توپىنى قېقىۋېتىش» دېگەن ئىشارەت «بىزنىڭ سىلەر بىلەن مۇناسىۋېتىمىز يوق»، دېگەننى بىلدۈرۈپ، خۇدانىڭ سۆزىنى رەت قىلغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى.* ◘ 10:14 مار. 6:11؛ لۇقا 9:5؛ روس. 13:51؛ 18:6. *
15مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە سودوم ۋە گوموررا زېمىنىدىكىلەرنىڭ ھالى شۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ. ◼ 10:15 +bd «سودوم ۋە گوموررا»+bd* ــ ئىبراھىم پەيغەمبەر زامانىدىكى ئىككى شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەرلەرنىڭ ئادەملىرى ئوخشاش ھەمجىنسلىق زىناخورلۇقىغا (بەچچىۋازلىققا) قاتتىق بېرىلىپ گۇناھقا پاتقانلىقتىن، خۇدا بۇ شەھەرلەرنى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ ئوت چۈشۈرۈپ يوقاتقان.* ◘ 10:15 مار. 6:11؛ لۇقا 10:12. *
16مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، پاختەكتەك ساپ دىللىق بولۇڭلار. ◼ 10:16 +bd «يىلاندەك سەزگۈر... بولۇڭلار»+bd* ــ گرېك تىلىدا «يىلاندەك ئاقىلانە ... بولۇڭلار».* ◘ 10:16 لۇقا 10:3. *
17ئىنسانلاردىن پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرنى تۇتۇۋېلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلىرىدا قامچىلايدۇ. ◼ 10:17 +bd «ئۇلار سىلەرنى تۇتۇۋېلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ»+bd* ــ «سوت مەھكىمىلىرى» يەھۇدىيلارنىڭ مەھكىمىلىرىنى ۋە بەلكىم باشقا خەرھىل سوراقخانىلارنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 10:17 مات. 24:9؛ لۇقا 21:12؛ يـۇھ. 15:20؛ 16:2؛ ۋەھ. 2:1. *
18ئۇلار ۋە شۇنداقلا يات ئەللىكلەر ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولۇشقا، سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلىسىلەر. ◘ 10:18 روس. 24:1؛ 25:4. *
19لېكىن ئۇلار سىلەرنى سوراققا تارتقان ۋاقتىدا، قانداق جاۋاب بېرىش ياكى نېمە جاۋاب بېرىشتىن ئەنسىرەپ كەتمەڭلار. چۈنكى شۇ ۋاقتى-سائىتىدە ئېيتىش تېگىشلىك سۆزلەر سىلەرگە تەمىنلىنىدۇ. ◘ 10:19 مار. 13:11؛ لۇقا 12:11؛ 21:14. *
20چۈنكى سۆزلىگۈچى ئۆزۈڭلار ئەمەس، بەلكى ئاتاڭلارنىڭ روھى سىلەر ئارقىلىق سۆزلەيدۇ.
21قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسىغا قارشى چىقىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرىدۇ. ◘ 10:21 مىك. 7:2، 5؛ لۇقا 21:16. *
22شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر بولسا قۇتقۇزۇلىدۇ. ◘ 10:22 مات. 24:13؛ مار. 13:13؛ لۇقا 21:19؛ ۋەھ. 2:10؛ 3:10. *
23ئۇلار سىلەرگە بۇ شەھەردە زىيانكەشلىك قىلسا، يەنە بىر شەھەرگە قېچىپ بېرىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانئوغلى قايتىپ كەلگۈچە سىلەر ئىسرائىلنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئارىلاش ۋەزىپىڭلار* تۈگىمەيدۇ. ◘ 10:23 مات. 2:13؛ 4:12؛ 12:15؛ روس. 8:1؛ 9:25؛ 14:6. *
24مۇخلىس ئۇستازىدىن، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. ◼ 10:24 +bd «مۇخلىس ئۇستازىدىن، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ»+bd* ــ بۇ سىرلىق سۆز بەلكىم مۇخلىسلار مەسىھكە تولۇق ئەگەشسە، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرۈلەيدۇ، دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.* ◘ 10:24 لۇقا 6:40؛ يـۇھ. 13:16؛ 15:20. *
25مۇخلىس ئۇستازىغا ئوخشاش بولسا، قۇل خوجايىنىغا ئوخشاش بولسا رازى بولسۇن. ئۇلار ئۆينىڭ ئىگىسىنى «بەئەلزىبۇل» دەپ تىللىغان يەردە، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ھاقارەتلىمەمدۇ؟ ◼ 10:25 +bd «ئۇلار ئۆينىڭ ئىگىسىنى «بەئەلزىبۇل» دەپ تىللىغان يەردە...»+bd* ــ «ئۆينىڭ ئىگىسى» ئەيسا ئۆزى، ئەلۋەتتە. «بەئەلزىبۇل» ــ جىنلارنىڭ پادىشاھى شەيتاننىڭ يەنە بىر ئىسمى. ئەيسا ئۆزى خەلق ئارىسىدا «ئالقىشلىق» بولمىسا ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ھاقارەتكە ئۇچراشقا رازى بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە؛ ھەتتا بۇ ئىشنى «خۇدا ئۆز نامى ئۈچۈن بىزگە ھاقارەتكە ئۇچراشقا ئىمتىياز بەردى» دەپ ھېسابلاش كېرەك («فىل.» 29:1نى كۆرۈڭ).* ◘ 10:25 مات. 9:34؛ 12:24؛ مار. 3:22؛ لۇقا 11:15؛ يـۇھ. 8:48. *
26شۇڭا ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى ھېچقانداق يېپىق قويۇلغان ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي قالمايدۇ. ◘ 10:26 ئايۇپ 12:22؛ يەش. 8:12؛ يەر. 1:8؛ مار. 4:22؛ لۇقا 8:17؛ 12:2. *
27مېنىڭ سىلەرگە قاراڭغۇدا ئېيتىدىغانلىرىمنى يورۇقتا ئېيتىۋېرىڭلار. قۇلىقىڭلارغا پىچىرلاپ ئېيتىلغانلارنى ئۆگزىلەردە جاكارلاڭلار.
28تەننى ئۆلتۈرسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ جان-روھىنى ئۆلتۈرەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار؛ ئەكسىچە، تەن ۋە جان-روھنى دوزاختا ھالاك قىلىشقا قادىر بولغۇچىدىن قورقۇڭلار. ◼ 10:28 +bd «لېكىن ئادەمنىڭ جان-روھىنى ئۆلتۈرەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار...»+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە «روھ-جان» ئىنسانلارنىڭ روھىي قىسمىنى، يەنى ئىچكى دۇنياسىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 10:28 يەر. 1:8؛ لۇقا 12:4. *
29ئىككى قۇشقاچنى بىر تىيىنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇغۇ؟ لېكىن ئۇلاردىن بىرىمۇ ئاتاڭلارسىز يەرگە چۈشمەيدۇ. ◼ 10:29 +bd «ئىككى قۇشقاچنى بىر تىيىنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇغۇ؟»+bd* ــ «بىر تىيىن» گرېك تىلىدا «ئاسسارىيون». شۇ دەۋردىكى بىر ئىشچىنىڭ كۈنلۈك ھەققى بولغان «دىنارىئۇس»نىڭ 1/16 قىسمى ئىدى.*
30ئەمما سىلەر بولساڭلار، ھەتتا ھەربىر تال چېچىڭلارمۇ سانالغاندۇر. ◘ 10:30 1سام. 14:45. *
31شۇڭا، قورقماڭلار. سىلەر نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىنمۇ قىممەتلىكتۇرسىلەر!
32شۇڭا، مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلىمەن؛ ◘ 10:32 مار. 8:38؛ لۇقا 9:26؛ 12:8؛ 2تىم. 2:12. *
33بىراق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مەندىن تانغانلارنىڭ ھەربىرىدىن مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتام ئالدىدا تانىمەن.
34مېنىڭ دۇنياغا كېلىشىمنى تىنچلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈندۇر، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن تىنچلىق ئەمەس، بەلكى قىلىچنى يۈرگۈرۈشكە كەلدىم. ◼ 10:34 +bd «... مەن تىنچلىق ئەمەس، بەلكى قىلىچنى يۈرگۈرۈشكە كەلدىم»+bd* ــ 38:5-48دە خاتىرىلەنگەندەك، ئەيسانىڭ ئېتىقادچىلارنى ئۇرۇشماسلىققا دەۋەت قىلىدىغان تەلىمىگە ئاساسەن، ئېتىقادچىلار قولىغا قىلىچ ئېلىشىغا بولمايدۇ شۇڭا مۇشۇ ئايەتتىكى «قىلىچ» (خۇدانىڭ سۆزلىرىگە رەنجىيدىغان ئادەمنىڭ قولىدا بولۇپ) ئېتىقادچىلارغا قارشى چىققان قىلىچنى، ياكى كۆچمە مەنىدە «جېدەل-ماجىرا»نى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك.* ◘ 10:34 لۇقا 12:51. *
35چۈنكى مېنىڭ كېلىشىم «ئوغۇلنى ئاتىسىغا، قىزنى ئانىسىغا، كېلىننى قېينئانىسىغا قارشى چىقىرىش» ئۈچۈن بولىدۇ. ◘ 10:35 مىك. 7:6. *
36شۇنىڭ بىلەن «ئادەمنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بولىدۇ». ◼ 10:36 +bd «شۇنىڭ بىلەن «ئادەمنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بولىدۇ»+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر تەۋرات «مىك.» 6:7دىن ئېلىنغان.* ◘ 10:36 زەب. 41:9؛ 55:12-14؛ يـۇھ. 13:18. *
37ئاتا-ئانىسىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلار ماڭا مۇناسىپ ئەمەستۇر. ئۆز ئوغۇل-قىزىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلارمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس. ◘ 10:37 لۇقا 14:26. *
38ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس. ◼ 10:38 +bd «ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس»+bd* ــ رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر مىخلىنىدىغان كرېستنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ جازا مەيدانىغا باراتتى. كرېستلىنىش ئادەمنى قىينايدىغان، ئىنتايىن دەھشەتلىك ۋە ئاھانەتلىك ئۆلۈم جازا ئۇسۇلى بولۇپ، «ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈش» دېگەننىڭ كۆپ مەنىلىرى ئىچىدە تۆۋەندىكىلەرنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالسا كېرەك: (1) ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا، (2) تىل-ئاھانەت ئىشتىشكە، (3) خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا، «ئۆز-ئۆزىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندەك» ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىشقا تەييار بولۇش.* ◘ 10:38 مات. 16:24؛ مار. 8:34؛ لۇقا 9:23؛ 14:27. *
39ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغان كىشى ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. ◘ 10:39 مات. 16:25؛ مار. 8:35؛ لۇقا 9:24؛ 17:33؛ يـۇھ. 12:25. *
40سىلەرنى قوبۇل قىلغانلار مېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ. ◘ 10:40 لۇقا 10:16؛ يـۇھ. 13:20. *
41بىر پەيغەمبەرنى پەيغەمبەرلىك سالاھىيىتىدە قوبۇل قىلغان كىشى پەيغەمبەرگە خاس بولغان ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. ھەققانىي ئادەمنى ئۇ ھەققانىي ئىكەن دەپ بىلىپ قوبۇل قىلغانلار ھەققانىي ئادەمگە خاس بولغان ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. ◼ 10:41 +bd «بىر پەيغەمبەرنى پەيغەمبەرلىك سالاھىيىتىدە قوبۇل قىلغان كىشى»+bd* ــ دېمەك، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكى، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇنى قوبۇل قىلغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 10:41 1پاد. 17:10؛ 18:4؛ 2پاد. 4:8. *