1ئەيسا ئون ئىككى مۇخلىسىغا بۇ ئىشلارنى تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىمۇ شۇ يەردىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە تەلىم بېرىش ۋە خۇدانىڭ كالامىنى* جاكارلاش ئۈچۈن ئۇ يەردىن كەتتى. ◼ 11:1 +bd «ئۆزىمۇ شۇ يەردىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە تەلىم بېرىش ... ئۈچۈن ئۇ يەردىن كەتتى»+bd* ــ «شۇ يەر» گالىلىيەنى دېمەكچى.*
2زىندانغا سولانغان يەھيا پەيغەمبەر* مەسىھنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئاڭلاپ، مۇخلىسلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئەيسادىن: ◘ 11:2 لۇقا 7:18. *
3«كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» ــ دەپ سورىدى. ◼ 11:3 +bd «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟»+bd* ــ «كېلىشى مۇقەررەر زات» بولسا خۇدا ۋەدە قىلغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ، ئەلۋەتتە. يەھيا ئۆزى مەسىھنىڭ يولىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئەۋەتىلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ: ــ «سەن بىز كۈتكەن كىشىمۇسەن» دەپ گۇمانلىنىپ سورايدۇ.*
4ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
5كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» ــ دەپ ئېيتىڭلار. ◘ 11:5 يەش. 29:18؛ 35:5؛ 61:1؛ لۇقا 4:18. *
6ۋە ئۇنىڭغا يەنە*: «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار، ــ دېدى. ◼ 11:6 +bd «ۋە (ئۇنىڭغا يەنە): «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار»+bd* ــ يەھيا پەيغەمبەر زىنداندا يېتىپ: «ئەيسا قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ بولسا نېمىشقا مېنى زىنداندىن قۇتقۇزمىغان؟» ــ دەپ گۇمانلانغان بولسا كېرەك ئىدى. يەھيانىڭ بۇ سوئالى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.*
7ئۇلار كەتكەندە، ئەيسا توپ-توپ ئادەملەرگە يەھيا توغرۇلۇق سۆزلەشكە باشلىدى:
8ياكى ئېسىل كىيىنگەن بىر ئەربابنىمۇ؟ مانا، ئېسىل كىيىملەرنى كىيگەنلەر خان ئوردىلىرىدىن تېپىلىدىغۇ!
9ئەمدى سىلەر نېمە كۆرگىلى باردىڭلار؟ بىر پەيغەمبەرنىمۇ؟ دۇرۇس، ئەمما مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ بولسا* پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن بىر بولغۇچىدۇر.
10چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردىكى*: ــ
11مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاياللاردىن تۇغۇلغانلار ئارىسىدا چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادىنمۇ ئۇلۇغى تۇرغۇزۇلغىنى يوق؛ ئەمما ئەرش پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ كىچىك بولغىنىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ تۇرىدۇ.
12ئەمما چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئوتتۇرىغا چىققان كۈنلەردىن بۈگۈنكى كۈنگىچە، ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرىش يولى شىددەت بىلەن ئېچىلدى ۋە كىشىلەر ئۇنى شىددەت بىلەن تۇتۇۋالىدۇ. ◼ 11:12 +bd «ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرىش يولى شىددەت بىلەن ئېچىلدى ۋە كىشىلەر ئۇنى شىددەت بىلەن تۇتۇۋالىدۇ»+bd* ــ باشقا بىر تەرجىمىسى: «ئەرش پادىشاھلىقى زوراۋانلىققا ئۇچرىماقتا. زوراۋانلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلماقتا». بىراق بىزنىڭچە بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ئاساسەن «خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئاسان ئەمەس؛ چۈنكى ئۇنىڭغا ھەرخىل ھۇجۇملار قىلىنىدۇ؛ لېكىن ھۇجۇمغا بەرداشلىق بېرىشكە تەييار، ئىرادىسى قەتئىي ئادەملەر ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ». يەنە «لۇقا» 16:16نى كۆرۈڭ. بىزنىڭچە يەنە، 12-14-ئايەتلەر «مىك.» 12:2-13 بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. «مىكاھ»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 11:12 لۇقا 16:16. *
13چۈنكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەت بېرىش خىزمىتى، شۇنداقلا تەۋراتتىكى يازمىلار ئارقىلىق بېشارەت يەتكۈزۈلۈش خىزمىتى يەھيا بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
14ۋە ئەگەر شۇ سۆزنى قوبۇل قىلالىساڭلار، «قايتىپ* كېلىشى مۇقەررەر بولغان ئىلياس پەيغەمبەر*» بولسا، يەھيانىڭ* ئۆزىدۇر. ◼ 11:14 +bd «ۋە ئەگەر شۇ سۆزنى قوبۇل قىلالىساڭلار، «قايتىپ كېلىشى مۇقەررەر بولغان ئىلياس پەيغەمبەر» بولسا، يەھيانىڭ ئۆزىدۇر»+bd* ــ تەۋراتتا، يەنى «مال.» 5:4-6دە، قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ مەيدانغا چىقىشىدىن ئاۋۋال ئىلياس پەيغەمبەر مەسىھنىڭ يولىنى تەييارلاش ئۈچۈن قايتىپ كېلىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ. يەھۇدىيلار مەسىھنىڭ كېلىشىنى كۈتكەچكە، بۇ بېشارەتكە ئاساسەن ئىلىياسنىڭ ئاۋۋال كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانىدى. يەھيا پەيغەمبەر ئىلياس پەيغەمبەردەك كۈچ-قۇدرەت بىلەن كەلگەن («لۇقا» 13:1-17نى كۆرۈڭ). شۇڭا مەسىھ ئەيسا بۇ بېشارەت ئۇنىڭ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان، دەپ ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، (يەھۇدىي خەلقى «ئاۋۋالقى ئىلياس» بولغان يەھيانىڭ خەۋىرىنى رەت قىلغان بولغاچقا) مەسىھنىڭ قىيامەت كۈنىدە دۇنياغا قايتىپ كېلىشىدىن ئاۋۋالمۇ ئىلياس پەيغەمبەر ئۆزى قايتىدىن پەيدا بولىدۇ دەپ ئىشەنچىمىز بار (يەنە «مال.» 5:4-6نى ۋە «مار.» 11:9-13نىمۇ كۆرۈڭ).* ◘ 11:14 مال. 3:23؛ لۇقا 1:17. *
15ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن!
16لېكىن بۇ دەۋردىكى كىشىلەرنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار خۇددى رەستە-بازارلاردا ئولتۇرۋېلىپ، بىر-بىرىگە: ◘ 11:16 لۇقا 7:31. *
17«بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەكمۇ، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار»، «ماتەم پەدىسىگە چېلىپ بەرسەكمۇ، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ قاقشايدىغان تۇتۇرۇقسىز* بالىلارغا ئوخشايدۇ.
18چۈنكى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، شاراب* ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېيىشىدۇ. ◼ 11:18 +bd «يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، شاراب ئىچمەيتتى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «يەھيا كېلىپ، نە يېمەيدۇ نە ئىچمەيدۇ». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، يەھيا پەيغەمبەر ئىنتايىن غورىگىل ئوزۇقلىناتتى، پات-پات روزا تۇتاتتى. «مات.» 4:3نى كۆرۈڭ.* ◘ 11:18 مات. 3:4؛ مار. 1:6. *
19ئىنسانئوغلى بولسا كېلىپ ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ ۋە مانا، ئۇلار: «تازا بىر تويماس ۋە بىر مەيخور ئىكەن. ئۇ باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشىدۇ. لېكىن دانالىق بولسا ئۆز پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ». ◼ 11:19 +bd «لېكىن دانالىق بولسا ئۆز پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ»+bd* ــ ياكى «دانالىق بولسا ئۆز ئىش-مېۋىلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ». بۇ قىسقا ئايەت ئۈستىدە ۋە ئۇنىڭدىكى كۆپ مۇھىم پرىنسىپلار توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.*
20ئاندىن ئۇ ئۆزى كۆپ مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن شەھەرلەردە تۇرۇۋاتقانلارنى توۋا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدى: ــ ◘ 11:20 لۇقا 10:13. *
21ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيت-سائىدالىقلار! چۈنكى سىلەردە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆز كىيىمىگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى. ◼ 11:21 +bd «سىلەردە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا...»+bd* ــ تۇر ۋە زىدون ئەسلى بۇتپەرەس «يات ئەللەر»نىڭ شەھەرلىرى ئىدى. مەسىلەن، «ئەزاكىيال» 26-29-بابنى كۆرۈڭ ــ ئىككى شەھەر بۇ بابلاردا گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئەيىبلىنىدۇ. «زىدون» گرېك تىلىدا «سىدون» دېيىلىدۇ. +bd «ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆز كىيىمىگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى»+bd* ــ «بۆزگە (ماتاغا) يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىش» ــ كونا زامانلاردا قاتتىق پۇشايمان قىلىش، گۇناھلارغا توۋا قىلىشنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى.* ◘ 11:21 2سام. 13:19؛ 2پاد. 6:30؛ 19:1. *
22مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە تۇر ۋە زىدوندىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ. ◘ 11:22 مات. 10:15. *
23ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار! سىلەر تەھتىساراغا چۈشۈرۈلىسىلەر. چۈنكى ئاراڭلاردا يارىتىلغان مۆجىزىلەر سودومدا يارىتىلغان بولسا، ئۇ شەھەر بۈگۈنگىچە ھالاك بولمىغان بولاتتى. ◼ 11:23 +bd «ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار!»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەي سىلەر كەپەرناھۇملۇقلار! ئاسمانغا چىقماقچىمىدىڭلار؟». لېكىن بىزنىڭچە «ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن» دېگىنى توغرا بولۇپ، بۇ سۆز ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقتىن ئۇلارغا كۆرسىتىلگەن زور ئىمتىياز-ئىلتىپاتنى كۆرسىتىدۇ. +bd «سودوم شەھىرى»+bd* ــ 15:10نى، «يار.» 16:18-29:19نى كۆرۈڭ.*
24ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە سودوم زېمىنىدىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىنمۇ يېنىك بولىدۇ. ◘ 11:24 مات. 10:15. *
25شۇ ۋاقىتلاردا، ئەيسا بۇ ئىشلارغا قاراپ مۇنداق دېدى:
26بەرھەق، ئى ئاتا، نەزىرىڭدە بۇنداق قىلىش راۋا ئىدى.
27ھەممە ماڭا ئاتامدىن تەقدىم قىلىندى؛ ئوغۇلنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم تونۇمايدۇ، ۋە ئاتىنىمۇ ئوغۇل ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم تونۇمايدۇ. ◘ 11:27 مات. 28:18؛ لۇقا 10:22؛ يـۇھ. 1:18؛ 3:35؛ 6:46. *
28ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەن ھەممىڭلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي.
29مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمنى كىيىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن مۆمىن ۋە كەمتەرمەن؛ شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. ◘ 11:29 زەب. 45:4؛ يەر. 6:16؛ زەك. 9:9*