1ئۇ چاغلاردا، ھېرود ھاكىم ئەيسانىڭ نام-شۆھرىتىدىن خەۋەر تېپىپ، ◼ 14:1 +bd «ھېرود ھاكىم»+bd* ــ «ھاكىم» گرېك تىلىدا «تېترارق» دېيىلىدۇ. بۇ سۆز «زېمىننىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىدارە قىلغۇچى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. رىم ئىمپېرىيەسى پەلەستىننى تۆت قىسىمغا بۆلگەن بولۇپ، ھەربىر قىسمىنىڭ «تېترارق»ى بار ئىدى.
2خىزمەتكارلىرىغا:
3ھېرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ ئۆگەي* ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن يەھيانى تۇتقۇن قىلىپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. ◼ 14:3 +bd «ھېرود... ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن يەھيانى تۇتقۇن قىلىپ، زىندانغا تاشلىغانىدى»+bd* ــ يەھيانى تۇتۇش «ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن» ــ ھېرود بەلكىم ھېرودىيەنىڭ بىۋاسىتە تەلىپىدىن شۇنداق قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
4چۈنكى يەھيا ھېرودقا تەنبىھ بېرىپ*: «بۇ ئايالنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپتۇر» دەپ كەلگەنىدى. ◼ 14:4 +bd «بۇ ئايالنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپتۇر»+bd* ــ «لاۋ.» 18:16، 21:20دە، بىرسىنىڭ ئاكا ياكى ئۇكىسى ھايات ئەھۋالدا، بىرىنىڭ ئايالىنى يەنە بىرى ئۆز ئەمرىگە ئېلىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.* ◘ 14:4 لاۋ. 18:16. *
5ھېرود شۇ سەۋەبتىن* يەھيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق خالايىقتىن قورققانىدى، چۈنكى ئۇلار يەھيانى پەيغەمبەر، دەپ بىلەتتى. ◘ 14:5 مات. 21:26. *
6ئەمما ھېرودنىڭ تۇغۇلغان كۈنى تەبرىكلەنگەندە، ئايالى ھېرودىيەنىڭ قىزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھېرودقا بەك ياقتى؛ ◼ 14:6 +bd «ئايالى ھېرودىيەنىڭ قىزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى»+bd* ــ «ھېرودىيەنىڭ قىزى» ــ ھېرودىيەنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان قىزى.* ◘ 14:6 يار. 40:20؛ مار. 6:21. *
7شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ھەرنېمە تىلىسەڭ شۇنى ساڭا بېرەي، دەپ قەسەم قىلدى. ◘ 14:7 ھاك. 11:30. *
8لېكىن قىز ئانىسىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن:
9پادىشاھ بۇنىڭغا ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ، قەسەملىرى تۈپەيلىدىن ۋە داستىخاندا ئولتۇرغانلار ۋەجىدىن، كاللىسىنى* ئېلىپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. ◼ 14:9 +bd «پادىشاھ بۇنىڭغا ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ،...»+bd* ــ ھېرود ھاكىم بەزىدە «پادىشاھ» دېيىلەتتى.*
10ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ، زىنداندا يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇردى.
11شۇنىڭ بىلەن كاللىسى بىر تەخسىگە قويۇلۇپ، قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. قىز بۇنى ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى.
12يەھيانىڭ* مۇخلىسلىرى بولسا بېرىپ، جەسەتنى ئېلىپ دەپنە قىلدى؛ ئاندىن بېرىپ ئەيساغا بۇ ئىشلارنى خەۋەر قىلدى.
13ئەيسا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆزى يالغۇز پىنھان بىر جايغا كېتەي دەپ بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. خالايىق بۇنىڭ خەۋىرىنى تاپقاندا، ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كېلىشىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن پىيادە ماڭدى. ◘ 14:13 مات. 12:15؛ مار. 6:31؛ لۇقا 9:10. *
14ئۇ قىرغاققا* چىقىپ كەتكىنىدە، زور بىر توپ ئادەملەرنى كۆرۈۋىدى، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاغرىقلىرىنى ساقايتتى. ◘ 14:14 مات. 9:36؛ يـۇھ. 6:5. *
15كەچ كىرگەندە، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بۇ چۆل بىر جاي ئىكەن، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەن بولساڭ، ئاندىن ئۇلار كەنتلەرگە بېرىپ ئۆزلىرىگە ئوزۇق سېتىۋالسۇن، ــ دېدى. ◘ 14:15 مار. 6:35؛ لۇقا 9:12. *
16لېكىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئۇلارنىڭ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزۈڭلار ئۇلارغا ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى.
17لېكىن مۇخلىسلار:
18ئۇ: ــ ئۇلارنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى.
19ئۇ خالايىقنى چۆپلۈكنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا* تەشەككۈر ئېيتتى. ئاندىن نانلارنى ئوشتۇپ مۇخلىسلىرىغا بەردى، مۇخلىسلىرى خالايىققا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. ◘ 14:19 1سام. 9:13. *
20ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. مۇخلىسلار* ئېشىپ قالغان پارچىلارنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى. ◼ 14:20 +bd «مۇخلىسلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى... تېرىۋالدى». مۇخلىسلار ئىكەنلىكى «مات.» 9:16-10دە ئىسپاتلىنىدۇ. +bd «لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى»+bd* ــ «سېۋەت» گرېك تىلىدا «قول سېۋەت» ــ دېمەك، بىر ئادەم ئىككى قوللاپ كۆتۈرەلەيدىغان سېۋەت.*
21ئوزۇقلانغانلارنىڭ سانى ئاياللار ۋە بالىلاردىن باشقا تەخمىنەن بەش مىڭ كىشى ئىدى.
22ئارقىدىنلا، ئۇ مۇخلىسلىرىىنى كېمىگە ئولتۇرغۇزۇپ: ئۆزۈم بۇ خالايىقنى يولغا سېلىۋېتىمەن، سىلەر ئاڭغۇچە دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقىغا ئۆتۈپ تۇرۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. ◘ 14:22 مار. 6:45؛ يـۇھ. 6:17. *
23خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆزى خىلۋەت تاغقا چىقتى. كەچ كىرگەندىمۇ ئۇ يەردە يالغۇز قالدى. ◘ 14:23 مار. 6:46؛ يـۇھ. 6:15. *
24بۇ چاغدا، كېمە قىرغاقتىن خېلى كۆپ چاقىرىم يۈرگەنىدى، لېكىن شامال قارشى يۆنىلىشىدىن چىقىۋاتقاچقا، كېمە دولقۇنلار ئىچىدە چايقىلىپ تۇراتتى. ◼ 14:24 +bd «كېمە قىرغاقتىن خېلى كۆپ چاقىرىم يۈرگەنىدى»+bd* ــ ياكى «كېمە دېڭىز ئوتتۇرىسىدا يۈرگەندىدى...».*
25كېچە تۆتىنچە جېسەك ۋاقتىدا، ئۇ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، مۇخلىسلىرى تەرەپكە كەلدى. ◼ 14:25 +bd «كېچە تۆتىنچە جېسەك ۋاقتىدا...»+bd* ــ بىر كېچە تۆت جېسەككە بۆلۈنەتتى؛ شۇڭا بۇ ۋاقىت تاڭ ئاتاي دېگەن ۋاقىت ئىدى.*
26مۇخلىسلار ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئالاقزادە بولۇپ: ــ ئالۋاستى ئىكەن! ــ دەپ قورقۇپ چۇقان سېلىشتى.
27لېكىن ئەيسا دەرھال ئۇلارغا:
28پېترۇس بۇنىڭغا جاۋابەن:
29كەل، ــ دېدى ئۇ.
30لېكىن بوراننىڭ قاتتىق چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇپ، سۇغا چۆكۈشكە باشلىدى: ــ رەب، مېنى قۇتقۇزۇۋالغايسەن! ــ دەپ ۋارقىرىدى.
31ئەيسا دەرھال قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنىڭغا:
32ئۇلار كېمىگە چىققاندا، شامال توختىدى.
33كېمىدە ئولتۇرغانلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سەجدە قىلىپ:
34ئۇلار دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكەندە، گىننىسارەت يۇرتىدا قۇرۇقلۇققا* چىقتى. ◘ 14:34 مار. 6:53. *
35ئۇ يەردىكى ئادەملەر ئۇنى تونۇپ قېلىپ، ئەتراپتىكى بارلىق جايلارغا خەۋەر ئەۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بارلىق بىمارلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى؛