1ئەمدى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار ئۇنى سىناش مەقسىتىدە يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن مۆجىزىلىك بىر ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلىشتى. ◼ 16:1 +bd «پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار»+bd* ــ «پەرىسىيلەر» بولسا تەۋرات قانۇنىغا قاتمۇ-قات تۈرلۈك باشقا قائىدە-نىزاملارنى قوشقان قاتتىق تەلەپچان دىنىي ئېقىم ئىدى. «سادۇقىيلار» دېگەن دىنىي ئېقىمىنىڭ بەزى تەرەپلىرى ئۇلارغا ئوخشاش بولغىنى بىلەن، لېكىن ئۇلار تەۋراتتىكى پەيغەمبەرلەر قىسىملىرىنى قوبۇل قىلماي، پەقەت تەۋراتتىكى 1-5-قىسىملارنى (يەنى مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان قىسىملار)نى قوبۇل قىلغان. ئۇلار «قىيامەت كۈنى»، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئاخىرەتتە ئۆلۈمدىن تىرىلىشىنى ئېتىراپ قىلمايتتى. ئادەتتە «پەرىسىيلەر» ۋە «سادۇقىيلار» بىر-بىرىگە دۈشمەنلىشىپ يۈرەتتى، لېكىن ئۇلار ئەيسانى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بىرلەشكەنىدى. +bd «بىزگە ئاسماندىن مۆجىزىلىك بىر ئالامەت كۆرسەتسەڭ»+bd* ــ ئۇلار تەلەپ قىلغان «مۆجىزىلىك ئالامەت»، ئەيسانىڭ ھەقىقىي مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر كارامەتنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.* ◘ 16:1 مات. 12:38؛ مار. 8:11؛ لۇقا 11:29؛ 12:54؛ يـۇھ. 6:30. *
2بىراق ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
3ۋە ئەتىگەندە: «بۈگۈن بوران چىقىدۇ، چۈنكى ئاسماننىڭ رەڭگى قىزىل ھەم تۇتۇق»، دەيسىلەر. ئاسمان رەڭگى-رويىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-يۇ، لېكىن بۇ زاماندا يۈز بېرىۋاتقان ئالامەتلەرنى پەرق ئېتەلمەيسىلەر!
4رەزىل ھەم زىناخور بۇ دەۋر «مۆجىزىلىك بىر ئالامەت»نىڭ كۆرىستىلىشىنى ئىستەپ يۈرىدۇ. بىراق بۇ دەۋردىكىلەرگە* «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»دىن باشقا ھېچقانداق مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ.
5مۇخلىسلىرى دېڭىزنىڭ* ئۇ قېتىغا ئۆتكىنىدە، نان ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇغانىدى.
6ئەيسا ئۇلارغا:
7مۇخلىسلار* ئۆزئارا مۇلاھىزىلىشىپ:
8ئەيسا ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى* بىلىپ مۇنداق دېدى:
9تېخىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ بەش نان بىلەن بەش مىڭ كىشىنىڭ تويغۇزۇلغانلىقى*، قانچە سېۋەت ئوزۇق يىغىۋالغانلىقىڭلار ئېسىڭلاردىن چىقتىمۇ؟ ◘ 16:9 مات. 14:17؛ مار. 6:38؛ لۇقا 9:13؛ يـۇھ. 6:9. *
10يەتتە نان بىلەن تۆت مىڭ كىشىنىڭ تويغۇزۇلغانلىقى*، يەنە قانچە چوڭ سېۋەت ئوزۇق يىغىۋالغانلىقىڭلارمۇ ئېسىڭلاردىن چىقتىمۇ؟ ◘ 16:10 مات. 15:34. *
11سىلەر قانداقمۇ مېنىڭ سىلەرگە: «پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار» دېگىنىمنىڭ نان توغرۇلۇق ئەمەسلىكىنى چۈشەنمەيسىلەر؟
12مۇخلىسلار شۇندىلا ئۇنىڭ ناندىكى ئېچىتقۇدىن ئەمەس، بەلكى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ تەلىمىدىن ئېھتىيات قىلىشنى ئېيتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى.
13ئەيسا قەيسەرىيە-فىلىپپى رايونىغا كەلگىنىدە، ئۇ مۇخلىسلىرىدىن:
14مۇخلىسلىرى:
15ئۇ ئۇلاردىن:
16سىمون پېترۇس:
17ئەيسا ئۇنىڭغا:
18مەن ساڭا شۇنى ئېيتايكى، سەن بولساڭ پېترۇسدۇرسەن. مەن جامائىتىمنى بۇ ئۇيۇلتاش ئۈستىگە قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ. ◼ 16:18 +bd «سەن بولساڭ پېترۇسدۇرسەن. مەن جامائىتىمنى بۇ ئۇيۇلتاش ئۈستىگە قۇرىمەن....»+bd* ــ «پېترۇس»نىڭ مەنىسى «تاش» بولۇپ، ئۇ «جامائەتنىڭ ئۇلى» ئەمەس. جامائەتنىڭ ئۇلى بولسا ئەيسا ئېيتقان «ئۇيۇلتاش» بولۇپ، ئۇ ياكى ئۆزىنى ياكى ئۆزىگە باغلانغان ئىمان-ئېتىقادىنى كۆرسىتىدۇ. «1پېت.» 4:2-9نى ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. +bd «تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرى»+bd* ــ بەلكىم كۆچمە مەنىدە بولۇپ، «ئۆلۈمنىڭ كۈچى»، «جىن-شەيتانلارنىڭ كۈچلىرى»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن.* ◘ 16:18 زەب. 118:22؛ يەش. 28:16؛ 33:20؛ يـۇھ. 1:43؛ 1كور. 3:11. *
19ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ساڭا تاپشۇرىمەن؛ سەن يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭ ئەرشتىمۇ باغلانغان بولىدۇ، سەن يەر يۈزىدە نېمىنى قويۇپ بەرسەڭ، ئەرشتىمۇ قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ، ــ دېدى. ◼ 16:19 +bd «ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ساڭا تاپشۇرىمەن؛ سەن يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭ ئەرشتىمۇ باغلانغان بولىدۇ،...»+bd* ــ بۇ مۇھىم سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 16:19 مات. 18:18؛ يـۇھ. 20:22. *
20بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ بولۇپ، ئۇ مۇخلىسلىرىغا ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى.
21شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا مۇخلىسلىرىغا ئۆزىنىڭ يېرۇسالېمغا كېتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى مۇقەررەر بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۈچىنچى كۈنى تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئايان قىلىشقا باشلىدى. ◘ 16:21 مات. 17:22؛ 20:18؛ مار. 8:31؛ 9:31؛ 10:33؛ لۇقا 9:22؛ 18:31؛ 24:7. *
22شۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنى ئەيىبلەپ:
23لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ پېترۇسقا قاراپ:
24ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى:
25چۈنكى ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماقچى بولغان كىشى چوقۇم جېنىدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. ◼ 16:25 +bd «چۈنكى ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماقچى بولغان كىشى چوقۇم جېنىدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ»+bd* ــ گرېك تىلىدا «جان» ۋە «ھايات» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «ئۆز جېنى» مۇشۇ يەردە پەقەت ئادەمنىڭ ھاياتىنىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئېتىقادى بولغانلارغا مۇيەسسەر قىلىنغان مەڭگۈلۈك روھىي بەختنى ۋە مىراسىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 16:25 مات. 10:39؛ مار. 8:35؛ لۇقا 9:24؛ 17:33؛ يـۇھ. 12:25. *
26چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟! ◼ 16:26 +bd «چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟!»+bd* ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتتا ئېيتىلغاندەك، «ئۆز جېنى» مۇشۇ يەردە پەقەت ئادەمنىڭ ھاياتىنىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئېتىقادچى بولغانلارغا مۇيەسسەر قىلىنغان مەڭگۈلۈك روھىي بەختنى ۋە مىراسىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.* ◘ 16:26 زەب. 49:6-12؛ مار. 8:37؛ لۇقا 9:25. *
27چۈنكى ئىنسانئوغلى ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە پەرىشتىلىرى بىلەن كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ؛ ۋە ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە تۇشلۇق جاۋاب قايتۇرىدۇ. ◘ 16:27 ئايۇپ 34:11؛ زەب. 62:12؛ مات. 24:30؛ 25:31؛ 26:64؛ رىم. 2:6. *