ماتتا 17:1-27 UIGB2010 - Bible AI

1ۋە ئالتە كۈندىن كېيىن، ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننانى ئايرىپ ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. ◘ 17:1 مار. 9‏:2؛ لۇقا 9‏:28؛ 2پېت. 1‏:17.

2ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، يۈزى قۇياشتەك پارلىدى، كىيىملىرى نۇردەك ئاپئاق بولۇپ چاقنىدى.

3ۋە مانا، مۇخلىسلارغا مۇسا ۋە ئىلياس پەيغەمبەرلەر ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقان ھالدا كۆرۈندى.

4شۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئەيساغا: ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! خالىساڭ، بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى! ــ دېدى. ◼ 17:4 \+bd «خالىساڭ، ... بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى!»\+bd* ــ ياكى «خالىساڭ، ... بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياساي!». بۇ سۆز ۋە پۈتۈن ۋەقە توغرۇلۇق يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

5ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، مانا نۇرلۇق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. مانا، بۇلۇتتىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. ◘ 17:5 قان. 18‏:19؛ يەش. 42‏:1؛ مات. 3‏:17؛ مار. 1‏:11؛ 9‏:7؛ لۇقا 3‏:22؛ 9‏:35؛ روس. 3‏:22؛ كول. 1‏:13؛ 2پېت. 1‏:17.

6مۇخلىسلار بۇنى ئاڭلاپ ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ دۈم يېتىپ ۋەھىمىگە چۈشتى.

7بىراق ئەيسا كېلىپ، ئۇلارغا قولىنى تەگكۈزۈپ: قوپۇڭلار، قورقماڭلار، ــ دېدى.

8ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، ئەيسادىن باشقا ھېچكىمنى كۆرمىدى.

9تاغدىن چۈشۈۋېتىپ، ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، بۇ ئالامەت كۆرۈنۈشنى ھېچكىمگە ئېيتماڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى. ◘ 17:9 مار. 9‏:9؛ لۇقا 9‏:36.

10ئاندىن مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: ــ تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس پەيغەمبەر مەسىھ كېلىشتىن ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. ◘ 17:10 مال. 3‏:23؛ مات. 11‏:14؛ مار. 9‏:11.

11ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئىلياس پەيغەمبەر دەرۋەقە مەسىھتىن ئاۋۋال كېلىدۇ، ھەممە ئىشنى ئورنىغا كەلتۈرىدۇ. ◼ 17:11 \+bd «ئىلياس پەيغەمبەر دەرۋەقە \+bdit مەسىھتىن\+bdit* ئاۋۋال كېلىدۇ، ھەممە ئىشنى ئورنىغا كەلتۈرىدۇ»\+bd* ــ «ئىلياسنىڭ ئاۋۋال كېلىشى» ۋە ئۇنىڭ «ھەممىنى ئورنىغا كەلتۈرۈشى»نى كۆرسەتكەن بېشارەت ۋە باشقا تەپسىلاتلىرى تەۋرات، «مال.» 5:4-6دە خاتىرىلىنىدۇ.

12ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىلياس ئاللىقاچان كەلدى، لېكىن كىشىلەر ئۇنى تونۇمىدى، بەلكى ئۇنىڭغا خالىغانچە مۇئامىلە قىلدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىمۇ ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئازاب چېكىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ــ دېدى.

13شۇ چاغدا مۇخلىسلار ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا توغرىسىدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندى. جىن چاپلاشقان بالىنىڭ ئازاد قىلىنىشى مار. 9‏:14-29؛ لۇقا 9‏:37-43

14ئۇلار خالايىقنىڭ يېنىغا بارغىنىدا، بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ: ◘ 17:14 مار. 9‏:16؛ لۇقا 9‏:37.

15رەب، ئوغلۇمغا ئىچىڭنى ئاغرىتقايسەن! چۈنكى ئۇنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بار بولغاچقا، زور ئازاب چېكىۋاتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ دائىم ئوتنىڭ ياكى سۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. ◼ 17:15 \+bd «تۇتقاقلىق كېسىلى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئاي (شارى) تەرىپىدىن ئۇرۇلغان» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

16ئۇنى مۇخلىسلىرىڭغا ئېلىپ كەلگەنىدىم، ساقايتالمىدى، ــ دېدى.

17ئەيسا جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز ۋە تەتۈر دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ ــ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار ــ دېدى.

18شۇنىڭ بىلەن ئەيسا جىنغا تەنبىھ بېرىۋىدى، جىن بالىدىن چىقىپ كەتتى، بالىمۇ شۇئان ساقايدى.

19كېيىن، ئەيسا ئايرىم قالغاندا، مۇخلىسلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى قوغلىۋېتەلمىدۇق؟ ــ دەپ سوراشتى. ◘ 17:19 مار. 9‏:28.

20ئۇ ئۇلارغا: ــ ئىشەنچىڭلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك زەررىچە ئىشەنچ بولسىلا، سىلەر ئاۋۇ تاغقا: «بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كۆچ» دېسەڭلار، كۆچىدۇ؛ شۇنداقلا سىلەرگە مۇمكىن بولمايدىغان ھېچ ئىش بولمايدۇ. ◘ 17:20 مات. 21‏:21؛ لۇقا 17‏:6.

21بىراق، بۇنداق جىنلارنى دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش بىلەن بولمىسا ھەيدىگىلى بولمايدۇ ــ دېدى. ◼ 17:21 \+bd «بىراق، بۇنداق جىنلارنى دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش بىلەن بولمىسا ھەيدىگىلى بولمايدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەت بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ. ئەيسانىڭ يەنە ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشى توغرۇلۇق ئېيتىشى مار. 9‏:30-32؛ لۇقا 9‏:43-45

22ئۇلار گالىلىيە ئۆلكىسىدە ئايلىنىپ يۈرگىنىدە، ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئىنسانئوغلى ساتقۇنلۇقتىن ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ؛ ◘ 17:22 مات. 16‏:21؛ 20‏:18؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 9‏:22،44؛ 18‏:31.

23ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى كۈنى ئۇ تىرىلىدۇ، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ مۇخلىسلار ئېغىر غەم-قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى. ئىبادەتخانا بېجى تاپشۇرۇش مەسىلىسى

24ئاندىن ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلگىنىدە، ئىبادەتخانا «ئىككى دراقما» بېجىنى يىغقۇچىلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ ئۇستازىڭلار «ئىككى دراقما»نى تۆلەمدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ◼ 17:24 \+bd «... ئىبادەتخانا «ئىككى دراقما» بېجىنى يىغقۇچىلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ...»\+bd* ــ «ئىبادەتخانا بېجى» مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا «دىدراقما» (ئىككى «دراقما» پۇل) دېيىلىدۇ. «دىدراقما» ئەسلى بىرخىل تەڭگە بولۇپ، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ئىسرائىلدىكى ھەر ئەر كىشى ھەر يىلدا ئىبادەتخانىنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن «يېرىم شەكەل» (بىر دىدراقما) تاپشۇرۇش كېرەك ئىدى. «مىس.» 13:30-16نى كۆرۈڭ.

25تۆلەيدۇ، ــ دېدى پېترۇس. لېكىن ئۇ ئۆيگە كىرگىشىگىلا، تېخى بىر نېمە دېمەستىلا ئەيسا ئۇنىڭدىن: ــ سىمون، سېنىڭچە بۇ دۇنيادىكى پادىشاھلار كىملەردىن باج ئالىدۇ؟ ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ، ياكى ياتلاردىنمۇ، ــ دەپ سورىدى. ◘ 17:25 مات. 22‏:21؛ رىم. 13‏:7.

26پېترۇس ئۇنىڭغا: ياتلاردىن، ــ دېۋىدى، ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا، پەرزەنتلەر باجدىن خالىي بولىدۇ.

27بىراق باج يىغقۇچىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىمىز ئۈچۈن، دېڭىزغا بېرىپ قارماقنى تاشلا. تۇتقان بىرىنچى بېلىقنى ئېلىپ، ئاغزىنى ئاچساڭ، تۆت دراقمىلىق بىر تەڭگە پۇل چىقىدۇ. ئۇنى ئېلىپ مەن ۋە سەن ئىككىمىزنىڭ بېجى ئۈچۈن ئۇلارغا بەر، ــ دېدى. ◼ 17:27 \+bd «بىراق باج يىغقۇچىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىمىز ئۈچۈن...»\+bd* ــ ئەيسا ۋە پېترۇس ئىككىسى «پادىشاھنىڭ پەرزەنتى» بولۇپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا باج تۆلەشتىن خالىي ئىدى. لېكىن باج يىغقۇچىلار بۇنى چۈشەنمىگەچكە، ئۇلار تۆلىمىسە، بەلكىم «بۇ ئەيسا تەقۋادار ئەمەس ئىكەن، مەسىھ بولالمايدۇ» دەپ قېلىشى، شۇنداقلا ئۇلار ئەيساغا ئېتىقاد باغلاپ، نىجاتقا ئېرىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇشى مۇمكىن. \+bd «تۆت دراقمىلىق بىر تەڭگە پۇل چىقىدۇ»\+bd* ــ «تۆت دراقما تەڭگە» (گرېك تىلىدا «ستاتېر») ــ 24-ئايەتتىكى ئىزاھات ئوقۇرمەنلەرنىڭ يادىدا بولسا كۆرەلەيدۇكى، بۇ پۇل ئەيسا ۋە پېترۇسنىڭ باجنى تۆلىشى ئۈچۈن دەل كېرەكلىك پۇل ئىدى.

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>