1بۇ چاغدا، مۇخلىسلار ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ:
2ئەيسا يېنىغا كىچىك بىر بالىنى چاقىرىپ، ئۇنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزۇپ، مۇنداق دېدى:
3ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۆز يولۇڭلاردىن يېنىپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي بولمىساڭلار، ئەرش پادىشاھلىقىغا ھەرگىز كىرەلمەيسىلەر. ◘ 18:3 مات. 19:14؛ 1كور. 14:20؛ 1پېت. 2:2. *
4ئەمدى كىم ئۆزىنى بۇ كىچىك بالىدەك كىچىك پېئىل تۇتسا، ئۇ ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ. ◼ 18:4 +bd «ئەمدى كىم ئۆزىنى بۇ كىچىك بالىدەك كىچىك پېئىل تۇتسا، ئۇ ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ»+bd* ــ «كىچىك بالىلار» ئادەتتە چوڭچىلىق قىلمايدۇ ۋە ئۆزىنى بىلەرمەن قىلىپ كۆرسەتمەيدۇ ۋە بەلكىم ھەممىدىن مۇھىم ئاتىسىنىڭ سۆزىگە شەرتسىز ئىشىنىدۇ.* ◘ 18:4 1پېت. 5:6. *
5بۇنداق كىچىك بىر بالىنى مېنىڭ نامىمدا قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. ◘ 18:5 مار. 9:37؛ لۇقا 9:48؛ يـۇھ. 13:20. *
6لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى گۇناھقا* پۇتلاشتۇرغان ھەرقانداق ئادەمنى، ئۇ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزنىڭ تېگىگە چۆكتۈرۈۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى. ◘ 18:6 مار. 9:42؛ لۇقا 17:2. *
7ئىنساننى گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرغۇچى ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! ◼ 18:7 +bd «ئىنساننى گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرغۇچى ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي!»+bd* ــ بۇ مۇھىم ئايەت ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.* ◘ 18:7 مات. 26:24؛ روس. 2:23؛ 4:27،28؛ 1كور. 11:19. *
8ئەگەر ئەمدى قولۇڭ ياكى پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ ياكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، چولاق ياكى توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. ◘ 18:8 قان. 13:7؛ مات. 5:29،30؛ مار. 9:43. *
9ئەگەر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ ئۆزۈڭدىن نېرى تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، بىرلا كۆزۈڭ بىلەن بولسىمۇ ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر.
10ــ بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھېچبىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتامنىڭ جامالىنى ھەردائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ. ◘ 18:10 زەب. 34:7؛ لۇقا 15:3-7 *
11چۈنكى ئىنسانئوغلى ھالاكەتكە ئازغانلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدى. ◼ 18:11 +bd «چۈنكى ئىنسانئوغلى ھالاكەتكە ئازغانلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدى»+bd* ــ بۇ ئايەت بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ.* ◘ 18:11 لۇقا 19:10. *
12قانداق قارايسىلەر؟ بىراۋنىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرى ئېزىپ توپتىن چۈشۈپ قالسا، ئۇ توقسان توققۇز قوينى تاغلارغا قويۇپ قويۇپ، ھېلىقى ئازغان قويىنى ئىزدەيدىغۇ؟ ◘ 18:12 لۇقا 15:3. *
13ۋە ئەگەر ئۇنى تېپىۋالسا، مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇ قوي ئۈچۈن بولغان خۇشاللىقى ئازمىغان توقسان توققۇزىنىڭكىدىن زور بولىدۇ.
14شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ ھالاكەتكە ئېزىپ قېلىشى ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىرادىسى ئەمەستۇر.
15ــ ئەمدى ئەگەر قېرىندىشىڭ ساڭا زىيان سېلىپ گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىككىڭلار خالىي چاغدا سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ قوي. قېرىندىشىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىسا، ئۇنى ئېزىشتىن* قايتۇرۇۋالغان بولىسەن. ◘ 18:15 لاۋ. 19:17؛ پەند. 17:10؛ لۇقا 17:3؛ ياق. 5:19. *
16لېكىن ئاڭلىمىسا، يەنە بىر-ئىككى گۇۋاھچىنى* ئېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بارغىن. شۇنداق قىلىپ، ھەممە ئىش ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن قىلىنسۇن. ◼ 18:16 +bd «ھەممە ئىش ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن قىلىنسۇن»+bd* ــ بۇ سۆز «قان.» 15:19دىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن.* ◘ 18:16 چۆل. 35:30؛ قان. 17:6؛ 19:15؛ يـۇھ. 8:17؛ 2كور. 13:1؛ ئىبر. 10:28. *
17لېكىن ئەگەر قېرىندىشىڭ* ئۇلارنىڭ سۆزىگىمۇ قۇلاق سالمىسا، ئەھۋالنى جامائەتكە يەتكۈزۈپ ئېيتقىن. ئەگەر ئۇ جامائەتتىكىلەرگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنى يات ئەللىك ياكى باجگىر قاتارىدا كۆرۈڭلار. ◼ 18:17 +bd «ئەگەر ئۇ جامائەتتىكىلەرگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنى يات ئەللىك ياكى باجگىر قاتارىدا كۆرۈڭلار»+bd* ــ شۇ چاغدا «يات ئەللىك»لەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇتپەرەس ئىدى. «باجگىر»لار (رىم ئىمپېرىيەسى ئۈچۈن خەلقتىن باج ئالىدىغان يەھۇدىيلار) بولسا «رىم ئىمپېرىيەگە سېتىلىپ كەتكەن خائىنلار» دەپ «ئىپلاس ئادەملەر»نىڭ قاتارىدا قارىلاتتى.* ◘ 18:17 1كور. 5:9؛ 2تېـس. 3:14. *
18مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭلار، ئەرشتىمۇ شۇ باغلانغان بولىدۇ ۋە سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى قويۇپ بەرسەڭلار، ئەرشتىمۇ قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ. ◼ 18:18 +bd «سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭلار، ئەرشتىمۇ شۇ باغلانغان بولىدۇ ۋە سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى قويۇپ بەرسەڭلار، ئەرشتىمۇ قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ»+bd* ــ بۇ سۆز 19:16-ئايەتتىكىگە ئوخشاش، بىراق ئاشۇ يەردە يالغۇز پېترۇسقا ئېيتىلغان. بىز ئەيسانىڭ مۇشۇ سۆزلىرىدە ئېيتىلغان ھوقۇق پەقەت روسۇللارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جامائەتكە تەۋەدۇر. ئەيسا تاپشۇرغان بۇ ھوقۇق: (1) جامائەتتىكى دۇئالاردا ئالاھىدە تىلەش ھوقۇقىنى؛ (2) جامائەت تەرتىپى بويىچە، گۇناھ سادىر قىلىپ، ئەمما توۋا قىلمىغان ئەزالارنى چەكلەش، جامائەتتىن چىقىرىش ياكى ئۇلارغا تەربىيە بېرىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز (17-ئايەت ۋە -20-19ئايەتنى، «1كور.» 1:5-5، «2كور.» 5:2-11نى كۆرۈڭ).* ◘ 18:18 مات. 16:19؛ يـۇھ. 20:23. *
19مەن يەنە شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، يەر يۈزىدە ئاراڭلاردىن ئىككىسى ئۆزلىرى تىلىگەن بىر ئىش توغرۇلۇق قەلبى بىر بولۇپ ھەرقانداق نەرسىنى تىلەپ دۇئا قىلسا، ئەرشتىكى ئاتام ئۇلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ.
20چۈنكى ئىككى ياكى ئۈچەيلەن مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە يىغىلغان بولسا، مەن شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن. ◼ 18:20 +bd «ئىككى ياكى ئۈچ ئادەم مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە يىغىلغان بولسا...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئىككى ياكى ئۈچەيلەن مېنىڭ نامىمغا قەيەردە يىغىلغان بولسا...».* ◘ 18:20 لۇقا 24:15،36. *
21ئاندىن پېترۇس ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
22ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
23ئەرش پادىشاھلىقى چاكارلىرى بىلەن ھېساب-كىتاب قىلماقچى بولغان بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ.
24ھېساب-كىتابنى باشلىغىنىدا، ئۇنىڭغا ئون مىڭ تالانت پۇل قەرزدار بولغان بىر چاكار كەلتۈرۈلۈپتۇ. ◼ 18:24 +bd «ون مىڭ تالانت پۇل»+bd* ــ بىر «تالانت» ئالتۇن ياكى كۆمۈش تەڭگە ئاز دېگەندە بىر ئىشچىنىڭ يىللىق ھەققىنىڭ 17 ھەسسىسى بولۇپ، 10000 تالانت ھازىر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەلكىم ئىككى مىليارد (مىڭ مىليون) دوللارچە بولىدۇ.*
25چاكارنىڭ تۆلىگۈدەك ھېچنەرسىسى بولمىغاچقا، خوجىسى چاكارنىڭ ئۆزىنى، خوتۇن بالا-چاقىسى ۋە بار-يوقىنى سېتىپ، قەرزىنى تۆلەشىنى بۇيرۇپتۇ. ◘ 18:25 مات. 5:25. *
26شۇڭا چاكار ئۇنىڭ ئالدىدا يەرگە يىقىلىپ باش ئۇرۇپ: «خوجام، ماڭا كەڭچىلىك قىلغايلا، مەن پۈتۈن قەرزىمنى چوقۇم تۆلەيمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ.
27چاكارنىڭ خوجىسى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنى قويۇپ بېرىپ، قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىپتۇ.
28لېكىن چاكار ئۇ يەردىن چىقىپ، ئۆزىگە يۈز دىنار قەرزدار بولغان يەنە بىر چاكار بۇرادىرىنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، بوينىنى بوغۇپ تۇرۇپ: «قەرزنى تۆلە!» دەپتۇ. ◼ 18:28 +bd «يۈز دىنار قەرزدار»+bd* ــ شۇ ۋاقىتلاردا «بىر دىنار» بىر ئىشچىنىڭ بىر كۈنلۈك ھەققى بولۇپ، يۈز تەڭگە بەلكىم ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1300 دوللارچە بولاتتى.*
29بۇنىڭ بىلەن بۇ چاكار بۇرادىرى يەرگە يىقىلىپ ئۇنىڭدىن: «ماڭا كەڭچىلىك قىل، قەرزنى چوقۇم قايتۇرىمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ.
30لېكىن ئۇ ئۇنىماپتۇ ۋە: «پۈتۈن قەرزنى تۆلىمىگۈچە زىنداندا ياتىسەن» دەپ ئۇنى زىندانغا تاشلىتىپتۇ.
31بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرگەن باشقا چاكارلار ئىنتايىن ئازابلىنىپ خوجىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەھۋالنى باشتىن-ئاخىر سۆزلەپ بېرىپتۇ.
32بۇنىڭ بىلەن خوجىسى ھېلىقى چاكارنى چاقىرتىپ: «ئەي رەزىل چاكار! ماڭا يېلىنغانلىقىڭ ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قەرزىڭنىڭ ھەممىسىنى كەچۈردۈم.
33مەن ساڭا ئىچ ئاغرىتقىنىمدەك، سەنمۇ چاكار بۇرادىرىڭگە ئىچ ئاغرىتىشىڭغا توغرا كەلمەمدۇ؟!» دەپتۇ.
34بۇنىڭ بىلەن خوجىسى غەزەپلىنىپ ئۇنى پۈتۈن قەرزىنى تۆلەپ بولغۇچە ئادەم قىينىغۇچى گۇندىپايلارنىڭ قولىدا تۇرۇشقا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. ◼ 18:34 +bd «ئادەم قىينىغۇچى گۇندىپايلار»+bd* ــ مۇشۇ گۇندىپايلارنىڭ ئادەتتىكى ۋەزىپىسى جىنايەتچىنىڭ جىنايىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن مەھبۇسلارنى قىيناش ئىدى.*