ماتتا 2:1-23 UIGB2010 - Bible AI

1ئەيسا ھېرود پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن كۈنلەردە يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيت-لەھەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، مانا بەزى دانىشمەنلەر مەشرىقتىن يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ، پۇقرالاردىن: ◼ 2:1 \+bd «ھېرود پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن كۈنلەردە»\+bd* ــ «ھېرود پادىشاھ» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز» ۋە «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. \+bd «مانا بەزى دانىشمەنلەر مەشرىقتىن يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ...»\+bd* ــ «دانىشمەنلەر» ــ گرېك تىلىدا «ماگوي» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەسلىدە بۇ سۆز مۇنەججىملەرنى ياكى پىر-ئۇستازلارنى كۆرسىتەتتى؛ دانىيال پەيغەمبەر بابىلدا مۇنداق كىشىلەرگە «پىرلارنىڭ پىرى» بولۇپ يول كۆرسەتكەندىن كېيىن (تەۋرات، «دانىيال» دېگەن قىسىمنى كۆرۈڭ) «ماگوي»لارنىڭ كۆزقاراشلىرى ۋە ھېسابلىرى ئاساسەن خۇراپات بويىچە ئەمەس، بەلكى تەۋراتتىكى بېشارەتلەر بويىچە بولغان بولۇشى مۇمكىن. \+bd «مەشرىقتىن يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ...»\+bd* ــ يېرۇسالېم قەدىمكى ئىسرائىلنىڭ پايتەختى ئىدى. ◘ 2:1 لۇقا 2‏:4.

2يەھۇدىيلارنىڭ يېڭىدىن تۇغۇلغان پادىشاھى قەيەردە؟ چۈنكى بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. شۇڭا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى كەلدۇق، ــ دېيىشتى. ◼ 2:2 \+bd «چۈنكى بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق»\+bd* ــ «ئۇنىڭ يۇلتۇزى» ــ دېمەك، «ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغان يۇلتۇزى». \+bd «بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق»\+bd* ــ ياكى «بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزىنى شەرقتە كۆردۇق».

3بۇنى ئاڭلىغان ھېرود پادىشاھ، شۇنىڭدەك پۈتكۈل يېرۇسالېم خەلقىمۇ ئالاقزادىلىككە چۈشتى.

4ئۇ پۈتكۈل باش كاھىنلار ۋە خەلقنىڭ تەۋرات ئۇستازلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن «مەسىھ قەيەردە تۇغۇلۇشى كېرەك؟» ــ دەپ سورىدى. ◼ 2:4 \+bd «مەسىھ قەيەردە تۇغۇلۇشى كېرەك؟»\+bd* ــ «مەسىھ» ــ پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان، خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان، ھامان بىر كۈنى كېلىپ ھەم نىجات كەلتۈرىدىغان ھەم كېيىن مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان قۇتقۇزغۇچى-پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.

5ئۇلار: «يەھۇدىيەدىكى بەيت-لەھەم يېزىسىدا بولۇشى كېرەك، ــ چۈنكى پەيغەمبەر ئارقىلىق شۇنداق پۈتۈلگەن: ــ ◼ 2:5 \+bd «پەيغەمبەر ئارقىلىق شۇنداق پۈتۈلگەن...»\+bd* ــ «پەيغەمبەر» مۇشۇ يەردە تەۋراتتىكى مىكاھ پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ («مىك.» 2:5).

6«ئى يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بەيت-لەھەم، خەلقىڭ يەھۇدىيە يېتەكچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەڭ كىچىكى بولمايدۇ؛ چۈنكى سەندىن بىر يېتەكچى چىقىدۇ، ئۇ خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ باققۇچىسى بولىدۇ» ــ دېيىشتى. ◘ 2:6 مىك. 5‏:1، 2؛ 1سام. 16‏:1؛ يـۇھ. 7‏:42.

7بۇنىڭ بىلەن، ھېرود دانىشمەلەرنى مەخپىي چاقىرتىپ، يۇلتۇزنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلىۋالدى.

8ئاندىن: «بېرىپ بالىنى سۈرۈشتە قىلىپ تېپىڭلار. تاپقان ھامان قايتىپ ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، مەنمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سەجدە قىلىپ كېلەي» ــ دەپ، ئۇلارنى بەيت-لەھەمگە يولغا سالدى.

9دانىشمەنلەر پادىشاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ يولغا چىقتى؛ ۋە مانا، ئۇلار شەرقتە كۆرگەن ھېلىقى يۇلتۇز ئۇلارنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى ۋە بالا تۇرغان يەرگە كېلىپ توختىدى. ◼ 2:9 \+bd «ئۇلار شەرقتە كۆرگەن ھېلىقى يۇلتۇز»\+bd* ــ ياكى «ئۇلار ئۇ كۆتۈرلگەندە كۆرگەن ھېلىقى يۇلتۇز».

10ئۇلار ھېلىقى يۇلتۇزنى كۆرگىنىدىن ئىنتايىن قاتتىق شادلىنىشتى

11ھەم ئۆيگە كىرىپ، بالىنى ئانىسى مەريەم بىلەن كۆرۈپ، يەرگە يىقىلىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى. ئاندىن، خەزىنىلىرىنى ئېچىپ، ئالتۇن، مەستىكى، مۇرمەككى قاتارلىق سوۋغاتلارنى سۇنۇشتى.

12ئۇلارغا چۈشىدە ھېرودنىڭ يېنىغا بارماسلىق توغرىسىدىكى ۋەھىي كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار باشقا يول بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىشتى. مىسىرغا قېچىش

13ئۇلار يولغا كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسى ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاچ. مەن ساڭا ئۇقتۇرغۇچە ئۇ يەردە تۇرغىن. چۈنكى ھېرود بالىنى يوقىتىشقا ئىزدەپ كېلىدۇ ــ دېدى.

14شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، شۇ كېچىلا بالا ۋە ئانىسى ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى.

15ئۇ ھېرود ئۆلگۈچە شۇ يەردە تۇردى. شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان: «ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ◼ 2:15 \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان: «ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى»\+bd* ــ تەۋرات، «ھوش.» 1:11. ◘ 2:15 ھوش. 11‏:1. ھېرودنىڭ ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈشى

16ھېرود بولسا دانىشمەنلەردىن ئالدانغانلىقىنى بىلىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ دانىشمەنلەردىن ئېنىقلىغان ۋاقىتقا ئاساسەن، ئادەملەرنى ئەۋەتىپ بەيت-لەھەم يېزىسى ۋە ئەتراپىدىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۇزدى. ◼ 2:16 \+bd «ھېرود... ئەتراپىدىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۇزدى»\+bd* ــ دېمەك، ئۇ تۇغۇلغان بالا كۆپ دېگەندە ئىككى ياشقا كىرگەن، دەپ ھېسابلىغانىدى.

17شۇ چاغدا يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇنۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ

18«راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنار، بۇ راھىلەنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئاھ-زارلىرى؛ بالىلىرىنىڭ يوق قىلىۋېتىلگىنى تۈپەيلىدىن، تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ». ◼ 2:18 \+bd «راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنار»\+bd* ــ «راماھ يۇرتى» ياكى «راماھ شەھىرى» بەيت-لەھەمدىن يىراق ئەمەس. \+bd «راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنار، ... بالىلىرىنىڭ يوق قىلىۋېتىلگىنى تۈپەيلىدىن، تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ»\+bd* ــ پۈتكۈل بېشارەت «يەر.» 15:31دە تېپىلىدۇ. ◘ 2:18 يەر. 31‏:15 مىسىردىن قايتىپ كېلىش

19ئەمدى ھېرود ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى مىسىردا تۇرغان يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ

20ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىل زېمىنىغا قايت! چۈنكى بالىنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولغانلار ئۆلدى، ــ دېدى.

21بۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىل زېمىنىغا قايتتى.

22ئۇ ئارخېلائۇسنىڭ ئاتىسى ھېرود پادىشاھنىڭ ئورنىغا تەختكە ئولتۇرۇپ يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقىنىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ يەرگە قايتىشتىن قورقتى؛ ۋە چۈشىدە ئۇنىڭغا بىر ۋەھىي كېلىپ، گالىلىيە زېمىنىغا بېرىپ،

23ناسارەت دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېزىدا ئولتۇراقلاشتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق: «ئۇ ناسارەتلىك دەپ ئاتىلىدۇ» دېيىلگىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ◼ 2:23 \+bd «ئۇ ناسارەتلىك دەپ ئاتىلىدۇ»\+bd* ــ بۇ مۇھىم بېشارەتلىك سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. ◘ 2:23 يەش. 11‏:1؛ 60‏:21؛ زەك. 6‏:12.

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
v>