ماتتا 20:1-33 UIGB2010 - Bible AI

1ــ چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى بىر يەر ئىگىسىگە ئوخشايدۇ. ئىگىسى ئۈزۈمزارلىقىدا ئىشلەشكە ئادەملەرنى ياللاش ئۈچۈن تاڭ سەھەردە سىرتقا چىقىپتۇ.

2ئۇ ئىشلەمچىلەر بىلەن كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر كۈمۈش دىناردىن بېرىشكە كېلىشىپ، ئۇلارنى ئۈزۈمزارلىقىغا ئەۋەتىپتۇ. ◼ 20:2 +bd «ئۇ ئىشلەمچىلەر بىلەن كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر كۈمۈش دىناردىن بېرىشكە كېلىشىپ...»+bd* ــ «بىر كۈمۈش دىنار» گرېك تىلىدا «بىر دىنارىئۇس».*

3سائەت توققۇزلاردا ئۇ يەنە سىرتقا چىقىپ، بازاردا بىكار تۇرغان باشقا كىشىلەرنى كۆرۈپتۇ. ◼ 20:3 +bd «سائەت توققۇزلاردا»+bd* ــ گرېكچە «كۈننىڭ ئۈچىنچى سائىتى» ــ يەنى سائەت توققۇزنى كۆرسىتىدۇ. يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈن «تولۇق كۈن» (24 سائەت) كەچ سائەت ئالتىدا باشلىنىدۇ؛ كەچتە «جېسەك» ئىشلىتىلىدۇ؛ ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن كەچ سائەت ئالتىگىچە «كۈندۈز» دېيىلىدۇ، كۈندۈز ئون ئىككى سائەتكە بۆلۈنىدۇ (مىسالنى تەۋرات، «يار.» 5:1تىن كۆرگىلى بولىدۇ).*

4ئۇلارغا: «سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىڭلار، ھەققىڭلارغا تېگىشلىكىنى بېرىمەن» ــ دەپتۇ.

5ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپتۇ. چۈشتە ۋە سائەت ئۈچتىمۇ ئۇ يەنە چىقىپ يەنە شۇنداق قىلىپتۇ. ◼ 20:5 +bd «چۈشتە ۋە سائەت ئۈچتىمۇ ئۇ يەنە چىقىپ يەنە شۇنداق قىلىپتۇ»+bd* ــ «چۈشتە» ــ ئەينى سۆز بويىچە كۈننىڭ «ئالتىنچى سائىتىدە» ۋە «سائەت ئۈچتە» كۈننىڭ «توققۇزىنچى سائىتىدە» (چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە) دېيىلىدۇ.*

6لېكىن كەچقۇرۇن* سائەت بەشلەردە چىققاندا ئۇ يەردە تۇرغان يەنە باشقىلارنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن: «نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە كۈن بويى بىكار تۇرىسىلەر؟» دەپ سوراپتۇ. ◼ 20:6 +bd «كەچقۇرۇن سائەت بەشلەردە»+bd* ــ گرېكچە «كۈننىڭ ئون بىرىنچى سائىتى ئەتراپىدا»، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە.*

7ئۇلار: «بىزنى ھېچكىم ياللىمىدى» دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. ئۇ ئۇلارغا: «ئۇنداقتا، سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار» ــ دەپتۇ.

8كەچ بولغاندا، ئۈزۈمزارلىق ئىگىسى غوجىدارىغا: «ئىشلەمچىلەرنى چاقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەنلەردىن باشلاپ ئەڭ ئاۋۋال كەلگەنلەرگىچە ھەممىسىنىڭ ئىش ھەققىنى بەر» دەپتۇ.

9ئاۋۋال كەچقۇرۇن سائەت بەشتە ئىشقا كەلگەنلەر كېلىپ، ھەربىرى بىر كۈمۈش دىناردىن ئېلىپتۇ.

10ئەڭ ئاۋۋال ياللاپ كېلىنگەنلەرنىڭ نۆۋىتى كەلگەندە، ئۇلار: تېخىمۇ كۆپ ئىش ھەققى ئالىمىزغۇ، دەپ ئويلىشىپتۇ؛ بىراق ئۇلارمۇ بىر كۈمۈش دىناردىن ئېلىپتۇ.

11ئۇلار ئىش ھەققىنى ئالغىنى بىلەن يەر ئىگىسىدىن ئاغرىنىپ:

12«بۇ ئاخىردا كەلگەنلەر پەقەت بىر سائەتلا ئىشلىدى، بىراق سىز ئۇلارنى كۈن بويى جاپالىق ۋە قاتتىق ئىسسىقنى چەككەن بىزلەر بىلەن باراۋەر ھېسابلىدىڭىزغۇ، دەپ غۇدۇرىشىپتۇ.

13لېكىن يەر ئىگىسى* ئۇلارنىڭ بىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: «بۇرادەر، ساڭا ناھەقلىق قىلغىنىم يوق! سەن بىلەن بىر كۈمۈش دىنارغا كېلىشمىگەنمىدۇق؟

14ھەققىڭنى ئېلىپ قايتىپ كەتكىن. بۇ ئاخىردا كەلگەنگىمۇ ساڭا ئوخشاش بەرگۈم بار.

15ئۆزۈمنىڭكىنى ئۆزۈم بىلگەنچە ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ سېخىي بولغانلىقىمغا كۆزۈڭ قىزىرىۋاتامدۇ؟

16شۇنداق قىلىپ «ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ»؛ چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، ئەمما تاللانغانلار ئاز بولىدۇ. ◼ 20:16 +bd «چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، تاللانغانلار ئاز بولىدۇ»+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ.* ◘ 20:16 مات. 19‏:30؛ 22‏:14؛ مار. 10‏:31؛ لۇقا 13‏:30. *

17ئەيسا يېرۇسالېمغا چىقىۋېتىپ، يولدا ئون ئىككى مۇخلىسىنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ◼ 20:17 +bd «يېرۇسالېمغا چىقىۋېتىپ...»+bd* ــ «يېرۇسالېمغا بېرىش» ھەردائىم «يېرۇسالېم چىقىش» دەپ ئىپادىىنىدۇ.* ◘ 20:17 مار. 10‏:32؛ لۇقا 18‏:31؛ 24‏:7. *

18ــ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ

19ئاندىن ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ ۋە كرېستلەشكە يات ئەللىكلەرگە تاپشۇرىدۇ. لېكىن ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ. ◘ 20:19 مات. 27‏:2؛ لۇقا 23‏:1؛ يـۇھ. 18‏:28،31؛ روس. 3‏:23. *

20شۇ چاغدا، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسى ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلماقچى بولۇپ سەجدە قىلدى. ◼ 20:20 +bd «زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى»+bd* ــ ئەيسا چاقىرغان ئون ئىككى روسۇلدىن ئىككىسى، يەنى يۇھاننا ۋە ياخۇپ. 21:4 ۋە 2:10نى كۆرۈڭ. +bd «بىر ئىشنى تەلەپ قىلماقچى بولۇپ سەجدە قىلدى»+bd* ــ ياكى «بىر ئىشنى تەلەپ قىلماقچى بولۇپ تىزلىنىپ باش ئۇردى».* ◘ 20:20 مار. 10‏:35. *

21نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ.

22ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەر نېمە تەلەپ قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر. مەن ئىچىشكە تەمشەلگەن قەدەھنى ئىچەلەمسىلەر؟ ــ دېدى.

23ئۇ ئۇلارغا:

24قالغان* ئون مۇخلىس بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندا، ئىككى قېرىندىشىدىن خاپا بولدى.

25لېكىن ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى:

26بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا شۇنداق بولمىسۇن؛ بەلكى سىلەردىن كىم ئۈستۈن بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛ ◘ 20:26 1پېت. 5‏:3. *

27ۋە كىم ئاراڭلاردىكىلەرنىڭ ئالدىنقىسى بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ قۇلۇڭلار بولسۇن. ◘ 20:27 مات. 23‏:11؛ مار. 9‏:35؛ 10‏:43. *

28ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي دەپ كەلدى. ◼ 20:28 +bd «... جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي»+bd* ــ نېمىدىن «ھۆرلۈك»كە ئېرىشىدۇ؟ ــ گۇناھتىن بولغان ھۆرلۈك.* ◘ 20:28 لۇقا 22‏:27؛ يـۇھ. 13‏:14؛ ئ‍ەف. 1‏:7؛ فىل. 2‏:7؛ 1تىم. 2‏:6؛ 1پېت. 1‏:19*

29ئۇلار يېرىخو شەھىرىدىن چىققاندا، زور بىر توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ◘ 20:29 مار. 10‏:46؛ لۇقا 18‏:35. *

30ۋە مانا، يول بويىدا ئولتۇرغان ئىككى ئەما ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ:

31كۆپچىلىك ئۇلارنى «ئۈن چىقارماڭلار!» دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن، ئۇلار: ــ يا رەب، ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ تېخىمۇ قاتتىق توۋلىدى.

32ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇلارنى چاقىرىپ:

33يا رەب، كۆزلىرىمىز ئېچىلسۇن! ــ دېيىشتى ئۇلار.

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>