ماتتا 22:1-45 UIGB2010 - Bible AI

1ئەيسا ئۇلارغا يەنە تەمسىللەر بىلەن مۇنداق دېدى:

2ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئۆز ئوغلى ئۈچۈن توي زىياپىتىنى تەييارلىغان بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ. ◘ 22:2 لۇقا 14‏:6؛ ۋەھ. 19‏:7. *

3ئۇ چاكارلىرىنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنغانلارنى چاقىرىشقا ئەۋەتىپتۇ، لېكىن ئۇلار كېلىشكە ئۇنىماپتۇ.

4ئۇ يەنە باشقا چاكارلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تاپىلاپ: «چاقىرىلغانلارغا: ــ مانا، مەن زىياپىتىمنى تەييار قىلدىم؛ مېنىڭ تورپاقلىرىم، بورداق ماللىرىم سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار. زىياپەتكە مەرھەمەت قىلغاي، دەيدۇ، دەپ ئېيتىڭلار، ــ دەپتۇ.

5بىراق ئۇلار تەكلىپىنى ئېتىبارغا ئالماي، بىرسى ئېتىزلىقىغا كەتسە، يەنە بىرى سودىسىغا كېتىپتۇ.

6قالغانلىرى بولسا پادىشاھنىڭ* چاكارلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، خورلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.

7پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئەسكەرلىرىنى چىقىرىپ، ئۇ قاتىللارنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ شەھىرىگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ.

8ئاندىن ئۇ چاكارلىرىغا: «توي زىياپىتى تەييار بولدى، لېكىن چاقىرىلغانلار مېھمانلىققا* مۇناسىپ كەلمىدى.

9ئەمدى سىلەر ئاچا يوللارغا بېرىپ، ئۇدۇل كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىڭلار» دەپتۇ.

10بۇنىڭ بىلەن چاكارلار يوللارغا چىقىپ، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، ئۇدۇل كەلگەنلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئەكەپتۇ. توي سورۇنى مېھمانلار بىلەن لىق تولۇپتۇ.

11پادىشاھ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كىرگەندە، ئۇ يەردە زىياپەت كىيىمى كىيمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ. ◼ 22:11 +bd «پادىشاھ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كىرگەندە، ئۇ يەردە زىياپەت كىيىمى كىيمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ»+bd* ــ بۇ سۆزگە قارىغاندا شۇ ۋاقىتلاردا كاتتا توي زىياپەتلىرىدە ساھىبخان ئۆزى ھەربىر مېھمانغا ئالاھىدە بىر زىياپەت كىيىمى سوۋغات قىلاتتى. ئۇنداق كىيىمنى كىيىشنى رەت قىلىش ساھىبخانغا ئىنتايىن بىھۆرمەتلىك بولاتتى.*

12پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «بۇرادەر، زىياپەت كىيىمى كىيمەي، بۇ يەرگە قانداق كىردىڭ؟» دەپ سوراپتۇ، بىراق ئۇ كىشى جاۋاب بېرەلمەي قاپتۇ.

13پادىشاھ چاكارلىرىغا: «ئۇنى پۇت-قوللىرىدىن باغلاپ، تېشىدىكى قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرى غۇچۇرلايدۇ» دەپتۇ. ◘ 22:13 مات. 8‏:12؛ 13‏:42؛ 24‏:51؛ 25‏:30؛ لۇقا 13‏:28. *

14چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، لېكىن تاللانغانلار ئازدۇر. ◘ 22:14 مات. 20‏:16. *

15بۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر ئۇ يەردىن چىقىپ، قانداق قىلىپ ئۇنى ئۆز سۆزى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى. ◘ 22:15 مار. 12‏:13؛ لۇقا 20‏:20. *

16ئۇلار مۇخلىسلىرىنى ھېرودنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ:

17قېنى، قانداق ئويلايلا؟ رىم ئىمپېراتورى* قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ ــ دېيىشتى. ◼ 22:17 +bd «رىم ئىمپېراتورى قەيسەر...»+bd* ــ رىمنىڭ ھەربىر ئىمپېراتورىغا «قەيسەر» دېگەن نام-ئۇنۋان بېرەلەتتى؛ مەسىلەن، قەيسەر ئاۋغۇستۇس، قەيسەر يۇلىئۇس، قەيسەر تىبېرىئۇس قاتارلىقلار. +bd «رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟»+bd* ــ ئەينى ۋاقىتتا، يەھۇدىيلار رىملىقلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشاۋاتقانىدى، ئەگەر ئەيسا: «رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرۇش توغرا» دېسە، بۇ گەپتىن ئازادلىقنى ئىستىگەن يەھۇدىيلار ئۇنى «مانا تازا بىر يالاقچى، خائىن ئىكەن» دەپ تىللىشاتتى. «باج تاپشۇرماسلىق كېرەك» دېگەن بولسا، ئۇ رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى چىققان بولاتتى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى رىم ۋالىيىسىغا ئەرز قىلغان بولاتتى. ئۇلار مۇشۇنداق سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئەيسانى گېپىدىن تۇتۇۋېلىپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇشقان.*

18لېكىن ئەيسا ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتىنى بىلىپ:

19قېنى، باجغا تاپشۇرۇلىدىغان بىر تەڭگە ماڭا كۆرسىتىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار بىر دىنار پۇلىنى ئەكەلدى.

20ئۇ ئۇلاردىن:

21قەيسەرنىڭ، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

22ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ھەيران بولۇپ قېلىشتى-دە، ئۇنىڭ يېنىدىن كېتىپ قالدى.

23شۇ كۈنى، «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەيدىغان سادۇقىيلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىستاپ سوئال قويدى: ◼ 22:23 +bd ««ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەيدىغان سادۇقىيلار»+bd* ــ «سادۇقىيلار» توغرۇلۇق 1:16دىكى ئىزاھاتنى ۋە شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 22:23 مار. 12‏:18؛ لۇقا 20‏:27؛ روس. 23‏:8. *

24ــ ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا*: «بىر كىشى پەرزەنتسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ تاپىلىغان. ◼ 22:24 +bd «بىر كىشى پەرزەنتسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم»+bd* ــ «قان.» 5:25.* ◘ 22:24 قان. 25‏:5-6؛ يار. 38‏:8. *

25بۇرۇن ئارىمىزدا يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى. پەرزەنت كۆرمىگەنلىكتىن، ئايالىنى ئىككىنچى قېرىندىشىنىڭ ئەمرىگە قالدۇردى.

26بىراق ئىككىنچىسىدىكى ئەھۋالمۇ ئۇنىڭكىگە ئوخشاش بولدى، ئاندىن بۇ ئىش ئۈچىنچىسىدە تاكى يەتتىنچى قېرىنداشقىچە ئوخشاش داۋاملاشتى.

27ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئۆلۈپ كەتتى.

28ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە بۇ ئايال يەتتە ئاكا-ئۇكىنىڭ قايسىسىنىڭ ئايالى بولىدۇ؟ چۈنكى ئۇنى ھەممىسى ئەمرىگە ئالغان-دە!

29ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

30چۈنكى ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئىنسانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرىگە ئوخشاش بولىدۇ.

31ئەمدى ئۆلۈمدىن تىرىلىش مەسىلىسى ھەققىدە خۇدانىڭ سىلەرگە ئېيتقان:

32«مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» دېگەن شۇ سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر!». ◼ 22:32 +bd «مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن!»+bd* ــ «مىس.» 6:3.* ◘ 22:32 مىس. 3‏:6،15. *

33بۇ سۆزنى ئاڭلىغان خەلق ئۇنىڭ تەلىمىدىن ھەيرانۇھەس قېلىشتى. ◘ 22:33 مات. 7‏:28. *

34پەرىسىيلەر ئۇنىڭ سادۇقىيلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر يەرگە جەم بولۇشتى. ◘ 22:34 مار. 12‏:28. *

35ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تەۋرات-قانۇن ئۇستازى ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: ◘ 22:35 لۇقا 10‏:25. *

36ــ ئۇستاز، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەمر قايسى؟ ــ دەپ قىستاپ سورىدى.

37ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

38ــ ئەڭ ئۇلۇغ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەمر مانا شۇ.

39ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككىنچى ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي». ◼ 22:39 +bd «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي»+bd* ــ «لاۋ.» 18:19.* ◘ 22:39 لاۋ. 19‏:18؛ مار. 12‏:31؛ رىم. 13‏:9؛ گال. 5‏:14؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ 1تېس. 4‏:9؛ ياق. 2‏:8. *

40پۈتۈن تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرى بۇ ئىككى ئەمرگە ئېسىلغان ھالدا ماڭىدۇ.

41پەرىسىيلەر جەم بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئەيسا ئۇلاردىن: ◘ 22:41 مار. 12‏:35؛ لۇقا 20‏:41. *

42ــ مەسىھ توغرىسىدا قانداق ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ كىمنىڭ ئوغلى؟ ــ دەپ سورىدى.

43ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

44«پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ

45داۋۇت مەسىھنى* شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى مەسىھ قانداقمۇ داۋۇتنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟ ◼ 22:45 +bd «داۋۇت +bdit مەسىھنى+bdit* شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى مەسىھ قانداقمۇ داۋۇتنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟»+bd* ــ دېمەك، قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «رەببىم» دېگەن يەردە مەسىھ داۋۇتتىن ئۇلۇغ بولىدۇ، ھەم تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا «رەب» سۈپىتىدە ئىدى.*

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>