ماتتا 23:1-38 UIGB2010 - Bible AI

1بۇ سۆزلەردىن كېيىن، ئەيسا توپ-توپ خالايىققا ۋە مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى:

2ــ تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش* ئورنىدا ئولتۇرغان بولىدۇ. ◼ 23:2 +bd «تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ئورنىدا ئولتۇرغان بولىدۇ»+bd* ــ گرېك تىلىدا سۆزمۇسۆز: «تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر مۇسانىڭ ئورنىغا بېسىپ ئولتۇرغان بولىدۇ». دېمەك، تەۋرات قانۇنىغا تەبىر بېرىش ۋە قانۇنىغا ئاساسەن دەۋالاردا ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى ئۇلارغا تاپشۇرۇلغان. شۇ تەرەپتە خەلق ئۇلارغا بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى.* ◘ 23:2 نەھ. 8‏:4*

3شۇڭا، ئۇلارنىڭ سىلەرگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىگە كۆڭۈل قويۇپ، دېگەنلىرىنى قىلىڭلار. لېكىن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدەك قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىگە ئۆزلىرى ئەمەل قىلمايدۇ، ◘ 23:3 قان. 17‏:19؛ مال. 2‏:6؛ رىم. 2‏:19. *

4بەلكى ئۇلار كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر يۈكلەرنى باغلاپ ئادەملەرنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويىدۇ. ئەمما ئۆزلىرى بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە بىرمۇ بارمىقىنى مىدىرلىتىشنى خۇشياقمايدۇ. ◼ 23:4 +bd «ئۇلار +bdit ، يەنى پەرىسىيلەر+bdit* كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر يۈكلەرنى باغلاپ ئادەملەرنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويىدۇ»+bd* ــ «ئېغىر يۈكلەر» ھەر تۈرلۈك قاتتىق دىنىي قائىدە-يوسۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 23:4 يەش. 10‏:1؛ لۇقا 11‏:46؛ روس. 15‏:10. *

5ئۇلار ھەممە ئەمەللىرىنى ئىنسانلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار «ئايەت قاپلىرى»نى كەڭ قىلىپ چىگىۋېلىپ، تونلىرىنىڭ چۇچىلىرىنى ئۇزۇن ساڭگىلىتىپ قويىدۇ؛ ◼ 23:5 +bd «ئۇلار «ئايەت قاپلىرى»نى كەڭ قىلىپ چىگىۋېلىپ،...»+bd* ــ «ئايەت قاپلىرى» تەقۋادارلىقنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پېشانە ياكى ئۈستى بىلىكىكە چىگىۋېلىنىدىغان، ئىچىگە تەۋراتتىن ئېلىنغان ئايەتلەر يېزىلغان پۈتۈك سېلىنغان كىچىك قاپ. ئۇلار بۇ ئىشنى «مىس.» 9:13، 16 ۋە «قان.» 8:6، 8:11گە ئاساسەن ئادەت قىلغان. +bd «ئۇلار... تونلىرىنىڭ چۇچىلىرىنى ئۇزۇن ساڭگىلىتىپ قويىدۇ»+bd* ــ تەۋرات بويىچە ئەر كىشىلەر تونلىرىغا مۇشۇنداق چۇچىلارنى بېكىتىشى كېرەك (چۇچىلار كۆك رەڭلىك بولغاچقا، خۇدانىڭ «كۆكتىن چۈشۈرۈلگەن» ئەمرلىرىگە ئەسلەتمە بولسۇن دېگەن مەقسەتتە بېكىتىلىشكە بۇيرۇلغان ــ «چۆل.» 38:15-39 ۋە «قان.» 12:22نى كۆرۈڭ). بىراق پەرىيسىيلەر پەقەت ئۆزلىرىنى تەقۋادار كۆرسىتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلاتتى.* ◘ 23:5 چۆل. 15‏:38؛ قان. 6‏:8؛ 22‏:12؛ مات. 6‏:5. *

6ئۇلار زىياپەتلەردە تۆردە، سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا ئولتۇرۇشقا، ◘ 23:6 مار. 12‏:38،39؛ لۇقا 11‏:43؛ 20‏:46. *

7بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ئۇزۇن* سالاملىرىغا ۋە ئۆزلىرىنى «ئۇستاز، ئۇستاز» دەپ ئاتاشلىرىغا ئامراق كېلىدۇ. ◼ 23:7 +bd «بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ئۇزۇن سالاملىرىغا... ئامراق كېلىدۇ»+bd* ــ «ئۇزۇن» دېگەن سۆز گرېكچە تېكىستتە يوق؛ تارىخ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسەن ئۇلارغا قىلغان «سالاملار»نى ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ دەپ بىلىمىز. +bd «ئۆزلىرىنى «ئۇستاز، ئۇستاز» دەپ ئاتاشلىرىغا ئامراق كېلىدۇ»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئۇستاز» گرېك تىلىدا (ئىبرانىي تىلىدىمۇ ئوخشاش) «راببى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 23:7 ياق. 3‏:1. *

8بىراق سىلەر بولساڭلار «ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشنى قوبۇل قىلماڭلار؛ چۈنكى سىلەرنىڭ يالغۇز بىرلا ئۇستازىڭلار بار ۋە ھەممىڭلار قېرىنداشتۇرسىلەر. ◼ 23:8 +bd «بىراق سىلەر بولساڭلار «ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشنى قوبۇل قىلماڭلار»+bd* ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.*

9يەر يۈزىدە ھېچقانداق كىشىنى «ئاتام» دېمەڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا ئاتاڭلار، يەنى ئەرشتە تۇرغۇچى باردۇر. ◼ 23:9 +bd «يەر يۈزىدە ھېچقانداق كىشىنى «ئاتام» دېمەڭلار»+bd* ــ روشەنكى، مەسىھ بۇ سۆزنى روھىي جەھەتتىن ئېيتقان؛ بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى ئادەملەرنىڭ ئۆز جىسمانىي ئاتىسىنى «ئاتا»، «دادا» دېگەنلىكى ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر ئادەمنى روھىي جەھەتتىن «ئاتام» دېيىشى كۆزدە تۇتۇلغان، ئەلۋەتتە. دېمىسەكمۇ، نۇرغۇن «خرىستىيان جامائەتلەر» (مەسىلەن، «كاتولىكلار» ۋە «پراۋۇسلاۋىيلار») ئۆز يېتەكچىلىرىنى «ئاتا» دەپ ئاتايدۇ؛ «پاپا» ۋە «پوپ» دېگەن سۆزلەر ئەسلىدە «دادا» دېگەنلىكتۇر.* ◘ 23:9 مال. 1‏:6. *

10سىلەر «مۇئەللىم» دەپ ئاتىلىشنىمۇ قوبۇل قىلماڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا مۇئەللىم، يەنى مەسىھنىڭ ئۆزى باردۇر؛

11بەلكى ئاراڭلاردا ئەڭ مەرتىۋىلىك بولغان كىشى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولىدۇ. ◘ 23:11 مات. 20‏:26. *

12ئۆزىنى يۇقىرى تۇتماقچى بولغىنى تۆۋەن قىلىنىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقىنى يۇقىرى قىلىنىدۇ. ◘ 23:12 ئايۇپ 22‏:29؛ پەند. 29‏:23؛ لۇقا 14‏:11؛ 18‏:14؛ ياق. 4‏:6،10؛ 1پېت. 5‏:5. *

13بىراق ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلارغا تاقاپ كېلىۋاتىسىلەر! يا ئۆزۈڭلار كىرمەيسىلەر، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمايسىلەر. ◘ 23:13 لۇقا 11‏:52. *

14ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر تۇل ئاياللارنىڭ مال-دۇنياسىنى يەۋاتىسىلەر، شۇنداقتىمۇ باشقىلار ئالدىدا تەقۋادار كۆرۈنسەك دەپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىسىلەر. شۇڭا، سىلەر تېخىمۇ ئېغىر جازاغا تارتىلىسىلەر. ◼ 23:14 +bd «ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر تۇل ئاياللارنىڭ مال-دۇنياسىنى يەۋاتىسىلەر... شۇڭا، سىلەر تېخىمۇ ئېغىر جازاغا تارتىلىسىلەر»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە بۇ ئايەت تېپىلمايدۇ. بۇ سۆزلەر «مار.» 40:12 ۋە «لۇقا» 47:20دىمۇ تېپىلىدۇ.* ◘ 23:14 مار. 12‏:40؛ لۇقا 20‏:47؛ 2تىم. 3‏:6؛ تىت. 1‏:11. *

15ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر بىرلا ئادەمنى ئېتىقادىڭلارغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنى كېزىپ چىقىسىلەر. بىراق ئۇ كىشى كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى ئۆزلىرىڭلاردىن ئىككى ھەسسە بەتتەر بولغان دوزاخنىڭ پەرزەنتى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىسىلەر. ◼ 23:15 +bd «....سىلەر ئۇنى ئۆزلىرىڭلاردىن ئىككى ھەسسە بەتتەر بولغان دوزاخنىڭ پەرزەنتى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىسىلەر»+bd* ــ «دوزاخنىڭ پەرزەنتى» دوزاخقا كىرىدىغان ۋە بەلكىم باشقىلارنى دوزاخقا بارىدىغان يولغا ئازدۇرىدىغان كىشى بولسا كېرەك.*

16ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارىغۇ يولباشچىلار! سىلەر: «ھەرقانداق كىشى ئىبادەتخانا بىلەن قەسەم قىلسا، ھېچنېمىسى يوق، بىراق ئىبادەتخانىدىكى ئالتۇننى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىدە تۇرۇشقا قەرزدار بولىدۇ» دەيسىلەر.

17ئەي كور ئەخمەقلەر! ئالتۇن ئۇلۇغمۇ ياكى ئالتۇننى مۇقەددەس قىلغان ئىبادەتخانىمۇ؟

18سىلەر يەنە: «ھەركىم قۇربانگاھ بىلەن قەسەم قىلسا، ھېچنېمىسى يوق، بىراق قۇربانگاھ ئۈستىدىكى ھەدىيەنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىدە تۇرۇشقا قەرزدار بولىدۇ» دەيسىلەر.

19ئەي كورلار! ھەدىيە ئۇلۇغمۇ ياكى ھەدىيىنى مۇقەددەس قىلغان قۇربانگاھمۇ؟ ◼ 23:19 +bd «ئەي كورلار!»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «ئەي ئەخمەكلەر، كورلار!» دېيىلىدۇ.*

20شۇڭا، قۇربانگاھنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچى بولسا ھەم قۇربانگاھ بىلەن ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىكى بارلىق نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلغان بولىدۇ.

21ئىبادەتخانىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچىمۇ ھەم ئىبادەتخانىنى، ھەم «ئىبادەتخانىدا تۇرغۇچى»نى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغان بولىدۇ. ◘ 23:21 1پاد. 8‏:13؛ 2تار. 6‏:1، 2. *

22ئەرشنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچى خۇدانىڭ تەختى ۋە تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغان بولىدۇ. ◘ 23:22 2تار. 6‏:33؛ يەش. 66‏:1؛ مات. 5‏:34؛ روس. 7‏:49. *

23ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! چۈنكى سىلەر ھەتتا يالپۇز، ئارپىبەدىيان ۋە زىرىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۆشرە قىلىپ خۇداغا ئاتايسىلەر-يۇ، بىراق تەۋرات قانۇنىنىڭ تېخىمۇ ۋەزىنلىك تەرەپلىرى بولغان ئادالەت، رەھىمدىللىق ۋە سادىقلىقنى ئېتىبارغا ھېچ ئالمايسىلەر. ئاۋۋال مۇشۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك، ئاندىن شۇ ئىشلارنىمۇ ئادا قىلماي قويماسلىقىڭلار كېرەك. ◼ 23:23 +bd «ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! چۈنكى سىلەر ھەتتا يالپۇز، ئارپىبەدىيان ۋە زىرىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۆشرە قىلىپ خۇداغا ئاتايسىلەر-يۇ،...»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا تەۋرات قانۇنىدا ئىبادەتخانىدىكى ئىشلار ۋە كاھىنلارنىڭ كىرىمى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن «ئوندىن بىر ئۈلۈشى»نى تەلەپ قىلغانىدى.* ◘ 23:23 1سام. 15‏:22؛ ھوش. 6‏:6؛ مىك. 6‏:8؛ مات. 9‏:13؛ 12‏:7؛ لۇقا 11‏:42. *

24ئەي قارىغۇ يولباشچىلار! سىلەر چىنەڭلەردىكى* پاشىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىسىلەر، لېكىن بىرەر تۆگىنى پۈتۈن پېتى يۇتۇۋېتىسىلەر! ◼ 23:24 +bd «سىلەر چىنەڭلەردىكى پاشىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىسىلەر، لېكىن بىرەر تۆگىنى پۈتۈن پېتى يۇتۇۋېتىسىلەر!»+bd* ــ تەۋرات قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەم پاشا ھەم تۆگە گۆشىمۇ ھارام گۆش ئىدى.*

25ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر چىنە-قاچىلارنىڭ تېشىنىلا يۇيۇپ پاكىزلىغىنىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچى ھەرتۈرلۈك ھېرىسلىك ۋە ئىشرەتپەرەسلىككە تولغان. ◘ 23:25 لۇقا 11‏:39. *

26ئەي قارىغۇ پەرىسىي! ئاۋۋال چىنە-قاچىنىڭ ئىچىنى پاكلا، شۇنداقتا تېشىمۇ پاك بولىدۇ! ◘ 23:26 تىت. 1‏:15. *

27ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر ئاقارتىپ قويۇلغان، سىرتى چىرايلىق كۆرۈنىدىغان لېكىن ئىچى ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇستىخانلىرى ۋە ھەرخىل ناپاك نەرسىلەرگە تولغان قەبرىلەرگە ئوخشايسىلەر. ◘ 23:27 روس. 23‏:3. *

28شۇنىڭدەك تېشىڭلاردىن ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ھەققانىي ئادەملەردەك كۆرۈنىسىلەر، لېكىن ئىچىڭلار ساختىپەزلىك ۋە ئىتائەتسىزلىك بىلەن تولغان.

29ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! چۈنكى سىلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياساپ كېلىۋاتىسىلەر، ھەققانىيلارنىڭ مازارلىرىنى بېزەپ كېلىۋاتىسىلەر ◘ 23:29 لۇقا 11‏:47. *

30ۋە سىلەر: «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ زامانىدا ياشىغان بولساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈشلىرىگە شېرىك بولمايتتۇق» ــ دەيسىلەر.

31شۇڭا سىلەر ئۆز سۆزۈڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىڭلارغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار. ◼ 23:31 +bd «سىلەر ئۆز سۆزۈڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىڭلارغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار»+bd* ــ دېمەك، ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەنلەرنى «ئاتا-بوۋىلىرىمىز» دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇلار كۆپ باشقا ئەللەردەك دائىم «ئاتا-بوۋىلىرى»نى ماختاپ، بىز ئۇلارنىڭ ئەنئەنىلىرىدە داۋاملىق مېڭىشىمىز كېرەك، ــ دەيتتى. لېكىن شۇ ئاتا-بوۋلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرى خۇدانىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىگە زىت بولۇپ كەلگەن ۋە شۇ سەۋەبتىنمۇ پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن.* ◘ 23:31 روس. 7‏:51؛ 1تېس. 2‏:15. *

32ئۇنداقتا، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار باشلىغان قىلمىشلىرىنى تولۇقلاڭلار! ◼ 23:32 +bd «ئۇنداقتا، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار باشلىغان قىلمىشلىرىنى تولۇقلاڭلار!»+bd* ــ مەسىھنىڭ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي گېپى: «سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئىزلىرىنى باسقىنىڭلار ــ (ئۇلارنىڭ ئەنئەنىلەرنى تۇتۇپ، خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى تاشلاپ) مېنى ئۆلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى تولۇقلىغىنىڭلاردۇر!» دېگەندەكتۇر.*

33ئەي يىلانلار! زەھەرلىك يىلانلارنىڭ نەسىللىرى! دوزاخ جازاسىدىن قانداقمۇ قۇتۇلالارسىلەر؟ ◘ 23:33 مات. 3‏:7. *

34شۇڭا مانا، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر، دانىشمەنلەر ۋە ئالىملارنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى كرېستلەپ ئۆلتۈرىسىلەر، بەزىلىرىنى سىناگوگلىرىڭلاردا دەررىگە باسىسىلەر، شەھەردىن شەھەرگە قوغلايسىلەر. ◼ 23:34 +bd «... سىلەرگە پەيغەمبەرلەر، دانىشمەنلەر ۋە ئالىملارنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن»+bd* ــ «ئالىملار» دېگەن بۇ سۆزنى ئادەتتە «تەۋرات ئۇستازلىرى» دەپ تەرجىمە قىلىمىز. لېكىن ئەيسا مەسىھ ئۆز قېرىنداش يەھۇدىي خەلقىگە ئەۋەتىدىغان «ئۇستازلار»نى پەقەت «تەۋرات ئۇستازى» دېگىلى بولمايدۇ، بەلكى «تەۋرات-ئىنجىل ئۇستازلىرى» بولىدۇ.* ◘ 23:34 مات. 10‏:16،17؛ لۇقا 10‏:3؛ 11‏:49؛ يـۇھ. 16‏:2؛ روس. 7‏:52. *

35شۇنداق قىلىپ، ھەققانىي ھابىلنىڭ قان قەرزىدىن تارتىپ تاكى سىلەر ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرگەن بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيانىڭ قان قەرزىگىچە، ھەققانىيلارنىڭ يەر يۈزىدە ئېقىتىلغان بارلىق قان قەرزلىرى سىلەرنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلىدۇ. ◼ 23:35 +bd «ھەققانىي ھابىلنىڭ قان قەرزىدىن تارتىپ تاكى سىلەر ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرگەن بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيانىڭ قان قەرزىگىچە...»+bd* ــ ھابىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرۇلۇق «يار.» 8:4-11، زەكەرىيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى «2تار.» 20:24-22نى كۆرۈڭ. بۇ ئىككى ۋەقە يەھۇدىيلارنىڭ تەۋراتنى ئەنئەنىۋى ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بويىچە تەۋراتنىڭ ئەڭ بېشىدا ۋە ئايىغىدا خاتىرىلىنىدۇ.

36مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، شۇ قىلمىشلارنىڭ جازاسىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دەۋرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.

37ئەي يېرۇسالېم، يېرۇسالېم! پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرىدىغان، ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىدىغان شەھەر! مېكىيان چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا يىغقاندەك پەرزەنتلىرىڭنى قانچە قېتىم قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار! ◼ 23:37 +bd «ئەي يېرۇسالېم، يېرۇسالېم!...»+bd* ــ مۇقەددەس كىتابتا، ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئىككى قېتىم چاقىرىش ــ ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ۋە ئۆزىگە تولىمۇ ئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا يىغقاندەك پەرزەنتلىرىڭنى قانچە قېتىم قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار!»+bd* ــ «پەرزەنتلىرىڭ» ــ يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 23:37 زەب. 17‏:8؛ 91‏:4؛ مات. 21‏:35،36؛ لۇقا 13‏:34. *

38مانا، ئەمدى ئۆيۈڭلار سىلەرگە خارابە بولۇپ قالىدۇ! ◼ 23:38 +bd «...ئۆيۈڭلار سىلەرگە خارابە بولۇپ قالىدۇ»+bd* ــ ئۈچ بىسلىق سۆز بولۇپ:

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>