1ئەيسا ئىبادەتخانىدىن چىقىپ، ئالدىغا كېتىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ دىققىتىنى ئىبادەتخانا بىنالىرىغا تارتماقچى بولدى. ◘ 24:1 مار. 13:1؛ لۇقا 21:5. * يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانا (مەسىھنىڭ دەۋرىدە)|src="herodtempleview-uara-01.jpg" size="span" ref="«مات.» 1:24" * «مات.»
2ئۇ ئۇلارغا:
3ئۇ زەيتۇن تېغىدا ئولتۇرغاندا، مۇخلىسلىرى ئاستىغىنا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:
4ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
5چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمدا كېلىپ: «مەسىھ مەن بولىمەن» دەپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ. ◘ 24:5 يەر. 14:14؛ 23:25؛ يـۇھ. 5:43. *
6سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلايسىلەر، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار ئاخىرەت ئەمەس.
7چۈنكى بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. جاي-جايلاردا ئاچارچىلىق، ۋابالار ۋە يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ. ◼ 24:7 +bd «بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا (شۇنداقلا گرېك تىلىدا) بۇ ئىبارە دۇنيا بويىچە كېڭەيگەن ئۇرۇشلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («يەش.» 2:19، «2تار.» 3:15-6دە بۇ تۇراقلىق ئىبارە توغرۇلۇق مىساللار بار.* ◘ 24:7 يەش. 19:2. *
8لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس. ◼ 24:8 +bd «لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس»+bd* ــ ئەيسا مەسىھ قايسى ئىش «تۇغۇلىدۇ»، ئۇنى بىۋاسىتە دېمەيدۇ. تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە قارىغاندا ئۇ «يېڭى زامان»نىڭ تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز.*
9ئاندىن كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇپ، ئازاب-ئوقۇبەتكە سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ، مېنىڭ نامىم ۋەجىدىن پۈتكۈل ئەللەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. ◘ 24:9 مات. 10:17؛ لۇقا 21:11،12؛ يـۇھ. 15:20؛ 16:2؛ ۋەھ. 2:10. *
10شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلار ئېتىقادىدىن تانىدۇ، بىر-بىرىنى تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. ◼ 24:10 +bd «نۇرغۇنلار ئېتىقادتىن تانىدۇ»+bd* ــ گرېك تىلىدا «نۇرغۇنلار پۇتلاشتۇرۇلىدۇ» دېيىلىدۇ. شۇڭا باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «نۇرغۇنلار گۇناھقا ئازدۇرۇلىدۇ».*
11نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. ◘ 24:11 2پېت. 2:1. *
12ئىتائەتسىزلىك-رەزىللىكلەرنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن كىشىلەردىكى مېھىر-مۇھەببەت سوۋۇپ كېتىدۇ. ◘ 24:12 2تىم. 3:1. *
13لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ. ◘ 24:13 مات. 10:22؛ مار. 13:13؛ لۇقا 21:19؛ ۋەھ. 2:7،10؛ 3:10. *
14بارلىق ئەللەرگە ئاگاھ-گۇۋاھلىق بولسۇن ئۈچۈن، خۇدانىڭ* پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلىنىدۇ؛ ئاندىن زامان ئاخىرى بولىدۇ. ◼ 24:14 +bd «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر»+bd* ــ گرېك تىلىدا «پادىشاھلىقنىڭ بۇ خۇش خەۋىرى» دېيىلىدۇ.*
15دانىيال پەيغەمبەر قەيت قىلغان «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نىڭ مۇقەددەس جايدا تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا (كىتابخان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەي)، ◼ 24:15 +bd «دانىيال پەيغەمبەر قەيت قىلغان «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»»+bd* ــ «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» توغرىسىدا «دان.» 24:9-27نى ۋە ئۇ توغرۇلۇق ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.* ◘ 24:15 دان. 9:27؛ مار. 13:14؛ لۇقا 21:20؛ 2تېـس. 2:4 *
16يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن؛
17ئۆگزىدە تۇرغان كىشى ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالغىلى چۈشمەيلا قاچسۇن*.
18ئېتىزلىقتا تۇرغان كىشىمۇ چاپىنىنى ئالغىلى ئۆيىگە يانمىسۇن.
19ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ◼ 24:19 +bd «ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!»+bd* ــ ئۇنداق كىشىلەرگە قېچىش ئەپسىز بولىدۇ، ئەلۋەتتە.*
20قاچىدىغان ۋاقتىڭلارنىڭ قىش ياكى شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ◼ 24:20 +bd «قاچىدىغان ۋاقتىڭلارنىڭ قىش ياكى شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار»+bd* ــ يەھۇدىي دىنىي ئەربابلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا بولغان چۈشەنچىسىگە ئاساسەن، يەھۇدىيلار ئادەتتە شابات (دەم ئېلىش) كۈنىدە شەھەر دەرۋازىسى ۋە دۇكانلارنى تاقىشى كېرەك. بۇ كۈنى سەپەر قىلىش مەنئى قىلىنغان بولغاچقا، قانائاندا (پەلەستىندە) تۇرغانلارغا نىسبەتەن يېمەكلىك سېتىۋېلىش ۋە باشقا يەرلەرگە قېچىش ئىنتايىن قولايسىز بولىدۇ. «قىش»تا يەھۇدىيەدە دەريا-ۋادىلاردا سۇ پات-پات تېشىپ تۇرغاچقا، قىشتىمۇ قېچىش ئىنتايىن تەس بولىدۇ.* ◘ 24:20 روس. 1:12. *
21چۈنكى ئۇ چاغدا دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن مۇشۇ چاغقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت بولىدۇ. ◘ 24:21 دان. 12:1. *
22ئۇ كۈنلەر ئازايتىلمىسا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى قۇتۇلالمايتتى؛ لېكىن خۇدانىڭ* ئۆز تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئۇ كۈنلەر ئازايتىلىدۇ.
23ئەگەر ئۇ چاغدا بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، بۇ يەردە مەسىھ بار!» ياكى «مەسىھ* ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. ◘ 24:23 مار. 13:21؛ لۇقا 21:8. *
24چۈنكى ساختا مەسىھلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىدۇ، قالتىس مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇلار ھەتتا خۇدا* تاللىغانلارنىمۇ ئازدۇراتتى. ◘ 24:24 قان. 13:2؛ 2تېـس. 2:11. *
25مانا، مەن بۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويدۇم.
26شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، ئۇ چۆل-باياۋاندا!» دېسە، ئۇ يەرگە بارماڭلار. «قاراڭلار، ئۇ ئىچكىرىدىكى ئۆيلەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. ◘ 24:26 لۇقا 17:23. *
27چۈنكى چاقماق شەرقتىن غەربكە يالت-يۇلت قىلىپ قانداق چاققان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىشى شۇنداق بولىدۇ.
28چۈنكى جەسەت قايسى يەردە بولسا، ئۇ يەردىمۇ قۇزغۇنلار توپلىشىدۇ! ◼ 24:28 +bd «چۈنكى جەسەت قايسى يەردە بولسا، ئۇ يەردىمۇ قۇزغۇنلار توپلىشىدۇ!»+bd* ــ بۇ سىرلىق سۆزنىڭ مەنىسى تەۋرات، «ئايۇپ» 26:39-30 ۋە «يەش.» 1:34-8، 15-17-ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت بولۇشى كېرەك. شۇ ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەندەك، «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»دە زور قىرغىنچىلىق بولۇشى كېرەك.* ◘ 24:28 ئايۇپ 39:30؛ لۇقا 17:37. *
29ئۇ كۈنلەردىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، قۇياش قارىيىدۇ، ئاي يورۇقلۇقىنى بەرمەيدۇ، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. ◼ 24:29 +bd «... قۇياش قارىيىدۇ، ئاي يورۇقلۇقىنى بەرمەيدۇ، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ»+bd* ــ «يەش.» 10:13، 4:34، «يو.» 10:2نى كۆرۈڭ. «ئاسماندىكى كۈچلەر» بەلكىم بارلىق جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ «لەرزىگە كېلىدۇ» بەلكىم ئۇلارنىڭ كۈچتىن قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 24:29 يەش. 13:10؛ 34:4؛ ئەز. 32:7؛ يو. 2:31؛ 3:15؛ مار. 13:24؛ لۇقا 21:25. *
30ئاندىن ئىنسانئوغلىنىڭ ئالامىتى ئاسماندىن كۆرۈنىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ ئىچىدە ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ◼ 24:30 +bd «يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ»+bd* ــ «زەك.» 10:12بى كۆرۈڭ. +bd «ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ ئىچىدە ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ»+bd* ــ «دان.» 13:7بى كۆرۈڭ.* ◘ 24:30 دان. 7:10؛ مات. 16:27؛ 25:31؛ 26:64؛ مار. 13:26؛ 14:62؛ لۇقا 21:27؛ روس. 1:11؛ 2تېـس. 1:10؛ ۋەھ. 1:7. *
31ئۇ پەرىشتىلىرىنى زور جاراڭلىق بىر كاناي ساداسى بىلەن ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن، ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەريەردىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ. ◼ 24:31 +bd « +bdit پەرىشتىلەر+bdit* ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن،... ھەريەردىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ»+bd* ــ «دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن» گرېك تىلىدا «تۆت شامىلىدىن» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 24:31 1يۆش. 13؛27؛ زەك. 9:14؛ كور. 15:52؛ 1تېس. 4:16؛ ۋەھ. 7:10، 15:11*
32ئەنجۈر دەرىخىدىن مۇنداق تەمسىلنى بىلىۋېلىڭلار: ــ ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. ◘ 24:32 مار. 13:28؛ لۇقا 21:29. *
33خۇددى شۇنىڭدەك، مەن بايا دېگەنلىرىمنىڭ* ھەممىسىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار. ◼ 24:33 +bd «... ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار»+bd* ــ بۇ تېكىستتىكى «ئۇنىڭ» ياكى ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆزىنى، ياكى كېلىدىغان كۈنىنى، ياكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرسىتىدۇ («لۇقا» 31:21نى كۆرۈڭ).*
34مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ. ◼ 24:34 +bd «... بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ»+bd* ــ ئەگەر تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلەر يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولۇشىغا (مىلادىيە 70-يىلى) (2:24) قارىتىلغان بولسا، ئۇنداقتا «دەۋر» دېگەن سۆز تەبىئىيكى (1) ئەيسانىڭ دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىگە (30:24) قارىتىلغان بولسا، «دەۋر» دېگەن سۆز بەلكىم (2) پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنى (3) بۇ ئايەتلەردە ئېيتىلغان «دەهشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت»تىكى ۋەقەلەرنىڭ باشلىنىش دەۋرىدە ياشىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بارلىق ۋەقەلەر شۇ دەۋر ئىچىدە يۈز بېرىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ. بىزنىڭچە (3) -شەرھ ئالدى-كەينى ئايەتلەرگە ئەڭ باپ كېلىدۇ.*
35ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ. ◘ 24:35 زەب. 102:25-27؛ يەش. 51:6؛ مار. 13:31؛ ئىبر. 1:11. *
36لېكىن شۇ كۈنى ۋە ۋاقىت-سائىتىنىڭ خەۋىرىنى بولسا، ھېچكىم بىلمەيدۇ ــ ھەتتا ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتاملا بىلىدۇ. ◼ 24:36 +bd «لېكىن شۇ كۈنى ۋە ۋاقىت-سائىتىنىڭ خەۋىرىنى بولسا، ھېچكىم بىلمەيدۇ ــ ھەتتا ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتاملا بىلىدۇ»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «نە ئوغۇل بىلمەيدۇ» دېگەن سۆزلەرمۇ تېپىلىدۇ.* ◘ 24:36 مار. 13:32؛ روس. 1:7. *
37ئەمدى نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلى قايتىپ* كەلگەندىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ◘ 24:37 يار. 6:2؛ لۇقا 17:26؛ 1پېت. 3:20؛ 2پېت. 2:5. *
38چۈنكى توپان كېلىشىدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، نۇھ كېمىگە كىرىپ ئولتۇرغان كۈنگىچە، شۇ زاماندىكى* كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، ئۆيلىنىپ ۋە ياتلىق بولۇپ كەلگەنىدى. ◘ 24:38 يار. 7:7. *
39توپان تۇيۇقسىز كېلىپ ھەممىسىنى غەرق قىلغۇچە، كىشىلەر ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولۇپ تۇرغانغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
40ئۇ كۈنى، ئېتىزدا ئىككى كىشى تۇرغان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ؛ ◘ 24:40 لۇقا 17:34؛ 1تېس. 4:17. *
41ئىككى ئايال تۈگمەن بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ.
42شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلار، چۈنكى رەببىڭلارنىڭ قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتى-سائىتىنى بىلمەيسىلەر. ◼ 24:42 +bd «چۈنكى رەببىڭلارنىڭ قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتى-سائىتىنى بىلمەيسىلەر»+bd* ــ ياكى «چۈنكى رەببىڭلارنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈننى بىلمەيسىلەر».* ◘ 24:42 مات. 25:13؛ مار. 13:33؛ لۇقا 12:40؛ 21:36. *
43لېكىن شۇنى بىلىڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىسى قايسى جېسەكتە كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، سەگەك تۇرۇپ ئوغرىنىڭ ئۆينى تېشىپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى. ◘ 24:43 لۇقا 12:39؛ 1تېس. 5:2؛ 2پېت. 3:10؛ ۋەھ. 3:3؛ 16:15. *
44شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ تەييار تۇرۇڭلار. چۈنكى ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان ۋاقىت-سائەتتە قايتىپ كېلىدۇ!
45خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈكىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە تەيىنلىگەن ئىشەنچلىك ۋە پەملىك چاكار كىم بولىدۇ؟ ◼ 24:45 +bd «ئۆز ئۆيىدىكىلەر»+bd* ــ «ئۆيدىكىلەر» مۇشۇ يەردە خوجايىننىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتكارلار ۋە چاكارلىرىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈكىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە تەيىنلىگە ئىشەنچلىك ۋە پەملىك چاكار كىم بولىدۇ؟»+bd* ــ بۇ سۆزلەر ئاۋۋال روسۇللار، ئاندىن خۇدانىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىغا قارىتىلىپ ئېيتىلىدۇ، ئەلۋەتتە («لۇقا» 41:12-48نىمۇ كۆرۈڭ).* ◘ 24:45 مات. 25:21؛ لۇقا 12:42. *
46خوجايىن ئۆيىگە* قايتقاندا، چاكىرىنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقىنىنىڭ ئۈستىگە كەلسە، بۇ چاكارنىڭ بەختىدۇر!
47مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ.
48لېكىن مۇبادا شۇ چاكار رەزىل بولۇپ كۆڭلىدە: «خوجايىنىم ھايال بولۇپ قالىدۇ» دەپ ئويلاپ،
49باشقا چاكار بۇرادەرلىرىنى بوزەك قىلىشقا ۋە ھاراقكەشلەرگە ھەمراھ بولۇپ يەپ-ئىچىشكە باشلىسا،
50شۇ چاكارنىڭ خوجايىنى كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدۇ