ماتتا 25:1-45 UIGB2010 - Bible AI

1ئۇ ۋاقىتتا، ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى قوللىرىغا چىراغلارنى ئېلىپ تويى بولغان يىگىتنى قىاشچى ئېلىشقا چىققان ئون قىز قولداشقا ئوخشايدۇ.

2بۇ قىزلارنىڭ بەشى پەملىك، بەشى بولسا پەمسىز.

3پەمسىز قىزلار چىراغلىرىنى ئالغان بولسىمۇ، يېنىغا ماي ئېلىۋالماپتۇ.

4پەملىك قىزلار بولسا چىراغلىرى بىلەن بىللە، قاچىلىرىدا مايمۇ ئېلىۋاپتۇ.

5يىگىت كېچىكىپ كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيقۇ بېسىپ ئۇخلاپ قاپتۇ.

6يېرىم كېچىدە: «مانا، يىگىت كەلدى، قارشى ئېلىشقا چىقىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ.

7بۇنىڭ بىلەن بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ چىراغلىرىنى پەرلەپتۇ.

8پەمسىز قىزلار پەملىك قىزلارغا: «چىراغلىرىمىز ئۆچۈپ قالغىلىۋاتىدۇ، مېيىڭلاردىن بېرىڭلارچۇ» دەپتۇ.

9بىراق پەملىك قىزلار: «ياق، بولمايدۇ! بەرسەك، بىزگىمۇ ھەم سىلەرگىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن. ياخشىسى، ئۆزۈڭلار ماي* ساتقۇچىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ سېتىۋېلىڭلار!» دەپتۇ.

10لېكىن ئۇلار ماي سېتىۋالغىلى كېتىۋاتقاندا، يىگىت كېلىپ قاپتۇ، تەييار بولۇپ بولغان قىزلار ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە توي زىياپىتىگە كىرىپتۇ. ئىشىك تاقىلىپتۇ.

11كېيىن قالغان قىزلار قايتىپ كېلىپ: «غوجام، غوجام، ئىشىكنى ئېچىۋەتكەيلا!» دەپتۇ.

12بىراق ئۇ: «سىلەرگە بەرھەق ئېيتايكى، مەن سىلەرنى تونۇمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

13شۇنىڭ ئۈچۈن سەگەك بولۇڭلار، چۈنكى نە ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىدىغان كۈنىنى نە سائىتىنى بىلمەيسىلەر. ◘ 25:13 مات. 24‏:42؛ مار. 13‏:33،35. *

14ئەرش پادىشاھلىقى* خۇددى ياقا يۇرتقا چىقماقچى بولۇپ، ئۆز چاكارلىرىنى چاقىرىپ دۇنياسىنى ئۇلارغا تاپشۇرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. ◘ 25:14 لۇقا 19‏:12. *

15ئۇ ئادەم ھەربىر چاكارنىڭ قابىلىيىتىگە قاراپ، بىرسىگە بەش تالانت، بىرىسىگە ئىككى تالانت، يەنە بىرسىگە بىر تالانت كۈمۈش تەڭگە بېرىپ، ياقا يۇرتقا يول ئاپتۇ. ◼ 25:15 +bd «ئۇ ئادەم ھەربىر چاكارنىڭ قابىلىيىتىگە قاراپ، بىرسىگە بەش تالانت، بىرىسىگە ئىككى تالانت، يەنە بىرسىگە بىر تالانت كۈمۈش تەڭگە بېرىپ،...»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايان بولسۇنكى، شۇ چاغلاردا «تالانت» بىرخىل پۇل بىرلىكى، قىممەتلىك كۆمۈش تەڭگە ئىدى. يۇقىرىدىكى 24:18دىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ. ئۇيغۇر تىلىدا «تالانت» دېگەن سۆز دائىم دەل شۇ تەمسىلدىن چىققان كۆچمە مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.

16بەش تالانت تەڭگە ئالغان چاكار بېرىپ ئوقەت قىلىپ، يەنە بەش تالانت تەڭگە پايدا تېپىپتۇ.

17شۇ يولدا ئىككى تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ يەنە ئىككى تالانت تەڭگە پايدا ئاپتۇ.

18لېكىن بىر تالانت تەڭگە ئالغىنى بولسا بېرىپ يەرنى كولاپ، خوجايىنى بەرگەن پۇلنى كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويۇپتۇ.

19ئەمدى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ چاكارلارنىڭ غوجىسى قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن ھېسابلىشىپتۇ.

20بەش تالانت تەڭگە ئالغىنى يەنە بەش تالانت تەڭگىنى قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ: «غوجام، سىلى ماڭا بەش تالانت تەڭگە تاپشۇرغاندىلا. قارسىلا، يەنە بەش تالانت تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ.

21خوجايىنى ئۇنىڭغا: «ئوبدان بوپتۇ! ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىقتىڭ، سېنى كۆپ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بول!» دەپتۇ.

22ئىككى تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ كېلىپ: «غوجام، سىلى ماڭا ئىككى تالانت تەڭگە تاپشۇرغاندىلا. قارسىلا، يەنە ئىككى تالانت تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ.

23خوجايىنى ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى! ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىقتىڭ، سېنى كۆپ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بول!» دەپتۇ.

24ئاندىن، بىر تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ كېلىپ: «غوجام، سىلىنىڭ چىڭ ئادەم ئىكەنلىكلىرىنى بىلەتتىم، چۈنكى ئۆزلىرى تېرىمىغان يەردىن ھوسۇلنى ئورۇۋالالايلا، ھەمدە ئۇرۇق چاچمىغان يەردىنمۇ خامان ئالىلا.

25شۇڭا قورقۇپ، سىلىنىڭ بەرگەن بىر تالانت تەڭگىلىرىنى يەرگە كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويغانىدىم. مانا پۇللىرىنى ئالسىلا» دەپتۇ.

26غوجىسى ئۇنىڭغا: «ئەي، رەزىل، ھۇرۇن چاكار! سەن مېنى تېرىمىغان يەردىن ئورۇۋالىدىغان، ئۇرۇق چاچمىغان يەردىن خامان ئالىدىغان ئادەم دەپ بىلىپ،

27ھېچ بولمىغاندا پۇلۇمنى جازانىخورلارغا ئامانەت قويۇشۇڭ كېرەك ئىدىغۇ! شۇنداق قىلغان بولساڭ مەن قايتىپ كەلگەندە پۇلۇمنى ئۆسۈمى بىلەن ئالغان بولمامتىم؟!

28شۇڭا، ئۇنىڭ قولىدىكى تالانت تەڭگىنى ئېلىپ، ئون تالانت تەڭگە بار بولغانغا بېرىڭلار!

29چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدا مولچىلىق بولىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. ◼ 25:29 +bd «چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدا مولچىلىق بولىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ»+bd* ــ بۇ ئەھمىيەتلىك سۆز 12:13دىمۇ تېپىلىدۇ.* ◘ 25:29 مات. 13‏:12؛ مار. 4‏:25؛ لۇقا 8‏:18؛ 19‏:26. *

30بۇ يارامسىز چاكارنى تېشىدىكى قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرى غۇچۇرلايدۇ» دەپتۇ. ◘ 25:30 مات. 8‏:12؛ 13‏:42؛ 22‏:13؛ 24‏:51؛ لۇقا 13‏:28. *

31ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە بارلىق پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، شەرەپلىك تەختىدە ئولتۇرىدۇ. ◘ 25:31 مات. 16‏:27؛ 26‏:64؛ مار. 14‏:62؛ لۇقا 21‏:27؛ روس. 1‏:11؛ 1تېس. 4‏:16؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. *

32بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىدۇ. پادىچى قويلارنى ئۆچكىلەردىن ئايرىغىنىدەك ئۇ ئۇلارنى ئايرىيدۇ؛ ◼ 25:32 +bd «بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىدۇ»+bd* ــ «ئەللەر» دېگەن بۇ سۆز ئىنجىلدىكى كۆپ يەرلەردە يەھۇدى ئەمەس ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بەزىدە «يات ئەللەر» ياكى «تائىپىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىمىز.* ◘ 25:32 ئ‍ەز. 34‏:17،20؛ مات. 13‏:49. *

33ئۇ قويلارنى ئوڭ يېنىغا، ئۆچكىلەرنى سول يېنىغا ئايرىيدۇ.

34ئاندىن پادىشاھ ئوڭ يېنىدىكىلەرگە: «ئەي ئاتام بەخت ئاتا قىلغانلار، كېلىڭلار! ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پادىشاھلىققا ۋارىس بولۇپ ئىگە بولۇڭلار! ◘ 25:34 مات. 20‏:23؛ مار. 10‏:40. *

35چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا سىلەر ماڭا يېمەكلىك بەردىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلارغا ئالدىڭلار، ◘ 25:35 يەش. 58‏:7؛ ئ‍ەز. 18‏:7؛ ئىبر. 13‏:2. *

36يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈردۈڭلار، كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار» ــ دەيدۇ. ◼ 25:36 +bd «كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار»+bd* ــ گرېك تىلىدا «كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا مېنى يوقلىدىڭلار». +bd «زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار»+bd* ــ گرېك تىلىدا «زىنداندا ياتقىنىمدا يېنىمغا كېلىپ تۇردۇڭلار».* ◘ 25:36 يەش. 58‏:7؛ 2تىم. 1‏:16؛ ياق. 2‏:15،16. *

37ئۇ چاغدا، ھەققانىي ئادەملەر ئۇنىڭغا: «ئى رەب، بىز سېنى قاچان ئاچ كۆرۈپ ئوزۇق بەردۇق ياكى ئۇسسۇز كۆرۈپ ئۇسسۇلۇق بەردۇق؟

38سېنى قاچان مۇساپىر كۆرۈپ ئۆيۈمىزگە ئالدۇق ياكى يالىڭاچ كۆرۈپ كىيگۈزدۇق؟

39سېنىڭ قاچان كېسەل بولغىنىڭنى ياكى زىنداندا ياتقىنىڭنى كۆرۈپ يوقلاپ باردۇق؟» دەپ سورايدۇ.

40ۋە پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇ قېرىنداشلىرىمدىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرەرسىگە شۇلارنى قىلغىنىڭلارمۇ، دەل ماڭا قىلغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ◘ 25:40 پەند. 19‏:17؛ مات. 10‏:42؛ مار. 9‏:41؛ يـۇھ. 13‏:20؛ 2كور. 9‏:6. *

41ئاندىن ئۇ سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس ئوتقا كىرىڭلار! ◘ 25:41 زەب. 6‏:8؛ يەش. 30‏:33؛ مات. 7‏:23؛ لۇقا 13‏:25،27؛ ۋەھ. 19‏:20. *

42چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا ماڭا ئوزۇق بەرمىدىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەرمىدىڭلار؛

43مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلارغا ئالمىدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈرمىدىڭلار، كېسەل بولغىنىمدا ۋە زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلىمىدىڭلار» دەيدۇ.

44ئۇ چاغدا، ئۇلار: «ئى رەب، سېنى قاچان ئاچ، ئۇسسۇز، مۇساپىر، يالىڭاچ، كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ تۇرۇپ خىزمىتىڭدە بولمىدۇق؟» دەيدۇ.

45ئاندىن پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇلاردىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرىگە شۇنداق قىلمىغىنىڭلار ماڭىمۇ قىلمىغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ◘ 25:45 پەند. 14‏:31؛ 17‏:5؛ زەك. 2‏:12. *

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>