ماتتا 26:1-75 UIGB2010 - Bible AI

1ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۇخلىسلىرىغا:

2ــ سىلەرگە مەلۇمكى، ئىككى كۈندىن كېيىن «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولىدۇ، شۇ چاغدا ئىنسانئوغلى كرېستلىنىش ئۈچۈن تۇتۇپ بېرىلىدۇ، ــ دېدى. ◼ 26:2 \+bd «شۇ چاغدا ئىنسانئوغلى كرېستلىنىش ئۈچۈن تۇتۇپ بېرىلىدۇ»\+bd* ــ «كرېستلەش» ــ كرېست (چاپراس ياغاچ)كە مىخلاش ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسى بېرىشتىن ئىبارەت. دېمىسىمۇ بۇ ئادەمنى قاتتىق خارلايدىغان، ئىنتايىن دەھشەتلىك، رىم ئىمپېرىيەسى بويىچە ئەڭ ئازابلىق ئۆلۈم جازاسى ئىدى. ◘ 26:2 مار. 14‏:1؛ لۇقا 22‏:1؛ يـۇھ. 13‏:1

3باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار قايافا ئىسىملىك باش كاھىننىڭ سارىيىدا جەم بولۇشتى. ◘ 26:3 زەب. 2‏:2؛ يـۇھ. 11‏:47؛ روس. 4‏:27.

4ئۇلار ئەيسانى قانداق قىلىپ ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەت قىلىشتى.

5بىراق ئۇلار: ــ بۇ ئىش ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلىنمىسۇن. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا مالىمانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، ــ دېيىشتى. خۇداگۇي ئايالنىڭ ئەيساغا ئەتىر چېچىشى مار. 14‏:3-9؛ يـۇھ. 12‏:1-8

6ئەمدى ئەيسا بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، «سىمون ماخاۋ»نىڭ ئۆيىدە بولغىنىدا، ◼ 26:6 \+bd «ئەيسا بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، «سىمون ماخاۋ»نىڭ ئۆيىدە بولغىنىدا...»\+bd* ــ «سىمون ماخاۋ» ياكى ««ماخاۋ كېسىلى» دېيىلىدىغان سىمون». بۇ سىمون بەلكىم ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. بىزنىڭچە بۇ ئىش بىلەن «يۇھ.» 1:12-11دا خاتىرىلەنگەن ۋەقە بىر ئىشتۇر.

7بىر ئايال ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇ ئاق قاشتېشى شېشىدە ناھايىتى قىممەتلىك ئەتىرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئەيسا داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ئەتىرنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيدى. ◘ 26:7 مار. 14‏:3؛ لۇقا 7‏:37؛ يـۇھ. 11‏:2؛ 12‏:3.

8لېكىن مۇخلىسلار بۇنى كۆرۈپ خاپا بولۇشۇپ: ــ زادى نېمىشقا بۇنداق ئىسراپچىلىق قىلىنىدۇ؟

9چۈنكى بۇ ئەتىرنى كۆپ پۇلغا سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلسا بولاتتىغۇ! ــ دېيىشتى.

10لېكىن ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ ئۇلارغا: ــ بۇ ئايالنىڭ كۆڭلىنى نېمە دەپ ئاغرىتىسىلەر؟ چۈنكى ئۇ مەن ئۈچۈن ياخشى بىر ئىشنى قىلدى.

11چۈنكى كەمبەغەللەر دائىم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدۇ، لېكىن مېنىڭ ئاراڭلاردا بولۇشۇم سىلەرگە دائىم نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ! ◘ 26:11 قان. 15‏:11؛ مار. 14‏:7؛ يـۇھ. 12‏:8.

12بۇ ئايالنىڭ بۇ ئەتىرنى بەدىنىمگە قۇيۇشى مېنىڭ دەپنە قىلىنىشىمغا تەييار بولۇشۇم ئۈچۈن بولدى.

13مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنيانىڭ قەيېرىدە جاكارلانسا، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان بۇ ئىشى تەرىپلىنىدۇ، ــ دېدى. يەھۇدا ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىشقا ۋەدە قىلىدۇ

14بۇ ئىشتىن كېيىن، ئون ئىككىيلەندىن يەھۇدا ئىشقارىيوت ئىسىملىك بىرى باش كاھىنلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ◼ 26:14 \+bd «يەھۇدا ئىشقارىيوت ئىسىملىك بىرى باش كاھىنلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ...»\+bd* ــ شۇ چاغدا ئىككى «باش كاھىن» بار ئىدى ــ «ئانناس» ۋە ئۇنىڭ كۈيئوغلى «قايافا». ◘ 26:14 مار. 14‏:10؛ لۇقا 22‏:4.

15ــ ئۇنى تۇتۇپ بەرسەم، ماڭا نېمە بېرىسىلەر؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە قويدى. ◘ 26:15 زەك. 11‏:12.

16يەھۇدا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنى تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى. «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نىڭ كەچلىك تامىقى مار. 14‏:21-22؛ لۇقا 22‏:7-14، 21-23؛ يـۇھ. 13‏:21-30

17پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، مۇخلىسلار ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يېيىشىڭ ئۈچۈن قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ◼ 26:17 \+bd «پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى...»\+bd* ــ «پېتىر نان ھېيتى» يەتتە كۈن بولىدۇ، بىرىنچى كۈنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»مۇ تەڭ بولىدۇ. بۇ كۈنى، يەھۇدىيلار قوي سويۇپ، ئۆيلىرىدە قوي گۆشى، پېتىر نان يەيدۇ («مىس.» 12-باب، «لاۋ.» 4:23-8، «چۆل.» 16:28-25نى كۆرۈڭ). \+bd «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يېيىشىڭ ئۈچۈن قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟»\+bd* ــ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقى»نىڭ مۇھىم قىسمى «ئۆتۈپ كېتىش قۇربانلىق قوزىسى» ئىدى («مىس.» 3:12-11، «لاۋ.» 5:23، «چۆل.» 16:28، «قان.» 1:16-7نى كۆرۈڭ). ◘ 26:17 مىس. 12‏:17؛ مار. 14‏:12؛ لۇقا 22‏:7.

18ئۇ ئۇلارغا: ــ شەھەرگە كىرىپ پالانچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇستاز: ــ ۋاقىت-سائىتىم يېقىنلىشىپ قالدى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى مۇخلىسلىرىم بىلەن بىرلىكتە سېنىڭ ئۆيۈڭدە ئۆتكۈزەي ــ دەيدۇ» دەپ ئېيتىڭلار، ــ دېدى.

19مۇخلىسلار ئەيسانىڭ تاپىلىغىنىدەك ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى شۇ يەردە تەييارلىدى.

20كەچقۇرۇن، ئۇ ئون ئىككىيلەن بىلەن داستىخاندا ئولتۇردى. ◘ 26:20 مار. 14‏:17؛ لۇقا 22‏:14؛ يـۇھ. 13‏:21.

21ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا ئۇ: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردىكى بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ دېدى. ◘ 26:21 روس. 1‏:17.

22بۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئىنتايىن قايغۇغا چۆمۈپ، بىر-بىرلەپ ئۇنىڭدىن: ــ يا رەب، مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دەپ سوراشقا باشلىدى.

23ئۇ جاۋابەن: ــ قولىدىكى ناننى مەن بىلەن تەڭ تاۋاققا تۆگۈرگەن كىشى، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى شۇ بولىدۇ. ◘ 26:23 زەب. 41‏:9؛ لۇقا 22‏:21؛ يـۇھ. 13‏:18.

24ئىنسانئوغلى دەرۋەقە مۇقەددەس يازمىلاردا ئۆزى توغرىسىدا پۈتۈلگىنىدەك ئۆلۈمگە كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسا ياخشى بولاتتى! ــ دېدى.

25ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا: ــ ئۇستاز، مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭ دېدىڭ جۇمۇ، ــ دېدى. ◼ 26:25 \+bd «ئۇستاز، مەن ئەمەستىمەن؟»\+bd* ــ «ئۇستاز» ــ ئىبرانىي تىلىدا «راببى» دېيىلىدۇ. \+bd «ئۆزۈڭ دېدىڭ جۇمۇ»\+bd* ــ مەنىسى، «دەل سەن» بولىدۇ. يەھۇدا بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال چىقىپ باش كاھىنلارنىڭ يېنىغا بارغان بولسا كېرەك. «ماركۇس»، «لۇقا»، «يۇھاننا»دىكى ««ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتىنىڭ كەچلىك تامىقى» توغرىسىدىكى بايانلارنى كۆرۈڭ. «رەبنىڭ زىياپىتى» مار. 14‏:22-26؛ لۇقا 22‏:15-20؛ 1كور. 11‏:23-25

26ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا، ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ خۇداغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە: ــ ئېلىڭلار، يەڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، ــ دېدى. ◼ 26:26 \+bd «ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ خۇداغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن...»\+bd* ــ ياكى «ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى بەرىكەتلىگەندىن كېيىن،...». ◘ 26:26 مار. 14‏:22؛ لۇقا 22‏:19؛ 1كور. 11‏:23.

27ئاندىن، قولىغا جامنى ئېلىپ خۇداغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتىپ، ئۇنى مۇخلىسلىرىغا تۇتۇپ: ــ ھەممەيلەن بۇنىڭدىن ئىچىڭلار.

28بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر. ◼ 26:28 \+bd «بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر»\+bd* ــ «يېڭى ئەھدە» ياكى «خۇدانىڭ ئەھدىسى» ياكى «مەڭگۈلۈك ئەھدە». تەۋرات، «يەر.» 31:31-34، «ئەز.» 25:36-27، «لۇقا» 20:22نى، «ئىبر.» 20:13 ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. ◘ 26:28 مىس. 24‏:8.

29لېكىن مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئاتامنىڭ پادىشاھلىقىدا سىلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن شارابتىن ئىچمىگۈچە، ئۈزۈم تېلىنىڭ شەربىتىنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، ــ دېدى.

30ئۇلار مەدھىيە كۈيىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى. ◘ 26:30 مار. 14‏:26؛ لۇقا 22‏:39؛ يـۇھ. 18‏:1. مۇخلىسلارنىڭ ئەيسادىن ۋاز كېچىشى مار. 14‏:27-31؛ لۇقا 22‏:31-34؛ يـۇھ. 13‏:36-38

31ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ بۈگۈن كېچە سىلەر ھەممىڭلار مېنىڭ تۈپەيلىمدىن تاندۇرۇلۇپ پۇتلىشىسىلەر، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: ــ «مەن پادىچىنى ئۇرۇۋېتىمەن، پادىدىكى قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن. ◼ 26:31 \+bd «مەن پادىچىنى ئۇرۇۋېتىمەن، *پادىدىكى قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ»\+bd* ــ «زەك.» 7:13. مۇشۇ بېشارەتتە سۆزلىگۈچى خۇدانىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە. ◘ 26:31 زەك. 13‏:7؛ يـۇھ. 16‏:32.

32لېكىن مەن تىرىلگەندىن كېيىن گالىلىيەگە سىلەردىن بۇرۇن بارىمەن، ــ دېدى. ◘ 26:32 مار. 14‏:28؛ 16‏:7.

33پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھەممەيلەن سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن تاندۇرۇلۇپ پۇتلاشسىمۇ، مەن ھەرگىز پۇتلاشمايمەن، دېدى. ◘ 26:33 لۇقا 22‏:33.

34ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۈگۈن كېچە خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، ــ دېدى. ◘ 26:34 يـۇھ. 13‏:38.

35پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ سەن بىلەن بىللە ئۆلۈشۈم كېرەك بولسىمۇ، سەندىن ھەرگىز تانمايمەن، ــ دېدى. قالغان مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداق دېيىشتى. ئەيسانىڭ گېتسىمانە باغچىسىدىكى دۇئا-تىلاۋىتى مار. 14‏:32-42؛ لۇقا 22‏:39-46

36ئاندىن ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە گېتسىمانە دېگەن يەرگە كەلدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: «مەن ئۇ ياققا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ جايدا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار» دېدى. ◘ 26:36 مار. 14‏:32؛ لۇقا 22‏:39؛ يـۇھ. 18‏:1.

37ئۇ پېترۇسنى، شۇنداقلا زەبەدىينىڭ ئىككى ئوغلىنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى ۋە قاتتىق ئازابلىنىپ، كۆڭلى تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى. ◼ 26:37 \+bd «زەبەدىينىڭ ئىككى ئوغلى»\+bd* ــ ياقۇپ ۋە يۇھاننا.

38ئۇ ئۇلارغا: ــ جېنىم ئۆلىدىغاندەك بەكمۇ ئازابلانماقتا. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، مەن بىلەن بىرلىكتە ئويغاق تۇرۇڭلار، ــ دېۋىدى، ◘ 26:38 يـۇھ. 12‏:27.

39سەل نېرىراق بېرىپ، ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ دۇئا قىلىپ: ــ ئى ئاتام، مۇمكىن بولسا، بۇ قەدەھ مەندىن ئۆتۈپ كەتسۇن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، ــ دېدى. ◼ 26:39 \+bd «ئى ئاتام، مۇمكىن بولسا، بۇ قەدەھ مەندىن ئۆتۈپ كەتسۇن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن»\+bd* ــ «بۇ قەدەھ» ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. تەۋراتنىڭ كۆپ يەرلىرىدە «قەدەھ» دەل شۇ مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ (مەسىلەن «زەب.» 8:75، «يەش.» 17:51، 22، «يەر.» 15:25دە). ◘ 26:39 مات. 20‏:22،23؛ لۇقا 22‏:41؛ يـۇھ. 6‏:38.

40ئۇ مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا: ــ مەن بىلەن بىللە بىرەر سائەتمۇ ئويغاق تۇرالمىدىڭلارمۇ؟!

41ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئويغاق تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇر، ــ دېدى. ◼ 26:41 \+bd «روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇر»\+bd* ــ «كىشىنىڭ ئەتلىرى» گرېك تىلىدا «ئەت». ئىنجىلدا «ئەت» ياكى «ئەت-تەن» دائىم دېگۈدەك ئادەمنىڭ ئۆز تېنى تەرىپىدىن ئازدۇرۇلىدىغان، گۇناھكار تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. ◘ 26:41 گال. 5‏:17.

42ئۇ ئىككىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە دۇئا قىلىپ: ــ ئى ئاتام، ئەگەر مەن بۇ قەدەھنى ئىچمىسەم ئۇ مەندىن كەتمىسە، ئۇنداقتا سېنىڭ ئىرادەڭ ئادا قىلىنسۇن، ــ دېدى.

43ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، يەنە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆردى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇغا ئىلىنغانىدى.

44شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئۈچىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە شۇ سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلدى.

45ئاندىن ئۇ مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىلەر، تېخىچە دەم ئېلىۋاتامسىلەر؟ مانا، ۋاقىت-سائىتى يېقىنلاشتى؛ ئىنسانئوغلى گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ◼ 26:45 \+bd «سىلەر تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىلەر، تېخىچە دەم ئېلىۋاتامسىلەر؟»\+bd* ــ ياكى بولمىسا: «ئەمدى ئۇخلاۋېرىسىلەر، دەم ئېلىۋېرىسىلەر!» (كىنايىلىك گەپ) ياكى پەقەت: «ئەمدى ئۇخلاڭلار، دەم ئېلىڭلار!».

46قوپۇڭلار، كېتەيلى؛ مانا، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى يېقىن كەلدى! ــ دېدى. ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى مار. 14‏:43-50؛ لۇقا 22‏:47-53؛ يـۇھ. 18‏:3-12

47ئۇنىڭ سۆزى تېخى تۈگىمەيلا، ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى؛ ئۇنىڭ يېنىدا باش كاھىنلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرگەن زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى. ◘ 26:47 مار. 14‏:43؛ لۇقا 22‏:47؛ يـۇھ. 18‏:3.

48ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ئۇلار بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىشارەتنى بېكىتىپ: «مەن كىمنى سۆيسەم، ئۇ دەل شۇدۇر. سىلەر ئۇنى تۇتۇڭلار» دەپ كېلىشكەنىدى.

49ئۇ ئۇدۇل ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ سالام، ئۇستاز! ــ دەپ ئۇنى سۆيۈپ كەتتى. ◼ 26:49 \+bd «سالام، ئۇستاز!»\+bd* ــ «ئۇستاز» ئىبرانىي تىلىدا «راببى» دېيىلىدۇ.

50ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئاغىنەم، نېمە دەپ كەلدىڭ؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى ئادەملەر يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئەيساغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. ◼ 26:50 \+bd «ئاغىنەم، نېمە دەپ كەلدىڭ؟»\+bd* ــ ياكى «ئاغىنەم، قىلىدىغىنىڭنى قىل».

51ۋە مانا، ئەيسانىڭ يېنىدىكىلەردىن بىرەيلەن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇۋىدى، ئۇنىڭ قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى.

52ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ قىلىچىڭنى قىنىغا سال، قىلىچ كۆتۈرگەنلەر قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ.

53ياكى مېنى ئاتىسىغا نىدا قىلالمايدىغان بولدى، دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟! شۇنداق قىلساملا ئۇ ماڭا شۇئان ئون ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق پەرىشتە ماڭدۇرمامدۇ؟ ◼ 26:53 \+bd «ئون ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق پەرىشتە»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «قىسىم» دېگەن سۆز ئادەتتە گرېك تىلىدا بەلكىم ئالتە مىڭچە ئەسكەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

54بىراق مەن ئۇنداق قىلسام، مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ دېگەن بېشارەتلەر قانداقمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلسۇن؟ ــ دېدى. ◘ 26:54 زەب. 22‏:6؛ 40‏:6-8؛ 69‏:1-4،10؛ لۇقا 24‏:25.

55شۇ پەيتتە ئەيسا توپلاشقان ئادەملەرگە قاراپ: ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەرغۇ؟ مەن ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تەلىم بېرەتتىم، لېكىن سىلەر ئۇ چاغدا مېنى تۇتمىدىڭلار.

56لېكىن بۇ پۈتۈن ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇقەددەس يازمىلىرىدا ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولدى، ــ دېدى. بۇ چاغدا، مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى. ◘ 26:56 ئايۇپ 19‏:13؛ زەب. 88‏:8، 18؛ زەك. 13‏:7. ئالىي كېڭەشمىدە سوتلىنىش مار. 14‏:53-65؛ لۇقا 22‏:54-55، 63-71؛ يـۇھ. 18‏:13-14، 19-24

57ئەمدى ئەيسانى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇنى باش كاھىن قايافانىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئاقساقاللارمۇ ئۇ يەردە جەم بولۇشقانىدى. ◘ 26:57 مار. 14‏:53؛ لۇقا 22‏:54؛ يـۇھ. 18‏:12.

58پېترۇس ئۇنىڭغا تاكى باش كاھىننىڭ سارىيىنىڭ ھويلىسىغىچە يىراقتىن ئەگىشىپ كېلىپ، ئىشنىڭ ئاقىۋېتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كىرىپ، قاراۋۇللارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇردى.

59باش كاھىنلار، ئاقساقاللار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن، يالغان گۇۋاھ-ئىسپات ئىزدەيتتى. ◼ 26:59 \+bd «ئالىي كېڭەشمە»\+bd* ــ يەنە سوراق مەجلىسى، «سانھېدرىن» دېيىلىدۇ. ◘ 26:59 مار. 14‏:55؛ روس. 6‏:13.

60نۇرغۇن يالغان گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئۇلار بۇلاردىن ھېچقانداق ئىسپاتقا ئېرىشەلمىدى. ئاخىردا، ئىككى يالغان گۇۋاھچى ئوتتۇرىغا چىقىپ:

61ــ بۇ ئادەم: «مەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتا قۇرۇپ چىقالايمەن» دېگەن، دېدى. ◼ 26:61 \+bd «بۇ ئادەم: «مەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتا قۇرۇپ چىقالايمەن» دېگەن»\+bd* ــ «يۇھ.» 19:2-20نى كۆرۈڭ. مەسىھنىڭ تولۇق ئېيتقىنى بۇ گۇۋاھچىنىڭ دېگىنىدەك ئەمەس. ◘ 26:61 يـۇھ. 2‏:19.

62باش كاھىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: ــ قېنى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن زادى قانداق گۇۋاھلىقلارنى بېرىۋاتىدۇ؟ ــ دېدى. ◘ 26:62 مار. 14‏:60.

63لېكىن ئەيسا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋەردى. باش كاھىن ئۇنىڭغا: ــ مەڭگۈ ھايات بولغۇچى خۇدا بىلەن سېنىڭ قەسەم قىلىشىڭنى بۇيرۇيمەنكى، بىزگە ئېيت، خۇدانىڭ ئوغلى مەسىھ سەنمۇ؟» ــ دېدى. ◘ 26:63 يەش. 53‏:7؛ مات. 27‏:12،14.

64ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ــ شۇنداق، سېنىڭ دېگىنىڭدەك. لېكىن شۇنىمۇ سىلەرگە ئېيتايكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر بولغۇچىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغىنىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىدىغىنىنى كۆرىسىلەر. ◼ 26:64 \+bd «شۇنداق، سېنىڭ دېگىنىڭدەك»\+bd* ــ مەسىھنىڭ جاۋابىنىڭ گرېك تىلىدا «شۇنداق، لېكىن ئەھۋال دەل سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەك ئەمەس» دېگەن پۇرىقى چىقىدۇ. \+bd «كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر بولغۇچىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغىنىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىدىغىنىنى كۆرىسىلەر»\+bd* ــ تەۋرات، «دان.» 13:7نى كۆرۈڭ. ◘ 26:64 زەب. 110‏:1؛ دان. 7‏:13؛ مات. 16‏:27؛ 24‏:30؛ مار. 14‏:62؛ لۇقا 22‏:69؛ روس. 1‏:11؛ رىم. 14‏:10؛ 1تېس. 4‏:16؛ ۋەھ. 1‏:7.

65شۇنىڭ بىلەن باش كاھىن تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ: ــ ئۇ كۇپۇرلۇق قىلدى! ئەمدى باشقا ھەرقانداق گۇۋاھچىنىڭ نېمە ھاجىتى؟ مانا، ئۆزۈڭلار بۇ كۇپۇرلۇقنى ئاڭلىدىڭلار! ◼ 26:65 \+bd «شۇنىڭ بىلەن باش كاھىن تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ...»\+bd* ــ باش كاھىن ئەيسانى «كۇپۇرلۇق قىلدى» دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا بولغان چۆچۈشى ۋە غەزىپىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كىيىملىرىنى يىرتقان. ئەيسانىڭ ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى، ئۇنىڭ خۇداغا خاس ھوقۇق ۋە شۆھرەت مەندىدۇر، دېگەنلىكىدۇر. يەنە شۇنى ئېيتىمىزكى، باش كاھىننىڭ تونلىرىنى يىرتىشنىڭ ئۆزى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىدى («لاۋ.» 6:10، 10:21).

66بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ــ دېدى. ــ ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا لايىقتۇر! ــ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار. ◘ 26:66 لاۋ. 24‏:16.

67بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇشت ئاتقىلى تۇردى. بەزىلىرى ئۇنى كاچاتلاپ: ◘ 26:67 يەش. 50‏:6.

68ــ ئەي مەسىھ، پەيغەمبەرچىلىك قىلمامسەن، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟ ــ دېيىشتى. ◘ 26:68 ئايۇپ 16‏:10؛ لۇقا 22‏:64؛ يـۇھ. 19‏:3. پېترۇسنىڭ ئەيسادىن تېنىشى مار. 14‏:66-72؛ لۇقا 22‏:56-62؛ يـۇھ. 18‏:15-18، 25-27

69ئەمدى پېترۇس ساراينىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىدا ئولتۇراتتى. بىر دېدەك ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ سەن گالىلىيەلىك ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدىڭغۇ، ــ دېدى. ◘ 26:69 مار. 14‏:66؛ لۇقا 22‏:55؛ يـۇھ. 18‏:16،25.

70لېكىن ئۇ ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا ئىنكار قىلىپ: ــ سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى چۈشەنمىدىم! ــ دېدى.

71ئاندىن ئۇ دالانغا چىققاندا، ئۇنى كۆرگەن يەنە بىر دېدەك ئۇ يەردە تۇرغانلارغا: ــ بۇ ئادەممۇ ناسارەتلىك ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدى، ــ دېدى.

72ئۇ يەنە ئىنكار قىلىپ: ــ مەن ئۇ ئادەمنى تونۇمايمەن! ــ دەپ قەسەم ئىچتى.

73بىرئازدىن كېيىن، ئۇ يەردە تۇرغانلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ شۈبھىسىزكى، سەن ئۇلارنىڭ بىرى ئىكەنسەن، چۈنكى تەلەپپۇزۇڭ سېنى پاش قىلىدۇ، ــ دېيىشتى. ◼ 26:73 \+bd «شۈبھىسىزكى، سەن ئۇلارنىڭ بىرى ئىكەنسەن، چۈنكى تەلەپپۇزۇڭ سېنى پاش قىلىدۇ»\+bd* ــ «تەلەپپۇزۇڭ سېنى پاش قىلىدۇ» ــ پېترۇس گالىلىيە تەلەپپۇزى بىلەن سۆزلەيتتى.

74پېترۇس قاتتىق قارغاشلار بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ ئۇ ئادەمنى زادى تونۇمايمەن! ــ دېيىشىگىلا خوراز چىللىدى.

75پېترۇس ئەيسانىڭ: «خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن!» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ تاشقىرىغا چىقىپ، قاتتىق يىغا-زار كۆتۈردى. ◘ 26:75 مات. 26‏:34؛ مار. 14‏:30؛ لۇقا 22‏:61؛ يـۇھ. 13‏:38

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>