ماتتا 27:1-66 UIGB2010 - Bible AI

1تاڭ ئارقاندىلا، پۈتۈن باش كاھىنلار بىلەن خەلق ئاقساقاللىرى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەسلىھەتلەشتى. ◘ 27:1 زەب. 2‏:2؛ مار. 15‏:1؛ لۇقا 22‏:66؛ 23‏:2؛ يـۇھ. 18‏:28.

2ئۇلار ئۇنى باغلاپ ئاپىرىپ، ۋالىي پونتىئۇس پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى. ◘ 27:2 روس. 3‏:13.

3ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئۇنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ ئىشلارغا پۇشايمان قىلدى ۋە باش كاھىنلار بىلەن ئاقساقاللارغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى قايتۇرۇپ بېرىپ:

4ــ مەن بىگۇناھ بىر جاننىڭ قېنى تۆكۈلۈشكە ساتقۇنلۇق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، ــ دېدى. بۇنىڭغا بىزنىڭ نېمە كارىمىز؟ ئۆز ئىشىڭنى بىل! ــ دېيىشتى ئۇلار.

5يەھۇدا كۆمۈش تەڭگىلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىگە چۆرۈۋەتتى ۋە ئۇ يەردىن كېتىپ، تالاغا چىقىپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. ◼ 27:5 \+bd «يەھۇدا... تالاغا چىقىپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى»\+bd* ــ «تالاغا چىقىپ» بەلكىم شەھەرنىڭ سىرتىغا بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ. ◘ 27:5 2سام. 17‏:23؛ روس. 1‏:18.

6باش كاھىنلار كۆمۈش تەڭگىلەرنى يىغىۋېلىپ: ــ بۇ خۇن تۆلىمى بولغان تەڭگىلەردۇر، ئۇلارنى ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويۇش ھارام، ــ دېيىشتى. ◼ 27:6 \+bd «بۇ خۇن تۆلۈمى بولغان تەڭگىلەردۇر، ئۇلارنى ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويۇش ھارام»\+bd* ــ «ھارام» ــ مۇشۇ يەردە، تەۋراتتا چەكلەنگەن، دېمەك.

7ئۇلار ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، بۇ پۇللار بىلەن ياقا يۇرتلۇقلارغا يەرلىك بولسۇن دەپ، ساپالچىنىڭ بىر پارچە ئېتىزلىقىنى سېتىۋالدى. ◼ 27:7 \+bd «ساپالچىنىڭ بىر پارچە ئېتىزلىقىنى سېتىۋالدى»\+bd* ــ ياكى ««ساپالچىنىڭ ئېتىزلىقى»نى سېتىۋالدى» ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، «ساپالچىنىڭ ئېتىزلىقى» ھەممە ئادەمگە مەلۇم بولغان بىر يەرنىڭ ئىسمى ئىدى. ◘ 27:7 روس. 1‏:19.

8شۇڭا بۇ يەر ھازىرغىچە «قانلىق ئېتىز» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

9شۇ ئىش بىلەن يەرەمىيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن بۇرۇن ئېيتىلغان مۇنۇ بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ «ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن باھالاپ بېكىتكەن باھاسىنى، يەنى ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئۇلار ئېلىشتى، ◘ 27:9 زەك. 11‏:12.

10ۋە پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەندەك، ساپالچىنىڭ ئېتىزىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى». ◼ 27:10 \+bd «ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن باھالاپ بېكىتكەن باھاسىنى، يەنى ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئۇلار ئېلىشتى، ۋە پەرۋەردىگار ماڭا ئەمر قىلغاندەك، ساپالچىنىڭ ئېتىزىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى»\+bd* ــ بۇ بېشارەتلىك سۆزلەر (9-10-ئايەتلەر)نىڭ كۆپىنچىسى «زەكەرىيا» 12:11-13دىن ئېلىنغان. ئەمدى نېمىشقا ماتتا بۇ سۆزلەرنى يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭكى دەيدۇ؟ بىز بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 10-9-ئايەتلەرنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... تەڭگىنى مەن ئالدىم، ۋە ئۇلار پەرۋەردىگار ماڭا ئەمر قىلغاندەك، ساپالچىنىڭ ئېتىزىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى». ◘ 27:10 يەر. 32‏:6-9؛ زەك. 11‏:12 ،13 ئەيسانىڭ ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا سوتلىنىشى مار. 15‏:2-5؛ لۇقا 23‏:3-5؛ يـۇھ. 18‏:33-38

11ئەمدى ئەيسا ۋالىينىڭ ئالدىغا تۇرغۇزۇلدى. ۋالىي ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئېيتقىنىڭدەك، ــ دېدى ئەيسا. ◼ 27:11 \+bd «ئەيسا... «ئېيتقىنىڭدەك»، دېدى»\+bd* ــ مەسىھنىڭ «ئېيتقىنىڭدەك» دېگەن جاۋابىنىڭ گرېك تىلىدا «شۇنداق، لېكىن ئەھۋال دەل سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەك ئەمەس» دېگەن پۇرىقى چىقىدۇ. ◘ 27:11 مار. 15‏:2؛ لۇقا 23‏:3؛ يـۇھ. 18‏:33.

12لېكىن باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز-شىكايەت قىلغاندا، ئۇ بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى.

13بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنىڭغا: ــ ئۇلارنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن قىلغان شۇنچە كۆپ شىكايەتلىرىنى ئاڭلىمايۋاتامسەن؟ ــ دېدى. ◘ 27:13 مات. 26‏:62.

14بىراق ئۇ پىلاتۇسقا جاۋابەن شىكايەتلەرنىڭ بىرسىگىمۇ جاۋاب بەرمىدى. ۋالىي بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قالدى. ◘ 27:14 يەش. 53‏:7؛ روس. 8‏:32.

15ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، ۋالىينىڭ خالايىق تەلەپ قىلغان بىر مەھبۇسنى ئۇلارغا قويۇپ بېرىش ئادىتى بار ئىدى. ◘ 27:15 مار. 15‏:6؛ لۇقا 23‏:17؛ يـۇھ. 18‏:39.

16ئەينى ۋاقىتتا، رىملىقلارنىڭ بارابباس ئىسىملىك ئاتىقى چىققان بىر مەھبۇسى زىنداندا ئىدى. ◼ 27:16 \+bd «بارابباس ئىسىملىك ئاتىقى چىققان بىر مەھبۇس»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئەيسا بارابباس ئىسىملىك ئاتىقى چىققان بىر مەھبۇس» دېيىلىدۇ. ◘ 27:16 مار. 15‏:7؛ لۇقا 23‏:19؛ يـۇھ. 18‏:40.

17خالايىق جەم بولغاندا، پىلاتۇس ئۇلاردىن: ــ كىمنى سىلەرگە قويۇپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى ◼ 27:17 \+bd «بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟»\+bd* ــ ياكى «ئەيسا بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟».

18(چۈنكى ئۇ باش كاھىن قاتارلىقلارنىڭ ھەسەتخورلۇقى تۈپەيلىدىن ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى).

19پىلاتۇس «سوراق تەختى»دە ئولتۇرغاندا، ئايالى ئۇنىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ ئۇ ھەققانىي كىشىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمىغىن. چۈنكى تۈنۈگۈن كېچە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن چۈشۈمدە كۆپ ئازاب چەكتىم، ــ دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. ◼ 27:19 \+bd «چۈنكى تۈنۈگۈن كېچە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن چۈشۈمدە كۆپ ئازاب چەكتىم»\+bd* ــ ياكى «چۈنكى ئۇ تۈنۈگۈن كېچە چۈشۈمگە كىرىپ، كۆپ ئازابلاندىم».

20لېكىن باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار بولسا خالايىقنى ماقۇل قىلىپ، بارابباسنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ئەيسانى يوقىتىشنى تەلەپ قىلدۇردى. ◘ 27:20 مار. 15‏:11؛ لۇقا 23‏:18؛ يـۇھ. 18‏:40؛ روس. 3‏:14.

21ۋالىي جاۋابەن ئۇلاردىن يەنە: ــ سىلەرگە بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى قويۇپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. بارابباسنى، ــ دېيىشتى ئۇلار.

22پىلاتۇس ئەمدى: ــ ئۇنداق بولسا، مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ ــ دېدى. ھەممەيلەن: ــ ئۇ كرېستلەنسۇن! ــ دېيىشتى.

23پىلاتۇس: ــ نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە يامانلىق ئۆتكۈزۈپتۇ؟ ــ دەپ سورىدى. بىراق ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ: ئۇ كرېستلەنسۇن! ــ دەپ تۇرۇۋېلىشتى.

24پىلاتۇس سۆزلەۋېرىشنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، بەلكى بۇنىڭ ئورنىغا مالىمانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى يۇغاچ: ــ بۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ قېنىغا مەن جاۋابكار ئەمەسمەن، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇڭلار! ــ دېدى.

25پۈتۈن خەلق جاۋابەن: ــ ئۇنىڭ قېنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە چۈشسۇن! ــ دېيىشتى. ◘ 27:25 روس. 5‏:28.

26بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ئەيسانى بولسا قاتتىق قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستلەشكە لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى. ◼ 27:26 \+bd «ئەيسانى بولسا قاتتىق قامچىلاتقاندىن كېيىن...»\+bd* ــ رىم ئىمپېرىيەسىدە جازا قامچىلىرى بىرنەچچە تاسمىلىق بولۇپ، ھەربىر تاسمىسىغا قوغۇشۇن ۋە ئۇستىخان پارچىلىرى باغلانغان بولىدۇ. قامچىلىغان ۋاقتىدا جازاغا تارتىلغۇچى يالىڭاچلىنىپ، يەرگە تىزلاندۇرۇلۇپ، ئىككى يېنىدا تۇرغان لەشكەر ئۇنى قامچىلايتتى. لەشكەرلەرنىڭ ئەيسانى مازاق قىلىشى مار. 15‏:16-20؛ يـۇھ. 19‏:2-3

27ئاندىن ۋالىينىڭ لەشكەرلىرى ئەيسانى ئۇنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغدى. ◼ 27:27 \+bd «ۋالىينىڭ لەشكەرلىرى ئەيسانى \+bdit ۋالىينىڭ\+bdit* ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىپ»\+bd* ــ «ۋالىينىڭ ئوردىسى» گرېك (لاتىن) تىلىدا «پرايتورىئۇم» دېيىلىدۇ. \+bd «پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغدى»\+bd* ــ «لەشكەرلەر توپى» (گرېك تىلىدا «كوھورت») 500-600 كىشىدىن تەركىب تاپقان. ◘ 27:27 مار. 15‏:16؛ يـۇھ. 19‏:2.

28ئۇلار ئەيسانى يالىڭاچلاپ، ئۇچىسىغا پەرەڭ رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى. ◼ 27:28 \+bd «ئۇلار ئەيسانى يالىڭاچلاپ، ئۇچىسىغا پەرەڭ رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى»\+bd* ــ «پەرەڭ رەڭلىك» (ياكى سۆسۈن رەڭلىك) شۇ چاغدا شاھانە كىيىمنىڭ رەڭگى شۇنداق ئىدى («مار.» 17:15، «يۇھ.» 2:19نى كۆرۈڭ). ئۇلار شۇ «شاھانە تون» ئارقىلىق ئەيسانى «پادىشاھ بولامسەن؟!» دەپ مازاق قىلماقچى.

29تىكەنلىك شاخچىلارنى ئۆرۈپ بىر تاج ياساپ، بېشىغا كىيدۈردى ۋە ئوڭ قولىغا بىر قومۇشنى تۇتقۇزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ: «ياشىغايلا، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ مازاق قىلىشتى. ◼ 27:29 \+bd «\+bdit ئۇلار\+bdit*... تىكەنلىك شاخچىلارنى ئۆرۈپ بىر تاج ياساپ، بېشىغا كىيدۈردى ۋە ئوڭ قولىغا بىر قومۇشنى تۇتقۇزدى»\+bd* ــ ئۇلار قومۇشنى پادىشاھنىڭ شاھانە ھاسىسى سۈپىتىدە مازاق قىلىپ قولىغا تۇتقۇزغان.

30ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشتى، قومۇشنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇشتى.

31ئۇنى شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، توننى سالدۇرۇپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستلەش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى. ئەيسانىڭ كرېستلىنىشى مار. 15‏:21-32؛ لۇقا 23‏:26-39؛ يـۇھ. 19‏:17-19

32ئۇلار تاشقىرىغا چىققىنىدا، كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ ئەيسانىڭ كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى. ◼ 27:32 \+bd «...كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ ئەيسانىڭ كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى»\+bd* ــ «ئەيسانىڭ كرېستى» ــ ئەيسا ئۆزىنى جازالايدىغان قورال بولغان شۇ كرېست (چاپراس ياغاچ)نى ئەسلىدە ئۆزى يۈدۈپ مېڭىشى كېرەك ئىدى. ئۇ شۇنداق قاتتىق قامچىلانغانكى، ھالسىراپ، يۈدۈپ ماڭالمىغان بولسا كېرەك. ◘ 27:32 مار. 15‏:21؛ لۇقا 23‏:26.

33ئۇلار گولگوتا، يەنى «باش سۆڭەك» دېگەن يەرگە كەلگەندە، ◘ 27:33 مار. 15‏:22؛ لۇقا 23‏:33؛ يـۇھ. 19‏:17.

34ئەيساغا ئىچىش ئۈچۈن كەكرە سۈيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى؛ لېكىن ئۇ ئۇنى تېتىپ باققاندىن كېيىن، ئىچكىلى ئۇنىمىدى. ◼ 27:34 \+bd «...ئەيساغا ئىچىش ئۈچۈن كەكرە سۈيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى»\+bd* ــ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كرېستكە مىخلىنىدىغانلارغا ئاغرىقنى پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب بېرىلىدىكەن. ◘ 27:34 زەب. 69‏:21

35لەشكەرلەر ئۇنى كرېستلىگەندىن كېيىن، چەك تاشلىشىپ كىيىملىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋالدى. ◘ 27:35 زەب. 22‏:18؛ مار. 15‏:24؛ يـۇھ. 19‏:23.

36ئاندىن ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا كۆزەتچىلىك قىلدى.

37ئۇلار ئۇنىڭ بېشىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە «بۇ ئەيسا، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىلغان شىكايەتنامە تاختىيىنى بېكىتتى. ◘ 27:37 مار. 15‏:26؛ لۇقا 23‏:38؛ يـۇھ. 19‏:19.

38ئەيسا بىلەن تەڭ ئىككى قاراقچىمۇ كرېستكە مىخلانغان بولۇپ، بىرى ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە ئىدى. ◘ 27:38 يەش. 53‏:12.

39بۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ئۇنى ھاقارەتلەپ: ◘ 27:39 زەب. 22‏:8-9؛ 69‏:19-20؛ مار. 15‏:29؛ لۇقا 23‏:35.

40ــ قېنى، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم، ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزە! خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، كرېستتىن چۈشۈپ باققىنا! ــ دېيىشتى. ◘ 27:40 مات. 26‏:61؛ يـۇھ. 2‏:19.

41باش كاھىنلارمۇ، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار بىلەن بىرگە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ:

42ــ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىمىش! ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمىز.

43ئۇ خۇداغا تايانغان! خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، ھازىر قۇتقۇزۇپ باققاي! چۈنكى ئۇ: «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېگەنىدى، ــ دېيىشتى. ◼ 27:43 \+bd «ئۇ خۇداغا تايانغان! خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، ھازىر قۇتقۇزۇپ باققاي!»\+bd* ــ «زەب.» 8:22نى كۆرۈڭ.

44ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كرېستلەنگەن قاراقچىلارمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى. ئەيسانىڭ ئۆلۈمى مار. 15‏:33-41؛ لۇقا 23‏:44-49؛ يـۇھ. 19‏:28-30

45ئەمدى كۈننىڭ ئالتىنچى سائىتىدىن توققۇزىنچى سائىتىگىچە پۈتكۈل زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى. ◼ 27:45 \+bd «كۈننىڭ ئالتىنچى سائىتىدىن توققۇزىنچى سائىتىگىچە»\+bd* ــ ھازىرقى ۋاقىت سىستېمى بويىچە، «چۈش ۋاقتى، سائەت ئون ئىككىدىن سائەت ئۈچكىچە». ◘ 27:45 مار. 15‏:33؛ لۇقا 23‏:44.

46توققۇزىنچى سائەتلەردە ئەيسا يۇقىرى ئاۋازدا: «ئېلى، ئېلى، لەما ساۋاقتانى؟» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ قاتتىق نىدا قىلدى. ◼ 27:46 \+bd «توققۇزىنچى سائەتلەردە ...»\+bd* ــ ھازىرقى ۋاقىت بويىچە سائەت ئۈچلەردە. \+bd ««ئېلى، ئېلى، لەما ساۋاقتانى؟» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟»»\+bd* ــ (ئارامىي تىلىدىكى سۆزلەر) «زەب.» 1:22نى كۆرۈڭ. ◘ 27:46 زەب. 22‏:1-2؛ ئىبر. 5‏:7.

47ئۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى ئاڭلاپ: بۇ ئادەم ئىلياس پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى.

48ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ بىر پارچە بۇلۇتنى ئەكېلىپ، ئۇنى ئاچچىق شارابقا چىلاپ، قومۇشنىڭ ئۇچىغا سېلىپ ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ قويدى. ◘ 27:48 زەب. 69‏:21؛ يـۇھ. 19‏:29.

49بىراق باشقىلار: ــ توختا! قاراپ باقايلى، ئىلياس پەيغەمبەر كېلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالارمىكىن؟ ــ دېيىشتى.

50ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە بىر ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى. ◼ 27:50 \+bd «ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە بىر ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى»\+bd* ــ ئۇنىڭ قاتتىق ۋارقىرىشى: «تامام بولدى!» دېگەن بولسا كېرەك («يۇھ.» 30:19نى كۆرۈڭ). ◘ 27:50 زەب. 31‏:5؛ لۇقا 23‏:46

51ۋە مانا، شۇ دەقىقىدە ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرى پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. يەر-زېمىن تەۋرىنىپ، تاشلار يېرىلىپ، ◼ 27:51 \+bd «شۇ دەقىقىدە ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرى پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى»\+bd* ــ بۇ پەردە ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جاينى مۇقەددەس جايدىن ئايرىپ تۇرىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ يىرتىلىشى ئىنسانلارنىڭ خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان يولىنىڭ ئەيسانىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ (ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نى سىرتتىكى ھويلىدىن ئايرىيدىغان يەنە بىر «سىرتقى پەردە» بار ئىدى، لېكىن بۇنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئادەتتە باشقا ئاتالغۇ ئىشلىتىلىدۇ). ◘ 27:51 2تار. 3‏:14؛ مار. 15‏:38؛ لۇقا 23‏:45.

52‏-53 قەبرىلەر ئېچىلدى (ئۇ تىرىلگەندىن كېيىن، ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقان نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ تەنلىرىمۇ تىرىلدى؛ ئۇلار قەبرىلەردىن چىقتى ۋە مۇقەددەس شەھەرگە كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى). ◼ 27:52‏-53 \+bd ««مۇقەددەس شەھەر»»\+bd* ــ يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «قەبرىلەر ئېچىلدى (ئۇ تىرىلگەندىن كېيىن، ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقان نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ تەنلىرىمۇ تىرىلدى؛ ئۇلار قەبرىلەردىن چىقتى ۋە مۇقەددەس شەھەرگە كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى)»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «قەبرىلەر ئېچىلدى، ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقان نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ تەنلىرىمۇ تىرىلدى؛ ئۇلار ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن قەبرىلىرىدىن چىقىپ، مۇقەددەس شەھەرگە كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى». لېكىن «1كور.» 20:15گە ئاساسەن («مەسىھ ئۆلۈمدە ئۇخلىغانلار ئىچىدىن خۇددى تۇنجى ھوسۇلنىڭ مېۋىسىدەك، ئۆلۈمدىن تىرىلگەندۇر») تەرجىمىمىز توغرا بولسا كېرەك.

54ئەمدى ئەيسانى كۆزەت قىلىۋاتقان يۈزبېشى ھەم يېنىدىكى لەشكەرلەر يەرنىڭ تەۋرىشىنى ۋە باشقا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشۇپ: ــ ئۇ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! ــ دېيىشتى. ◘ 27:54 مار. 15‏:39؛ لۇقا 23‏:47.

55ئۇ يەردە يەنە بۇ ئىشلارغا يىراقتىن قاراپ تۇرغان نۇرغۇن ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، گالىلىيەدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەنىدى. ◘ 27:55 زەب. 38‏:11؛ مار. 15‏:40؛ لۇقا 8‏:2؛ 23‏:49.

56ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماگداللىق مەريەم، ياقۇپ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئانىسى مەريەم، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسىمۇ بار ئىدى. ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى مار. 15‏:42-47؛ لۇقا 23‏:50-56؛ يـۇھ. 19‏:38-42

57كەچقۇرۇن، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ ئىسىملىك بىر باي كەلدى. ئۇمۇ ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئىدى. ◘ 27:57 مار. 15‏:42؛ لۇقا 23‏:50؛ يـۇھ. 19‏:38.

58ئۇ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس جەسەتنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇشقا ئەمر قىلدى.

59يۈسۈپ جەسەتنى ئېلىپ، پاكىز كاناپ رەخت بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى

60ۋە ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن قىيادا ئويدۇرغان يېڭى قەبرىسىگە قويدى. ئاندىن قەبرىنىڭ ئاغزىغا يوغان بىر تاشنى دومىلىتىپ قويۇپ، كېتىپ قالدى ◘ 27:60 مار. 15‏:46؛ لۇقا 23‏:53.

61(شۇ چاغدا ماگداللىق مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەممۇ ئۇ يەردە، قەبرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراتتى). قەبرىنى مۇھاپىزەت قىلىش

62ئەمدى ئەتىسى، يەنى «تەييارلاش كۈنى» ئۆتكەندىن كېيىن، باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەر جەم بولۇشۇپ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ◼ 27:62 \+bd «ئەمدى ئەتىسى، يەنى «تەييارلاش كۈنى» ئۆتكەندىن كېيىن، باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەر جەم بولۇشۇپ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ...»\+bd* ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتلاردا كۆرسەتكىنىمىزدەك، يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈن «كۈن» ئەمەلىيەتتە كەچتە (سائەت ئالتىدە) باشلىنىدۇ. «تەييارلاش كۈنى» ــ «شابات كۈنى (دەم ئېلىش كۈنى) ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدىغان كۈن»نى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئايەتتىكى «ئەتىسى» ئەمەلىيەتتە شابات كۈنىنىڭ بېشىنى، يەنى شۇ كەچ سائەت ئالتىدىن كېيىنكى ۋاقىتلارنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ «كاھىنلار» ئەيسانىڭ بېشارەت سۆزلىرىنى توسۇش ئۈچۈن جىددىيلىشىپ، ئۆزلىرى قەدىرلەيدىغان شابات كۈنىدىكى «دەم ئېلىش» ئادىتىنى بۇزماقتا ئىدى.

63ــ جانابلىرى، ھېلىقى ئالدامچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا: «مەن ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىمەن» دېگىنى ئېسىمىزدە بار. ◘ 27:63 مات. 16‏:21؛ 17‏:23؛ 20‏:19؛ مار. 8‏:31؛ 10‏:34؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:33؛ 24‏:6.

64شۇنىڭ ئۈچۈن، قەبرى ئۈچىنچى كۈنىگىچە مەھكەم قوغدىلىشى ئۈچۈن ئەمر بەرگەيسىز. ئۇنداق قىلىنمىسا، مۇخلىسلىرى كېلىپ جەسەتنى ئوغرىلاپ كېتىپ، ئاندىن خەلققە: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدى» دېيىشى مۇمكىن. بۇنداق ئالدامچىلىق ئالدىنقىسىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ، ــ دېيىشتى.

65پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ بىر گۇرۇپپا كۆزەتچى لەشكەرنى سىلەرگە تاپشۇردۇم. قەبرىنى قۇربىڭلارنىڭ يېتىشىچە مەھكەم قوغداڭلار، ــ دېدى.

66شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆزەتچى لەشكەرلەر بىلەن بىللە بېرىپ، تاشنى پېچەتلەپ، قەبرىنى مۇھاپىزەت ئاستىغا قويدى.

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>