1شابات كۈنى ئۆتۈپ، ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ ئاتاي دېگەندە، ماگداللىق مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەم قەبرىنى كۆرۈشكە كەلدى. ◘ 28:1 مار. 16:1؛ لۇقا 24:1؛ يـۇھ. 20:1. *
2ۋە مانا، يەرلەر تۇيۇقسىز قاتتىق تەۋرەپ كەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئاسماندىن چۈشۈپ، قەبرىگە* بېرىپ، تاشنى بىر چەتكە دومىلىتىپ، ئۈستىدە ئولتۇرغانىدى.
3پەرىشتىنىڭ قىياپىتى چاقماقتەك، كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق ئىدى. ◘ 28:3 دان. 7:9؛ روس. 1:10. *
4كۆزەتچىلەر ئۇنىڭدىن شۇنچە قورقۇشتىكى، تىترىشىپ، ئۆلۈكتەك قېتىپلا قالدى.
5پەرىشتە ئاياللارغا قاراپ:
6ئۇ بۇ يەردە ئەمەس؛ ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك تىرىلدۈرۈلدى. كېلىڭلار، رەب ياتقان جاينى كۆرۈڭلار؛ ◘ 28:6 مات. 16:21؛ 17:23؛ 20:19؛ مار. 8:31؛ 9:31؛ 10:34؛ لۇقا 9:22؛ 18:33؛ 24:6. *
7ئاندىن دەرھال بېرىپ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. ۋە مانا، ئۇ سىلەردىن ئاۋۋال گالىلىيەگە بارىدىكەن، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار. مانا مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم، ــ دېدى. ◼ 28:7 +bd «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. ۋە مانا، ئۇ سىلەردىن ئاۋۋال گالىلىيەگە بارىدىكەن، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار. مانا مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم»+bd* ــ پەرىشتە: «گالىلىيەگە بېرىڭلار» دېگەن بولسىمۇ، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئىشەنمەي ھېچيەرگە بارماي يېرۇسالېمدا تۇرۇۋەردى. رەب ئۆزى ئۇلارغا شۇنداق ئەمرنى ئاللىقاچان بەرگەنىدى («مات.» 23:26، «مار.» 28:14نى كۆرۈڭ).* ◘ 28:7 مات. 26:32؛ مار. 16:7. *
8شۇڭا ئاياللار ھەم قورقۇنچ ھەم زور خۇشاللىق ئىچىدە قەبرىدىن دەرھال ئايرىلىپ، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا خەۋەر بېرىشكە يۈگۈرۈشتى. ◘ 28:8 مار. 16:8؛ يـۇھ. 20:18. *
9ئۇلار مۇخلىسلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈشكە يولدا ماڭغاندا، مانا ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ:
10ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا:
11ئاياللار تېخى يولدا كېتىۋاتقاندا، مانا كۆزەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى شەھەرگە كىرىپ، بولغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى توغرىسىدا باش كاھىنلارغا خەۋەر قىلدى.
12باش كاھىنلار* ئاقساقاللار بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، لەشكەرلەرگە بەك كۆپ پۇل بېرىپ:
13ــ سىلەر: «ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى كېچىسى كېلىپ، بىز ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنىڭ جەسىتىنى ئوغرىلاپ ئەكېتىپتۇ» ــ دەڭلار.
14ئەگەر بۇ خەۋەر ۋالىينىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، بىز ئۇنى قايىل قىلىپ سىلەرنى ئاۋارىچىلىكتىن ساقلايمىز ــ دېدى. ◼ 28:14 +bd «ئەگەر بۇ خەۋەر ۋالىينىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، بىز ئۇنى قايىل قىلىپ سىلەرنى ئاۋارىچىلىكتىن ساقلايمىز»+bd* ــ رىملىق مۇھاپىزەتچىلەر كۆزەتتە تۇرۇۋېتىپ ئۇخلىسا، دەرھال ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم بولاتتى.*
15شۇنداق قىلىپ، لەشكەرلەر پۇلنى ئالدى ۋە ئۆزلىرىگە تاپىلانغاندەك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ گەپ بۈگۈنگىچە يەھۇدىيلار ئارىسىدا تارقىلىپ كەلمەكتە.
16ئون بىر مۇخلىس گالىلىيەگە بېرىپ، ئەيسا ئۇلارغا بېكىتكەن تاغقا چىقىشتى. ◘ 28:16 مات. 26:32؛ مار. 14:28. *
17ئۇلار ئۇنى كۆرگىنىدە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى؛ لېكىن بەزىلىرى گۇمانلىنىپ قالدى.
18ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى:
19شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل ئەللەرنى ئۆزۈمگە* مۇخلىس قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا تەۋە قىلىپ چۆمۈلدۈرۈپ، ◼ 28:19 +bd «...بېرىپ پۈتكۈل ئەللەرنى ئۆزۈمگە مۇخلىس قىلىپ...»+bd* ــ گرېك تىلىدا: «بارغۇزۇلۇپ پۈتكۈل ئەللەرنى ئۆزۈمگە مۇخلىس قىلىپ،...». +bd «ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا تەۋە قىلىپ چۆمۈلدۈرۈپ...»+bd* ــ گرېك تىلىدا: «ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا كىرگۈزۈپ چۆمۈلدۈرۈپ،...». بۇنىڭ مەنىسى شۈبھىسىزكى، پەقەت «ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن»لا ئەمەس، بەلكى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش ئارقىلىق چۆمۈلدۈرۈلگۈچىنىڭ ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىگىمۇ (كىرىپ) چۆمۈلۈشنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 28:19 مار. 16:15؛ يـۇھ. 15:16. *
20ئۇلارغا مەن سىلەرگە تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. ۋە مانا، مەن زامان ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. ◘ 28:20 يـۇھ. 14:18. *