ماتتا 3:1-16 UIGB2010 - Bible AI

1شۇ چاغلاردا، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيەدىكى چۆل-باياۋانغا كېلىپ ◼ 3:1 +bd «شۇ چاغلاردا، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيەدىكى چۆل-باياۋانغا كېلىپ...»+bd* ــ «يەھيا» ئىبرانىي ۋە گرېك تىللىرىدا «يۇھاننا» («پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتى» دېگەن مەنىدە) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «يەھيا» دېگەن ئىسىم ئوقۇرمەنلەرگە مۇشۇ شەكلىدە تونۇش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مۇشۇ تەرجىمىدە ئىشلەتتۇق («يەھيا» ئەسلى ئەرەبچە سۆز ئىدى).* ◘ 3:1 مار. 1‏:4؛ لۇقا 3‏:3. *

2كىشىلەرگە:

3چۈنكى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا* بولسا ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر بېشارىتىدە كۆرسەتكەن كىشىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ: ــ

4يەھيا پەيغەمبەر* تۆگە يۇڭىدىن قىلىنغان كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى بولسا چېكەتكىلەر بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى. ◘ 3:4 مار. 1‏:6. *

5ئەمدى يېرۇسالېم شەھىرى، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسى ۋە پۈتكۈل ئىئوردان دەريا ۋادىسىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ،

6گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى. ◼ 3:6 +bd «... +bdit يەھيانىڭ+bdit* ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى»+bd* ــ بۇ يەردە ئېيتىلغان چۆمۈلدۈرۈش كىشىلەرنىڭ: (1) ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلغانلىقىنى؛ (2) خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىغا ۋە شۇنداقلا (3) قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ يېقىنلاشقانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈشىنى ئىپادىلەيتتى (ئاخىرقى نۇقتا ئىنجىلدىكى كېيىنكى مەزمۇندا ئىسپاتلىنىدۇ).* ◘ 3:6 مار. 1‏:5. *

7لېكىن پەرىسىي ۋە سادۇقىي مەزھىپىدىكىلەردىن كۆپلىرىنىڭ ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگىنىدە ئۇ ئۇلارغا:

8ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىنى كەلتۈرۈڭلار! ◼ 3:8 +bd «ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىنى كەلتۈرۈڭلار!»+bd* ــ «توۋىغا لايىق مېۋە» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 3:8 لۇقا 3‏:8. *

9ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال قىلىپ يۈرمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى ئاپىرىدە قىلالايدۇ. ◼ 3:9 +bd «ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال قىلىپ يۈرمەڭلار!»+bd* ــ «ئاتىمىز ئىبراھىم باردۇر!» ــ دېمەك، «بىز ئۇلۇغ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان «ئۇلۇغ يەھۇدىي مىللىتى»، «بىز ھېچنېمە قىلمىساقمۇ خۇدا ئالدىدا «ئۇنىڭغا خاس ئالاھىدە ھەلق» بولۇۋېرىمىز» دېگەن پوزىتسىيىنى بىلدۈرىدۇ.* ◘ 3:9 يـۇھ. 8‏:39. *

10پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى؛ ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقايسى دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. ◼ 3:10 +bd «پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى»+bd* ــ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ سۆزى ۋە 12-ئايەتتىكى كېيىنكى بېشارىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. ئۇنىڭ شۇ بايانى «خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا» دېگەن ئاساسىي مەنىنى بىلدۈرىدۇ.* ◘ 3:10 مات. 7‏:19؛ يـۇھ. 15‏:6. *

11مەن دەرۋەقە سىلەرنى توۋا قىلىشىڭلار ئۈچۈن سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن كېيىن كەلگۈچى زات مەندىن قۇدرەتلىكتۇر. مەن ھەتتا ئۇنىڭ كەشىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن؛ ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. ◘ 3:11 مار. 1‏:7؛ لۇقا 3‏:16؛ يـۇھ. 1‏:15،26؛ روس. 1‏:5؛ 11‏:16؛ 19‏:4. *

12ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى توپا-ساماندىن* تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا-ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ــ دېدى.

13شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن گالىلىيە ئۆلكىسىدىن ئىئوردان دەرياسى بويىغا، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ◘ 3:13 مار. 1‏:9؛ لۇقا 3‏:21. *

14بىراق يەھيا چۆمۈلدۈرۈشكە ئۇنىماي ئۇنى توسۇپ:

15لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھازىرچە شۇنىڭغا يول قويغىن؛ چۈنكى ھەققانىيلىقنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى* ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ــ دېدى.

16ۋە ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ بولۇپلا، سۇدىن چىقتى؛ ئۇ سۇدىن چىقىشى بىلەن مانا، ئەرشلەر ئۇنىڭغا ئېچىلىپ، خۇدانىڭ روھى كەپتەر قىياپىتىدە ئەرشتىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ◼ 3:16 +bd «ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ بولۇپلا، سۇدىن چىقتى...»+bd* ــ نېمىشقا ئەيسا يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى؟ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ توغرۇلۇق ئازراق توختىلىمىز. +bd «خۇدانىڭ روھى كەپتەر قىياپىتىدە ئەرشتىن چۈشۈپ..»+bd* ــ ياكى «... پاختەك قىياپىتىدە چۈشۈپ...». گرېك تىلىدا بۇ قۇش «پېرىستېرا» دەپ ئاتىلىدۇ. «پېرىستېرا» گرېك تىلىدا ھەم كەپتەرنى ھەم پاختەكنىمۇ كۆرسىتىدۇ.* ◘ 3:16 يەش. 11‏:2؛ 42‏:1؛ يـۇھ. 1‏:32. *

© 2010 Institute for Bible Translation
v>