1ئاندىن ئەيسا روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىبلىسنىڭ سىناق-ئازدۇرۇشلىرىغا يۈزلىنىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى. ◼ 4:1 +bd «..ئەيسا روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ... چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى»+bd* ــ «روھ» مۇشۇ يەردە مۇقەددەس روھنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 4:1 مار. 1:12؛ لۇقا 4:1. *
2ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز روزا تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى. ◼ 4:2 +bd «ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز روزا تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايان بولسۇنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا «روزا تۇتۇش» ئادەتتە ھېچقانداق ئوزۇقلانماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق بىۋاسىتە دېيىلمىگەن بولسا مۇشۇ روزىلار سۇ ئىچمەسلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.*
3ئەمدى ئازدۇرغۇچى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:
4لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ
5ئاندىن ئىبلىس ئۇنى مۇقەددەس شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭغا:
6ــ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، ئۆزۈڭنى پەسكە تاشلاپ باققىن! چۈنكى تەۋراتتا*: «خۇدا* ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ»؛ ۋە، «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن ــ دېدى. ◼ 4:6 +bd «خۇدا ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ»؛ ۋە «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ»+bd* ــ «زەب.» 11:91، 12. شەيتاننىڭ بۇ ئايەتنى ئىشلەتكىنى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 4:6 زەب. 91:11،12*
7ئەيسا ئۇنىڭغا: «تەۋراتتا يەنە، «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» دەپمۇ پۈتۈلگەن ــ دېدى. ◼ 4:7 +bd «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!»+bd* ــ «قان.» 16:6.* ◘ 4:7 قان. 6:16. *
8ئاندىن، ئىبلىس ئۇنى ناھايىتى ئېگىز بىر تاغقا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى شەرەپلىرى بىلەن كۆرسىتىپ:
9يەرگە يىقىلىپ ماڭا ئىبادەت قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىۋېتىمەن، ــ دېدى.
10ئاندىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يوقال، شەيتان! چۈنكى تەۋراتتا*: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا ئىبادەت-خىزمىتىدە بول!» دەپ پۈتۈلگەن، ــ دېدى. ◼ 4:10 +bd «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا ئىبادەت-خىزمىتىدە بول!»+bd* ــ «قان.» 13:6.* ◘ 4:10 قان. 6:13؛ 10:20. *
11بۇنىڭ بىلەن ئىبلىس ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى، ۋە مانا، پەرىشتىلەر كېلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى. ◼ 4:11 +bd «بۇنىڭ بىلەن ئىبلىس ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى، ۋە مانا، پەرىشتىلەر كېلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى»+bd* ــ رەب ئەيسا ئۇچرىغان سىناقلار ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.*
12ئەمدى ئەيسا* يەھيانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، گالىلىيەگە يول ئالدى. ◘ 4:12 مار. 1:14؛ لۇقا 4:14،16،31؛ يـۇھ. 4:43. *
13ئۇ ناسارەت يېزىسىنى تاشلاپ، زەبۇلۇن ۋە نافتالى رايونىدىكى گالىلىيە* دېڭىزى بويىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. ◼ 4:13 +bd «ئۇ... نافتالى رايونىدىكى گالىلىيە دېڭىزى بويىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى»+bd* ــ «گالىلىيە دېڭىزى» ئاقار سۇلۇق يوغان بىر كۆل.*
14شۇنداق قىلىپ، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان شۇ بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، دېمەك: ــ
15«زەبۇلۇن زېمىنى ۋە نافتالى زېمىنى،
16قاراڭغۇلۇقتا ياشىغان خەلق پارلاق بىر نۇرنى كۆردى؛
17شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا: «توۋا قىلىڭلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» ــ دەپ جار قىلىشقا باشلىدى. ◘ 4:17 مار. 1:15. *
18بىر كۈنى*، ئۇ گالىلىيە دېڭىزى بويىدا كېتىۋېتىپ، ئىككى ئاكا-ئۇكا، يەنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىلغان سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياسنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، دېڭىزغا تور تاشلاۋاتاتتى؛ ◘ 4:18 مار. 1:16. *
19ئۇ ئۇلارغا:
20ئۇلار شۇئان بېلىق تورلىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
21ئۇ شۇ يەردىن ئۆتۈپ، ئىككىنچى بىر ئاكا-ئۇكىنى، يەنى زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ ۋە ئىنىسى يۇھاننانى كۆردى. بۇ ئىككىسى كېمىدە ئاتىسى زەبەدىي بىلەن تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. ئۇ ئۇلارنىمۇ چاقىردى.
22ئۇلار دەرھال كېمىنى ئاتىسى بىلەن قالدۇرۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
23ۋە ئەيسا گالىلىيەنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلايتتى، خەلق ئارىسىدا ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ئاجىز-مېيىپلارنى ساقايتتى. ◼ 4:23 +bd «ئەيسا... ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ،...»+bd* ــ «سىناگوگلار» يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئىبادەت قىلىش، تەۋراتنى ئوقۇش ۋە ۋەز-تەلىم ئاڭلاشقا يىغىلىدىغان ئاممىۋىي ئۆيلىرى ياكى زاللىرى.*
24ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى؛ ئۇ يەردىكى خالايىق ھەرخىل بىمارلارنى، يەنى ھەرتۈرلۈك كېسەللەر ۋە ئاغرىق-سىلاقلارنى ھەمدە جىن چاپلاشقانلارنى، تۇتقاقلىق ۋە پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى؛ ۋە ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. ◼ 4:24 +bd «تۇتقاقلىق... كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئاي ئۇرغانلار» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.*