1مۇشۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇ بىر تاغقا چىقتى؛ ئۇ ئۇ يەردە ئولتۇرغىنىدا، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.
2ئۇ ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى: ــ
3مۇبارەك، روھتا نامرات بولغانلار!
4مۇبارەك، پىغان چەككەنلەر!
5مۇبارەك، ياۋاش-مۆمىنلەر!
6مۇبارەك، ھەققانىيلىققا ئاچ ۋە تەشنالار!
7مۇبارەك، رەھىمدىللار!
8مۇبارەك، قەلبى پاك بولغانلار!
9مۇبارەك، تىنچلىق تەرەپدارلىرى!
10مۇبارەك، ھەققانىيلىق يولىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر. ◘ 5:10 2كور. 4:10؛ 2تىم. 2:12؛ 1پېت. 3:14. *
11مۇبارەك، مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ۋە ھەرتۈرلۈك تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار؛ ◘ 5:11 1پېت. 4:14. *
12شاد-خۇرام بولۇپ يايراڭلار! چۈنكى ئەرشلەردە كاتتا ئىنئام سىلەر ئۈچۈن ساقلانماقتا؛ چۈنكى سىلەردىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئۇلار مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەرنى قىلغان. ◘ 5:12 لۇقا 6:23. *
13سىلەر يەر يۈزىدىكى تۇزدۇرسىلەر. ھالبۇكى، ئەگەر تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ ئۇ چاغدا، ئۇ ھېچنېمىگە يارىماس بولۇپ، تاشلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا دەسسىلىشتىن باشقا ھېچ ئىشقا يارىمايدۇ. ◼ 5:13 +bd «سىلەر يەر يۈزىدىكى تۇزدۇرسىلەر»+bd* ــ تۇز ــ (1) تەم بېرىدۇ؛ (2) چىرىپ كېتىشتىن توسىدۇ؛ (3) زەخىم-يارىلارنى ساقايتىدۇ. مۇخلىسلارنىڭ بۇ دۇنياغا بولغان رولى بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىشى كېرەك.* ◘ 5:13 مار. 9:50؛ لۇقا 14:34. *
14سىلەر دۇنيانىڭ نۇرىدۇرسىلەر. تاغ ئۈستىگە سېلىنغان شەھەر يوشۇرۇنالمايدۇ.
15ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ، ئۈستىگە سېۋەتنى كۆمتۈرۈپ قويماس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆي ئىچىدىكى ھەممە ئادەملەرگە يورۇقلۇق بېرىدۇ. ◼ 5:15 +bd «ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ، ئۈستىگە سېۋەتنى كۆمتۈرۈپ قويماس...»+bd* ــ «سېۋەت» گرېك تىلىدا «ئۆلچىگۈچى سېۋەت».* ◘ 5:15 مار. 4:21؛ لۇقا 8:16؛ 11:33؛ 1كور. 9:4؛ ئىبر. 33:10*
16شۇ تەرىقىدە، سىلەر نۇرۇڭلارنى ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىتىڭلاركى، ئۇلار ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنى ئۇلۇغلىسۇن. ◘ 5:16 1پېت. 2:12. *
17مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن ئۇلارنى بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم.
18چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاسمان-زېمىن يوقىمىغۇچە، ئۇنىڭدا پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە تەۋراتتىكى «يود» بىر ھەرپ، ھەتتا بىرەر چېكىتمۇ بىكار قىلىنمايدۇ. ◼ 5:18 +bd «ئۇنىڭدا +bdit ، يەنى تەۋرات قانۇنىدا+bdit* پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە تەۋراتتىكى «يود» بىر ھەرپ... بىكار قىلىنمايدۇ»+bd* ــ «يود» بولسا ئىبرانىي تىلىدا: «ى» («يود»، y) ــ ئەڭ كىچىك ھەرپ ھېسابلىنىدۇ.* ◘ 5:18 لۇقا 16:17. *
19شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە، ھەتتا ئۇنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىدىن بىرىنى بىكار قىلىپ، ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگىتىدىغان ھەركىم ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ كىچىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئەكسىچە، تەۋرات قانۇنى ئەقىدىلىرىگە ئەمەل قىلغانلار ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر بولسا ئەرش پادىشاھلىقىدا ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ. ◼ 5:19 +bd «ئۇنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىدىن بىرىنى بىكار قىلىپ...»+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىدىن بىرىنى خىلاپلىق قىلىپ...» ــ گرېك تىلىدىكى پېئىل بەلكىم «بىكار قىلىپ» ۋە «خىلاپلىق قىلىپ» دېگەن ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.* ◘ 5:19 ياق. 2:10. *
20چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھەققانىيلىقىڭلار تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەرنىڭكىدىن ئاشمىسا، ئەرش پادىشاھلىقىغا ھېچقاچان كىرەلمەيسىلەر. ◼ 5:20 +bd «تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر...»+bd* ــ «پەرىسىيلەر» يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي ئەنئەنىلىرىدە ئەڭ چىڭ تۇرىدىغان قاتتىق تەلەپلىك ئېتىقاد ئېقىمى ئىدى.*
21بۇرۇنقىلارغا «قاتىللىق قىلما، قاتىللىق قىلغان ھەرقانداق ئادەم سوراققا تارتىلىدۇ» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر. ◘ 5:21 مىس. 20:13؛ قان. 5:17. *
22بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئۆز قېرىندىشىغا بىكاردىن-بىكار ئاچچىقلانغانلارنىڭ ھەربىرىمۇ سوراققا تارتىلىدۇ. ئۆز قېرىندىشىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغان ھەركىم ئالىي كېڭەشمىدە سوراققا تارتىلىدۇ؛ ئەمما قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەن ھەركىم دوزاخنىڭ ئوتىغا لايىق بولىدۇ. ◼ 5:22 +bd «ئۆز قېرىندىشىغا بىكاردىن-بىكار ئاچچىقلانغانلار...»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «بىكاردىن-بىكار» دېگەن سۆزلەر تېپىلمايدۇ. +bd «... ئالىي كېڭەشمىدە سوراققا تارتىلىدۇ»+bd* ــ «ئالىي كېڭەشمە» يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوتى بولۇپ، «سانھېدرىن» دەپ ئاتىلاتتى. بەزىلەر بۇ سۆز ئەرشتىكى سوتنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ بىزمۇ بۇ پىكىرگە مايىلمىز.*
23شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن قۇربانگاھ ئالدىغا كېلىپ خۇداغا* ھەدىيە ئاتىماقچى بولغىنىڭدا، قېرىندىشىڭنىڭ سېنىڭدىن ئاغرىنغان يېرى بارلىقى يادىڭغا كەلسە،
24ھەدىيەڭنى قۇربانگاھ ئالدىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئاۋۋال قېرىندىشىڭ بىلەن يارىشىۋال، ئاندىن كېلىپ ھەدىيەڭنى ئاتا.
25ئەگەر ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلماقچى بولغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولدا بولغىنىڭدا ئۇنىڭ بىلەن تېزدىن يارىشىپ، دوست بولغىن. بولمىسا، ئۇ سېنى سوراقچىغا، سوراقچى بولسا گۇندىپايغا تاپشۇرىدۇ، سەن زىندانغا سولىتىۋېتىلىسەن. ◼ 5:25 +bd «... ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلماقچى بولغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولدا بولغىنىڭدا ئۇنىڭ بىلەن تېزدىن يارىشىپ، دوست بولغىن»+bd* ــ «ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولدا بولغىنىڭدا» دېگەن سۆز بەلكىم سوتقا قاراپ ماڭغان يولدا، يەنى سوتقا چۈشۈشتىن بۇرۇن بولغان «يارىشىش پۇرسىتى»نى كۆرسىتىدۇ. «لۇقا» 58:12نى كۆرۈڭ.* ◘ 5:25 لۇقا 12:58؛ ئەف. 4:26. *
26مەن ساڭا شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، قەرزىڭنىڭ* ئەڭ ئاخىرقى بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە، شۇ يەردىن چىقالمايسەن. ◼ 5:26 +bd «قەرزىڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تىيىنى»+bd* ــ «بىر تىيىن» گرېك تىلىدا «بىر كودرانس». بۇ پۇلنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى، شۇ دەۋردىكى بىر ئىشچىنىڭ كۈنلۈك ھەققى بولغان «دىنارىئۇس»نىڭ 1/64 قىسمى ئىدى.*
27سىلەر «زىنا قىلماڭلار» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر. ◘ 5:27 مىس. 20:14؛ قان. 5:18. *
28بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بىرەر ئايالغا شەھۋانىي نىيەت بىلەن قارىغان كىشى كۆڭلىدە ئۇ ئايال بىلەن ئاللىقاچان زىنا قىلغان بولىدۇ. ◘ 5:28 ئايۇپ 31:1؛ زەب. 119:37. *
29ئەگەر ئەمدى ئوڭ كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزايىڭ يوق قىلىنغىنى كۆپ ئەۋزەل. ◘ 5:29 مات. 18:8؛ مار. 9:43. *
30ئەگەر ئوڭ قولۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزايىڭ يوق قىلىنغىنى كۆپ ئەۋزەل.
31يەنە: ــ «كىمدىكىم ئايالىنى تالاق قىلسا، ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بەرسۇن» دەپمۇ بۇيرۇلغان. ◼ 5:31 +bd «كىمدىكىم ئايالىنى تالاق قىلسا، ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بەرسۇن»+bd* ــ «قان.» 1:24.* ◘ 5:31 چۆل. 30:2؛ قان. 23:20-22؛ 24:1. *
32بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، كىمدىكىم ئۆز ئايالىنىڭ بۇزۇقلۇق قىلمىشىدىن باشقا ھەرقانداق ئىشنى باھانە قىلىپ* ئۇنى تالاق قىلسا، ئەمدى ئۇنى زىناغا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ؛ تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ. ◼ 5:32 +bd «كىمدىكىم ئۆز ئايالىنىڭ بۇزۇقلۇق قىلمىشىدىن باشقا ھەرقانداق ئىشنى باھانە قىلىپ ئۇنى تالاق قىلسا، ئەمدى ئۇنى زىناغا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ»+bd* ــ ئايال كىشى مەسىھ ئېيتقان بۇ ئەھۋالغا چۈشسە (دېمەك، ئېرى بۇزۇقلۇق قىلغان بولسا)، ئۇنداقتا ئۇ تالاق قىلىنغان بولسا، باشقا بىر ئەرگە تەگسە بولىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا تالاق قىلىنغان خوتۇن ئەرسىز قالسا، ئەھۋالى ناھايىتى قىيىن بولىدۇ، ئەلۋەتتە.* ◘ 5:32 مات. 19:7؛ مار. 10:4،11؛ لۇقا 16:18؛ 1كور. 7:10. *
33سىلەر يەنە بۇرۇنقىلارغا «قەسىمىڭدىن يانما، پەرۋەردىگارغا قىلغان قەسىمىڭگە ئەمەل قىل» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر. ◘ 5:33 مىس. 20:7؛ لاۋ. 19:12؛ قان. 5:11؛ 23:22 *
34بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، قەتئىي قەسەم قىلماڭلار؛ ئەرشنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئەرش خۇدانىڭ تەختىدۇر؛ ◘ 5:34 يەش. 66:1؛ ياق. 5:12. *
35ياكى يەرنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى يەر يۈزى خۇدانىڭ تەختىپەرىدۇر. يېرۇسالېمنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ يەر ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ شەھىرىدۇر. ◘ 5:35 زەب. 48:2؛ يەش. 66:1. *
36ھەتتا ئۆز بېشىڭلارنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ چېچىڭلارنىڭ بىر تېلىنىمۇ ئاق ياكى قارا رەڭگە ئۆزگەرتىش قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ.
37پەقەت دېگىنىڭلار «بولىدۇ»، «بولىدۇ»، ياكى «ياق، ياق، بولمايدۇ» بولسۇن. بۇنىڭدىن زىيادىسى رەزىل بولغۇچىدىن كېلىدۇ. ◼ 5:37 +bd «بۇنىڭدىن زىيادىسى رەزىل بولغۇچىدىن كېلىدۇ»+bd* ــ «رەزىل بولغۇچى» شەيتاننى كۆزرىتىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «رەزىللىكتىن كېلىدۇ».*
38سىلەر «كۆزگە كۆز، چىشقا چىش» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر. ◼ 5:38 +bd «كۆزگە كۆز، چىشقا چىش»+bd* ــ ئۇيغۇر تىلىدىكى ماقال بولسا: «قانغا قان، جانغا جان». سوتتىكى ئادالەتلىك ھۆكۈملەرنى كۆرسىتىدىغان بۇ سۆزلەر تەۋرات، «مىس.» 24:21، «لاۋ.» 20:24دە تېپىلىدۇ.* ◘ 5:38 مىس. 21:24؛ لاۋ. 24:20؛ قان. 19:21. *
39بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئەسكى بىلەن تەڭ بولماڭلار. كىمدەكىم ئوڭ مەڭزىڭگە ئۇرسا، سول مەڭزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەر؛ ◘ 5:39 پەند. 24:29؛ لۇقا 6:29؛ رىم. 12:17؛ 1كور. 6:7؛ 1تېس. 5:15؛ 1پېت. 3:9. *
40ۋە بىرسى ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلىپ، كۆڭلىكىڭنى ئالماقچى بولسا، چاپىنىڭنىمۇ بەر.
41بىرسى ساڭا يۈك-تاقىنى يۈدكۈزۈپ* مىڭ قەدەم يول يۈرۈشكە زورلىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئىككى مىڭ قەدەم ماڭ. ◼ 5:41 +bd «بىرسى ساڭا يۈك-تاقىنى يۈدكۈزۈپ مىڭ قەدەم يول يۈرۈشكە زورلىسا...»+bd* ــ «مىڭ قەدەم» گرېك تىلىدا: «بىر مىلىيون»، يەنى تەخمىنەن 1.5 كىلومېتر. +bd «بىرسى ساڭا يۈك-تاقىنى يۈدكۈزۈپ مىڭ قەدەم يول يۈرۈشكە زورلىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئىككى مىڭ قەدەم ماڭ»+bd* ــ شۇ ۋاقىتلاردا رىم ئىمپېرىيەسىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئاددىي پۇقرالارنى ئۆز يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ بېرىشكە زورلاش ھوقۇقى بار ئىدى.*
42بىرسى سەندىن تىلىسە، ئۇنىڭغا بەر. بىرسى سەندىن ئۆتنە-يېرىم قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا بوينۇڭنى تولغىما. ◼ 5:42 +bd «بىرسى سەندىن تىلىسە، ئۇنىڭغا بەر»+bd* ــ مەسىھ تىلىگەنلەرگە نېمىنى بېرىش، نېمىنى بەرمەسلىك توغرىسىدا سۆز قىلمىغان؛ پەقەت كۆڭلىمىزدە «بېرىش پوزىتسىيىسى»نى ساقلىشىمىز كېرەك. دەل تىلىگەن نەرسىنى بېرىشىمىز ناتايىن («روس.» 6:3نى كۆرۈڭ).* ◘ 5:42 قان. 15:8؛ لۇقا 6:35. *
43سىلەر «قوشناڭنى سۆيگىن، دۈشمىنىڭگە نەپرەتلەن» دەپ ئېيتىلغاننى ئاڭلىغان. ◼ 5:43 +bd «قوشناڭنى سۆيگىن»+bd* ــ «لاۋ.» 18:18. +bd «دۈشمىنىڭگە نەپرەتلەن»+bd* ــ ئىككىنچى سۆز تەۋراتتىن ئەمەس، بەلكى يەھۇدىي ئۇستازلارنىڭ يازمىلىرىدىن ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆزقارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.* ◘ 5:43 لاۋ. 19:18. *
44بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەرگە دۈشمەنلىك بولغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، سىلەردىن نەپرەتلەنگەنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار. ◼ 5:44 +bd «سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار....»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تولۇق ئايەت: «دۈشمەنلىك بولغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار، سىلەردىن نەپرەتلەنگەنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، سىلەرگە ھاقارەت ۋە زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار» دېيىلىدۇ. «لۇقا» 27:6-28نىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 5:44 لۇقا 6:27؛ 23:34؛ روس. 7:60؛ رىم. 12:20؛ 1كور. 4:13؛ 1پېت. 2:23. *
45شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ قۇياشىنىڭ نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ ۋە يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ، يامغۇرنىمۇ ھەققانىيلارغىمۇ، ھەققانىيەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ. ◼ 5:45 +bd «شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر»+bd* ــ تەكىتلەنگەن ئىش بەلكى خۇدانىڭ ھەقىقىي خاراكتېرىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولۇش.*
46ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا مۇھەببەت كۆرسەتكەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ قانداقمۇ ئىنئامغا ئېرىشكۈچىلىكى بولسۇن؟ ھەتتا باجگىرلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتمامدۇ؟ ◼ 5:46 +bd «ھەتتا باجگىرلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتمامدۇ؟»+bd* ــ باجگىرلار ئىنتايىن ئىنساپسىز، پەسكەش ئادەملەر دەپ ھېسابلىناتتى.* ◘ 5:46 لۇقا 6:32. *
47ئەگەر سىلەر پەقەت قېرىنداشلىرىڭلار بىلەنلا سالام-سەھەت قىلىشساڭلار، بۇنىڭ نېمە پەزىلىتى بار؟ ھەتتا يات ئەللىكلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! ◼ 5:47 +bd «ھەتتا يات ئەللىكلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ!»+bd* ــ «يات ئەللىكلەر»نىڭ كۆپىنچىسى شۇ ۋاقىتتا بۇتپەرەسلەر، كاپىرلار ئىدى، ئەلۋەتتە.*