1ھېزى بولۇڭلاركى، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلماڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشەلمەيسىلەر. ◼ 6:1 +bd «خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلماڭلار»+bd* ــ ياكى «قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلماڭلار».*
2شۇڭا خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا، داۋراڭ سالما. ساختىپەزلەرلا سىناگوگلاردا ۋە كوچىلاردا ئادەملەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. ◼ 6:2 +bd «شۇڭا خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا، داۋراڭ سالما»+bd* ــ گرېك تىلىدا «شۇڭا خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا، ئۆز ئالدىڭدا كاناي چالغۇزما».* ◘ 6:2 رىم. 12:8. *
3لېكىن سەن، خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا ئوڭ قولۇڭنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى سول قولۇڭ بىلمىسۇن.
4شۇنىڭ بىلەن خەير-ساخاۋىتىڭ يوشۇرۇن بولىدۇ ۋە يوشۇرۇن ئىشلارنى كۆرگۈچى ئاتاڭ ساڭا بۇنى قايتۇرىدۇ. ◘ 6:4 لۇقا 14:14. *
5دۇئا قىلغان ۋاقتىڭدا، ساختىپەزلەردەك بولما؛ چۈنكى ئۇلار باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن سىناگوگلار ياكى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋېلىپ دۇئا قىلىشقا ئامراقتۇر. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ.
6لېكىن سەن بولساڭ، دۇئا قىلغان ۋاقتىڭدا، ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، يوشۇرۇن تۇرغۇچى ئاتاڭغا دۇئا قىلىڭلار؛ ۋە يوشۇرۇن كۆرگۈچى ئاتاڭ بۇنى ساڭا قايتۇرىدۇ. ◘ 6:6 2پاد. 4:33؛ روس. 10:4. *
7دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، بۇتپەرەس* يات ئەللىكلەردىكىدەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. چۈنكى ئۇلار دېگەنلىرىمىز كۆپ بولسا خۇدا* تىلىگىنىمىزنى چوقۇم ئىجابەت قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ◘ 6:7 1پاد. 18:28؛ يەش. 1:15. *
8شۇڭا، سىلەر ئۇلارنى دورىماڭلار. چۈنكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى سىلەر تىلىمەستىن بۇرۇنلا بىلىدۇ.
9شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: ــ
10پادىشاھلىقىڭ كەلگەي،
11بۈگۈنكى نېنىمىزنى بۈگۈن بىزگە بەرگەيسەن.
12بىزگە قەرزدار بولغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك،
13بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن،
14چۈنكى سىلەر باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ. ◘ 6:14 مار. 11:25؛ كول. 3:13. *
15بىراق باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرمىسەڭلەر، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ. ◘ 6:15 مات. 18:35؛ ياق. 2:13. *
16روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردا، ساختىپەزلەردەك تاتىراڭغۇ قىياپەتكە كىرىۋالماڭلار. ئۇلار روزا تۇتقىنىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن چىرايلىرىنى سولغۇن قىياپەتتە كۆرسىتىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. ◘ 6:16 يەش. 58:3؛ مات. 9:14؛ مار. 2:18؛ لۇقا 5:33. *
17ئەمدى سەن، روزا تۇتقىنىڭدا، چاچلىرىڭنى مايلاپ، يۈزۈڭنى يۇيۇپ يۈر.
18شۇ چاغدا، روزا تۇتقىنىڭ ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى پەقەت يوشۇرۇن تۇرغۇچى ئاتاڭغىلا كۆرۈنىدۇ؛ ۋە يوشۇرۇن كۆرگۈچى ئاتاڭ ئۇنى ساڭا قايتۇرىدۇ.
19يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىقلارنى توپلىماڭلار. چۈنكى بۇ يەردە يا كۈيە يەپ كېتىدۇ، يا دات باسىدۇ ياكى ئوغرىلار تام تېشىپ ئوغرىلاپ كېتىدۇ. ◘ 6:19 پەند. 23:4؛ ئىبر. 13:5؛ ياق. 5:1. *
20ئەكسىچە، ئەرشتە ئۆزۈڭلارغا بايلىقلار توپلاڭلار. ئۇ يەردە كۈيە يېمەيدۇ، دات باسمايدۇ، ئوغرىمۇ تام تېشىپ ئوغرىلىمايدۇ. ◘ 6:20 لۇقا 12:33؛ 1تىم. 6:19. *
21چۈنكى بايلىقىڭ قەيەردە بولسا، قەلبىڭمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.
22تەننىڭ چىرىغى كۆزدۇر. شۇڭا ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ يورۇتۇلىدۇ. ◼ 6:22 +bd «ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ساپ» دېگەن سۆزنىڭ ئىككى مەنىسى بار: (1) «بىر، بۆلۈنمەس، بىرلەشكەن، ساق»؛ (2) «سېخىي». دېمەك، شۇنداق بولغاندا «ساپ» دېگەن سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى «كۆزۈڭ خۇداغىلا قارىسا...» ھەمدە «سەن ئۆزۈڭ سېخىي بولساڭ...» دېگەن بولىدۇ.* ◘ 6:22 لۇقا 11:34. *
23لېكىن ئەگەر كۆزۈڭ يامان بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ قاراڭغۇ بولىدۇ. ئەگەر ۋۇجۇدۇڭدىكى «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، ئۇ قاراڭغۇلۇق نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە! ◼ 6:23 +bd «ئەگەر كۆزۈڭ يامان بولسا...»+bd* ــ «يامان» مۇشۇ يەردە ھەم «رەزىل» ھەم «ساق ئەمەس، ئاجىز، كېسەل» دېگەن ئىككى مەنىنى بىلدۈرىدۇ.*
24ھېچكىم بىرلا ۋاقىتتا* ئىككى خوجايىننىڭ قۇللۇقىدا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش*، سىلەرنىڭ ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس. ◼ 6:24 +bd «سىلەرنىڭ ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس»+bd* ــ «مال-دۇنيا» گرېك تىلىدا «ماممون» دېيىلىدۇ.* ◘ 6:24 لۇقا 16:13. *
25شۇڭا مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھاياتىڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكنىڭ غېمىنى قىلماڭلار. ھاياتلىق ئوزۇقتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟ ◘ 6:25 زەب. 37:5؛ 55:22؛ لۇقا 12:22؛ فىل. 4:6؛ 1تىم. 6:8؛ 1پېت. 5:7. *
26ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، ئورمايدۇ، ئامبارلارغا يىغمايدۇ، لېكىن ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ ◘ 6:26 ئايۇپ 38:41؛ زەب. 147:9*
27ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟ ◼ 6:27 +bd «... ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟»+bd* ــ باشقا بىر تەرجىمىسى: «....بويۇڭغا بىرەر غېرىچ قوشالامدۇ؟».*
28سىلەرنىڭ كىيىم-كېچەكنىڭ غېمىنى قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى نېلۇپەرلەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئەمگەكمۇ قىلمايدۇ، چاق ئېگىرمەيدۇ؛ ◼ 6:28 +bd «دالادىكى نېلۇپەرلەر...»+bd* ــ ياكى «دالادىكى ياۋا گۈل-گىياھلار...».*
29لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا سۇلايمان تولۇق شان-شەرەپتە تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ كىيىنىشى نىلۇپەرلەرنىڭ بىر گۈلىچىلىكمۇ يوق ئىدى. ◼ 6:29 +bd «ھەتتا سۇلايمان تولۇق شان-شەرەپتە تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ كىيىنىشى نىلۇپەرلەرنىڭ بىر گۈلىچىلىكمۇ يوق ئىدى»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «سۇلايمان» ئۇلۇغ پادىشاھ، داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى سۇلايماننى كۆرسىتىدۇ.*
30ئەمدى خۇدا دالادىكى بۈگۈن ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا سېلىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى شۇنچە بېزىگەن يەردە، سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ، ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار!
31شۇڭا «نېمە يەيمىز»، «نېمە ئىچىمىز»، «نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار.
32چۈنكى يات ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىگە ئىنتىلىدۇ، ئەمما ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ ھەممە نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ؛ ◼ 6:32 +bd «يات ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىگە ئىنتىلىدۇ...»+bd* ــ «يات ئەلدىكىلەر» يەھۇدىي ئەمەس بۇتپەرەسلەر بولۇپ، تىرىك خۇدانى بىلمەيتتى. مۇخلىسلار يەھۇدىي بولغاچقا، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ھەمدە ئۆز خەلقىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بولۇشى كېرەك ئىدى.*
33شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن ئاۋۋال خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقىغا ئىنتىلىڭلار. ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ. ◘ 6:33 1پاد. 3:13؛ زەب. 37:25؛ 55:22*